ئۇيغۇر ئېلانلىرىدىكى ئوخشىتىش ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىش ئالاھىدىلىكى توغرسىدا

ۋاقتى: 2012-01-06 / تۈرى: ئىلمىي ماقالىلىرىم / كۆرۈلۈشى: 180 قېتىم / 1 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئۇيغۇر ئېلانلىرىدىكى ئوخشىتىش ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىش ئالاھىدىلىكى توغرسىدا

 

ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى

 

 

 

قىسقىچە مەزمۇنى: نۆۋەتتە ھەر قايسى مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئۇرۇنلىرى تەرپىدىن بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلانلىرى كىشىلەر مۇنازىرە قىلىدىغان موھىم بىر تېمىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئېلان تېكىستلىرنىڭ ياكى ئېلان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىز، تىل ئادىتىمىز ۋە پىسخىكىمىزغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىدىدۇر. مەزكۇر ماقالىدە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا بېرىلگەن، ئېلان تىلىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان موھىم ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى ئوخشىتىش ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىش ئالاھىدىلىكى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

 

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:  ئۇيغۇر، ئېلان، ئوخشىتىش

 

ئوخشىتىش- ماھىيىتى ئوخشىمايدىغان، لىكىن مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاشلىقى بار شەيئىلەرنىڭ بىرى ئارقىلىق يەنە بىرىنى تېخىمۇ كونكىرىت، ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدۇر. ئېلانغا نىسبەتەن، ئوخشىتىش مەلۇم بىر مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى كەڭ ئىستىمالچىلارغا تېخىمۇ كونكىرىت، ئوبرازلىق يەتكۈزۈپ بېرىش مەقسىتىدە، شۇ خىل مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ خۇسۇسىيتى، ئالاھىدىلىكى،  تاشقى كۆرۈنۈش شەكلى قاتارلىقلارنى مەلۇم جەھەتتىن ئوخشاشلىقى بار يەنە بىر شەيئى، بەلگە-خۇسۇسىيەت ياكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېلان مەزمۇنىنىڭ جانلىق، چۈشىنىشلىك بولىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك، ئستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە باي تىللارنىڭ بىرى. ئەجداتلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق دەۋىرلەردىن بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى، دىنىي چۈشەنچىلىرى، ساددا دۇنيا قاراشلىرى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن شېئىر-قوشاق، ئەپسانە-رىۋايەت، ھىكايە-چۆچەكلىرىدە ئوخشىتىشتىن ئىبارەت بۇ ۋاستىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوي-پىكىرنى كونكىرىت، جانلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ كەلگەن.

ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىمۇ خەلقىمىزنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىشقا ماھىرلىقىدەك ھەم مايىللىقىدەك ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، ئوخشىتىش ئۇسۇلىدىن كەڭ تۈردە پايدىلىنىپ، ئېلان تىلىنىڭ جەزىبىلىك، جەلپ قىلارلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى ئوخشىتىشلارنىڭ دەل جايىدا قوللىنىلىشى، تۈرىنىڭ كۆپ، ئىشلىتىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىشى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئالايلى:

(1) … بۇرۇن، ھازىر، ياكى بۇندىن كىيىن بولسۇن، مىھىر-مۇھابىتىڭلارنىڭ ئىخلاس كەمپۈتلىرىدەك تاتلىق ھەم شىرىن بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (رادىئو ئېلانىدىن)

(2) سەدەپتەك ئاق ھەم ساغلام چىشلار، ئۆچمەس پارلاق مەدەنىيەت. (ئاق لالە ماركىلىق چىش پاستىسى) (رادىئو ئېلانىدىن)

(3) گۈزەللىك ئەلچىسى خانىخان خېنىسى. (گېزىت ئېلانىدىن)

بۇ مىساللارغا قارايدىغان بولساق، مىسال (1)دە كىشىلەر تەم سەزگۈسى ئارقىلىق تېتىيالايدىغان، «ئىخلاس» كەمپۈتلىرىدىن ئىبارەت كونكىرىت شەيئى ئوخشىغۇچى قىلىنىپ، بۇ مەھسۇلاتنىڭ تەمىنىڭ كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھاببەتكە ئوخشاش تاتلىق ھەم شىرىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مىسال (2) دە «ئاق لالە ماركىلىق چىش پاستىسى» سەدەپتەك ئاق دەپ تەسۋىرلەنمەي، بىۋاستە چىشنىڭ ئاقلىقى سەدەپكە ئوخشىتىلغان. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە ۋاستىلىك ھالدا « ئاق لالە ماركىلىق چىش پاستىسى» نى ئىشلەتسىڭىز، چىشىڭىزنى خۇددى سەدەپتەك ئاقارتىۋىتىدۇ دېگەن ئوقۇمنى بىلدۈرگەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سەدەپنىڭ ئاقلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭىلاشقا چىشنىڭ ئاقلىقى سەدەپ ئارقىلىق تەسۋىرلەنسە، شۇ مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئوبرازلىق ھالدا كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. مىسال (3) تە بولسا، خانىخان خېنىسى خانىم-قىزلارغا گۈزەللىك ئىلىپ كېلىدىغان «ئەلچى» گە ئوخشىتىلغان. «ئەلچى»- دۆلەت، كوللىكتىپ، شەخىس ئوتتۇرسىدا ھەر خىل ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگۈچى، مۇناسىۋەتلەرنى سىلىقلاشتۇرغۇچىدۇر. بۇ يەردە خانىخان خېنىسى خۇددى مەزكۇر مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا بىلەن قۇبۇل قىلغۇچى ئوتتۇرسىدا مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى، ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتلەردىن بىر- بىرىنى قوللىغۇچى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىنىغان.

  1. 1.    ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى ئوخشىتىشلارنىڭ تۈرلىرى

ئوخشىتىش ئادەتتە ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچى، ئوخشىتىش سۆزى، ئوخشاشلىق نوقتىسىدىن ئىبارەت تۆت ئامىلدىن تەركىب تاپىدۇ.

ئوخشىتىشلار ئوخشىتىش ئامىللىرىنىڭ تاشقى قۇرۇلمىدا ئاشكارا كۆرۈنۈش-كۆرۈنمەسلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئېنىق ئوخشىتىش، يۇشۇرۇن ئوخشىتىش، ۋەكىللىك ئوخشىتىش دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تۆۋەندە بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى قوللىنىش ئەھۋالى، ھاسىل قىلغان ئۈنۈمى قاتارلىقلار ئۈستىدە بىر-بىرلەپ توختىلىپ ئۆتەيلى.

1) ئېنىق ئوخشىتىش

ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچى تەڭ كۆرىلىپ، ئوخشىتىش سۆزى ۋە قوشۇمچىلىرى بىلەن باغلانغان، ئوخشىتىلىش مۇناسىۋىتى ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئوخشىتىش شەكلى ئېنىق ئوخشىتىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئېنىق ئوخشىتىش يولى بىلەن ئىپادىلەنگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلەرنى كىشىلەر بىر قاراپلا نىمىنىڭ نىمىگە ئوخشىتىلغانلىقىنى، نىمە ئارقىلىق نىمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. مەسىلەن:

(4) ئارمان تورتلىرى خۇددى تەنتەنە سورۇنلىرىدىكى قۇچاق-قۇچاق گۈل دەستىلەرگە ئوخشاش گۈزەللىككە ۋە لەززەتكە تەلپۈنگۈچى دوستلارغا ئەڭ ياخشى سوۋغا بولالايدۇ. (ژورنال ئېلانىدىن)

(5) يىراق تەكلىماكان بويىدىكى سەھرالاردىن تارتىپ، ئابرال تاغ ئېتەكلىرىگىچە؛ قەشقەرنىڭ ئانارلىق باغلىرىدىن تارتىپ، تۇرپاننىڭ ھارارەتلىك قۇملۇقلىرىغىچە؛ ئۇنىڭ (ئابدۇللا) ناخشىلىرى خۇددى بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاق سۈيىدەك ئۈزۈلمەي ياڭراپ، سانسىزلىغان قەلبلەرگە چەكسىز گۈزەللىك ۋە لەززەت بېغىشلىدى. (ئېلان ۋاراقچىسىدىن)

(6) قىزىلگۈل سۈرىتى چاقناپ تۇرغان، قىزىلگۈل پۇرىقى گۈپۈلدەپ تۇرغان «ئارمان قىزىلگۈل قەنتى»؛ يىشىل لىباسلىق، يىشىل دۇردانىسى چاقناپ تۇرغان «ئارمان پىننە گۈلقەنتى» 2002-يىلى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە يىشىلچىلىقتىكى پورەكلەپ ئېچىلغان قىزىلگۈلدەك پۈتۈن ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. (ژورنال ئېلانىدىن)

يۇقىرقىلاردا مىسال (4) تە «ئارمان تورتلىرى» كىشىلەرگە ئەڭ ياخشى سوۋغات ئورنىدا تەقدىم قىلىشقا بولىدىغان «گۈل-دەستە»لەرگە، مىسال (5) تە ياش ناخشىچى ئابدۇللانىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەرگە روھى ئۇزۇق ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان ناخشىلىرى «بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاق سۈيى» گە، مىسال (6) دە « ئارمان» شىركىتىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بولغان «ئارمان قىزىلگۈل ۋە پىننە گۈلقەنت» لىرى تاشقى كۆرۈنۈش ۋە پۇراق جەھەتلەردىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ ئاسان جەلپ قىلالايدىغان « پورەكلەپ ئېچىلغان قىزىلگۈل»گە ئوخشىتىلغان.

     ئۇيغۇرچە ئېلانلاردا ئېنىق ئوخشىتىشتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئشلىتىلىش ئورنى بولغان.

(1) مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارى، پايدىسى قاتارلىق تەرەپلەر كونكرىتلاشتۇرۇلغان.

مەسىلەن:

(7) ئايسىمان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى ئىشلەتسىڭىز، خۇددى ئاي نۇرى چېچىڭىزدا ئەكىس ئەتكەندەك ھېسىياتتا بولىسىز.(ژورنال ئېلانىدىن)

 (8) سۇمبۇل چاچلار يەلپۈنەر، سۇ ئىچىدە جىلۋىسى؛

      مەرۋايىتتەك تۈس بەرگەن، ئاشۇ زەرقە خېنىسى. (رادىئو ئېلانىدىن)

(9) ئەركان ماركىلىق قىزىلگۈل شەربىتى چىھرىڭىزنى قىزىلگۈل كەبى نۇرلاندۇرغىسى. (رادىئو ئېلانىدىن)

(10) مەجنۇنتالدەك ئۇزۇن چاچلار، ئەقىلنى لال قىلغۇچى نەپىس ئۇيغۇر ئۇسۇلى.(ئاق لالە ماركىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى) (رادىئو ئېلانىدىن)

 يۇقىرقىلاردا مىسال (7) دە « ئايسىمان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى»نىڭ چاچنى پاقىرىتىش ئالاھىدىلىكى،  مىسال (8) دە «زەرقە خېنىسى» نىڭ چاچنى گۈزەل، جەلپ قىلارلىق ھالەتكە كەلتۈرۈش خۇسۇسىيىتى، مىسال (9) دا «ئەركان ماركىلىق قىزىلگۈل شەربىتى» نىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى، مىسال (10) دا « ئاق لالە ماركىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى»نىڭ چاچنى ئۆستۈرۈش، گۈزەللەشتۈرۈش رولى قاتارلىقلار ئېنىق ئوخشىتىش شەكلى بىلەن ئوبرازلىق ھالدا كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

(2)  ئايرىم ھاللاردا ئېنىق ئوخشىتىش شەكلى ئارقىلىق مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت گەۋدىلەندۈرۈلمەستىن، بەلكى شۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالغۇچىلار، مۇلازىمەتنى قۇبۇل قىلغۇچىلار، ئىشلەپ چىقارغۇچى كارخانىلار تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن:

(11) قاشتېشىدەك قىممەتكە ئىگە بولاي دېسىڭىز، قاشتېشى كومپىيوتىر-تىل تەربىيلەش مەركىزىگە كېلىڭ. (ئېلان ۋاراقچىسىدىن)

(12) ئىشچان «ئېلىچىلىقلار» ئۇيۇلتاشتەك ئىتىپاقلىشىپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىستىمالچىلىرىغا ئەلا سۈپەت، ئىشەنچىلىك ئىناۋەت بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.(ژورنال ئېلانىدىن)

(13) بوران-چاپقۇنلۇق ئېغىر قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئەزىز خەلقىمىزنىڭ نۇرانە تېڭى بىلەن تەڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان «ئىلى دەرياسى» ژورنىلى مىھنەتكەش، ئىجاتكار تالاي مۇھەرىر خادىملىرىمىزنىڭ چاچلىرىنى ئۇچتەك ئاقارتىپ ئۆزى قىرانلىق يېشىغا تولدى. (ژورنال ئېلانىدىن)

 يۇقىرقىلاردا مىسال (11) دە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ھازىرقى زاماندا تىل ۋە كومپىيوتىر ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن قىممىتىنى ئاشۇرالايدىغانلىقى، قىممەتلىك بايلىق« قاشتېشى» ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. مىسال (12) دە «ئېلچى» شىركىتىنىڭ كارخانا روھى «ئۇيۇلتاش» قا ئوخشىتىلغان. مىسال (13) تە  «ئېلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى ھەم سۈپەتلىك بولۇشى ۋاستىلىك ھالدا جىسمانىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىشچانلىق ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.

(3) ھېچقانداق مەھسۇلات، مۇلازىمەت، كارخانا ياكى ئىستىمالچى مەلۇم شەيئى ياكى خۇسۇسىيەتكە ئوخشىتىلماستىن، شۇ كونتېكىستقا مۇناسىۋەتلىك بەزى تەركىبلەر تەسۋىرلىنىپ،  ئېلاننىڭ تىلىنى بېيىتىپ كەلگەن. مەسىلەن:

(14)  ھايات بەئەينى بىر ئۇزاق يول، مەن بۇ يولنىڭ يولۇچىسىمەن. (رادىئو ئېلانىدىن)

 (15)چوغدەك لەۋلىرىڭىز ئارقىلىق نازاكىتىڭىزنى تېخمۇ نامايەن قىلغۇڭىز بارمۇ؟(رادىئو ئېلانىدىن)

شوخلا جەۋھىرىدىن ئىشلەنگەن دىلچىن لەۋ سۇرۇقى لەۋنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ ۋە قۇۋۋەتلەپ …..

يۇقىرقىلاردا مىسال (14) تە ئەسلى تەسۋىرلەنمەكچى بولغان « ئەلشىر ئاياقلىرى» ئوخشالغۇچى قىلىنماي بەلكى «ھايات» تىن ئىبارەت ئابىستىراكىت ئۇقۇم «ئۇزاق يول» غا ئوخشىتىلغان. ھەمدە يۇشۇرۇن ھالدا مۇشۇ «ئۇزاق يول» دا «ئەلشىر ئاياقلىرى» سىزگە ھەمرا بولىدۇ دېگەندەك ئىدىيىنى ئالغا سۈرگەن. مىسال (15)تە بولسا، تەسۋىرلەنمەكچى بولغان مەھسۇلات «دىلچىن » لەۋسۇرۇقى ئەمەس، بەلكى قۇبۇل قىلغۇچىنىڭ «لەۋ» ى «چوغ»قا ئوخشىتىلغان.

2) يۇشۇرۇن ئوخشىتىش

 يۇشۇرۇن ئوخشىتىش ئېنىق ئوخشىتىشقا قارىغاندا، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان ئوخشىتىش شەكلى بولۇپ، ئوخشالغۇچىسى بىلەن ئوخشىغۇچىسى تەڭ كۆرۈلسىمۇ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئوخشىتىلىش مۇناسىۋىتى ئېنىق ئىپادىلەنمەيدىغان ئوخشىتىش شەكلىدۇر.

يۇشۇرۇن ئوخشىتىشتا ئوخشىتىش سۆز قوشۇمچىلىرى بولمايدۇ، ئوخشىتىلىش مۇناسىۋەتلىرى بىر قەدەر يۇشۇرۇن بولۇپ، ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچى شەكىل جەھەتتىن تەڭ باراۋەرلىك مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئوخشاشلىق نوقتىسى كۆرسىتىلمەيدۇ. يۇشۇرۇن ئوخشىتىش ئىخچام، مېغىزلىق بولۇپ، تىلغا ئويناق ۋە يېڭىچە تۈس بېرىدىغىنى ئۈچۈن مەيلى ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولسۇن ياكى باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەردە بولسۇن ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدۇ.

     كىشىلەرنى ئۆزىگە ئوڭاي جەلپ قىلالايدىغانلىقى، ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەنىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلىقى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن يۇشۇرۇن ئوخشىتىش ئۇيغۇرچە ئېلانلاردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئوخشىتىش شەكلىدۇر. مەسىلەن:

(16) ئۆسۈملۈك ياغلىرىنىڭ پادىشاھى- زەيتۇن يېغى. (رادىئو ئېلانىدىن)

(17) ساغلاملىق ئەڭگۈشتىرى- يېڭى ئەۋلات سالامەت شىپالىق تالقىنى. (ژورنال ئېلانىدىن)

(18) شىپاھى كارامەت، قوۋۋەت غەزنىىسى، ۋۇجۈد گۈلشىنىنىڭ بەركەتلىك يامغۇرى ئىخلاس فېرىما دوستلارغا ئەڭ ياخشى سوۋغا. (تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن)

(19) ئەتلەس- ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ يارقىن يۇلتۇزى.  (تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن)

يۇقىرقىلاردا مىسال (16) دە «زەيتۇن يېغى» ئۆسۈملۈك ياغلىرىنىڭ «پادىشاھ» ىغا تەڭلەشتۈرۈلۈپ، بۇ خىل ياغنىڭ مۇشۇ تۈردىكى ياغلار ئىچىدە ئەڭ ئالىي ياغ ئىكەنلىكىنى؛ مىسال (17) دە يېڭى ئەۋلات سالامەت شىپالىق تالقىنىنىڭ خۇددى چۆچەكلىرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھاجىتىددىن چىقالايدىغان «ئەڭگۈشتەر» گە ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ كېسەل ئاسارىتىدىن قۇتۇلشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى؛ مىسال (18) دە ئىخلاس فېرىما ئارقا-ئارقىدىن «شىپاھى كارامەت»،« قوۋۋەت غەزنىنىسى»، « ۋۇجۈد گۈلشىنىنىڭ بەركەتلىك يامغۇرى» غا تەڭلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ بىر خىل ئالىي فىرىما ئىكەنلىكىنى؛ مىسال (19) دا «ئېلچى» يۈرۈشلۈك كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى بولغان «ئەتلەس» ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاسمىنىدىكى « يۇلتۇز» بىلەن تەڭلەشتۈرلۈپ، ئۇنىڭ ھەم ئەنئەنىۋىلىكى، ھەم باشقا رەختلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى يۇشۇرۇن ئوخشىتىشنىڭ قوللىنىلىش يوللىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

(1) مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى بىۋاستە مەلۇم شەيئىي، مەلۇم ئۇقۇملارغا تەڭلەشتۈرلۈش ئارقىلىق، شۇخىل مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مەسىلەن:

(20) بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە مىزان ماركىلىق بىر يۈرۈش پەشمەتلەر- داستىخاننىڭ گۈلى، مېھماننىڭ ھۆرمىتى. (تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن)

(21) خىسلەت ماركىلىق قارا خېنە چېچىڭىزنىڭ ئەڭگۈشتىرى. (رادىئو ئېلانىدىن)

(22) تەبىئەت سوۋغىسى – ئىدىرىس قايماقلىرى. (رادىئو ئېلانىدىن)

(23) ئېزگۈ تىلەكلەرنىڭ جارچىسى، توي مەرىكىڭىزنىڭ يارىششىقى-ئىخلاس كەمپۈتلىرى. (تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن)

يۇقىرقى مىساللاردا «مىزان پەشمەتلىرى»، «خسلەت ماركىلىق قارا خېنە»، «ئىدىرىس قايماقلىرى» ۋە «ئىخلاس كەمپۈتلىرى» ئايرىم-ئايرىم ھالدا «داستىخاننىڭ گۈلى»، «ئەڭگۈشتەر»، «تەبىئەت سوۋغىسى» ۋە« تىلەكلەرنىڭ جارچىسى» بىلەن تەڭلەشتۈرۈش ئارقىلىق،  ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ كۆرسىتىلگەن.

   (2) مەلۇم بىر مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلەتكەن خام ماتىرىياللار يۇشۇرۇن ئوخشىتىش يولى بىلەن ئىپادىلىنىپ، شۇخىل مەھسۇلاتنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، ئېسىللىقى، خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەر ۋاستىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بېرىلگەن. مەسىلەن:

(24)ــــ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، بۇ سىزگە قىلغان سوۋغۇتۇم.

ــــ  ئىدىرىس ماركىلىق جىگدە گۈلچېڭى؟ ھۆسۈن تۈزەيدىغان يىمەكلىككەنغۇ؟

ــــ جىگدە گۈلچېڭى تەبىئىي يىمەكلىكلەرنىڭ شاھى دەپ ئاتىلىدۇ……(رادىئو ئېلانىدىن)

(25) يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى بىلەن يۇرتىمىز مىۋە-چىۋىلىرىنىڭ گۈلتاجى- ئانار، بادام، چىلان، ياڭاق، قارائۆرۈك قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىش ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ مەھسۇلاتلار(گۆھەر زىمىن ئىچىملىكلىرى)…..مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، تۇتىۋىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، يۈرەكنى ياشارتىش، قاننى ساپلاشتۇرۇش، روھنى ئۇرغۇتىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.(رادىئو ئېلانىدىن)

   يۇقىرقىلاردا مىسال (24) تە مەزكۈر مەھسۇلاتنىڭ خام ئەشياسى جىگدە گۈل چېڭى «تەبىئىي يىمەكلىكلەرنىڭ شاھى» غا، مىسال (25) تە «گۆھەر زىمىن ئىچىملىكلىرى»نىڭ خام ئەشيالىرى مىۋە-چىۋىلەرنىڭ «گۈلتاجى» غا تەڭلەشتۈرۈلگەن. دىمەك، خام ئەشياسى « تەبىئىي يىمەكلىكلەرنىڭ شاھى» ۋە « مىۋە-چىۋىلەرنىڭ گۈلتاجى»دىن بولغان مەھسۇلاتلار ئەلۋەتتە سۈپەت، ئىناۋەت، ئۈنۈم جەھەتلەردە ئالدىنقى قاتاردىكى مەھسۇلاتلار بولۇشقا مۇناسىپتۇر.

(3) مەلۇم ئورۇن، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ بازار رىقابىتىدىكى ئورنى، ئىناۋىتى، دەرىجىسى قاتارلىق تەرەپلەر كۆرسىتىپ بېرىلگەن. مەسىلەن:

(26) 2002-يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىكى چولپان كارخانا- شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتى ئىشلەپچىقارغان زەپە خۇشروھ ئىچىملىكى روھنى ئۇرغۇتۇش، بەدەننى كۆچلەندۈرۈش، قاننى ياخشىلاپ چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە. (رادىئو ئېلانىدىن)

(27) مائارىپ بەيگىسىدىكى جەسۇر تۇلپار- ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۇلتاش تىل تەربىيلەش مەركىزى. (ئېلان ۋاراقچىسىدىن)

(28)خىيالىڭزدىكى جەننەت- ئەلقۇت سارىيى. (ئېلان ۋاراقچىسىدىن)

(29) ھاياتلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى- پامىر ئىسسىق بۇلاق. (ژورنال ئېلانىدىن)

يۇقىرقىلاردا مىسال (26) دە ئامىنە شېركىتىڭ كارخانىلار ئىچىدىكى ئورنى ئاسماندا چاقناپ تۇرىدىغان نۇرلۇق يۇلتۇز «چولپان» غا؛ مىسال (27) دە «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۇلتاش تىل تەربىيلەش مەركىزى» نىڭ باشقا مەركەزلەرگە قارىغاندا ھەر جەھەتتىن ئۈستۈلۈككە ئىگە ئىكەنلىكى، بەيگىلەردە ئالدىدا چاپىدىغان« تۇلپار»غا؛ مىسال (28) دە « ئەلقۇت سارىيى» نىڭ موھىت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە ئىكەنلىكى، كىشىلەر ئەڭ گۈزەل دەپ تەسەۋۇر قىلىدىغان «جەننەت»كە؛ مىسال (29) دا داۋالاش خاسىيىتىگە ئىگە «پامىر ئىسسىق بۇلاق» كىشىلەر سالامەتلىكىنىڭ «قوغدىغۇچىسى» غا تەڭلەشتۈرۈلگەن. يۇقىرقىلارنىڭ يۇشۇرۇن ئوخشىتىش يولى بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلىنىشى، مۇشۇ ئورۇن ياكى كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغارنلىقىنى، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك، سۈپەتلىك، پايدىلىق؛ تەمىنلىگەن مۇلازىمىتىنىڭ ئەتىراپلىق، پۇختا ئىكەنلىكىنى؛ كەسپىي دائىرسى ئىچىدە ئاللىبۇرۇن مۇئەييەن نەتىجە قازىنىپ، باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇ كارخانا ياكى ئورۇنلارنىڭ كىشىلەر نەزىرىدىكى ياخشى ئوبرازىنىڭ تىكىلىنىشىگە پايدىلىق.

(4) مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى، پايدىلىق تەرىپى، خۇسۇسيىتى قاتارلىقلار يۇشۇرۇن ئوخشىتىش شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. بۇ خىل ئىپادىلىنىش كىشىلەرنىڭ شۇ خىل مەھسۇلات ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

مەسىلەن:

(30) ئۇدۇن يۈرۈشلۈك چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى چېچىڭىزنىڭ ھەقىقىي قوغدىغۇچىسى. (رادىئو ئېلانىدىن)

(31) شىنجاڭ بازار يىتەكچىسى گېزىتى مەۋقەنى بازارغا قويۇپ، جەمىيەتكە يۈزلىنىپ ئىستىمالچىلار ۋە تىجارەتچىلەر ئۈچۈن مۇلازىملىق قىلىدۇ. سىزنى ساغلام ئىستىمال يولىغا يىتەكلەپ، ئىزدىنىشىڭىزگە كومپاس بولالايدۇ. (گېزىت ئېلانىدىن)

(32) سىز ساغلام، يۇمىران تېرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ياكى شۇ ساغلام گۈزەل تېرىڭىزنى مەڭگۈ ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز، دانىخورەكنىڭ ئەجەللىك دۈشمىنى «چىن نۇرى يۇز يۇيۇش مەلھىمى» بىلەن «دانىخورەك مېيى»نى ئىشلىتىڭ. (ژورنال ئېلانىدىن)

يۇقىرقىلاردا مىسال (30) دا « ئۇدۇن يۈرۈشلۈك چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى»نىڭ چاچنى ھەر جەھەتتىن ئاسىراپ ۋە قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى، ئوبرازلىق ھالدا كىشلەرنى خېيىم-خەتەر ۋە قىيىن ئەھۋاللاردىن خالاس قىلغۇچى «قوغدىغۇچى»غا تەڭلەشتۈرۈلگەن. مىسال(31) دە « شىنجاڭ بازار يىتەكچىسى گېزىتى » نىڭ ئىستىمالچىلارنى ساغلام ئىستىمال يولىغا باشلاپ ماڭالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاساسى مۇلازىمەت نىشانى، سەپەرلەردە كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى ئەسۋاپ «كومپاس» قا تەڭلەشتۈرۈلگەن. مىسال (32) دە « چىن نۇرى يۇز يۇيۇش مەلھىمى» بىلەن «دانىخورەك مېيى» نىڭ كىشىلەرنىڭ گۈزەللىكىگە نوقسان يەتكۈزىۋاتقان دانىخورەكنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى، ئوبرازلىق ھالدا «ئەجەللىك دۈشمەن» تەرىقىسىدە تەسۋىرلەنگەن .

(5) بەزى ئەھۋاللاردا ھېچقانداق مەھسۇلات، مۇلازىمەت ياكى كارخانىنى تەسۋىرلىمەي، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى تەسۋىرلەپ، ئېلان تىلىنى بىيىتىش رولىنى ئوينىغان. مەسىلەن:

(33) 26 يىللىق نەشىر قەدىمىنى بېسىپ ئۆتكەن بۇ ئانا ژورنال كونا دوستلارغا بولغان سەمىمىيەتلىكىنى ئۇنۇتماي، يېڭى دوستلارغا دوستلۇق ئالقىنىنى كەڭ ئاچىدۇ.(ژورنال ئېلانىدىن)

(34) يۈز ئىنسان گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان سىھىرلىك ئەينەك. بۇ سىھىرلىك ئەينەكنى مەڭگۈ جۇلالاندۇرۇپ، كۆزلەرنى قاماشتۇراي دېسىڭىز «چىن نۇرى يۈزلىكى» دىن ئايرىلماڭ. (رادىئو ئېلانىدىن)

(35) ئەگەر سىزدە ئۈمىد شامىنىڭ تەقدىر شامىلى تۈپەيلى ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان سىتودېنتلىرىمىزغا ياردەم قىلىشقا بولغان  ئىرادە بولسا ۋە ياكى بۇنى ۋىجدانى بۇرچىڭىز دەپ ھېساپلىسىڭىز، بۇ پائالىيەتكە (نامىرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ناخشا كىچىلىكى پائالىيىتى) ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىڭ. (ئېلان ۋاراقچىسىدىن)

    يۇقىرقىلاردا مىسال (33) تە ئوخشالغۇچى قىلىپ تاللىۋىلىنىغىنى « ئىلى دەرياسى» ژورنىلى بولماستىن، بەلكى ژورنالنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە بولغان سەمىمىي پوزىتسىيىسى «دوستلۇق ئالقىنى» دېگەن ئوخشىتىش شەكلى بىلەن ئىپادە قىلىنغان. مىسال (34) تە چىن نۇرى يۈزلۈكى ئەمەس، بەلكى قۇبۇل قىلغۇچى ئوبىكىتنىڭ يۈزى «سىھىرلىك ئەينەك»كە تەڭلەشتۈرۈلگەن. مىسال (35) تە مەزكۇر پائالىيەت ئەمەس، شۇ پائالىيەتتە ياردەم بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى تەسۋىرلەنگەن.

 3) ۋەكىللىك ئوخشىتىش

 ئوخشالغۇچىسى كۆرۈنمەيدىغان، ئوخشىغۇچىسى ئوخشالغۇچىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوخشىتىش شەكلى ۋەكىللىك ئوخشىتىش دەپ ئاتىلىدۇ. ۋەكىللىك ئوخشىتىش يۇشۇرۇن ئوخشىتىشقا قارىغاندا يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ئوخشىتىش بولۇپ، ئۇنىڭدا پەقەت ئوخشىغۇچى شەيئىلا كۆرۈنۈپ ئوخشالغۇچى شەيئى كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما تەسەۋۇرغا تايىنىپ تىلغا ئېلىنغان ئوخشىغۇچىدىن ئوخشالغۇچىنى ئاڭقىرۋالغىلى بولىدۇ.

ۋەكىللىك ئوخشىتىش شەكلى باشقا ئوخشىتىش شەكىللىرىگە قارىغاندا، بىر قەدەر چوڭقۇرلۇقنى تەلەپ قىلىدىغان ئوخشىتىش شەكلى بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئېلانلاردا بۇ خىل ئوخشىتىش شەكلىنىڭ يەنىلا خېلى كۆپ ھەم جايدا قوللىنىلغانلىقىنى بايقايمىز. ۋەكىللىك ئوخشىتىش شەكلىنى ئىلان تىلىدا قوللانغاندا ئوخشالغۇچى مەھسۇلات، ئورۇن، ياكى كارخانا بىۋاستە كۆرۈنمەيدۇ، بەلكى ئوخشىغۇچى قىلىپ تاللىۋىلىنغان شەيئىلا كۆرىنىپ ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن:

(36) سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز + ئەلا مۇلازىمىتىمىز = پەرىشتىلەرنىڭ گۈزەل كەلگۈسى.(ئېلان ۋاراقچىسىدىن)

(37) بۇ ژورنال (شىنجاڭ ياشلىرى) مەزمۇن يېقىدىن رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ئېچىلغان بىر باغچا بولۇپ، بۇ باغچىدىن ھەركىم ئۆزى خالىغان گۈلنى تاپالايدۇ ۋە ھۇزۇر ئالالايدۇ.(ژورنال ئېلانىدىن) 

(38)        ئىچسەڭ ئەگەر شەربەتنى جان ھۇرۇرى زەم-زەم بۇ،

                     ماكان كۆركى ئانا يۇرتنىڭ پەخرى، نامى، شانى ئۇ. (رادىئو ئېلانىدىن)

(39)          تۆت خىل يېزىقتا چىقار پارتىيە گېزىتى،

                      بالا گېزىتى، ژورناللىرى كۆركەم ھەم پەيزى. (گېزىت ئېلانىدىن)

(40) ئالتۇن دېلتىدىن بىر كىشلىك ئورۇن ئىگەللىسىڭىز بېيىش يولىنى تاپقان بولىسىز. (گېزىت ئېلانىدىن)

يۇقىرقىلاردا مىسال (36) مەلۇم بالىلار باغچىسىنىڭ ئېلانى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوخشالغۇچى بالىلار كۆرۈنمەستىن، بىۋاستە ھالدا ئوخشىغۇچى «پەرىشتە» ئوتتۇرغا چىقىرىلغان. مىسال (37) دە شىنجاڭ ياشلىرىدا ئېلان قىلىنغان نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئۆزى كۆرۈنمەستىن، ئوخشىغۇچى «گۈل» ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلغان. مىسال (38) دە گۆھەر زىمىن ئىچىملىكلىرى مەككىدىكى ئىلاھى بۇلاقتىن چىقىدىغان، كىشىلەر شىپالىق دەپ بىلىدىغان سۇ «زەم-زەم» گە ئوخشىتىلغان ھەم ۋەكىللىك قىلدۇرۇلغان. مىسال (39) دە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ يەنە بىر تارماق گېزىتى پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى كۆرۈنمەستىن،  ئۇ ئوبرازلىق ھالدا «بالا گېزىت» دېگەن نامدا ئوتتۇرغا چىققان. مىسال (40) تا دۆڭكۆۋرۈكتىن ئىبارەت ئاۋات سودا رايۇنى «ئالتۇن دېلتا» غا ئوخشىتىلغان.

ۋەكىللىك ئوخشىتىشنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بىز دەسلەپتە كۆرسىتپ ئۆتكەندەك ئوخشالغۇچى كۆرۈنمەيدۇ، ئوخشىغۇچى ئوخشالغۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئادەتتە ماقالە ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ۋەكىللىك ئوخشىتىشنى ئوقۇرمەن ئەينى بىر كونتېكىستقا قاراپ ئۇنىڭ ئوخشالغۇچىسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلىپ بىلەلەيدۇ. ئەمما ئېلان تىلىدىكى ۋەكىللىك ئوخشىتىشنىڭ ئەھۋالى يۇقىرقى ژانىرلارنىڭ ئەھۋالىدىن قىسمەن پەرقلىندۇ. يەنى، ئېلان ئىجادىيىتىدە ئىجادىيەتچى ئېلان تېكىستىدە ئوخشالغۇچى شەيئىنىڭ قانداق شەيئى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بېرىدۇ. ناۋادا ئېلان تېكىستى ئىچىدە ئىزاھات بېرىلمىگەندە، ئەڭ ئاخىردا بولسىمۇ مەھسۇلات نامىنى ئاتاپ ئەسكەرتىپ قويىدۇ. بولمىسا كىشىلەر ئوخشالغۇچى شەيئىنىڭ نىمە شەيئى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ تاپالىشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئوخشالغۇچىسى نامەلۇم بولغان ئېلاننىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمىمۇ ئانچە ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى كىشىلەر ئەڭ ئاۋال تەشۋىق قىلىنغان مەھسۇلاتنىڭ نىمە مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم. مەسىلەن:

(41) يۈرەكلەردىكى يالقۇنجىغان ئىستەكلەر ھارغىنلىق ئىچىدە يەنە كامال تاپتى. بىزنىڭ شاتلىقىمىز پەقەت ۋە پەقەت چاڭقىغان دىللارغا ھۇزۇر ئاتا قىلغۇچى ھاياتى شەربەت بىلەن داۋام ئەتكۈسى. (تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن)

 (42) بولدىلا بىز مۇراببالارنىڭ شاھىنى يىدۇق. (رادىئو ئېلانىدىن)

يۇقىرقىلاردا مىسال (41) دە كۆزدە تۇتۇلغان «ھاياتى شەربەت» ئامىنە قارىقات شەربىتى بولۇپ، بۇ يەردە مەزكۇر مەھسۇلات ئوخشالغۇچىسى بىلەن بىرگە ئوتتۇرغا چىقمىغان بەلكى ئەڭ ئاخىردا ئېلان تېكىستىنى ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن ياندىن ئەسكەرتىپ قويۇلغان. مىسال (42) دە پۈتۈن ئېلان تېكىستى دىئالوگ شەكىلدە بېرىلگەن بولۇپ، بىر قانچە بالىنىڭ مۇراببانى تالىشىپ يەۋاتقان چاغدىكى گەپ سۆزلىرى بېرىلىدۇ، «ئىزچىلار مۇرابباسى» دېگەن نام تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەمما ئاخىردا يان تەرەپتىن «ئىزچىلار مۇرابباسى» دېگەن ئاۋاز بېرىلىدۇ.

بۇ يەردە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نوقتا، بىزنىڭ ئېلاندا ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشىمىز مەلۇم مەھسۇلات ياكى تاۋارنى ئىستىمالچىلار ئالدىدا تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، مەھسۇلات نامىنى ئەستە ساقلىۋىلىشىغا ياردەم بېرىش، ھەرگىزمۇ يۇشۇرۇش ياكى قەستەن سۆز ئوينىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئەمەس. شۇڭىلاشقا ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغاندا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك تەشۋىق قىلىنماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ نىمىلىكىنى كىشىلەرگە بىلدۈرگەن ئاساستا قوللىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

2.ئۇيغۇر ئېلانلىرىدىكى ئوخشىتىشنىڭ قوشۇمچە تۈرلىرى

يۇقىرىدا بىز ئۇيغۇرچە ئېلانلاردا ئىشلىتىلگەن ئوخشىتىشنىڭ ئاساسى تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتۈق. ئوخشىتىشلارنى كۈزىتىشتىكى، تۈرگە بۆلۈشتىكى ئۆلچەملەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شاخلانما تۈرلىرى بارلىققا كەلگەن. بۇلار ئاساسەن ئوخشىتىشلارنىڭ ئوخشىمىغان نۇتۇق شارائىتىدىكى ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق مەقسەتلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. تۆۋەندە بىز ئەمىلىي مىساللار ئاساسىدا ئۇيغۇرچە ئېلانلاردا بىر قەدەر كۆپ ئشلىتىلگەن شاخلانما تۈرلەردىن كۆپ ئوخشىتىش ۋە ئىنكار ئوخشىتىش بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

1) كۆپ ئوخشىتىش

بىر ئوخشالغۇچىنى ياكى ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىنى ئوخشىمىغان نوقتىدىن بىر نەچچە ئوخشىغۇچى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى كۆپ ئوخشىتىش دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېلانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كۆپ ئوخشىتىش ئۇسۇلى مەلۇم خىل مەھسۇلات، كارخانا ياكى ئورۇننى ئوخشاش بولمىغان تۇرغۇدىن كۈچەيتىپ، تەكىتلەپ، گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان بىر خىل شەكىلدىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇنىڭدا بىر مەھسۇلات ياكى ماركا ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە ئوخشىغۇچى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، شۇڭا،كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش، جەلىپ قىلىش كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن:

 (43) ئەرلىك ساغلاملىقىنىڭ كۆۋرۈكى، ئاياللىق سۈپىتىنىڭ كاپالىتى، مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى- بۇغدا دوختۇرخانىسى. (تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن)

(44) مۇۋاپىقىيىتىڭىزنىڭ كاپالىتى، سۆز ئىبارىلەر دېڭىزى، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ جىددى تەققازاسى، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتىكى يېقىن ھەمراھ، ئىلىم كۆكىدىكى پەرۋازىڭىزغا قانات ئېرپان ئىلكتىرۇن لۇغەتلىرى. (ژورنال ئېلانىدىن)

(45) چاچلىرىڭ مەجنۇنتېلى، كىرپىكلىرىڭ ئوقياسىمان؛

      سەن ئۈزۈڭ ئاينىڭ خىلى، زەپ ياراشقان ئايسىمان.   (رادىئو ئېلانىدىن)

(46) كۆپ يىللاردىن بۇيان سىز بىلەن سەمىمىي دوستلىشىپ، دوستلاشقاندىن كىيىن قىزغىن سىردىشىپ كېلىۋاتقان «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلى قۇمۇل تاغلىرىغا ئوخشاش بەردەملىكى، بوستانلىقتىكى باغلىرىغا ئوخشاش ئۆزگىچە گۈزەللىكى بىلەن، شۇنداقلا مىللي ئەدەبىياتىمىزنىڭ باغچىسىدا ئېچىلغان بىر گۈل سۈپىتىدە خۇشپۇراق چېچىپ، قۇمۇلنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ئۆزگىچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشىمىزدىكى ئالتۇن كۆزنەك بولۇپ كەلدى. (ژورنال ئېلانىدىن)

(47) ئامىنە ماركىلىق بىر يۇرۇش تەييار چۆپلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا سەمىمىي دوستىڭىز، ھاياتلىقنىڭ ئۇزۇن سەپىرىدە سادىق ھەمراھىڭىز. (رادىئو ئېلانىدىن)

يۇقىرقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، مىسال (43) تە «بۇغدا دوختۇرخانىسى» بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ ئوخشىغۇچى ئارقىلىق تەسۋىرلىنىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت دائىرسى، داۋالاش ساھەسىدىكى ئالاھىدە تەرىپى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. مىسال (44) تە «ئېرپان لۇغىتى» بەش ئوخشىغۇچى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تىل ئۆگىتىشتىكى ئىقتىدارلىرى جانلىق ھالدا تونۇشتۇرۇپ بېرىلگەن. مىسال (45) تە «ئايسىمان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى»نى ئىشلەتكۈچىنىڭ«چاچ، كىرپىك، يۈز»لىرىنىڭ گۈزەللىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا « مەجنۇنتال، ئوقيا، ئاي» غا ئوخشىتىلغان بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئۈچ جەھەتتىكى ئالاھىدە تەرىپىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. ئەمىلىيەتتە ۋاستىلىك ھالدا « ئايسىمان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى» نى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. مىسال (46) دە «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلى دەسلەپتە ئىككى ئېنىق ئوخشىتىش ئارقىلىق، كىيىن يەنە ئىككى يۇشۇرۇن ئوخشىتىش شەكلى بىلەن تەسۋىرلىنىپ ئۇنىڭ قۇمۇلنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىدىغان، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەدەبىي ژورنال ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. مىسال (47) دە «ئامىنە تەييار چۆپلىرى» كىشىلەرنىڭ «سەمىمىي دوستى»، «سادىق ھەمراھى» غا تەڭلەشتۈرلۈپ ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى رولى تەكىتلەنگەن.

2) ئىنكار ئوخشىتىش

ئوخشالغۇچىسى بىلەن ئوخشىغۇچىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان شەيئىلەردىن تۈزۈلگەن، ئوخشالغۇچىنى ئەكىس تەرەپتىن ئوخشىتىش ئارقىلىق تەستىقلايدىغان، ئىنكار جۈملە شەكىلدىكى ئوخشىتىش ئۇسۇلى ئىنكار ئوخشىتىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئوخشىتىش ئۇسۇلى شەيئىلەرنى ئەكىس تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئوخشالغۇچىنى تەكىتلەش، گەۋدىلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن:

(48) ئۇلتاشلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى گرامماتىكا ھەرگىزمۇ مىخانىك ھالدا سېستىمىلىق تىزىپ قويۇلدىغان ئەسكى تامنىڭ كېسەكلىرى ئەمەس، بەلكى تىلنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىدىن ئىبارەت. (ئېلان ۋاراقچىسىدىن)

(49) ئاقكۆڭۈل كىتاپخانلىرىمىزنىڭ ئايىقى ئاستىدىكى داغدام يول بولالمىساقمۇ، چىغىر يول بولۇشنى كېچەيۇ-كۈندۈز ئويلىدۇق. (ژورنال ئېلانىدىن)

(50) ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنى بىلىدىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بىر تىلنى باشتىن باشلاپ ئۆگىنىپ ئىككى ئايدىلا مەقسەتنى ئىپادىلىيەلىگۈدەك بولىشى ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس. (ئېلان ۋاراقچىسىدىن)

يۇقىرقىلاردا مىسال (48) دە بىر تىلنىڭ گرامماتىكىسىنىڭ مۇنداقلا تىزىپ قويسا بولىۋىرىدىغان «ئەسكى تامنىڭ كېسەكلىرى» گە ئوخشايدىغانلىقى ئىنكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئادەتتكى نەرسە بولماستىن، خېلى كۈچ سەرپ قىلغاندا ئىگەللىگىلى بولىدىغان قائىدە-قانۇنىيەت ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. مىسال (49) دا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ژورنىلىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىش ئۈچۈن، ئۇزۇندىن بۇيان زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئىنكار ئوخشىتىش شەكلىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىپادىلەپ بېرىلگەن. مىسال (50) تە تىل ئۆگەنگەندە نورمال ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە بولسىلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  خېلى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنىڭ خىيالى نەرسە ئىكەنلىكى ئىنكار قىلىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنسىلا ئۇنى ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

3. ئوخشىتىشنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى ئىستىلىستىكىلىق رولى

     ئوخشىتىشلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى ئىستىلىستىكىلىق رولىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كۆرسىتپ بېرىشكە بولىدۇ:

1) ناتونۇش شەيئىلەرنى تونۇش شەيئىلەرگە ئايلاندۇرۇش

 ئوخشىتىشنىڭ ئېلاندىكى ئەڭ موھىم رولى، ئۇنىڭ ناتۇنۇش بولغان مەھسۇلات، مۇلازىمەت ياكى ھەر خىل مەھسۇلاتلارنىڭ خاراكتىرى، خۇسۇسىيىتى، ئىقتىدارى، ئىشلەپچىقارغۇچىسى، قۇبۇل قىلغۇچىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئوبرازلىق ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلىگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.

نۆۋەتتە پەن-تېخنىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭىچە مۇلازىمەت شەكىللىرى بارلىققا كېلىپ، كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ موھىم بىر قىسمىغا ئايلانماقتا. بۇ خىل مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلەر بازارغا كىرگەندىن كىيىن، ئەڭ ئاۋال ئىستىمالچىلار ئۇنى تونۇشى، بىلىشى، چۈشىنىشى لازىم. بۇ ئېلان ئىجادىيەتچىسىدىن تىلنىڭ كونكىرىت، ئوبرازلىق بولۇشىنى، مەھسۇلاتلارنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق ھالدا نامايەن قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوخشىتىش ماھىيىتى ئوخشىمايدىغان ئىككى شەيئىنىڭ مەلۇم  ئوخشاشلىقىدىن پايدىلىنىپ پىكىر ئوبىكتى بولغان شەيئىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە بولغاچقا، ئېلان تىلىنىڭ بۇ خىل ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا تازا ماس كېلىدۇ. مەسلەن:

(51) جان قوزام، ئاپپاق سۈتۈمنىڭ لەززىتى ۋە قۇۋۋىتىگە تەڭداش بۇ بۇلماقنى ساڭا تەييارلىدىم. يىگىن، بۇلماقتەك تاتلىق تىللىرىڭ چىقسۇن، جىسمىڭغا ئارسلاندەك كۈچ-قۇۋۋەت تولسۇن. ئىخلاس بوۋاقلار قۇۋۋەت بۇلمىقى.(رادىئو ئېلانىدىن)

(52) جاھان ئەينىكى- پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى مۇشتىرى بولۇشىڭىزنى كۈتىدۇ.(گېزىت ئېلانىدىن)

(53) «كۈنچېچەك» خانىملار تابلىتكىسىنىڭ ئاچا-سىڭىل مەھسۇلاتى- «كۈنچېچەك سۇيۇقلۇقى» ۋە «كۈنچېچەك مەلھىمى» ئىپار شىركىتىنىڭ بارلىق ئاياللارغا سۇنغان يەنە بىر سوۋغىسى.(ژورنال ئېلانىدىن)

يۇقىرقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، مىسال (51) دە گەرچە قۇبۇل قىلغۇچى ئوبىكىت تەسۋىرلەنگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە«ئىخلاس بوۋاقلار قۇۋۋەت بۇلمىقى» نىڭ ئىقتىدارى گەۋدىلەندۈرلگەن. مىسال (52) دە پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى «جاھان ئەينىكى» گە تەڭلەشتۈرلۈپ، ئۇنىڭ ئاساسلىقى خەلقئارادىكى چوڭ-چوڭ ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى ئوبرازلىق ھالدا نامايەن قىلىنغان. مىسال (53) دە ئىپار شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «كۈنچېچەك» ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىدىن ئشلەپچىقىرىلغان تۈرلىرى «ئاچا-سىڭىل» لار مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىلىپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ناۋادا يۇقىرقىلاردا ئوخشىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلانماي، ئادەتتىكىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلسا، بەلكىم بۇ مەھسۇلاتلار ھەققىدە پەقەت مەلۇم مىقداردىكى ئۇچۇرلارنىلا يەتكۈزۈپ بېرىش مومكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى تۇلۇق كۆرسىتىپ بېرىش ناتايىن.

2) ئاددىي ياكى جانسىز كەيپىياتنى قايناق، جانلىق تۈسكە كىرگۈزۈش

ئوخشىتىشلار كىشىلەرگە بىر خىل يېڭىلىق تۇيغۇسى بېغىشلىيالايدۇ. ئادەتتە كىشىلەر مەيلى كىتاپ ئوقۇغاندا بولسۇن ياكى نۇتۇق ئاڭلىغاندا بولسۇن ھامان سۆز-جۈملىلەرنىڭ قىزىقارلىق، يېڭى، جانلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئېلانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر ئىشلىتىلىش قىممىتى بار مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارى بولىدۇ. ئەگەر ئېلان ئىجادىيەتچىسى مەھسۇلاتلارنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكىنى ئادەتتىكىچە ئىپادىلەپ قويسا، شۇ مەھسۇلاتنىڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىشى، كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قېلىشىغا تەسىر يىتىدۇ. ناۋادا ئوخشىتىش ئۇسۇلىدىن مۇۋاپىق دەرىجىدە پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىنى ئوبرازلىق ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلىسە، بۇ خىل ئىپادىلەش كىشىلەرگە بىر خىل يېڭىلىق تۇيغۇسى بېغىشلاپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى جەلىپ قىلالايدۇ. مەسىلەن:

(54) بالىلارنىڭ كۆپكۆك ئاسمىنى تارىم غۇنچىلىرى. (ژورنال ئېلانىدىن)

(55) ئامىنە ماركىلىق يۇرۇشلۈك ساغلاملىق يىمەكلىرى ھاياتلىق سەپىرىدىكى سادىق ھەمراھىڭىز. (رادىئو ئېلانىدىن)

يۇقىرقىلاردا مىسال (54) تە «تارىم غۇنچىلىرى» نىڭ بالىلارنى ساغلام ئەقىل ۋە ئىلمىي موھىت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق بالىلار ئەركىن نەپەس ئالىدىغان «ئاسمان» بەرپا قىلىغانلىقىنى قىسقا، ئىخچام شەكىلدىن پايدىلىنىپ ئىپادىلەپ بەرگەن. مىسال (55) تە «ئامىنە ماركىلىق يۇرۇشلۈك ساغلاملىق يىمەكلىرى» نىڭ كىشىلەر سالامەتلىكىگە پايدىلىقلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى «سادىق ھەمرا» غا ئوخشىتىلغان. دېمەك، تەشۋىق قىلىنماقچى بولغان ئوبىكىتلار قۇبۇل قىلغۇچىلار ياقتۇردىغان شەيئىلەرگە تەڭلەشتۈرلۈپ، ھەم ھېسسى تۇسسى قۇيۇق ھەم ئۆزگىچە كەيپىيات ھاسىل قىلىنغان. بۇ ئادەتتىكى ئىپادىلەش شەكلىگە قارىغاندا ئېلان تىلىنىىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرەلىگەن. 

3) ئابىستىراكىت نوقتىلارنى كونكىرىتلاشتۇرۇش

ئېلان بىر تەرەپتىن كونكىرىت مەھسۇلات، مۇلازىمەتلەرنى تەشۋىق قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، بەزى ئابىستىراكىت چۈشەنچىلەرنى مەسىلەن، كارخانا روھى، مۇلازىمەت كۆزقارىشى، پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئېلانلاردا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەزى مەزمۇنلارنى بىۋاستە بايان قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر مەلۇم ئۇسۇلدىن پايدىلانماي تۈپتۈز، ئۇدۇل تەسۋىرلەپ قويۇلسا دەل جايىدا ئىپادىلەشكە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش، قىزىقتۇرشقىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن:

(56) ( ئاي نۇرى مەرۋايىت ئاقارتىش مېيى) رۇخسارىڭىزنى ئاي نۇرىدەك جۇلالاندۇرۇپ، سىزنى ھەقىقى سۆيگۈنىڭ ئالتۇن قەسىرىگە باشلايدۇ. (ژورنال ئېلانىدىن)

مىسال (56) دە « ئاي نۇرى مەرۋايىت ئاقارتىش مېيى » نىڭ ئىقتىدارىنىڭ گەۋدىلىنىشى ئۈچۈن، ياردەم بېرىۋاتقان «سۆيگۈ» دىن ئىبارەت بۇ ئابىستىراكىت ئۇقۇم كىشىلەر كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدىغان، كونكىرىت شەيئى «ئالتۇن قەسىر» گە تەڭلەشتۈرۈلۈپ، سەزگۈمىز بىلەن كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئوبىكتىپ نەرسىگە ئايلاندۇرۇلغان.

   4 .ئوخشىتىشلارنى قوللانغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلار

     ئېلان تىلىدا ئوخشىتىشنى قوللىنىشتىكى مەقسەت، كارخانا ئوبرازى ياكى مەھسۇلات ئوبرازىنى تىكلەش، مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئوبرازلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئىستىمالچىلارنىڭ دىققىتىنى شۇ مەھسۇلات ياكى ئوبىكىتقا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. شۇڭىلاشقا ئېلان تىلىدا ئوخشىتىشتىن پايدىلانغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

1) ئوخشاشلىق نوقتىسى بولۇش

بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئوخشالغۇچى مەھسۇلات ياكى مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدار ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوخشىغۇچى شەيئى-ھادىسلەر ئوتتۇرسىدا جەزمەن مەزمۇن، شەكىل، خۇسۇسىيەت جەھەتلەردە مۇئەييەن دەرىجىدە ئوخشاشلىق بولىشى كېرەك. بۇ بىزنىڭ ئېلان تىلىدا ئوخشىتىشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىزدىكى ئەڭ ئالدىنقى شەرت. مەسىلەن:

(57)     ئىچسەڭ ئەگەر شەربەتنى، جان ھۇزۇرى زەم-زەم بۇ،

                 ماكان كۆركى ئانا يۇرتنىڭ پەخرى نامى شانى ئۇ. (رادىئو ئېلانىدىن)

(58) قەدىمىي دىياردىكى مەرىپەت مەشئىلى- قەشقەر گېزىتى. (گېزىت ئېلانىدىن)

مىسال (57)دە «گۆھەر زىمىن يۈرۈشلۈك ئىچىملىكلىرى» ھەرەمدىن ئېلىپ كېلىنىدىغان «خاسىيەتلىك» سۇ «زەم-زەم» گە ئوخشىتىلغان. خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادى بويىچە ئېيتقاندا، ھەممە كىشى دېگۈدەك «زەم-زەم» سۈيىنىڭ شىپالىق رولى بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. ھەجىگە بارغان ھەرقانداق بىر ھاجى ئۆز يۇرتىدىكىلەرگە ئاتاپ بۇ سۇدىن ئالغاچ كېلىدۇ. ھەممە ئادەم ئۇنى مۇققەددەس بىلىپ ئەتىۋارلاپ ئىچىدۇ.  « گۆھەر زىمىن يۈرۈشلۈك ئىچىملىكلىرى» مۇ يۇرتىمىزنىڭ ئېسىل مىۋە-چىۋىلىرىنى خام ئەشيا قىلىش ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق نۇرغۇن تەرەپلىرى بار. بۇ جەھەتتە ھەر ئىككى شەيئىدە كىشىلەرنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى سالامەتلىكىگە «پايدىلىق» بولۇشتىن ئىبارەت ئوخشاشلىق مەۋجۈت. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇلار ھەر ئىككىسىلا گەرچە رەڭ جەھەتتە پەرقى بولسىمۇ، تۈزىلش جەھەتتىن سۇيۇق جىسىمغا تەۋە. بۇ يەردە ئېلان ئىجادىيەتچىسى ئوخشىغۇچىنى تاللاشتا خەلقىمىزنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا بۇ ئىچىملىكلەرنىڭ شىپالىق رولىنى كىشىلەرگە جانلىق ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇڭا بۇنى دەل جايىدا قوللىنىلغان ئوخشىتىش دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما مىسال (58) دە قەشقەر گېزىتى «مەرىپەت مەشئىلى» بىلەن تەڭلەشتۈرۈلگەن. قەشقەر گېزىتى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرخىل ئەمىر-پەرمانلىرىنى، قانۇن-سىياسەتلىرىنى، يەرلىكتىكى ياخشى ئىش، ئىلغار كىشىلەرنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى «مەرىپەت مەشئىلى» دېگەن ئوخشىتىش كۆپىنچە ھاللاردا ئىلىم-مەرىپەت تارقاتقۇچى كوللىكتىپ ياكى شەخىسلەرنى سۈپەتلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ئوخشىتىش، ئۇنىڭ ماس كېلىدىغان ئورۇنلىرى مەكتەپ، كۈتۈپخانا، كىتاپخانا دېگەندەك ئىلمىي سورۇنلار ياكى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان شەخىسلەردىن ئىبارەت.  گەرچە ئايرىم ھاللاردا قەشقەر گېزىتى كىشىلەرگە مەلۇم نىسبەتتە، مەلۇم دائىردىكى بىلىملەرنى يەتكۈزۈش رولىنى ئوينىسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتىرى ئەمەس. بۇلار ئوتتۇرسىدا ئوخشىتىشنى ھاسىل قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىل مەۋجۈت ئەمەس. شۇڭىلاشقا بۇنى توغرا، دەل جايىدا قوللىنىلغان ئوخشىتىش دېيىشكە بولمايدۇ.

   2) ئىستىمالچىلارغا تونۇش بولۇش.

     ئېلاندا ئوخشىتىشلارنى قوللىنىشىمىزدىكى مەقسەت تىلنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. قانداق بولغاندا ئۈنۈم يۇقىرى بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە تالىلۋىلىنغان ئوخشىغۇچىمىزنى كىشىلەر بىر قاراپلا بىلەلەيدىغان بولسا، نىمە ئارقىلىق نىمىنى گەۋدىلەندۇرىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلالىسا ئاندىن ئۈنۈمدىن سۆز ئاچالايمىز. شۇڭىلاشقا، ئېلاندا ئوخشىغۇچى قىلىپ تاللىۋىلىنغان ئوبىكىتلار جەزمەن تونۇش شەيئىلەر بولۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا ھەرقانچە دەبدەبىلىك ئوخشىتىشلارنى قوللانغان تەقدىردىمۇ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمەيمىز. ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى ئوخشىتىشلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئاساسىي جەھەتتىن تونۇش شەيئىلەرنى ئوخشىغۇچى قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئەمما ئايرىم ئېلانلاردىكى بەزى ئوخشىتىشلارنىڭ ئوخشىغۇچىلىرىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش تەس. مەسىلەن:

(59) قەدىمىي رېتسىپ بويىچە، ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن نەۋرۇز ئائىلە ئىچىملىكى ئىسپرت ياكى خېمىيۋى تەركىبى يوق بولۇپ، ئۇنى ئىچكەندە گويا قەدىمىي دۇنيانىڭ سەلتەنىتىنى سۈمۈرۋاتقاندەك ھېسىياتتا بولىسىز. (ژورنال ئېلانىدىن)

مىسال (59) دا «نەۋرۇز» ئائىلە ئىچىملىكىنى ئىچكەندىن كىيىنكى كىشىدە بولىدىغان تۇيغۇ «قەدىمىي دۇنيانىڭ سەلتەنىتىنى سۈمۈرۈش» كە ئوخشىتىلغان. بۇ ئوخشىتىش قوللىنىش جەھەتتە خاتا بولۇپلا قالماستىن، يەنە تاللىۋىلىنغان ئوخشىغۇچىمۇ ئىنتايىن ئابستىراكىت ھەم چۈشىنىكسىز. بۇ يەردە كۈچلۈك ھېسياتنى ئىپادىلەيمەن دەپ ئەمىلىيەتتە ھېچنىمىگىلا ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ قويغان.

3) يېڭى بولۇش

تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوخشىتىشنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى بىر خىل ئىجادىي پائالىيەتتۇر. ئۇنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلالىشى يېڭى ھەم ئىجادى بولىشىدا كۆرىلىدۇ. 19- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن فىرانسىيىلىك داڭلىق يازغۇچى بالزاك مۇنداق دەيدۇ: « قىزلارنى بىرىنچى قېتىم گۈلگە ئوخشاتقان كىشى دانا، ئىككىنچى قېتىم ئوخشاتقان كىشى چاكىنا، ئۈچىنچى قېتىم ئوخشاتقان كىشى كالۋادۇر.» دېمەك، بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقىنى دەل ئوخشىتىشنىڭ يېڭى ۋە ئىجادىي بولىشىدۇر. ئېلانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئېلان قىسقا، ئىخچام سۆز-جۈملىلەردىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ژانىر. شۇڭا، چىرايلىق مودىلغا ئەسكى چاپاننى كىيدۈرۈپ سەھنىگە چىقىشقا زورلىغاندەك كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىدا بىز ئالدىنقى قىسىملاردا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، نۇرغۇنلىغان نادىر ئوخشىتىش شەكىللىرى قوللىنىلىپ، ئۇيغۇرچە ئېلانلارنىڭ تىلى زور دەرىجىدە بېيىتىلغان. ئەمما بەزى ھاللاردا بىر تۈردىكى ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلاتلار بىرلا ئوخشىغۇچى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئەھۋاللارمۇ مەۋجۈت. مەسىلەن:

(60) گۈزەللەر ئەڭگۈشتىرى- خانىخان چاچ قۇۋۋەتلەش خېنىسى. (رادىئو ئېلانىدىن)

(61) خىسلەت ماركىلىق قارا خېنە چېچىڭىزنىڭ ئەڭگۈشتىرى. (رادىئو ئېلانىدىن)

(62) تەبىئىي گۈزەللىك ئەڭگۈشتىرى- يىلىم. (رادىئو ئېلانىدىن)

يۇقىرقىلاردا تەشۋىق قىلىنغىنى ھەممىسى دېگۈدەك چاچ قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە بولغان مەھسۇلاتلار بولۇپ، خۇددى بىرى يەنە بىرىنى دورىغاندەك ھەممىسىدىلا «ئەڭگۈشتەر» نى ئوخشىغۇچى قىلىپ تاللىۋالغان. ئوخشىتىشتىكى بۇ خىل تەكرارلىق يالغۇز تىل جەھەتتىكى بىر خىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماستىن، بەلكى ئىستىمالچىلارنىڭ قايمۇقۇپ قېلىشى، مەھسۇلاتلارنى ئالماشتۇرۇپ قويىشىغىمۇ سەۋەپ بولىدۇ. شۇڭا ئوخشىتىشتىن پايدىلانغاندا، يالغۇز ئوخشاشلىق نوقتىسى بولۇش، تونۇش شەيئىلەرنى ئوخشىغۇچى قىلىشقا رىئايە قىلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ يېڭى ئىجادىي بولۇشىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

4) تەشۋىق قىلىندىغان ئوبىكىتقا ماس كېلىش

ئېلاندا ئاساسلىقى مەھسۇلاتنىڭ ماركىسى، خۇسۇسىيىتى، ئىقتىدارى، پايدىلىق تەرىپى ۋە كارخانىلار تەشۋىقات ئوبىكتى قىلىنىدۇ. شۇڭىلاشقا قوللانغان ئوخشىتىشىمىز ئوبىكىتلىرمىزغا ماس كېلىشى، ئوبىكتلارنى توغرا ئەكىس ئەتتۈرەلىشى لازىم. مەسىلەن:

(63) پۇل تاپىدىغان گۆھەر زىمىن ئىچكى سودا بولماستىن، بەلكى تاشقى سودىدۇر.(گېزىت ئېلانىدىن)

مىسال (63) ئوخشىتىشنىڭ ئىنكار ئوخشىتىش شەكلىگە تەۋە بولۇپ، ئەسلىدە پۇل تاپىدىغان ئوقەتنىڭ ئىچكى سودا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، تاشقا سودا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى بولغان. ئەمما « گۆھەر زىمىن» دىن ئىبارەت بۇ ئوخشىغۇچى گەۋدىلەندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «سودا» دىن ئىبارەت بۇ ئوبىكىتقا قەتئىلا ماس كەلمىگەن. «گۆھەر زىمىن» دىگەن ئۇقۇمدىن كۆرىنىپ تۇرىدىكى، ئۇنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈش ئوبىكتى ئەلۋەتتە كونكىرىت «ئورۇن» بولۇشى ئەقىلغە مۇۋاپىق.

دېمەك، ئوخشىتىش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلانلىرىدىمۇ مۇۋاپىق، دەل جايىدا قوللىنىلسا، ئېلاننىڭ قايىل قىلىش ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردىغان موھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئېلان ئىجادىيەتچىلىرى ئوخشىتىش ھەققىدىكى بىلىملەرنى ياخشى ئىگەللەپ، خەلقىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن نادىر ئوخشىتىش شەكىللىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا ئۇيغۇر ئېلانلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرالىشىدا شەك يوق.

پايدىلانغان ماتىرىياللار

يولۋاس راشىدىن،“ئىستىلىستىكا ساۋادى“ شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى باسما زاۋۇتى، 2003-يىل 1- نەشرى

ئارسلان ئابدۇللا.“قۇتادغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى“، شىنجاڭ ئۈنېۋېرسىتى نەشرياتى،،2001-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى

ئەركىن داۋۇت ئۇغۇز،“ئېلان ئۇچۇر يېزىقچىلىقى“ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى،2002-يىل 11-ئاي 1-نەشرى

ئابلىكىم نۇرمەمەت،“ئېلانشۇناسلىق“، شىنجاڭ ئۈنېۋېرسىتى نەشرياتى، 2003-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى

 

مەزكۇر ماقالە تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان

بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ

  1. كروران
    2012/01/10 16:15:30

    ھە، ئەمدى كۆردۈم. بۇ ماقالىنىڭ تېمىسىنى مەن كۆرگەن. مانا مەزمۇنىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. ھەقىقەتەن ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسى تولىمۇ ئېنىق، چۈشىنىشلىك يېزىلىپتۇ. ئۇيغۇرچە ئېلانلارنى تەپسىلىي يىغىپ سېلىشتۇرۇپسىز-ھە. بۇ جەھەتتە سىزدىن ئۆگەنسەم بولغۇدەك جۇمۇ. توغرا، ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەش ۋاستىلىرىگە باي تىل، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى توغرا قوللانغاندا سىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك تىلنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا زور پايدىسى بار، بىراق توغرا ئىشلەتمىگەندە ياكى زورلاپ ئىشلەتكەندە ئەكسىچە ئاڭلىغۇچىنى زېرىكتۈرۈپ چاكىنا تەسىر بېرىپ قويىدۇ.
    بۇندىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن. بۇ ماقالىنى ساقلىۋالدىم.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif