ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل تىل- يېزىق ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ئەنئەنىسى

 

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل تىل- يېزىق ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ئەنئەنىسى

 

ئاپتور: غەيرەت ئابدۇرەھمان

 

”قوش تىللىقلىشىش“ۋە“كۆپ تىللىقلىشىش“ئەمەلىيەتتە شۇ مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى گۈللىنىپ، باردى-كەلدى قويۇقلاشسا، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلغارلىقلىرى قايىل قىلسا، بۇ مىللەت ئۇ مىللەتنىڭ تىلىنى زورلىمىسىمۇ، ئۆزلۈكىدىن ياكى زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئۆگىنىدۇ. ناۋادا باردى- كەلدى ئاز بولۇپ، مۇناسىۋەت يىرىكلەشسە، ياكى قارشى تەرەپنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىلغارلىقى قايىل قىلالمىسا، ئۇنى ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلمىسا، ھەرقانچە تەشۋىق-تەربىيىمۇ كارقىلمايدۇ. تارىختىمۇ شۇنداق بولغان. مىللەتلەر ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتكەندە“قوش تىللىقلىشىش“ۋە“كۆپ تىللىقلىشىش“مۇ گۈللەنگەن. مىللەتلەر مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندە،“قوش تىللىقلىشىش“ۋە“كۆپ تىللىقلىشىش“مۇ خارابلاشقان ياكى ئېتىبارسىز قارالغان. تارىخنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىچىدىكى مەدەنىيەتكە بۇرۇنراق كۆچكەن بىر قوۋم بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئەتراپىدىكى باشقا قەبىلە ۋە مىللەتلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل مۇناسىۋەت ئۇلارنىڭ تارىخىي ۋەسىقىلىرىدە مۇقەررەر ھالدائۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

خەلقىمىز قەدىمدىن بۇيان مەدەنىيەتلەر دوقمۇشىغا جاي لاشقانلىقىدەك جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن كۆپ تىللىق مىللەت ئىدى. قەدىمكى ئۇستازلىرىمىزدىن كوماراجىۋا (4-5- ئەسىرلەر)،سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ (10- ئەسىر)، ئاپرىنچۇر تېكىن قاتارلىقلار ئانا تىلىدىن باشقا قەدىمكى خەنزۇ تىلى، تۇخار تىلى، ئەنەتكەك (سانسكرىتقەدىمكى ھىندى) تىللىرىنى پۇختا بىلگەن. يۈەن سۇلالىسى قۇبلاي خان دەۋرىدە (1260-1294) ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئەنزاڭ، داجەنتۇ قاتارلىق مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە خەنلىن بىلىم يۇرتىنىڭ 47 نەپەر ئۇيغۇرئەزاسى (بۇلاردىن 26سى شۇ چاغدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋان“士进تەشرىپدار“ ئۇنۋانىنى ئالغان) ئانا تىلىدىن باشقا موڭغۇلچە،خەنزۇچە،تىبەتچە تىللارنى پىششىق بىلگەن. ئۇلار تىبەت تىلىدىكى بۇددا تېكىستلىرىنى خەنزۇچىغا ۋە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇلچە، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان كلاسسىك كۇڭزى ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇلچە، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. شۇ دەۋردىكى كاتتا ئۇيغۇر ئالىمى، دىپلومات قارۇناداس سانسكرىت،تىبەت،موڭغۇل،خەنزۇ تىللىرىنى بىلگەندىن باشقا، يەنە ھىندىچىنى ۋە سۇماتىرا ئارىلىدىكى بىرمۇنچە خەلقنىڭ تىللىرىنى بىلىدىكەن.

فارابى 9-10) ئەسىرلەر(، يۈسۈپ خاس ھاجىپ-11 ئەسىر)، مەھمۇد كاشىغەرى (10- ئەسىر) ئەھمەد يۈكنەكى (12-11ئەسىرلەر)، ئەلىشىر نەۋائىي (1441-1501)، مىرزا ھەيدەر كۆرەگان (1499- 1551)، خىرقىتى( -1634 1724 زەلىلىي - 1672) ؟)، نەۋبەتى (1697-؟)، مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى(-18ئەسىر)، ئابدۇرەھىم نىزارىي (1770- 1848)ھۈسەيىنخان قۇتبىددىنشاھ تەجەللىي 1850- 1930))قاتارلىق ئالىم-مۇتەپەككۇرلىرىمىز كۆپ تىللىق ئۇستازلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئانا تىلى ۋە باشقا تىللاردا ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى راۋان يازالايتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئانا تىلدىن باشقا، پارس،ئەرەب،ئوردۇ، ھىندى،يۇنان تىللىرىدىن كەم دېگەندە ئىككى خىل تىلنى پىششىق بىلگەن بۇلاردىن تەجەللىي ئەرەب، پارس، ئوردۇ، ھىندى تىللىرىدىن ئىبارەت تۆت خىل تىلنى پىششىق بىلگەن ۋە شۇ تىللاردا ئەسەرلەر يازغان. مەھمۇد كاشىغەرى ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، ئەرەب، پارس تىللىرى قاتارلىق يەتتە-سەككىز تىلنى پۇختا ئىگىلىگەن؛ بەزى مەنبەلەردە فارابىي 70 تىن ئارتۇق تىلنى بىلگەن دېيىلىدۇ. ئۆز ئانا تىلى ۋە باشقا مىللەت تىلىدا يازغان پاساھەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان بۇ دانالىرىمىز ئالدى بىلەن ئانا تىلنىڭ يېتۈك ئۇستازلىرىدىن ئىدى.

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل تىل-يېزىق ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ئەنئەنىسى بىزگە شۇنداق بىر چوڭقۇر ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇكى،كىم ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەن،ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگەنگەندىن سىرت،چوقۇم تەخىرسىزلىك بىلەن باشقا تىللارنىمۇ ئۆگىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر بايلىقىدىن كەڭ بەھرىمەن بولۇشى،شۇ ئارقىلىق تونۇشۇش ۋە تونۇشتۇرۇش ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىشى زۆرۈر. 

 

 

مەنبە:شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=38

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-10
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تىل-يېزىق
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: