ئارزۇ تاشقىنلىرى
ئارزۇ تاشقىنلىرى
كاللامدا چاراقلاپ تۈمەنمىڭ سۇئال،
زېمىننىڭ بېتىنى ۋاراقلاپ تىنماس.
بۇلاقلار كۆزىدىن چىققان زەمزەمنى،
چېلەكلەپ ئىچسەممۇ يۈرىكىم قانماس.
ئەجەپمۇ يېرىلدى لەۋلىرىم چاك-چاك،
دەريانىڭ قېنىغا كىرسەممۇ شۇڭغۇپ.
روھلارغا ئايلىنىپ ياشىسام دەيمەن،
تۇرمۇشنىڭ غېمىنى بىردەملىك ئۇنتۇپ.
پىيادە ئايلىنىپ چىقسامكەن دەيمەن،
كىشىلەر ئۇنتۇلغان يىپەك يولىنى.
ئەندىكمەي بىر-بىرلەپ سىقسامكەن دەيمەن،
ئەجداتلار سىرداشقان يۇلغۇن قولىنى.
باغرىمنى قۇملارنىڭ باغرىغا يېقىپ،
سىلىسام بارخاننىڭ ئەمچەكلىرىنى.
يىقىلغان توغراقنىڭ يېنىدا يېتىپ،
تىڭشىسام قەدىمكى چۆچەكلىرىنى.
ناۋادا تەلىيىم ئوڭدىن كېپ قالسا،
سورىسام خىزىردىن كېلەچىكىمنى.
تىلىسە شەيتىنىم مېنىڭدىن سوۋغا،
قوش قوللاپ تۇتسامكەن مۈگدەكلىرىمنى.
ئولتۇرۇپ ناتونۇش مازار ئىچىدە،
شىھىتلەر روھىدىن ئالسامكەن مەدەت.
بىلسەمكەن تارىخنىڭ ئىچ سىرلىرىنى،
كىم نارمەد،كىم ساتقۇن، كىملەر ئەزىمەت.
ئىزىقىپ،ئادىشىپ كىرىپ قالسامكەن،
قۇملۇقتا كىتاپلار كۆمۈلگەن جايغا.
يازسامكەن ئەجدارلار ئۇدۇملىرىنى،
قەبرىدىن ئېچىلىپ قالغان تاختايغا.
تۇتقۇزسام ئۆتمۈشنىڭ تامغىلىرىنى،
دالىدا مەردانە كۈلگەن بالبالغا.
سۇنسامكەن بىر دەستە يۈلغۇن چېچىكى،
تارىمنىڭ تويىغا كەلگەن ئايالغا.
بەرسەمكەن ئىشقىمنى ۋۇجۇدۇم بىلەن،
چېچىنى قىرىق تال ئۆرىگەن قىزغا.
پاتۇرسام ئاۋايلاپ تاپانلىرىمنى ،
تۆگىلەر كېچىكتە قالدۇرغان ئىزغا.
ئېچىلىپ ئىشتىھا ئىغىز تەگسەمكەن،
دىللارنى پاكلىغان چۈرۈك سېغىزغا.
ئاتسامكەن ئۆزۈمنى يالىڭاچ قىلىپ،
ئادالەت چايقىلىپ تۇرغان دېڭىزغا.
تەرسەمكەن ئىنساپنىڭ باشاقلىرىنى،
بەللىرىم مۈكچىيىپ كەتسىمۇ راسا.
تەپسەمكەن ۋىجداننىڭ خامانلىرىنى،
بۇرنۇمغا چىڭدىلىپ كەتسىمۇ توپا.
قېنىمنى سىياھ قىپ ئىچكۈزسەم دەيمەن،
جەڭگاھتىن تېپىلغان قۇمۇش قەلەمگە.
سىرىمنى يىپ قىلىپ سالسامكەن دەيمەن،
رىۋايەت توقۇغان ئۇچار گېلەمگە.
بۆرىنىڭ كىچىدە ھۇۋلاشلىرىنى،
ئۇيقۇسىز تۈنلەردە ئاڭلىسام دەيمەن.
غەزەپتە ئېتىلسام دۈشمەنلىرىمگە،
يولۋاستەك ئىزىمدىن يانمىسام دەيمەن.
تەڭلەنسە بېشىمغا ھەتتاكى قىلىچ،
ئەسلىمدىن،ۋەسلىمدىن تانمىسام دەيمەن.
بولساممۇ بىر ئاددىي دېھقان يىگىتى،
دۇنيادىن ئاغرىنماي ياشىسام دەيمەن.
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
كورلا شەھىرىدە يېزىلدى.