ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى(5)

ۋاقتى: 2011-09-28 / تۈرى: مائارىپ-پىسخىلوگىيە / كۆرۈلۈشى: 100 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

5.تەقدىرنامىنى ھەربىر بالىغىچە بېرىڭ.

 

 ئىلھام بېرىشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ،  مەمنۇنلۇق بىلەن بېقىش، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان گەپ-سۆزلەر،  مېھرىبانلىق بىلەن بېشىنى سىلاش قاتارلىقلار.  ئەمما ھېچقايسى ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن، تەقدىرنەمىچىلىك مۇھىم بولالمايدۇ.  بۇ ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەرىكىتىگە نىسبەتەن مەڭگۈلۈك مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بېرىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋابى ۋە كۆڭۈل سوغىسى.  ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەقسەت ئەمەس، ئەمما  بۇ مەقسەتكە يىتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ۋاستە.  بەلكىم بۇ كىچىككىنە تەقدىرنامە ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.

 ئۇنداقتا تەقدىرنامىنىڭ شۇنچىلىك رولى بارمۇ؟  بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى «تۆت تال كەمپۈت» دېگەن ھېكايىگە قۇلاق سېلىڭ.  بۇگەرچە بىر قەدىمكى ھېكايە بولسىمۇ،   ئەمما يېڭى ئەسىردىكى مائارىپ ئىسلاھاتىدا ئوخشاشلا يېڭى ئەھمىيەتكە ئىگە. 

    ئەينى چاغدا مەشھۇر پىداگوك تاۋشىڭجى ئەپەندى ئىقتىساسلىقلارنى يىتىشتۈرۈش مەكتىپىگە مۇدىر بولۇپ تۇرغان چاغدا، بىركۈنى ئۇ بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىسىنىڭ ساۋاقدىشىنى خىش بىلەن ئۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى توسۇپتۇ ھەم ئۇنى مۇدىر ئىشخانىسىغا كىرىشكە بويرۇپتۇ.       تاۋ شىڭجى ئەپەندى ئىشخانىسىغا  قايىتىپ كەلگەندە،  ئۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچى ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن،  تاۋشىڭجى ئەپەندى ئۇنىڭغا بىرتال كەمپۈت بېرىپ:  «بۇ ساڭا مۇكاپاتىم، چۈنكى سەن ماڭا قارىغاندا ۋاقتىدا كەپسەن» دەپتۇ.   ئۇنىڭ كەينىدىنلا يەنە بىر تال كەمپۈت بېرىپ: «بۇمۇ ساڭا مۇكاپات، مەن سېنى ئادەم ئۇرما دىسەم، سەن دەرھال توختىدىڭ، بۇ سېنىڭ مېنى ھۆرمەت قىلغانلىقىڭنىڭ ئىپادىسى» دەپتۇ.  تاۋشىڭجى يەنە:          « ئۇقۇشۇمچە سەن ئۇ ساۋاقدىشىڭنى قىزلارنى بوزەك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇرۇپسەن، بۇ سېنىڭ ھەققانىيەتچىل ئىكەنلىكىڭنى چۈشەندۈرىدۇ» دەپ ئۈچىنچى تال كەمپۈتنى بېرىپتۇ.   بۇ چاغدا ئۇ ئوقۇغۇچى يىغلاپ كېتىپتۇ:  «مۇدىر، مەن خاتا قىلىپتىمەن، ساۋاقدىشىم ھەرقانچە توغرا قىلمىغان بولسىمۇ، مەن مۇنداق قىلمىسام بوپتىكەن» دەپتۇ.  تاۋ ئەپەندى تۆتىنچى كەمپۈتىنى چىقىرىپ:    «سەن خاتالىقىڭنى تونۇدۇڭ، ساڭا يەنە بىرتال كەمپۈت مۇكاپات بېرەي، مېنىڭ كەمپۈتۈم تۈگىدى، سۆھبىتىمىزمۇ تۈگۈدى» دەپتۇ.  ھېلىقى بالا كېيىنكى كۈنلەردە بىر تالانت ئىگىسىگە ئايلىنىپتۇ.

    دېمەك،   تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ئۇنى بەرگۈچىنىڭ مۇددىئاسىدىن قارىغاندا،  قوش ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ.     بىرى، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئۇنى قوبۇل قىلغۇچى تىزگىنلىنىدۇ؛   ئىككىنچى، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئۆگەنگۈچىگە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئۇچۇر يەتكۈزىلىدۇ.

    ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى شۇنچىلىك گۈزەل،  ئالتۇن رەڭلىك تەقدىرنامە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ زور ئىنتىلىشى، ئاتا- ئانىلارنىڭ تەقەززاسى،  ئەمما بەزى ئوقۇغۇچىلار تەقدىرنامىگە ئېرىشەلمەي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشايدۇ.   نۇر چاقناۋاتقان تەقدىرنامە ئۇلارغا ناتۇنۇش،  شۇڭا ئۇلاردا ئىشەنچ كەم بولۇپ،  ئۇزاق مەزگىل جىمغورلىشىپ كېتىدۇ،  ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدۇ.

مۇنداق بىر ۋەقە ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ:

نەچچە كۈن ئىلگىرى، مەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ خېتىنى تاپشۇرىۋالدىم.  بۇ خەت مېنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە مۇنداق ئارزۇنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.           

 بۇ خەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:

«مۇئەللىم ياخشىمۇسىز!

مېنىڭ قەلبىم ئوتتەك قىزىق، مەن ئەزەلدىن ياخشى ئوقۇشنى ئويلايمەن. ئەمما، نىمە ئۈچۈندۇر، ياخشى ئوقۇيالمايمەن، ھازىر چۈشەندىم، چۈنكى مەن ئۆگىنىشتە ھورۇن ئىكەنمەن.  مۇئەللىم، بىلەمسىز؟ مەن ئىزچىل ھالدا تەقدىرنامىدىن بىرنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. بۇنداق قىلسام،  ئاتا-ئانامنى خۇشال قىلالايتىم،  ئۇلار مېنى ئويناتقىلى ئاپىراتتى،  مەن بىلىمەن، بۇ ماڭا نىسبەتەن بىر شېرىن چۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش …»

سىنىپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچۇمنىڭ يازغان بۇ خېتىنى كۆرۈپ ئۇزۇنغىچە ئويلاندىم،  گەرچە باشتىن-ئاخىر بۇ بالىلارغا  باراۋەر مۇئامىلىدە بولدۇم،  دەپ قاراپ كەلگەن بولساممۇ،   ئەمما، يەنىلا ئۆزۈمنى ئاختۇرۇپ كۆردۈم.   مەن ئوقۇغۇچى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە ئىچكىرلەپ كىرەلەپتىمەنمۇ؟ ياق.  ئۇلارنىڭ ھەر خىل  ئارزۇلىرىنى قاندۇرالماپتىمەنمۇ؟  ياق.   ئۇلارنىڭ ئازابلىرىنى چۈشىنەلىپتىمەنمۇ؟  ئۇلارنىمۇ چۈشىنەلمەپتىمەن. ئۇلارنى ئېغىزىمدا رىغبەتلەندۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا،  ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانىلىرىنىمۇ خۇشال قىلىشنى ئويلاپ باقتىممۇ؟  ياق.   مېنىڭ قىلغانلىرىم بەكلا يۈزەكى بولۇپ قالغان،  مەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەپ ئۇلارغا مۇكاپات تارقاتقىنىمدا، دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاشنى ئويلاپ باقتىممۇ؟  مەن نىمىشقا ئۇلارغىمۇ مۇكاپات بېرىشنى ئويلاپ كۆرمىگەندىمەن؟  بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا مەن تېخى كۆڭۈل بۆلۈپ بولالماپتىمەن.  شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كاللامدا يېڭى پىكىر پەيد بولدى:   «مەن ئۇلارغا تەقدىرنامە بېرىمەن».

چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، مەن دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلاردىن بىرقانچىنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىم.

 ساۋاقداشلار، ھازىر قولۇمدا بىر كىتاب، بىرپارچە تەقدىرنامە، بىردانە ئويۇنچۇق ۋە سىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شاكىلات بار، ئەگەر تاللاش توغرا كەلسە، سىلەر قايسىسىنى تاللايسىلەر!-دەپ سورىدىم.

ئويلىمىغان يەردىن ھەممەيلەن تەقدىرنامىنى ئالماقچى بولدى.  مەن ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈنلىكىنى سورىغىنىمدا،  ئۇلار راستچىللىق بىلەن ئويلىغانلىرىنى ئېيتىشتى.  بەزىلەر ئاتا- ئانىسىنى خۇشال قىلماقچى بولغىنىنى،  بەزىلەر ئەزلدىن تەقدىرنامىگە ئېرىشىپ باقمىغىنىنى،  بەزىلەر باشقىلار تەقدىرنامىگە ئېرىشكەندە  ئىنتايىن ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى،   بەزىلەر ئەگەر تەقدىرنامە ئالسا ئاتا – ئانىسى چوقۇم ئۇنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. مەن ئۇلاردىن يەنە:

 ئەگەر تەقدىرنامە ئالماقچى بولساڭلار، قايسى تەرەپتىكى ئىپادەڭلارنىڭ بىرقەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەمسىلەر؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەقدىرنامە ئېلىشتىكى ئاساسىڭلار نېمە؟-دەپ سورىدىم.

ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ قويۇپ باشلىرىنى چايقاشتى.  مەن:

 ھېچقىسى يوق،  مەسىلەن، سىلەرنىڭ دەرس ۋاقتىدا ئاكتىپ پىكىر قىلىشىڭلار، كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلار،  ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈشۈڭلار،  نەتىجەڭلارنىڭ سەل-پەل يۇقىرى كۆرتۈرۈلۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ تەقدىرنامە ئېلىشىڭلارنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.  سىلەر شۇلارنى يېزىپ چىقىڭلار،- دېدىم.

بۇ قېتىم ئۇلار غەيرەتكە كېلىپ ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرنامە ئېلىش ئاساسىنى يېزىپ چىقتى.  ئەلۋەتتە مەن ھازىر ئالدى بىلەن پەقەت ئالتە ئوقۇغۇچىنىلا تەقدىرلىيەلەيدىغانلىقىمنى، ئالالمىغانلارنىڭ كېلەر مەۋسۈمدە ئېلىشقا تىرىشىشى كېرەكلىنى ئېيتتىم.   ئۇلار ھەممىسى قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.  مەلۇم ۋاقىت كۆزىتىشتىن كېيىن ، مەن تەقدىرنامىگە ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئالتىنى تاللاپ  تەقدىرلەشنى بىكىتتىم. تەقدىرنامە تۈرلىرى:  «ھېكايە سۆزلەش ماھىرى»،  «ئاكتىپ پىكىر قىلغۇچى»،  «ئۆگىنىشتە ئىلگىرلىگەن ياخشى ئۆسمۈر»،  «ئەمگەكنى سۆيىدىغان ئىلغار شەخس» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ،  ئۇلارغا بىرپارچە تەقدىرنامىدىن باشقا يەنە ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرىنىمۇ تەييارلىدىم. دەرس ئارىلىقىدا،  بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشخانامنىڭ ئالدىدىن ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتكەنلىرىنى كۆردۈم. ئەسلىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرلىنەلەيدىغان ياكى تەقدىرلىنەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى ئىكەن.

 قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىشكە ئاز قالدى.  ئۇلارغا نىسبەتەن قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان پەيت يىتىپ كەلدى.  مەن بىر مۇنچە مۇكاپات بويۇمى ۋە تەقدىرنامىلەرنى كۆتۈرۈپ سىنىپقا كىردىم. ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىپ كەتتى. بىرقانچە تاقەتسىزلەنگەن ئوقۇغۇچى ئاستا توۋلىدى:

 مۇئەللىم ، مېنىڭ بارمۇ؟

 ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنچە تەقەززا بولغىنىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرى دەرستە ئاجىز بۇ ئوقۇغۇچىلارغا پىخسىقلىق قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم.  پۈتۈن سىنىپ چاۋاك ئاۋازى ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايلارغا تولدى.    مەن ئۇلارنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايىدىن ئۈمىد، ئىشەنچ بىخلىرىنىڭ ئۆسۈپ چىققانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

    يۇقۇرىقى مىساللاردىن شۇنى يەكۈنلەشكە بولىدۇكى،  ئەگەر   ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرمەكچى بولساق،  بىز يالغۇز يېڭى تەلىم-تەربىيە،  ئوقۇتۇش ماھارىتى ئۈستىدە ئىزىدىنىپلا قالماي،  بەلكى ئۆزىمىز قوللانغان مەلۇم ھەركەت (تەقدىرلەش)نىڭ مۇددىئاسى ۋە مەقسىدىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قانداق ئۈنۈمگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز لازىم.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif