ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى(4)

ۋاقتى: 2011-09-16 / تۈرى: مائارىپ-پىسخىلوگىيە / كۆرۈلۈشى: 111 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

4. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ماھىرلىق بىلەن سىڭىپ كىرەلىشى كېرەك.

 

  «جىرىڭ… جىرىڭ…» كەچ سائەت 11 دىن ئاشقان چاغ، ئەنسىز تېلېفۇن ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئىتتىك تېلېفۇننى ئالدىم. «ۋەي، مۇئەللىم، بىزنىڭ لالە ئۈلۈشكۈن مەكتەپكە بارىمەندەپ چىقىپ كەتكەنچە ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىدى».  مەن ھەيرانلىقتا جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. «نېمە دەۋاتىسىز؟ ئىككى ئاخشام ئۆيگە قايتمىدىمۇ؟  نىمىشقا بۇرۇنراق دېمەيسىز؟» «مەن تېخى ئۇنى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتىمىكىن دەپتىمەن.  ئەتە دۈيشەنبە،  مەكتەپكە بارمىسا بولمايدۇ  دەپ تېلېفۇن ئۇرسام  لالە  ئاپىسىنىڭكىگە بارماپتۇ».  «ھە،  مۇنداق  دەڭ».  مەن تەلەپپۇزۇمنى ئۆزگەرتىپ،  ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشكە باشلىدىم.  «مەن ئوقۇغۇچىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ باقاي،  ئۇ ئادەتتە كىم بىلەن يېقىن ئارلىشىدىكىن؟» تېلېفۇننى قويىۋەتكەندىن كىيىن ئىچىم تىت- تىت بولۇپ،  ئۇياق-بۇياققا مېڭىشقا باشلىدىم.  تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققىنىغا ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغان بىر قىز ئۆيدىن چىقىپ كەتسە،  بۇ نىمە بولۇپ كەتكىنى؟!

لالە سىنىپىمىزدىكى تولىمۇ چىرايلىق قىز ئىدى.  ئۇنىڭ ئارخىبىنى تەكشۈرىۋېتىپ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجىرىشىپ كەتكەنلىكىنى،  ئۇنىڭ دادىسى بىلەن بىللە تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.   دادىسىنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق بولۇپ،  ئائىلە ئىقتىسادى نىسبەتەن ناچار ئىكەن. باشلانغۇچتىكى ئوقۇتقۇچىسى باھالاش سۆزىدە : «بۇ قىز ياسىنىمەن دەپ، ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ» دەپ يازغان ئىكەن.  مەن ساۋاقداشلىرىدىن ئۇنىڭ نۇرغۇن ئوغۇل دوستلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم.  يەنە تېخى ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل بولۇشقان نۇرغۇن دوستلىرى بولۇپ،  ئۇلار بىلەن قويۇق ئارلىشىدىكەن.   مۇز تېيىلىش مەيدانلىرىغا بېرىپ ئوينايدىكەن،  ئۇلار بىلەن ئەنە شۇ جايدا تونۇشقانىكەن.  مەن بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم.  مەن لالەنىڭ مەيلىنى مەكتەپكە،  ئۆگىنىشكە تارتالايمەنمۇ؟

ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا،  لالەنىڭ دادىسى ھاسىرىغىنىچە ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى.  ئۇ ماڭا قاراپ ھاسىراپ تۇرۇپ:

-مۇئەللىم، لالە بۈگۈن ئەتىگەندە قايتىپ كەلدى،  قايىتىپ كېلىپلا ئۇخلىۋالدى.   نەگە بارغانلىقىنى سورىسام،  بىرەر ئغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى،  مۇئەللىم ئېيتىڭە قانداق قىلسام بولار؟،-دېدى جىدديلەشكەن  قىياپەتتە.

 سىز جىددىيلەشمەڭ،  لالەنىڭ قايتىپ كەلگىنى ياخشى بوپتۇ،  ئۇخلاپ قانغاندىن كېيىن سىز ئۇنى مەكتەپكە ماڭدۇرۋېتىڭ،- دېدىم مەن جاۋابەن.   بۇ بالىنى قانداق قىلسام بۇلار، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يازلىق تەتىلدە  ئۇ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى،  مەن تېخى ئاپىسىنىڭكىگە كەتتىمىكىن دەپتىمەن.   بىر ئايدىن كېيىن پەيدا بولغاندا سۈرۈشتۈرسەم،       ئۇ يەرگە ئەسلا بارماپتۇ ئەمەسمۇ.  شۇنىڭ بىلەن تاياقنى راسا يىدى.  بۇ قېتىم يەنە شۇ كونا يولغا ماڭدى.  قانداق قىلساق بولار،  بۇ بەڭۋاش قىزنى؟

بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىش ماڭىمۇ ناھايىتى تەسكە چۈشتى. لېكىن، شۇنىسى ئېنقكى، لالەگە نىسبەتەن قوپاللىق بىلەن تەربىيە ئىشلەش ئۈنۈم بەرمەيتتى.  شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ دادىسىغا:

 مەن كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىمەن.   ئاۋۋال لالە مەكتەپكە كەلسۇن، بولامدۇ؟-دېدىم.  ئۇ ماقۇل بولۇپ قايتىپ كەتتى.

چۈشتىن كېيىن لالە يۈزلىرى  سارغايغان، روھى چۈشكەن ھالەتتە بېشىنى سالغىنىچە كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى.  ئۇ ماڭا قاراشقىمۇ پېتىنالمايتتى، قوقىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.    مەن «ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمى»نى چىقىرىپ،  ئۇنىڭغا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنىڭ جازا بېرىش دەرىجىسىگە بېرىپ  قالغانلىقىنى،  ئەگەر پۈتۈن مەكتەپداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى،  سەۋەبسىز دەرس قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلسا،  باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق نەزەردە قارايدىغانلىقىنى ئويلاپ باققان-باقمىغانلىقىنى سورىدىم.  ئۇ يىغلاپ كەتتى.  مەن يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈسى بارلىقىنى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنىڭ تېزارق سىنىپقا قايتىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتقانىلىقىنى دەپ كېلىپ، ئۇنىڭ نېمىشقا ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، نەگە بارغانلىقىنى سورىدىم.  لالە ئۆزىنى ئۆيدە بەك مەنىسىز ھېس قىلىدىغانلىقىنى،  گەپ قىلىشىدىغان ئادەم بولمىغاچقا مۇز تېيىلىشقا بارغانلىقىنى ئېيتتى.  بىر قېتىم مۇز تېيىلىشقا بارغاندا ئۇنى باشقىلار بوزەك قىلغان،  ئارىدىن بىر قىزچاق چىقىپ ئۇنى قۇتقۇزىۋالغان،  كېيىن يەنە بىر «ئاكا» مۇ تاپقان،  ئۇلار بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولغان …

     لالەنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، مەن ھەيرانلىقتىن ئىشەنمەي قالدىم.  بۇ ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە ئىدى.  مەن بۇ مەسىلىنى ئەخلاق باشقارمىسىدىكى مۇدىر بىلەن مەسلىھەتلەشتىم.  بۇ ئازغان ئوقۇغۇچىنى قانداق قىلغاندا قۇتقۇزۇپ، دۇرۇس يولغا باشلىغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە كېڭەشتىم. ئۇنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىدىكى سەۋەب،  ئائىلىدىن ئىللىقلىق ھېس قىلالمىغان، يېڭى تونۇشقان دوستلىرىدىن كۆڭۈل خوشى تاپقان،  مەن بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭ خىيالىنى مەكتەپكە،  ئوقۇشقا قايتۇرۇپ كېلىشىم كېرەك،    شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ ئادەتتە نېمىگە قىزىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدەندىم، شۇنى بايقىدىمكى، ئۇ تەنتەربىيىدە ئالاھىدە ئىقتىدارى بار قىز ئىكەن.  باشلانغۇچتا شەھەرلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنىكەن.   شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى سىنىپنىڭ تەنتەربىيە ھەيئىتى قىلىپ سايلىدىم.   مەكتەپ 10-ئايدا تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزەتتى،  مەن ئۇنى سىنىپنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلدىم. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى  ئەتىگەن ۋە كەچلەردە مەشىقلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇم ھەم مەكتەپ يېنىك ئاتلىتكا كوماندىسىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى بىلەن سۆزلىشىپ،  ئۇنى شۇ كوماندىغا قاتناشتۇرغۇزۇپ،  ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلىدۇرىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردىم.   ئۇ كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇن كوماندىدىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن قىزغىن مەشىققە كىرشىپ كەتتى.   مەن يەنە ئوقۇغۇچىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىينچىلىقىنى ھەل قىلىشىغىمۇ ياردەم قىلدىم.   بارلىق ساۋاقداشلىرىنى قوزغىتىپ،  ئۇنىڭ بىلەن سىرداش دوست بولۇشقا ئۈندىدىم،   ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭغا خەيرىخالىق قىلىدىغانلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.  ئۇنىڭدىمۇ بارا- بارا ئىلگىرلەش بارلىققا كەلدى.  مەكتەپكە سەھەر كېلىپ  كەچ قايتىدىغان،   كوماندىدا ئىزچىل مەشىق قىلىدىغان، ئۆگىنىشكىمۇ قىزىقىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىشكە باشلىدى.   بولۇپمۇ،  مەكتەپنىڭ يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسىدە ئۇ ئىككى تۈردە بىرىنچىلىكنى بىر تۈردە ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ،  ئۆزى ۋە  سىنىپ كوللىكتىپىمىزغا شەرەپ كەلتۈردى.

سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت  ۋە  قايىللىق نەزىرى بىلەن قاراپ، ئۇنى چاۋاك چېلىپ قىزغىن تەبرىكلەشتى،  ئۇ مۇكاپاتنى ئېلىپ يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ:

 مۇئەللىم، مەن ئاخىرى غەلبە قازاندىم،  مەن ئاخىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتىم ،  مەن باشلانغۇچتا ھەمىشە ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇپ قوياتتىم،  بۈگۈن ئۇنى ئاخىرى يەڭدىم! – دېدى.

 مۇنداق دەڭ!  ئەسلىدە سىز ئۇتتۇرغىنىڭىزغا تەن بەرمەيدىغان،  ئالغا ئىنتىلىش روھى بار، ئىرادىلىك قىز ئىكەنسىز ئەمەسمۇ؟  -مەن ھاجانلىنىپ سۆزلىدىم.

 سىز تەنھەرىكەت مەيدانىدا باشلانغۇچتىكى رىقابەتچىڭىزدىن غالىپ كەلدىڭىز، ئۆگىنىشتىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ساۋاقداشلىرىڭىزدىن غالىپ كەلسىڭىز نېمىشقا بولمايدىكەن؟-دېدىم.

ئۇ گېپىمدىن ناھايىتى خىجىل بولغاندەك:

 مۇئەللىم، مېنىڭ باشلانغۇچتىكى دەرس نەتىجىلىرىم ئىنتايىن ناچار ئىدى. مەندە شۇنداق قابىليەت بارمىدۇ؟- دېدى سەبىيلەرچە.

مەن كۈلۈپ تۇرۇپ:

 باشلانغۇچتىكى ناچار نەتىجە ھازىرقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.   ئېدىسونمۇ باشلانغۇچتا ئوقۇغان ۋاقتىدا تېخى سىنىپ كۆچەلمەي  قايتا ئوقۇغان، – دېدىم.   ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

 مۇئەللىم، مەن تىرىشىپ باقاي، – دېدى.

مەن ئۇنى دەرستە ياخشى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم.  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تىرىشتى،  تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان،  دەرسنىمۇ ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدىغان بولدى.   

     بىر قېتىملىق ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا 80دىن يۇقۇرى نومۇر ئېلىپ ھېلىقى دەرستە ياخشى ساۋاقدىشىدىنمۇ ئېشىپ چۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇ توغۇرلۇق ئېيتقان مەدھىيە سۆزلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇردى.  مەن ئۆزۈممۇ ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلدىم، مۇڭداشتىم، سىرداش دوست بولدۇم.   ئۇ قىزغا ئانىلىق مېھرىمنى،   ئۈمۈدىمنى،   ئىشەنچىمنى بەردىم.    شۇ مىنوتلاردا ۋۇجۇدۇمدا بىرخىل شادلىق، خۇرسەنلىك ئەۋج ئالدى.  مەۋسۈم ئاخىرىدا  دادىسى ئۇنىڭ ئالاقە دەپتىرىگە مۇنۇ قۇرلارنى  يازغانىدى:  «ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ قىزىمنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بولغان غەمخورلۇقىغا ۋە ياردىمىگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت. سىلەر دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار!» .   مانا بۇلار خەلقىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىغا بەرگەن يۈكسەك باھاسىدۇر.

    دېمەك،  لالە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئاپىسى يوق، ئائىلىدە مېرىبانلىق، ئىللىقلىققا ئېرىشەلمىگەن قىز.  ئۇنىڭ يېشى كىچىك، ھەق-ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارى تۆۋەن، ئاسانلا باشقىلارغا ئالدىنىپ قالىدۇ.    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا كۈچىگە تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ،  يەنە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك،  ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم،  بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرى چوقۇم  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلەپ،  قىينچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ،  ئۇلارنىڭ قەلىب دۇنياسىغا ماھىرلىق بىلەن سىڭىپ كىرىپ،  ئۇلارنىڭ ھېسسىيات ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇشى كېرەك،    شۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە سىنىپ مۇدىرىلا،  سىنىپ مۇدىرلىقى خىزمىتىنى ئشلەش جەريانىدا نەتىجە قازىنالايدۇ،  ئەلۋەتتە.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif