چەتئەللىكلەر تىلنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟

ۋاقتى: 2011-08-11 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 336 قېتىم / 1 دانە باھا يوللانغان باھا

چەتئەللىكلەر تىلنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىمۇ چەتئەل تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.دەسلەپتە بۇ قاينامغا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى باش بولۇپ سەكرىگەن بولسا،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تارتىپ،ھەر قايسى كەسىپتىكى چەتئەل تىلىغا ئېھتىياجلىق كىشىلەرمۇ بۇ قاينامدا بىللە قايناش ئۈچۈن كىرىپ كەلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ چەتئەل تىلى ”كۇرۇسچىلىقى“دىن ئىبارەت يېڭى بىر كەسىپ مەيدانغا كەلدى.چەتئەل تىلىنى خېلى ياخشى ئىگەللىگەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز“ئۆگەنگەنلىرىمنى باشقىلاردىن ئايىماي“دېگەن ئىدىيە بىلەن بۇ كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلىدى.گەرچە ھازىر بىزدە تېخى“يېڭى شەرق چەتئەل تىلى مەكتىپى“گە ئوخشاش بۇ ساھەدە گوروھ بولۇپ شەكىللەنگۈدەك مەكتەپلەر تېخى بارلىققا كەلمىگەن بولسىمۇ،ھەر ھالدا“ئاتلان تىل تەربىيلەر مەركىزى“گە ئوخشاش جەمىيەتكە بىر قەدەر كەڭ يۈزلىنەلىگەن،نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلالىغان، بىر قىسىم مەكتەپلەر خېلى كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇردى.ھەر يىلى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسى تەرپىدىن ئۆتكۈزۈلدىغان ئىنگىلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ ياخشى نەتىجە ئېلىپلا قالماي،يەنە دۆلەت ھالقىپ مەملىكىتىمىزگە ۋاكالىتەن خەلقئارالىق ئىنگىلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ بىزگە شان شەرەپ ئېلىپ كەلدى.بۇ نوقتىدىن قارىغاندا،ئىنگىلىز تىلىنى باشلانغۇچ3-يىللىقتىن باشلاپ ئۆگىنىپ كېلىۋاتقان يولداشلىرىمىز بىلەن،گەرچە ئالىي مەكتەپكە چىققاندا ئاندىن بۇ پۇرسەتلەرگە ئىگە بولغان،ئەمما شۇلار بىلەن تەڭ رىقابەتلەشكۈدەك سەۋىيەگە يەتكەن شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئاپرىن ئېيتماي،قايىل بولماي تۇرالمايمىز.ئەجداتلىرىمىزنىڭ باشقا تىللارنى ئۆگىنىش تارىخىغا قارايدىغان بولساق،داڭلىق ئەدىپلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر نەچچە خىل تىلنى راۋان بىلىدىغانلار،ھەتتا شۇ تىللاردا ئىجادىيەت ئېلىپ بارالايدىغانلار ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.ھەم بۇنىڭدىن بىزدە ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان باشقا تىللارنى ئۆگىنىش جەھەتتىكى يۇشۇرۇن كۈچىمىزنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ چاپلىشاڭغۇ تىل بولۇشىمۇ،بىزنىڭ باشقا تىللارنى ئۆگىنىشىمىزگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.تىلىمىز يۇمشاق بولۇپ،باشقا تىللاردىكى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىشقىمۇ بەك ماس كېلىدۇ. تىل ئۆگىنىش جەريانى بىر ئەگرى-توقاي جەريان.يۇقىردا مەن بىزنىڭ تىل ئۆگىنىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىمىز ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۈم.ئەمما چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىپ ئۇنى ھەقىقىي ئىشلىتەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى بويىچە ئىيتقاندا،ھەقىقىي ئۈنۈم قازانغانلارنىڭ نىسبىتىنى ئانچە يۇقىرى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.چەتئەل تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار ئىچىدە ئىزچىللىقنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلار،ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىپ،ئۆزىگە مەنپەئەت يەتكۈزۋاتقانلار يەنىلا ئانچە كۆپ ئەمەس.بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق،ئىرادە،نىشان،غايە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ.مەن بۇ يەردە پەقەت ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچى. ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا،ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك يول بىلەن ئەڭ تىز،ئەڭ ئاسان،ئەڭ نەتىجىلىك قىلىشنى ئويلىشىش ھازىرقى رىقابەت دەۋرىنىڭ تەلىپى.شۇڭىلاشقا قانداق يولدا مېڭىشنى تاللاش بىزگە بەك موھىم.شۇڭىلاشقىمۇ ئەجداتلىرىمىز“پۇل تاپقىچە يول تاپ“دېگەن ھېكمىتى ئارقىلىق بىزگە ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.تىل ئۆگىنىشنى ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار بۇنىڭدىن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى تېپىش بۇ ساھەدە غەلبە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى.تىل ئۆگىنىش جەريانى بىر خىل تەپەككۇر جېڭى ھېساپلىنىدۇ.مېڭىمىزدە ئاللىقاچان ھۆكۈمىران ئورۇننى ئىگەللىگەن ئانا تىل بىلەن يېڭىدىن ئورۇن ئالماقچى بولغان مەلۇم چەتئەل تىلى ئوتتۇرسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ بولىشى،بۇنىڭ باشقا تىل ئۆگىنىشتىكى ئاساس بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،يەنە سەل يەكلەش رولىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.دېمەك،بۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بىزنىڭ باشقا تىلنى ئۆگىنىشىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىمنى بەلكىم باشقىلار ئاللىقاچان دەپ بولغان بولىشى مومكىن.مەن گەرچە ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان بولساممۇ،ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بەزى ئۇسۇللارنى دوستلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ۋىجدانى بۇرچۇم دەپ ئويلىدىم.شۇنداق،بىز باشقا تىللارنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،ئالاھەزەل ئون بەش يىلغا قەدەم قويدۇق.بىزدە ئىلگىرلەش يوق ئەمەس بار.ئەمما سەل تاشپاقىچە بولىۋاتىدۇ.2001-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا،كورىيە،ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى،ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى،ئېغىز تىلى،يىزىقچىلىق قاتارلىق دەرسلەرنى بېرىپ كېلىۋاتىمەن.بۇ جەرياننى ئويلاپ باقسام،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن تۇرغانلىرى 3 يىل بولمىسا 2يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى. بىز ئون-ئونبەش يىل ئۆگىنىپمۇ،بىرەر چەتئەللىك بىلەن ئۇچىرىشىپ قالساق،يۈرەكلىك ھالدا پاراڭلىشالمايۋاتىمىز.تىل كېكەچلىكى بىر قەدەر ئېغىر بولىۋاتىدۇ.يېقىندىن بۇيان دەرس ئۆتۈش جەريانىمنى ئەسلەپ باقسام،ئۇلارنىڭ شۇنچىۋىلا تېز ئۆگىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەپنىڭ بىرسىنىڭ بۇ تىلغا ۋە مەدەنىيىتىمىزگە زور ئىشتىياق باغلىغانلىقى،قىزىققانلىقى بولسا،يەنە بىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ بىزدىن ياخشىلىقى ئىكەن. بىزنىڭ ھازىرقى تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلىمىزدىن قارىغاندا،ئۆگەتكۈچى ئاغزىدىن كۆپۈك چىققۇچە سۆزلەش ئۆگەنگۈچى تۆۋەندە ئاڭلاش،خاتىرە يېزىش،دەرستىن كىيىن يادلاش بولۇپ كېلىۋىتىپتۇ.مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە تىل ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە ئۆگەنگۈچىنىڭ دەرسكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشى ئىكەن.بىزدىكى دەرس ۋاقتىدا قول باغلاپ ئولتۇرۇش بىزنىڭ“كېكەچ“بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ئىكەن.دەرس ۋاقتىدا بىلگەن دائىرسى ئىچىدە توختىماي پىكىر قاتناشتۇرۇش،كۆپ سۇئال سوراش،ئۆگەنگىنىنى توختىماي ئىشلىتىش ئۇلارنىڭ بىزدىن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەن.ھەر دائىم ئۇلارغا دەرس ئۆتكىلى كىرسەم،45مىنۇت ئىچىدە سۆزلەيدىغان ۋاقتىم 10مىنۇتقۇمۇ يەتمەيدۇ.ئەگەر سەل كۆپرەك سۆزلەپ كەتسەم“سىز ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىسىز،بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز.بۇ تىلنى سىز ئۆگەنمەيسىز بىز ئۆگىنىمىز.شۇڭا بىزگە كۆپ سۆزلەش پۇرسىتى بېرىڭ“دېگەندەك گەپلەر بىلەن مېنى توختىتىپ قويىدۇ.مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغاندا،باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش جەريانىدىكى سۆزلۈكنى مۇئەللىمگە ئەگىشىپ ئوقۇش،تېكىستىنى مۇئەللىم تەرجىمە قىلسا خاتىرلىۋىلىش،قانۇنىيىتىنى ئۇقماي قارغۇلارچە يادلاش،مەشىقلەرنى بىلىدىغانلار دوسكىغا ئىشلىۋەتسە،كىتاپقا چىرايلىق كۆچۈرۋىلىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. مانا باشقىلار ئىككى-ئۈچ يىلدا ئۆگىنىپ بولغان نەرسىلەرنى ئون نەچچە ئۆگىنىپ بولالماي ئولتۇرۇپتىمىز.بىر نەچچە يىل بولدى.يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن،ئاندىن تىل ئوقۇتىشىمىزدىكى ئۇسۇل جەھەتتىكى خاتالىقلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.بىزدىكى ئوقۇتۇش تا ھازىرغا كەلگۈچە“ئوقۇتقۇچى مەركەز“ھالىتىدە بىر ئىزىدا تۇرۇپتۇ.تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر 1970-يىللىرىلا“ئوقۇغۇچى مەركەز“تەلىماتىغا كۆچۈپ بوپتىكەن.ئوقۇتقۇچىنىڭ مەركەز قىلىنىشى بىزنىڭ دەرس ۋاقتىدا پىكىر قىلىش،قاتنىشىش ھوقۇقىمىزنى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچىرىتىپتۇ.ئەمىلىيەتتە ئوقۇغۇچى مەركەز تەلىماتىدا،40مىنۇت دەرس بولسا،ئوقۇتقۇچى پەقەت 10مىنۇت ئەتىراپىدا سۆزلەش.قالغان ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار سۆزلەش،ئوقۇتقۇچى يىتەكلەشلا تەلەپ قىلىنىدىكەن.ھازىر بىز تەشەببۇس قىلىۋاتقان يېڭى دەرستىكى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى: 1.مۇستەقىل ئىزدىنىپ ئۆگىنىش 2.ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش 3.كوللىكىتىپ مۇنازىرە شەكىلدىكى ئۆگىنىش 4.مەشغۇلات ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆگىنىش. يۇقىرقى ئۇسۇللارنى بىز بۇرۇنقى دەرسخانىلىرىمىزدىن تاپالمايمىز.بىزنىڭ بۇرۇنقى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىمىز: 1. كىتاب ئوقۇش 2. مەشىق ئىشلەش 3. تاپشۇرۇق ئىشلەش 4. ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەكرار قىلىش شەكىللىرىدە بولۇپ كەلگەچكە،كۆپونچىلىرىمىز تىل ئۆگىنىشتىكى تويۇق يولغا كىرىپ قاپتىمىز.شۇڭىلاشقا بىزدە يېرىم يولدا توختاپ قالىدىغانلار كۆپ چىقىۋىتىپتۇ.تىل ئۆگىنىشتە جانلىقلىق،ئەمىلىيەتچانلىق،ئىشلىتىلىشچانلىق قاتارلىقلارنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىرلەشتۈرۈش بىزنىڭ بۇ ساھەدە نەتىجە قازىنىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى. تاقا-تۇققۇ بولسىمۇ،تىل ئۆگىنىش جەھەتتىكى بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتۈم.كام قالغان جايلار بولسا دوستلارنىڭ تولۇقلىۋىتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.ئىشقىلىپ،ئەينى ۋاقىتتا ماۋزېدۇڭ“ئۆگىنىشىمىزنى ئۆزگەرتەيلى“دېگەن ماقالىسى ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭگۇدىكى كىشىلەرنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىكى ئىنقىلاپقا باشلاپ كىرىپتىكەن.مېنىڭچە،بىز تىل ئۆگىنىش ساھەسىدە مانا مۇشۇنداق ئۇسۇل ئۆزگەرتىشكە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق.

 2009-يىل4-ئاينىڭ4-كۈنى

بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ

  1. ئۇيغۇربەگ
    2011/09/15 09:02:11

    بىزدىكى كۆپلىگەن كىشىلەردە نۇرغۇن تىللارنى ‹‹شارائىت يوق›› دەپ ئۆگۈنۈشنى تاشلىۋېتىدىغان ئىش بار، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەرگە تىل ئۆگەنمەك تەس كېلىدۇ زادى..

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif