1972-يىلىدىكى ئۈرۈمچىلىك بالىلارنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ئىرادىسى
1972-يىلىدىكى ئۈرۈمچىلىك بالىلارنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ئىرادىسى
ئەسلى تېما:چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقىمىزنى ئۆستۈرەيلى
ئىلاۋە:
بىزدە چەتئەل تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى شەكىللىنىپ،ھازىرقى باسقۇچقا يىتىپ كەلگۈچە ھەر قايسى ئۆگەنگۈچىلىرىمىز ئوخشىمىغان مەقسەت،نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ،ئوخشىمىغان تىل نەزىريىلىرى ۋە تىل ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ كەلدى.بىزنىڭ ھازىرقى چەتئەل تىلى ئۆگىنىش مەقسىتىمىز نېمە؟دېگەن سۇئالغا بەلكىم،بەزىلىرىمىز چەتئەلگە چىقىش،بەزىلىرىمىز ھەرخىل تىلدىكى ماتىرىياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ياكى بەزىلىرىمىز سودا-تىجارەت ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بېرىشىمىز مومكىن.لىكىن سىلەر تۆۋەندە كۆرىدىغان 1972-يىلىدىكى ئۈرۈمچىلىك بالىلارنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىشتىكى نىشانى،مەقسىتى،يىتەكچى ئىدىيىسى بىز بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.مانا بۇ ھازىرقى بالىلار بىلەن30نەچچە يىل ئىلگىرىكى بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىدىكى پەرق.مېنىڭ پەرىزىمچە بۇ خەنزۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازغان ماقالىسى بولۇپ،شىنجاڭ گېزىتىگە تەرجىمە قىلىپ بېسىلغان بولىشى مومكىن.لىكىن ئۇيغۇرچە شىنىجاڭ گېزىتى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئاساسلىق مەتبۇئات قۇرالى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلىرىمىزغا خېلى چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
تۆۋەندىكىسى ماقالىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:
بۇ مەۋسۈمدە سىنىپىمىزدا چەتئەل تىلى ئۆگىنىش يولغا قۇيۇلدى.دەسلەپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمىز يۇقىرى بولدى.لىكىن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۆگىنىدىغان نەرسىنىڭ كۆپىيىشى،مۇرەككەپلىشىشى بىلەن بۇ دەرسنى ھەۋەسكە تايىنىپلا ياخشى ئۆگەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.ساۋاقداشلار ئارىسىدا بەزى خاتا ئويلار ۋە گەپ-سۆزلەر پەيدا بولدى.بەزى ساۋاقداشلار بىز كەكلگۈسىدە دېپلۇمات ياكى تەرجىمان بولمىساق،چەتئەل تىلى ئۆگىنىپ نېمە قىلىمىز؟دېيىشسە،يەنە بەزىلەر چەتئەل تىلى تولىمۇ قىيىن ئىكەن،بۇنى ئۆگىنىشكە كەتكەن ۋاقىتنى شۇشۇې(ماتىماتىكا)،ۋۇلى(فىزىكا)،خۇاشۈې(خېمىيە) ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغىنىمىز ياخشىراق،دېيشتى.ھەتتا بەزىلەر دەرسكە قاتناشماس بولىۋالدى.داڭجژبۇ(پارتىيە ياچىيكىسى) بۇ خاتا ئىدىيەلەرنى كۆزدە تۇتۇپ،“چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش لازىممۇ-يوق؟“،“چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ھەقىقەتەن قىيىنمۇ؟“دېگەن مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ،بىزنى مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ،ئىدىيە ۋە سىياسى لۇشىيەن جەھەتتە تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ،ئىنقىلاپ ئۈچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىمىزنى ئۆستۈردى.بىز مۇزاكىرە ئارقىلىق لىيۇ شىياۋچىغا ئوخشاش ئالدامچىلار تارقاتقان“ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ“دېگەن نېمىنى قاتتىق پىپەن قىلدۇق.پورۇلتارىياتنىڭ ئىنقىلاۋى مەنپەئەتىنى،ماۋجۇشىنىڭ ئىنقىلاۋى دېپلۇماتىيە لۇشىيەنى ۋە سىياسەتلىرىنى ئىجىرا قىلىشنى،پورۇلتارىيات دېكتاتۇرسىنى مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسىنى ئاساس قىلغاندىلا،چەتئەل تىلى ئۆگىنىشنىڭ موھىملىقىنى چوڭقۇر تونىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇق.بەزىلەر شاڭخەيدىكى ماتۇ ئىشچىلىرىنىڭ ماۋزېدوڭ سىشىياڭىنى(ئىدىيىسىنى)تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن قېتىقىنىپ چەتئەل تىلى ئۆگىنىش روھىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن،“شاڭخەيدىكى ماتۇ ئىشچىلىرى دېپلۇماتىيە خادىملىرى ئەمەس،ياكى تەرجىمانمۇ ئەمەس،ئۇلار چ ەتئەل تىلىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ؟بۇ ماۋجۇشىنىڭ دېپلۇماتىيە لۇشىيەنىنى ئىجىرا قىلىش ئاڭلىقلىقىدىن كەلگەن“دېيىشتى.شۇنىڭ بىلەن بىز ماتۇ ئىشچىلىرىدىن ئۆگىنىپ ماركىسىزىم،لېنىنىزىم،ماۋزېدۇڭ سىشىياڭىنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇشقا بەل باغلىدۇق.“چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ھەقىقەتەن قىيىنمۇ؟“دېگەن مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇلڭق ئۇستاز ماركىسنىڭ“پەندە تۇپتۈز يول يوق،ھېرىش-تېلىشتىن قورقماستىن،پەنننىڭ مۇشەقەتلىك ئەگرى-دوناي يوللىرىدىن تىرىشىپ-تىرمىشىپ بارالايدىغان كىشىلەرلا،ئۇنىڭ پارلاق چوققىسىغا يىتىپ بارالايدۇ“دېگەن تەلىمىنى ئۆگىنىپ،تىرىشىپ ئۆگەنگەندە،ھارماي-تالماي مەشق قىلغاندىلا ئەستە قالدۇرغىلى،ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تونىۋالدۇق.
ئۆگىنىش مەقسىدىنى روشەنلەشتۈرۈش-چەتئەل تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى،جاپا-مۇشەقەتكە چىداپ تىرىشىپ ئۆگىنىش-چەتئەل تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى؛ئاڭلاش،ئوقۇش،يېزىش.سۆزلەشتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش-چەتئەل تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىۋىلىشنىڭ ئاچقۇچى.ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلىنى يېتىشتۈرۈش-چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ كاپالىتى.ھازىر بىزنىڭ چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى.ئەتىگەنلىك ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يادلايدىغان،دەرس ۋاقتىدا ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدىغان،دەرستىن كىيىن ئىخلاس بىلەن تەكرارلايدىغان،يېڭى سۆزلەرنى ۋاقىت بولسىلا ئۆگىنىدىغان بولدۇق.ماۋجۇشى مۇنداق دەپ تەلىم بېرىدۇ“تىل ئاسانلىقچىلا ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس،تازا كۈچ چىقارمىسا بولمايدۇ“.بىز ماۋجۇشىنىڭ بۇ تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ،قەتئىي نىيەتكە كېلىپ،ئىنقىلاپ ئۈچۈن چەتئەل تىلىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىمىز.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپتولۇقسىز بىرىنچى يىللىق سىنىپنىڭ خەۋەر قىلىش گۇرپىسى
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە1972-يىلى7-ئاينىڭ6-كۈنى(پەيشەنبە)دىكى سانىنىڭ 5-بېتىدىن ئېلىندى.
بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىغا تەۋە،ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
2009-يىلى4-ئاينىڭ18-كۈنى
كىيىنكى يازما: لوپلۇقلار ھاياتىنىڭ بەدىئىي قامۇسى