شەكىل ۋە روھىيەت ئۆزگىرشى ھەققىدە پىشمىغان خىياللار

ۋاقتى: 2011-08-17 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 75 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

شەكىل ۋە روھىيەت ئۆزگىرشى ھەققىدە پىشمىغان خىياللار

 

ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ئوباما تەختكە چىقىش ئالدىدا“بىز ئۆزگىرىشكە موھتاج“دېگەن ئىبارىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، خۇددى مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغاندەك،ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىگە يېڭىلا قوشۇلۇپ قالغاندەك دائىم ”ئۆزگىرىش“دېگەن بۇ سۆز ھەققىدىلا كۆپ خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدىم.ئەمدى ئويلاپ باقسام“ئۆزگىرىش“سۆزىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە دائىرسى بەك كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىكەن.چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا،ئىنسانلار“تەبىئەت دۇنياسىنى ئۆزگەرتىمىز“دەپ توختىماي ئىزدىندىكەن.بىر قانچە يىل ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر“تەبىئەت دۇنياسىنى بوي سۇندۇرۇش“دېگەن ئىبارىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.لىكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،بۇنىڭ مومكىن بولمايدىغانلىقىنى،ئىنسانلارنىڭ پەقەت تەبىئەتكە ئىش قوشۇش،ئۇنىڭ بىلەن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغان ئاساستا قىسمەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.بىر نەچچە يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر ئىنسانلارنىڭ“تەبىئەتنى بوي سۇندۇرىمىز“دېگەن تەلۋىلەرچە تەپەككۇرىغا رەدىيە بەرگەندەك نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ قويدى.مېنىڭچە بولغاندا“بوي سۇندۇرۇش“قا قارىغاندا“ئۆزگەرتىش“نىڭ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈپ يېتەلەيمىز.كىچىك دائىردىكى ئۆزگىرىش بولسا،شەخىسنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.بىز ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن ئادەملەرنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى ئاز تولا چۈشىنىپ يىتەلەيمىز.قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن ھازىرقى ئىلغار تېخنىكا جەمىيتىگىچە،بىر-بىرىنى قۇل قىلىدىغان قۇلدارلىق جەمىيەتتىن ھازىرقى ئومۇمىي جەھەتتىن باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرغان،كىشلىك ھوقۇق قوغدىلىدىغان ئادىل جەمىيەتكىچە بولغان جەريان كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.مېنىڭ بۇ يازمامدا سۆزلىنىدىغان ”ئۆزگىرىش“ كىينكى ”ئۆزگىرىشكە“ ياتىدۇ.

بىر ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۆزگىرىۋاتقان تەبىئەت،ئۆزگىرىۋاتقان جەمىيەت ئىچىدە جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ئۆزگىرىشنى قۇبۇل قىلغان بولىدۇ.دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە يوق دېسەكمۇ مېنىڭچە ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.بەزەندە ئايرىم كىشىلەرنىڭ“مەن پەقەت ئۆزگەرمىدىم“دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز.ئىنچىكە ئويلاپ باقسام،بۇ بىر ئىنسان پىسخىكىسىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ياسالمىلقنىڭ ئاشكارلىنىشى ئىكەن.ھەر قانداق بىر شەيئى تەبىئەت ۋە جەمىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى ھېساپلىنىدۇ.شۇنداق بولغان ئىكەن،ئادەمدىن ئىبارەت تەبىئەت ۋە جەمىيەت دائىرسىدە ياشاپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەيئىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى مومكىن بولمايدىغان ئىش.

ئەمدى بىز نەزەر دائىرىمىزنى يەنىمۇ كىچىكلىتىپ،ئادەملەردىكى شەكىل ۋە روھىيەت مۇنداقچە ئىيتقاندا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئۆزگىرشىگە دىققەت قىلىپ باقايلى.

1.شەكىل جەھەتتىكى ياكى ماددىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىش.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان شەكىل ئەلۋەتتە مەزمۇن بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان بولىدۇ.ئىنسانلار پەيدا بولۇپ تاكى ھازىرغا كەلگۈچە ئالدى بىلەن فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئۆزىنى مۇككەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى.بۇرۇنقى زامان ئادەملىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئادەملىرى ئوتتۇرسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى پەرقلەر بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.ئىنسانلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش دېگەندە ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلمىسىدىكى تۈپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسەتمەيدۇ.بۇرۇنقى ئادەملەرنىڭ تەن قۇرۇلمىسى بىلەن ھازىرقى ئادەملەرنىڭ تەن قۇرۇلمىسى ئوخشاش،بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئورۇنلىشىشىمۇ ئوخشاش.بۈ يەردە ئوخشىمايدىغىنى تەن قۇۋۋىتى،ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقتۇر.شۇنداقلا تەقى-تۇرۇق ۋە چىراينىڭ تۈسى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقتۇر.گەرچە ھەر قايسى دەۋىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ تەن قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولسىمۇ،لىكىن ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن تۇرق ئۆزگەرتىش جەريانى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.مەسىلەن ئالايلى:ھەر قايسى دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر،ئۆزىنى پەردازلاش جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر بىزگە بۇ نوقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

2.روھىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىش

تەن بىلەن جان بىر بىرىدىن ئايرىلماس بىر پۈتۈن گەۋدە.بۇ يەردىكى تەن شەكىلنى كۆرسەتسە،جان روھنى كۆرسىتىدۇ.شەكىل ئۆزگەرگەن ئىكەن ئەلۋەتتە مەزمۇنمۇ ئۆزگىرىدۇ.مەزمۇن ئۆزگەرگەن ئىكەن ئەلۋەتتە شەكىلمۇ ئۆزگىرىدۇ.شۇڭىلاشقا ئادەمدىكى ئۆزگىرىشنى شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش بىلەن چەكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ.بۇ خۇددى زامانىمىزدىكى نۇرغۇن ساھەلەرگە سىڭىپ كىرگەن كومپىيوتىر تېخنىكىسىدا قاتتىق دېتال بىلەن يۇمشاق دېتال ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ.بىز قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ قانداق بىر روھى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلار ئارقىلىق يۈزەكى بولسىمۇ چۈشىنىپ يىتەلەيمىز.شۇنداقلا مۇشۇ شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئىنسان روھىيىتىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى ھەققىدىمۇ ئاز تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز.بۇ جەھەتتىكى ئۆزگىرىش كىشىلەرنىڭ مىجەز-خاراكتىر،پىسخىكا،ئىستىتىك كۆزقاراش،ئەخلاق نوقتىنەزىرى،ئەقلى ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىرشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەسىلەن ئالايلى:دۇنيا تارىخىنى زىل-زىلگە سالغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن،چىڭگىزخان،ئاتتېللا،گېتلىر،سىتالىنغا ئوخشاش مەشھۇر شەخسلەر بىلەن ھازىرقى زاماندىكى داھىلارنىڭ روھىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر؛بىزگە نىسبەتەن ،ئۇغۇزخان،مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ناۋايى دەۋىرلىرىدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىيىتى بىلەن ھازىرقى كىشىلىرىمىزنىڭ روھىيىتى جەھەتتىكى پەرقلەر نوقتىنەزىرىمىزنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

3.شەكىل ئۆزگىرشى بىلەن روھىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ ئۆز ئارا-ئۆتىشىشى

ئىنسانلار جەمىيەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كىيىن دائىم دېگۈدەك شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش بىلەن روھىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ كەلدى.شەكىلنىڭ روھىيەتتىن،روھىيەتنىڭ شەكىلدىن ئايرىلالمايدىغانلىقنى تونۇپ يەتتى.شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئاتا قىلغان مەنىۋىيەت ئۆزگىرىشلىرى،مەنىۋىيەت ئۆزگىرشلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن شەكىل ئۆزگىرشلىرى بىر بىرىنى تولۇقلاپ بېيىتىپ كەلدى.مېنىڭچە قەدىمكى زاماندا شەكىل ئۆزگىرىشىگە قارىغاندا مەنىۋىيەت ئۆزگىرىشى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى.ئەجداتلىرىمىز كۆز ئالدىدىكى ماددىي دۇنيانى چۈشىنەلمەي گاڭگىراپ قالغاندا ئۇنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىماستىن،بەلكى ئاۋال ئۇنى چۈشىنىشنى ئويلىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۆز تەپەككۇرى ئاساسىدا روھىيەتكە بىۋاستە چېتىلىدىغان ئەڭ دەسلەپكى“ئېتىقاد“چۈشەنچىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.كىينچە بۇ ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىنى بېيىتىپ دىندىن ئىبارەت بۇ روھىي قورالنى تاللىۋالدى.شۇڭا قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز ياشىغان دەۋىرگە نىسبەتەن ماددى جەھەتتىكى ئۆزگىرىش مەنىۋى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشتەك گەۋدىلىك بولمىدى.مەنىۋى جەھەتتىكى ئۆزگىرىش تەرەققىي قىلىپ مەلۇم نوقتىغا يەتكەندىن كىيىنلا كىشىلەر ئۆزىنى،ئۆزى ياشاۋاتقان ماددى دۇنيانى ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.مانا مۇشۇ تەرىقىدە بۇ ئىككى خىل ھالەت بىرى چۈشسە بىر چىقىپ تەڭپۇڭسىز ھالەتتە بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلدى.لىكىن ھازىرغا كەلگۈچە بۇ ئىككى خىل ئۆزگىرىش ئۆزىنىڭ تەڭپۇڭ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرگىنى يوق.مېنىڭچە،شەكىل ئۆزگىرشى بىلەن روھىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ تەڭپۇڭ ھالەتكە كېلىشى دۇنيانىڭ ئىنسانلار ئويلىغاندىمۇ گۈزەل ھالەتكە،جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن مۇككەممەللىككە  تەرەققىي قىلىشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى.لىكىن بۇنداق تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىماق بەك قىيىن.شەخىسنىڭ تېنى،ئەتىراپىدىكى ماددى دۇنياسى بىلەن ئۇنىڭ روھىيىتى،مەنىۋىيىتى تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان ھالەت بەلكىم بىزنىڭ ئەمىلىيەتتە يەتكىلى بولمايدىغان،لىكىن يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان گۈزەل نىشانىمىز بولىشى مومكىن.

مەن بىر پەيلاسوپ ياكى مۇتەپەككۇر ئەمەس،بەلكىم شەكىل ۋە روھىيەت ئۆزگىرشى ھەققىدە گەپ يورغىلىتىشقا سالاھىيىتىم يوقتۇر.شۇ تاپتا ئۆزۈمگىمۇ بەزى قاراشلىرىم“نان يېسە قورساق تويىدۇ“دېگەن سەپسەتىگە ئوخشاشلا بىمەنە بىلىنىۋاتىدۇ.ئەمما ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش يولىدا تىرىشىۋاتقان،ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش ئەمەلگە ئاشسا،شۇ ئاساستا خەلقىمنىڭ،مىللىتىمنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ساددا خىيالپەرەس بولغانلىقىم ئۈچۈن تېمىنى چوڭ قويىۋىلىپ ئۆزۈمنىڭ كاللىسىغا كەلگەن ئاددى خىياللىرىنى بۇ يەرگە تۆكمە قىلىپ باقتىم.بۇ چۈشەنچىلىرىمنىڭ كۆپىچىسى ئۆيدە جىمجىت ئولتۇرۇپ“ئۆزگىرىش“دېگەن بۇ سۆزنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن سۈرگەن خىياللىرىمنىڭ ھاسىلاتى.ناۋادا سىزگە بۇ يازمىنى ئوقۇش پۇرسىتى نىسىپ بولۇپ قالسا،سىزمۇ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.ماڭا ئوخشاش تومتاق چۈشەنچىلەرنىلا ئوتتۇرغا قويماي،ئەڭ موھىمى“ئۆزگىرىش“نىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىڭ.چۈنكى،“ئۆزگىرىش“نى چۈشەنگەندىن“ئۆزگىرىش يولى“نى چۈشەنگەنلىك ۋە دادىل ئۆزىنى ئۆزگەرتكەنلىك كۆپ ئەۋزەل.لىكىن،يول تېپىشتىن بورۇن يولنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشنى ھەرگىز ئۈنتىماڭ!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif