مەكتەپ ھەققىدە مۇخەممەس
مەكتەپ ھەققىدە مۇخەممەس
سالى خۇدابەردى
ئىلىم-پەن باغىدا شىرىن مىۋە پىشمايدۇ مەكتەپسىز،
قېنىپ تەشناسىغا دىللار چېچەك ئاچمايدۇ مەكتەپسىز،
بىلىم دەرياسى دولقۇنلاپ راۋان ئاقمايدۇ مەكتەپسىز،
ئەقىل-ئىدراك قۇشى ئەركىن قانات قاقمايدۇ مەكتەپسىز،
سائادەت دىلبىرى خۇشخۇي كۈلۈپ باقمايدۇ مەكتەپسىز.
ئەشۇ مەكتەپتە سىڭدۈردۇق كۆڭۈلگە ئەڭ ئېسىل خىسلەت-
تاپمايتى ئۇنىڭسىز ھېچ ئۆمۈر زەرىچە قىممەت،
ئىلىم-مەرىپەت باغىنى شۇڭا دەيمىز گويا جەننەت،
تالاي ئۆسمۈر،ئوغۇل-قىزلار ئۇنىڭدىن ئالدى كۈچ-غەيرەت،
بولۇپ دۇدۇل جەسۇر مەرتلەر داۋان ئاشمايدۇ مەكتەپسىز.
قاناتلاندۇردى ئاشۇ جەننەت بۈيۈك ئارزۇ-تىلەكلەرنى،
بىلىم نۇرىدا كۈلدۈردى تۈمەنمىڭ ياش يۈرەكلەرنى،
قەدىردان ئۇستازۇ-باغۋەنلەر يىتىشتۈردى كۆچەتلەرنى،
ئۇلار شاتتۇر بۈگۈن كۆرگەچ مېۋە بەرگەن چېچەكلەرنى،
ئىلىم باغىدا رەيھانلار پۇراق چاچمايدۇ مەكتەپسىز.
كىم سۆيسە باغنى،باغۋەننى جاپا ئالدىدا مات بولماس،
ئىجات كۆكىدە ئۇچماققا بىلىمدىن زور قانات بولماس،
ئەگەر ئەل بولسا مەكتەپسىز،ئۇ يۇرت ئەسلا ئاۋات بولماس،
ئۆگەنمەي ھەم بىلىم ئالماي كىشىنىڭ كۆڭلى شات بولماس،
گۈزەل تۇرمۇش،شىرىن ئارزۇ قۇچاق ئاچمايدۇ مەكتەپسىز.
مەنبەسى:ئاقسۇ دارىلمۈئەللىمىن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقى(1934-1984)مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان توپلام.
ئاپتۇر ھەققىدە:سالى خۇدابەردى 1952-يىلى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن.كىيىن شىنىجاڭ ئۈنۋېرسىتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا يۆتكىلىپ،شۇ يەردە بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.ھازىر پېنسىيىدە.
كىيىنكى يازما: ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر توغرىسىدا