ئىسلام دىنىنىڭ لوپ رايونىغا تارقىلىشى ھەققىدە

ۋاقتى: 2011-08-17 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 106 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئىسلام دىنىنىڭ لوپ رايونىغا تارقىلىشى ھەققىدە

 

غالىب بارات ئەرك

 

لوپ – تارىم ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاياغ ئېقىنىنى كۆرسىتىدىغان تارىخىي نام. مۇشۇ رايوندا ياشىغان ئاھالىلەر  ئۆزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن« لوپتۇق» ( لوپلۇق ) دەپ ئاتايدۇ . ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان ۋە دەسلەپ راۋاجلانغان ۋاقىتلاردا لوپ رايونى ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى تەۋەسىدە بولغانلىقى،ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ، پىنھان بىر ماكانغا ئايلىنىپ قالغانلىقتىن ، ئىسلام دىنىنىڭ تارقالغان ۋاقتى ھەققىدە مۈجىمەل قاراشلار مەۋجۇد.

9 – ئەسىردىن 13 – ئەسىرنىڭ بېشىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن خاقانىيەنىڭ سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن، يۇشۇرۇن ھالدا تارقىلىۋاتقان ئىسلام دىنى ، خاقانىيە تېروتورىيىسىدە ھۆكۈمرانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سۈپۈتىدە ئەۋزەل شارائىتقا ئېرىشتى ، بۇ ۋەقەلەر 10 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يۈز بەرگەن  ئىدى . سۇتۇق بۇغراخان مىلادىيە 955 – يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان ئوغلى مۇسا ( بايتاش) ئىسلام دىنىنى« دۆلەت دىنى»دەپ جاكارلىدى ھەم  ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۆپ تىرىشتى . ئەرەب تارىخچىسى ئىبىن ھاشىر قاتارلىقلارنىڭ يېزىشغىغا قارىغاندا  مىلادىيە 960 – يىلى  20 مىڭ چېدىرلىق تۈركىي خەلق ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. خاقانىيە بىلەن خوتەن بۇددىستلىرى ئارىسىدىكى 40 يىلغا سوزۇلۇپ ئاخىرقى ھېسابتا مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان ھەمدە خوتەن رايونىدىمۇ ئىسلام دىنى ئومۇملاشقان .

خاقانىيە ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرغاندا ، ئىككى ئۇيغۇر خانلىقى چەرچەن ۋە بۈگۈر ئارقىلىق چېگرىلىناتتى. مەھمۇد كاشغەرىي « تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى « qurqan چەرچەن . چىن يولىدىكى مۇسۇلمانلار چېگرىسىنىڭ بىرى » [1] دېگەن بايانى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ ۋاقىتتا ئىككى خاندانلىق چەرچەننىڭ شەرقى، چاقىلىق ناھىيىسى ۋاششەھىرى يېزىسىنىڭ غەربىنى پاسىل قىلغان ئىدى.مۇنداقچە ئېيتقاندا ، لوپ رايونى تەۋەسىگە ، ئىسلام دىنى مىلادىيە 1050–يىلىغىچە تارقالمىغان بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن ، چۈنكى مەھمۇد كاشغەرىي « تۈركىي تىللار دىۋانى»نى 1076 –يىللىرى ئاخىرقى تەھرىرلىك خخزمەتلىرىنى ئىشلىگەن، مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئويلاشقاندا چاقىلىق رايونىغا ئىسلام دىنى مىلادىيە 1050 - يىلىدىن كېيىن تارقالغان بولىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى لوپ رايونىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان لوپ شەھىرى چاقىلىق ناھىيە ۋاششەھىرى يېزىسىنىڭ يەتتە كىلومېتىر غەربىدىكى كونا شەھەر خارابىسىدۇر . لوپ رايونىنىڭ غەربىي چېتى بولغان بۇ شەھەردە ئىسلام دىنىمىلادىيە 1050–يىلىدىن كېيىن ، 1276–يىلىدىن بۇرۇن ئومۇملىشىپ بولغان ئىدى . 1276 – يىلى  لوپ شەھىرىدىن ئۆتكەن  ۋېنىتسىيىلىك ماركوپولونىڭ ساياھىتىدىن يېزىلغان« ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى»دە مۇنداق دېيىلگەن : « چەرچەندىن چىقىپ … بەشىنچى كۈنلۈك يولنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن … لوپقا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ … لوپ راباتى شەرقىي شىمال تەرەپتە … ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ ….» [2]  . ئۇشبۇ ئۇچۇر ئېلىنغان ئۇيغۇرچە نۇسخىدا رابات دەپ ئېلىنغان بۇ شەھەر، فېڭ چېڭجۈن تەرىپىدىن ئىشلەنگەن خەنزۇچە تەرجىمىدە شەھەر دەپ ئېلىنغان . مۇشۇ ئەسەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىغا ئاساسلانغاندىمۇ، راباتنى شەھەر دەپ چۈشۈنۈش كېرەكلىگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ .ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ، شەھەر خارابىسىنىڭ كۆلۈمىمۇ ئىككى كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ .ماركوپولونىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا ، لوپ شەھىرىنىڭ پۈتكۈل ئاھالىسى 1276 -يىلىدىن بۇرۇن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ بولغان . باشقا تارىخىي ماتېرىياللاردىن بىلىنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانساقمۇ، لوپ شەھىرى ئاھالىسىنىڭ مۇسۇلمانلىقى كىشىنى ئىشەنچلەندۈرۈدۇ .« تارىخى رەشىدىي » ، « مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلىيۇللا تەزكىرىسى» ، «تەزكىرەتۇل ئېرشاد » قاتارلىق ئەسەرلەردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانساق ، لوپ بىلەن قوشماق شەھەر كىتىك ( لوپ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا ، چاقىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ 100 كىلومېتىر شىمالىدا ) مىلادىيە 1335 – 1345–يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋەيران بولغان .  شەھىرى كىتىك ۋە شەھىرى مەردەكلەر ۋەيران بولغاندا ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسى مۇشرىكلار ۋە مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپقان ئىدى، تەكلىماكان ۋە شەھىرى كىتىككە باغلانغان رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە مۇشرىكلار قۇم تېگىدە قالغان .مۇسۇلمانلار جالالىددىن كىتىكى باشچىلىقىدا كۆچۈپ كەتكەن ، جايلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، مۇسۇلمانلار يىراققا بارغانلىرى ئاقسۇ –كۇچارلارغىچە ، يېقىنغا كۆچكەنلىرى كورلا ۋە پىچانلارغىچە بارغان.تارىخىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، لوپ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كىتىك ۋە مەردەك شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىگىدە شەك يوق ، مۇشۇ ئەھۋاللارغا قارىغاندا ، ھازىرقى لوپلۇقلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرى بولغان ، ئوتتۇرا ئەسىردە دەريا ، كۆل بويلىرىدا ياشىغان سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەر ناھايىتى ئاز بولىشى مۈمكىن .

لوپ رايونىدا ئىسلام دىنىڭ ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يىل دەۋرىنى ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى تەرىپىدىن 16 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى يېزىلغان « تارىخى رەشىدىي » كىتابىدىن كۆرۈمىز. « تارىخى رەشىدىي»دە سۇلتان سەئىدخاننىڭ  ھۆۈمرانلىقى ۋاقىتىدا ( 1514 – 1533 ) سېرىق ئۇيغۇرلار ئۈستىگە غازاتقا لەشكەر ئىبەرتكەنلىگى يېزىلغان . ئۇنىڭدا « سارىغ ئۇيغۇر ئۈستىگە جازا  يۈرۈشى قىلىشقا بارغان ئەمىرلەر خىتاي بىلەن خوتەن ئارىسىدىكى جايلاردا ئىككى ئاي تۇرۇپ قېدىرىپ كۆرگەن بولسىمۇ ، ئۇ كۇپپارلاردىن نام نىشان تاپالمىدى ، شۇڭا ئولجا غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ ساق –سالامەت قايتىپ كەلدى »[3] دېيىلگەن . مۇشۇ ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ، لوپلۇقلارنىڭ  ئىسلامغا كىرگەن ۋاقتى 1500- يىللاردىن بۇرۇن بولىشى مۈمكىن . 1276 – يىلىدىن 1500 – يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا قاچان ئىسلام دىنى لوپلۇقلار ئارىسىغا تارقالغان؟

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ بىزگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلىنىدىغان بولساق ، خىزىر خوجاخاننىڭ زامانىدا ( 1389 – 1399) تۇرپان قاراخوجا قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلاملاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم . سۇلتان ئۇۋەيىسخان زامانىدا ( 1399- 1429)  لوپلۇقلارنىڭ ئىسلام دىنى ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن بولىشى ئېھتىمال . « تارىخى رەشىدىي»دە «خان ھەر يىلى ياۋا تۆگە ئوۋلاش ئۈچۈن تۇرپان ، تارىم ، لوپ ۋە كىتىك تەرەپلەرگە » [4] بارىدىغانلىقى يېزىلغان . مۇشۇ ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ، لوپلۇقلار ( دەريا ، كۆل بويلىرىدا ياشاۋاتقان ئاھالىلەر ) 1389 – يىلىدىن 1429 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ، ئىسلام دىنىنى ئومۇمىيۈزلۈك قوبۇل قىلغان . شۇنىڭ ئۈچۈن سۇلتان سەئىدخان ئىبەرتكەن غازاتچى قوشۇن مۇسۇلمان بولمىغان ئاھالىلەرنى ئۇچرىتالمىغان .ئۇلار ئىسلام دىنىغا كىرگىنىگە پەقەت يۈز يىلدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نامۇسۇلمانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر سۇلتان سەئىدخان زامىنىغا يېتىپ كەلگەن ، لېكىن غازاتچى قوشۇن بارغاندا ئىسلاملىشىپ بولغانلىقتىن ، مۇشرىكلارنى تاپالمىغان.

دېمەك ، لوپلۇقلار مىلادىيە 15 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇسۇلمان بولۇپ بولغان ۋە مۇسۇلمانچىلىقتىن چىقماي كەلگەن ، ئەمما ئاھالىنىڭ ئازلىقى ، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كەملىگى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ، دىن ھەققىدىكى بىلىملىرى ئازلاپ بارغان . ئېكىسپىدىتىسىيىچىلەر كەلگەندە كۆرگەن بىلگەنلىرى بۇنىڭ مېسالىدۇر . 19- ئەسىرلەردىن باشلاپ تۇرپان ۋە خوتەن تەرەپتىن كەلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ تەسىرىدە ئىسلامىيەت ھەققىدىكى بەزى چۈشەنچىلىرى چوڭقۇرلاپ بارغان . تارىخىي ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ، لوپلۇقلارنى 19 – ئەسىرلەردە ئىسلام دىنىغا كىرگەن دېيىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ، توغرىسى 14 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 15 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا لوپ رايونىدىكى دەريا ، كۆل بويلىرىدا ياشىغان لوپلۇق ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنى ئومۇملىشىپ بولغان.

ئىزاھاتلار :

[1] « تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1- توم  567 –186 –بەتلەر

[2] «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 91 – بەت

[3] [4]  مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان « تارىخى رەشىدى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 766 –، 165- بەتلەر

 

 

توردىكى مەنبەسى:چاقىلىق مۇنبىرى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif