سىرلىق تەكلىماكان

ۋاقتى: 2011-09-06 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 391 قېتىم / 5 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

سىرلىق تەكلىماكان

بۇغدا ئابدۇللا

 

دوكلات ئەدەبىياتى

 

لوپنور

 

تەكلىماكان ۋە لوپنور تېمىسىغا قىزىقمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك . يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ھەقتە ھېكايە قىلىپ بېرىدىغان قېرى – سال ئادەملەر بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ . تارىختا نۇرغۇن ئېكىسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى ۋە شەخىسلەر بۇ زىمىنغا كېلىپ ئىلىم – پەن دۇنياسىغا مەلۇم بولمىغان ، يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان تىلىسماتلىق مۆجىزىلەرنى بايقىدى ، تالاي – تالاي كىتابلارنى يېزىپ قالدۇردى . بىراق تەكلىماكان قانچە قازغانسېرى شۇنچە سىرلىق كۆرۈنىدىغان زېمىن . شۇنداق ، ئۇ بىزگە يەنە نۇرغۇن توتېم ، مىراس ، سىرلىق ھادىسە ، سىرلىق كۈچ ، تىلىسىم رىۋايەتلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە .

لوپنورنىڭ ئاقسۇ پو يېزىسىدىكى 99 ياشلىق سىدىق مەمەت بوۋاي مۇنۇلارنى ئەسلەپ ئۆتتى : ئۇ چاغدا ئۆردەكباي بىزنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىمىز بولۇپ ، جەمئىي 30 نەچچە ئادەم ئىدۇق . ئايدىن تۆرە ، سەپسېن تۆرە دېگەنلەرمۇ بار . مەيدانغا چۈشكەندە چېلىشىمىز ، قۇچاقلىشىپ يىقىتىپ قويىمەن . بىر كۈنى لوپنور كۆلىگە كېمە ئېلىپ كىردۇق . دۇنيادا يوق شامال كېمىنى يىراق جايغا ئېلىپ بېرىپ تاشلايدۇ . ئادەمدەك بېلىق ، ئۇنى تۇتاتتۇق . شامال يوق دەپ بارساق يەنە شامال ، ئۇلار بىزنى تىللاپ كەتتى .

لوپنور كۆلىنى تاشلاپ 60 بۇلاققا باردۇق بۇ قۇمۇل تەرىپى ئىكەن. بىر يەرگە بېرىپ تۆگىنى چۈشۈردۇق ، ھەر بىر ياتاققا ئازراق سۇ ، نان قويىدۇ . بىر كۈنى بىر ۋاق بولغاندا ئۆردەك كېلىۋاتىدۇ ، – دېدى . ئۇ گۈرجەك بىلەن تاختاينى بىر كۆتۈرۈپ ئەكەپتۇ ، تاختاينى بىر نەرسىگە چېلېۋىدى ، تاختايدىكى خەت كۆرۈندى . ئۇلار بىر ئىزدىگەن نەرسە مۇشۇ ، ‏- دېدى . كېيىن تاختاي چىققان جايغا باردۇق ، بىر دۆڭگە چىقتۇق ، يەرنى كولىساق بىر ئۆي چىقتى . ئىشىكتە قارا قۇلۇپ بار ئىكەن ، چاقتۇق . ئۇلار بىر نەرسىگە ئوت يېقىپ ئۆينىڭ ئىچىگە تاشلىدى . ئۆيدىن نۇرغۇن ئىس چىقتى ، ئۇلاردا نۇرغۇن ئاچقۇچ بار ئىكەن . ئۆيدە شۇنداق ئۇزۇن بىر ئادەم يېتىپتۇ . ئۇنىڭ كىندىكىگە ئاچقۇچ سالدى . بۇلار بولماي كېيىن يەنە بىرسى يەتتە دانە ئاچقۇچ چىقتى . بۇنىڭ بىلەن نومۇرىغا قاراپ يەنە جاراڭ – جۇرۇڭ قىلىپ ساندۇقىنى ئاچتى ، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە ساندۇق بار ئىكەن . ئىچىدىن كىتاب چىقتى . 1.2-1.3 چوڭلۇقتا ، قەغىزىقەدىمكى يىرتىلمايدىغان سامان قەغەز ، خەتلىرى ئارقار مۈڭگۈزدەك ئىكەن . ئۇلارر كىتابنى ئېلىپ دارىلاپ ، چاپلىشىپ كەتكەن ۋاراقلىرىنى ئاجراتتى ، كېيىن كىتابنى ئېلىپ كەتتى .

ھېلىقى ئۆينىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئىشىك بار  ئىكەن . قۇلۇپنى ئاچتۇق . ئىشىكتىن ئاتلاپ كىرىۋېدىم ھولولو دەپ بىر نەرسە ئالدىمغا كەلدى ، قورقۇپ يىقىلىپ چۈشتۈم . ئۇلارمېنى قورقما دەپ ئۆزلىرى قېچىپ كېتىپتۇ ، كېيىن ھوشۇمغا كەپتىمەن . ھېلىقى نەرسە ھەيكەل بولۇپ ، ئىشىككە كېلىپ توختاپ قالىدىكەن . يانداپ – يانداپ ئۆتتۇق . ھەيكەل يولۋاس سۈرىتىدە ئىكەن . ھەر چىش – ھەر چىش ، كۆز دېگەن يوغان ، ئىككىنچى بىر ئۆيدە شىشە قۇتا بار ئىكەن ، ئۇلار ئۇ نەرسىنى ئېلىۋالدى .

بىز بارغان يەرلەردە ئادەم ئۇستىخانلىرى دۆۋلىنىپ كەتكەن ئىكەن . ئۇلار بۇ يەرلەرنى تىلسىمات شەھەر ، – دېدى . رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، بۇ شەھەردە بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى بولۇپ ، قىزلارنى قويمايدىكەن ، كېيىن بىرسى چېلىشتا ئۇنى بىر پىچاق بىلەن ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ . ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن شەھەر تۈزلىنىپ كەتكەن ئىكەن .

ئارىلىقتا ئۇ يەرگە يەنە بىر قېتىم باردۇق ، كۆزىمىزگە ئۇستىخان چېلىقتى ، ئۇستىخان بىلەن سۇپا قىلىپ قويۇپتۇ . خۇمدان بار ئىكەن ، يېقىن بارساق بوران چىقىپ كېتىپتۇ . ئۇ يەردە يەنە كۆز مۇنچاق تولا .

تەكلىماكاندا مازار ، ئۇپقان ، كۆتەكلىك چۆل دېگەن يەرلەر بار. توققۇز قۇم دېگەن جاي ئادەمنىڭ قوۋۇرغىسىغا ئوخشايدۇ . بۇ يەرگە دەريا ئۇرۇلۇپ ئېلىپ كېتەلمىگەن ، ئۇنى ئالتۇن خەزىنە دەيتتى . شەھىرى كېتىك لوپنور كۆلىدە ، بىز بارغاندا دەريادا شالدا ئېقىپ باردۇق . كەلگەندە بىر جاپا بىلەن كەلدۇق .

يەنە يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىگە قارىغاندا ، تارىختا  تارىم دەرياسى قارچۇغا تەرەپتە توققۇز قېتىم ئېقىن ئۆزگەرتكەن ، ئۇ يەردىكى مەھەللىلەرمۇ كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىن ئۆزگەرگەن ، مەسىلەن : توپا شەھەر ، كۆتەك قوتان دېگەندەك جايلار .

قەدىمدە تارىم بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ ئارىلىقى پۈتۈنلەي سۇ ، سازلىق بولغان ، كىشىلەر كېسەل تارقىلىپ كۆچكەندە ، بىر قىسمى كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ باش ئېقىن تەرەپكە كۆچكەن . بۇرۇن كۆنچىدىن دۆڭقوتانغا بېرىش ئۈچۈن سۇ ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا 80 كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ باراتتى .

لوپنوردىكى يەر – ناملىرى تۆۋەندىكىچە : چوڭ كۆل تەرەپتە : 1- ئەۋەيلى 2. كونا چوڭ كۆل ، 3. پاسا كۆۋرۈك ، 4. تاختا كۆۋرۈك ، 5. 80 كۆۋرۈك ، 6. چەمەك مەھەللە ، 7. تۈگمەن مەھەللە ،8. كەڭرى قۇم ، 9. قوش توغراق ۋە باشقىلار . ئاقسوپى تەرەپتە : 1- ئاياغ ئاقسوپى ، 2. باش ئاقسوپى ، 3. لاڭقا ، 4. لوقمان ، 5. ساۋۇت ئوردىسى ، 6. ئۇزۇن ئېرىق ، 7. قازان كەنتى ، 8. سېسىق تۇغ ، 9. قۇم كۆۋرۈك ، 10 سۆگەت تۇغ ، 11. تۈگمەن ، 12- تېرەك كۆۋرۈك ، 13- سېغىز چۆل 14. چۆرىمەس توقاي ، 15. بوتتوسۇ ، 16. ساتاكا ، 17. ئوي داشى ، 18. قىچا توقاي ، 19. شامال ئالدى ، 20 . توڭگۇز ئۆلدى ، 21. قارىنا قۇسۇق ، 22 . ئوسمان تويغان ، 23. قارا قوشۇنلۇقلار ئۆيى ، 24. سۈزۈك كۆل ، 25. قورۇل بەگ ، 26. دەلەي ، 27. سۈزمە ، 28. قانات ئاستى ، 29 . تۈلكىنى كۆلى ، 30 . پوتالىق كۆل ، 31. قۇۋۇتقان ، 32. ھەجقۇلى ، 33. كېرەللىك ( بىر خىل ھايۋان )34. ئېزىز باققان ، 35. ئويمانكۆل ، 36. ئارا بەرگەن ، 37. پارچە توغراق ، 38. يىلان ، 39. ساي چېكە ،40 . تاش قويغان ، 41. ئارال توقاي ، 42. قارا تۇغ ، 43. يولۋاس چۆكتى ، 44. قارلىغاچ كۆلى ، 45. قىرچىن تېرىم ، 46 . دىلپار

چۆل تاغ تەرەپتە يەنە قومۇش تۇرا ، كۈمۈش تۇرا ، ئاق تۇرا دېگەن جايلارمۇ بار .

رىۋايەت قىلىنىشىچە ، تەكلىماكاندا دەرىخانىڭ شەھىرى بولغانمىش ، بۇ شەھەر 72 دەرۋازىلىق ئىكەن .

تىلسىملاردا يىلان ، چايان ، پاقا مۇئەككەل بولىدىكەن .

لوپنوردا يەنە مۇنداق رىۋايەتلەرمۇ بار : ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ ۋاقتىدا جانىۋارلارغا ئىسىم قويۇلغان ، بۆرىنى ئادەم بار جايغا كەلمەيسەن ،‏- دېگەن ، شۇڭا بۆرە  ئىشەك بار جايغا كېلىدۇ . يولۋاسنى ئادەم يېمەيسەن ، ‏-دېگەن . يولۋاس جاۋابەن ، ئادەم ئۈچ قېتىم يۇقمىسا ، يۇقمايمەن ، دېگەن . بۆرە ئىشەكنىڭ ئارغامچىسى بولسا يېمەيدىكەن . يولۋاس توزاققا چۈشسە سۆرەپ ماڭىدۇ ، سۇغا كىرگەندە چۆكۈپ كېتىدۇ . يولۋاس كالىغا ئۆچ ، مۇبادا ئۇنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قالسا كېچىسى كېلىدۇ . ئەينى ۋاقىتلاردا بۇ جايدا يولۋاس ياشىغان ، ھەتتا 40- يىللاردىمۇ ئۇنىڭ ئاياغ ئىزىنى خەقلەر كۆرگەن .

قۇرۇق تاغدا سۈلەيسۇن بار ، قۇيرۇقى تۈلكىنىڭكىگە ئوخشايدۇ ، ئدەمگە قاراپ ھەيۋە قىلىدۇ ، تالاسى ئۇزۇن بولمايدۇ ، چېكىت- چېكىت بولىدۇ . كۇشت دەپ  قويسا يەرگە چاپلىشىپ ياتىدۇ ، ئورا كولاپ تۇغىدۇ .

جەرەن ئىزىنى ئىزلىغۇچىلار مۇنداق تاپىدۇ ، جەرەن قايچا ئىزلىق بولۇپ ، ئۇچى ئۇچلۇق ، تۈۋى يوغان ، توزاغ پۇتىنى قاناتقاندا قان ئېقىپ ماڭىدۇ . ئۈچ پۇتلۇق جەرەن پۇتىنى ئۇرۇپ ماڭىدۇ . تۆت پۇتلۇق جەرەن يەرنى ئويماي تەكشى ماڭىدۇ ، جەرەن ئېسىل گىياھلارنى ماڭىدۇ . جەرەن ئېسىل گىياھلارنى يەيدۇ . ئۇ بىكار يەردە يۈرمەيدۇ . جەرەن بارغىچە ئۇسساپ كېتىدۇ . چۆل ( ئويمان يەر ) دە كولاپ سۇ چىقىرىدۇ . ئارال بولسا شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ ، شۇ يەردە جان بېقىپ ، بالىسىنى چوڭ قىلغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىدۇ . جەرەن گۆشى يىگەنلەرنىڭ قېنى بۇزۇلمايدۇ . 5- ئايدا توشقاننىڭ بىرىنچى تۇغۇتى تۈگەيدۇ . 8- ئايدا جاندارلار كۆرۈنىدۇ . ئەركىكى كۆرۈنىدۇ ، چىشسى كۆرۈنمەيدۇ ، بوغاز جاندارلار بۇ چاغدا ئىز قالدۇرمايدۇ . كېيىك چۆل يەردە يۈرمەيدۇ ، ئۇ ناماز دېگەردە قوپىدۇ ، قارىشىپ تۇرىدۇ . كېيىك بار يەردە  ئادەم ئۇسسىمايدۇ . ئۇ قۇمدا ئەمەس ، جاڭگالدا ياشايدۇ . ئوۋچىلار ئادەتتە كېيىكنى قاچۇرۇپ ، يولىنى بىلىۋېلىپ ، ئاندىن ئالدىنى توسايدۇ . بارغان ئادەمنىڭ يولى ئوچۇق بولسا ئۇچرايدۇ . بوغاز بولسا ئاتمايدۇ .

دۇرۇلدا ئۆتكەن ئوۋچى ئىسلام بەگە ھاجىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، مارال ‏( كىيىكىنىڭ چىشىسى ) تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن چارا ناسنى ( ھەمرىيىنى ) بىر يەرگە كۆمۈپ قويىدىكەن ، كېيىن شۇ يەردىن بىر خىل ئوت ئۈنۈپ چىقىدىكەن . شۇ ئوتنى بۇغا كورسىغا كىرىشتىن  ئلگىرى تېىپىپ يەپ ، ئاندىن مارال بىلەن جۈپلىشىدىكەن ، ئاشۇ ئوت بار يەردە بىر خىل پۇراق  بولىدىكەن ، ھەتتا ئادەم ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالسا ، ھېسىيات جەھەتتە كۈچلىنىپ كېتىدىكەن ، بۇنى پەقەت بۇغىلا پۇراپ تاپالايدىكەن . ئۇلار مېھرىگىياھ دېگەن مۇشۇ شۇ دەيدۇ.

لوپنورلۇقلار بېلىق بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەن خەلق ، بۇ ھەقتە توقۇغان قوشاقلىرىمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا داۋاملىشىپ كەلگەن :

ياز كۈنى يايقاق بالىق ،

قىش كۈنى بەرمەي چىچەپ .

بەندەڭگە بەرگىن ئۇلەشلەپ .

(يازدا بېلىقنى قاق سال ، قىشتا كاۋاپ قىلىپ يە ، ھەر بىر ئادەمگە تەڭ تەقسىم قىل).

قەدىمدىن بۇيان لوپنوردا قۇۋ ئايرىش دېگەن ئادەت بار . بۇنىڭدا خەق تەڭ بېلىق تۇتىدۇ ، تەڭ تەقسىم قىلىدۇ . 90- يىللارغا كەلگەندە ، سۇلار قۇرۇپ كېتىپ ، بۇ ئادەت يوقاپ كەتكەن .

لوپنور بېلىقچىلىرى ئەسىرلەر داۋامىدا نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىغان ھەمدە پايدىلانغان ، ئۇلارنىڭ كېچىدە بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى مۇنداق : ئاي يورۇق چاغدا بېلىق تۇتۇلىدۇ . بېلىق كۈندۈزى تىنىچ يەردە ئۇخلاپ ئارام ئالىدۇ . كېچىسى ئوت يەيدۇ . كۆلچى كېمىسىنى ھەيدەپ ، گۈلمىنى بېلىق ئوتلايدىغان جايغا سالىدۇ . گۈلمىنىڭ بىر ئۇچىغا لەيلەتمە ، تەكتىگە چۆكۈرتمە سېلىپ قويىدۇ . بېلىق گۈلمىگە ئۇرۇلغاندا پالاقشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ . بۇنىڭغا قاراپ تۇرغا ئىلىنىپتۇ دەپ بېلىقنى تۇتىدۇ . سۇدا بېلىقنىڭ ئىزى بولىدۇ ، مۇنداق ئالامەتلەر گەۋدىلىك بولىدۇ . 1- كۆل سۈيى ئەسلى سۈپسۈزۈك بولىدۇ ، تا تەكتىگىچە ، بېلىق ئۈزگەندە چىغىرىقنىڭ ( سۇدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئوت ) تۈۋى تەرىپىدە قاپقارا لاي پېتىق پەيدا بولىدۇ . 2- بېلىق چىغىرىقىنىڭ يىلتىزىنى يىگەندىن كېيىن ، يىلتىز ئۇچى سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ .

ئۇستا بېلىقچىلار سۇغا قاراپ  مۇشۇ يەردە بېلىقنىڭ ئىزى بار ئىكەن دەپ بىلەلەيدۇ . بەزىدە چىغىرىق ۋە ساقال ئوتلار يۆگىشىپ قالىدۇ . بۇنىڭغا قاراپ ، شۇ يەرنى بېلىقچىلار بېلىق ئوتلايدىغان يەر دەپ پەرەز قىلىدۇ . بېلىقچىلار بېلىق ئوتلايدىغان يەر دەپ پەرەز قىلىدۇ . بېلىق ئوتلايدىغان يەر دەپ پەرەز قىلىدۇ . بېلىق ئوتلايدىغان يەر دەپ پەرەز قىلىدۇ . بېلىقلار ئوتلارنى ئۈزۈپ يېگەندەك پوك- پوك ، بۇلدۇق – بۇلدۇق قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ . بۇ چاغدا بېلىقچىلار ساچقاننى سانجىپ ، توۋلىغاندىن كېيىن ، بېلىقچىلار قېچىپ يول بىلەن ماڭغاندا تورغا ئىلىنىپ قالىدۇ . بېلىقچىلار يەنە كېمىنى ھەيدەپ ماڭغاندا بېلىق پوقىغا قاراپ چوڭ- كىچىكلىكىنى بىلىۋالىدۇ . بېلىق پوقى چوڭ بولسا چوڭ بولىدۇ .

ئۇلارنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان قوراللىرى ، كېمە ، گۈرجەك ، گۆلمە ، ساچقاق ، مانتو ( كالتەك ) ، قارماق ، چاڭگاك ( ئادەم بارمىقى شەكىللىك ئىلمەك ) تىن ئىبارەت . يوغان بېلىقلارنى چاڭگاك بىلەن تۇتىدۇ. ئۇلار چاڭگاكقا كىچىك بېلىقنىڭ بېشىنى ئېلىپ قويىدۇ ، چوڭ بېلىق كېلىپ يىگەندىن كېيىن ئىلىنىپ قالىدۇ . ئۇلار بېلىقنىڭ غېرىچىغا تولمىغىنىنى يېمەيدۇ . يەرلىك بېلىقنىڭ بېىشى ئۇچلۇق ، قۇيرۇقى ئارا ، قاسىرمىقى يوق بولۇپ ، بۇنى يېگەن ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن .

لوپنورلۇقلار كېمىنى نەچچە يىللىق توغراقنى ئوتتۇرىسىدىن كېىسىپ ، ئىچىنى ئويۇپ ياشايدۇ . . كېمىدە گۈرجەك ( پالاق ) ، ساچقاق ، گۆلمە ، مانتو بولىدۇ ، ئۇلار كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىدۇ ، كىچىك بالىلارنى سۇدا ئوينىتىدۇ . كېمە تاياش ، بېلىق تۇتۇش ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ئىش . كېمىنى بەك تېز تايايدۇ ، بېلىق سۈرئىتىدىن تېز ھەيدىيەلەيدۇ .

يەرلىك ئۇسۇلدا بېلىق پىشۇرۇشتىن ئاۋۋال ، يۇلغۇننى ياغاچقا سۈركەپ قىزىتىپ پورغا تۇتاشتۇرۇپ ئوت ھاسىل قىلىدۇ ، بىراق بۇ ئوتنى دەرھال ئىشلەتمەيدۇ ، ئۇنى ھارام ئوت دەپ قارايدۇ . بۇ ئوتنى يەتتە يەرگە كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھالال بولدى دەپ قارايدۇ .

ئاساسلىق تارىختىن بۇيان لوپنورلۇقلار ئوۋچىلىق ، بېلىقچىلىق بىلەن سۇ ،ئوت قوغىلىشىپ ياشاپ كەلگەن ، ئاساسلىق يېمەكلىكى بېلىق ، قۇرۇتۇلغان بېلىقنى دائىم دېگۈدەك قۇمنىڭ ئىچىگە  قويىدۇ، بۇ قىشتا يەيدىغان ئوزۇقلۇقى ، ئۇلار يازدا بېلىقنى كۆپ تۇيمايدۇ . بېلىقنى كاۋاپ قىلىپ يەيدۇ.

بېلىقنى سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ، قۇرۇتۇلغان بېلىقنى تالقان قىلىپ ، ئۇنىڭغا توخۇ ، ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ سېرىقىنى ماي ئارىلاشتۇرۇپ قوشۇپ تەييارلايدۇ . ئچىدىغان ۋاقىتتا قايناقسۇ قوشۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرىدۇ .

لوپنورلۇقلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سىرلىرىنى بىلىش تەتقىقات ۋە ھازىرقى زامان ئادەملىرى ئۈچۈن قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق . ئۇلارنىڭ تەبىئي شارائىتى تەبىئي نەرسىلەردىن ئوزۇقلۇق ئېلىشىنى بەلگىلىگەن . ئادەتتىكى ئىستېمالدا چېگىنىڭ گۈل – يۇپۇرماقلىرىدىن چاي دەملەپ ئىچىدۇ . يانتاق ، بۇيا يىلتىزلىرىنى شورايدۇ . بېلىق ۋە بېلىق مايغا ئامراق كېلىدۇ . كىيىك ، جەرەن ، ياۋا غاز ، ئۆردەك ، توشقان ئوۋلاپ يەيدۇ . سۈت ئىچىدۇ ، كاۋاپنى مەززىلىك ئېتىدۇ . خېمىر ئېچىتقاندا توڭراڭغۇۇ ئىشلىتىدۇ . مۈڭگۈز سۈيى ئىچىدۇ . توغراقنى تەشسە ئوتتۇرىسىىدىن سۇ چىقىدۇ . بۇ سۇدا خېمىرمۇ يۇغۇرىدۇ . ئاساسلىقى قوي بېقىپ پىيادە ھەرىكەت قىلىدۇ . ئۇلاردىكى تائام تۈرلىرى : بۇلماق ، ھالۋا ، بەتتە ، كۆمەچدان  كاۋاپى ، كۆمەچ نان ، بوساق ئاش ، زاڭ ، ياغاچ قازان ، دۈمبىجىگەر ، چوغ پوشكال ، كۈل كۆمەچ نان ، بېلىق شورپىسى  ، بېلىق كاۋاپ ، يېكەن يىلتىىزى – بۇنى سۇ ئاستىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ خام يەيدۇ . بېلىق تۈرلىرى : لوخو بېلىق  ( ئەڭ چوڭ بولىدۇ ) پاقاچا بېلىق ، پاخمۇچۇق بېلىق ( ئوتتۇرانچىسى ) ، لاگۇش بېلىق ( ئەڭ كىچىك بېلىق)

تەكلىماكاننىڭ ئايىغىىدىكى كەل بالا دەرياسىدا يەرلىك بېلىق بار ئىكەن . بېلىقچىلار كېمە تاياپ بېرىپ ، گۈلمە سالسا بېلىق يوقاپ كېتىدىكەن ، كېيىن يەنە كۆرۈنىدىكەن .

لوپنوردا بېيىت – قوشاق ، ماقال -تەمسىل ، رىۋايەت ، داستان ئېيتىشىش ئۇمۇملاشقان . ئۇلاردا يەنە توي – مۇراسىم ئۇمۇملاشقان . ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ، دەپنە شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خۇسۇسىيەت تارىخىلىققا ئىگە .

رىۋايەت : بىر زاماندا ھەرە بىلەن پاشا قۇدىلاشماقچى بولۇپ ، ھەرە پاشا تەرەپكە بېرىپ تويلۇق مەسلىھەتى قىلىدۇ . پاشا ، ھەممە نەرسىنى مىڭدىن ئېلىپ كېلىسەن ، – دېگەندىن كېيىن ،تالاش – تارتىش بولۇپ ، پاشا قەتىئىي يول بەرمەي ، مىڭ – مىڭ دەپ ئاچچىقىدا سۇ ، ئورەك بار جايلارغا كېتىدۇ ، كېيىن ئاۋازى بارغانسېرى غىڭ – غىڭغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . قارا ھەرە ھۇيو – ھۇيو دەپ پور كۆتەكىنىڭ ئىچىگە سوقۇنۇۋالىدۇ .  قاغاش : چاقماققا پاغىل ، جانىڭ يۇرتقا كىرسۇن ، ئاۋاڭ ‏( داداڭ ) ئۆلسۇن ، جانىم ئۈچۈن كەت ، جانىڭ ماڭا بەخشەندە بولسۇن ، ئىگەڭ ئۆل ، ئۆيۈڭدە پاقا چىللار…

خامان ناخشىسى:

  سەنمۇ غارىپ ، مەنمۇ غارىپ ،

چۆلگە بۇغداينى تارىپ .

ئالتە توپاققا قاتىپ ،

ئالايىلمان قىلغان غارىپ .

يالماپ – يالماپ يوتقانداقى

ئۇزۇن ئەگرى تىللىرىڭ

ئوغاق بولسۇن كالىۋاي .

ئاچچا – ئاچچا تۇۋاقلىرىڭ

ئارا بولسۇن كالىۋاي ،

ياسۇ – ياسۇ قۇلاقىلىرىڭ ،

گۈرجەك بولسۇ ن كالىۋاي ،

يوغان – يوغان قۇرساقىلىرىڭ ،

بوز تاغار بولسۇن كالىۋاي ،

چۆچەك – چۆچەك مۈڭگۈزلىرىڭ ،

ئۆتكەمە بولسۇن كالىۋاي ،

قاتلام – قاتلام تېزەكلىرىڭ ،

كۆمەچدان بولسۇن كالىۋاي ،

ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان لوپنورلۇقلار تالاش- تارتىش ۋە ھەر خىل ماجىرالاردا ئىككى تەرەپ قوشاق ئېيتىش شەكلى بىلەن قايسى تەرەپ يېڭىپ چىقسا ، شۇ تەرەپ غالىب بولاتتىكەن.

كىشىلەر يەنە پىكىر ئالماشتۇرسا قوشاق ئيتىپ يەنە ماقال – تەمسىللەرنى قانۇن قىلاتتىكەن ، يول تاپاتتىكەن .

ئۇلار تويدا بېيىت تاشلايدۇ ئۇغۇل تەرەپمۇ ئوغۇل تەرەپمۇ ، قىز تەرەپمۇ ئوخشاش ، ئوغۇل تەرەپ لايىقىدا بېيىت قايتۇرالىسا ، قىز تەرەپ ئىشىكنى ئېچىپ ئوغۇل تەرەپنى ئۆيگە باشلايدۇ . تاماق تارتىپ ئاندىن قىزنى بېرىدۇ . ئوغۇل تەرەپ خام تۆشنى قىزغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ .

لوپنورلۇقلارنىڭ توي – تۆكۈن ئالاھىدىلىكىدە ‏- ئەگەر قىز تەرەپ قىز تاللاش جەريانىدا بىر قىزنى مۇۋاپىق كۆرسە ، ئۇنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى يىرتىپ قويىدۇ . ئاندىن قىز ئۆيگە قايتىپ ، ئاتا – ئانىسىغا كۆرسەتكەندىن كېيىن ، قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپنى مۇۋاپىق كۆرسە يىرتىلغان جايىنى تىكىپ قويىدىكەن . ئەگەردە مۇۋاپىق كۆرمىسە كۆرمەسكە سېلىۋالىدىكەن .

قىز تەرەپكە دەسلەپتە يەتتە ياكى توققۇز تال بېلىقنىڭ كاللىسى داستىخانلىق قىلىپ ئەكىلىدىكەن ، تويدا بولسا يەتمىش ياكى توقسان تال بىېلىق ئەكىلىدىكەن .

كېيىم -كېچەك : يىپەك ، يۇڭ كىيىملەرنى ئىشلىتىپ كەلگەن . ئەرلەرنىڭ قالپىقى كېمە شەكىللىك تەلپەك ، پۇتىغا ئۆتۈك ، چورۇق ( يازدا ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ) كىيىدۇ . قوي تېرىسىدىن تۇماق ، جۇۋا قىلىدۇ . ئەرلەر بېلىگە بەلۋاغ باغلايدۇ . ئاياللار بېشىغا ياغلىق چىگىدۇ.

ئۆي : ئۆينى ئاساسەن توغراق ياغىچىنىڭ ئوتتۇرىغا قۇمۇش ئېلىپ ، ساتما قىلىپ ياسايدۇ ، ئاندىن توغراق يۇلغۇنلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ، تېشىغا لاي سۈركەپ چاپلىما قىلىدۇ . چاپلىما ئۆي ئادەتتە ساتمىغا قارىغاندا قىشتا ئىسسىق ، يازدا سالقىن بولۇپ ، يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ . بۇ ئۆيلەردە مورا ئوچاق بار .

ئۇزاق تارىختىكى دەپنە ئادەتلىرى :

1- مەرھۇملارنىڭ يۈزىگە نىقاپ كىيدۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە دەپنە بۇيۇملىرى ، ئەرلەرگە تۇرمۇشتا ئىشلەتكەن نەرسىلىرى : پىچاق ، ئوقيا ، قوينىڭ بېشى ، ( پەتنۇسقا ئېلىپ قويىدۇ ) قوينىڭ قوۋۇرغىسى ، پاقالچەك قاتارلىقلار ، 2- ئاياللارغا ، سۈزگۈچ ، تاغاق ، قايچا ، مىس كۆرگۈ ( ئەينەك ) ، گىرىم بۇيۇملىرى ، گىرىم بۇيۇم خالتىسى ، چاچ ، زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار .

  لوپنوردىكى %70 جەسەت قۇرۇق جەسەت ‏- تەبىئىي مومىيا . قەبرىنىڭ سىرتىغا توغراق قوزۇقلارنى قېقىپ قويىدۇ . لەھەت تۆت بۇلۇڭ شەكىلدە بىرقانچە خىل بولىدىكەن .

1-تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك ( بۇنىڭدا تاۋۇت بار)

2- قوش قەۋەتلىك قەبرە ( بۇنىڭدا تاۋۇت بار)

3- ئوپۇقچە چىقىرىپ ياسالغان لەھەت .

تاۋۇت ئىككى خىل بولىدۇ . 1- ساندۇق شەكىللىك تاۋۇت ، بۇنىڭدا توغراق كوڭتىيىنى ئىككىگە پارچىلاپ جەسەتنى ئىچىگە سېلىپ قويغان بولىدۇ . يان – ئويۇقچە قەبرىلەرگە تاۋۇت ئىشلەتمەي ، تەبئىي ئويۇقتىن پايدىلىنىپ دەپنە قىلىدۇ ، بۇنى ئاياللار ئويۇقتىن پايدىلىنىپ دەپنە قىلىدۇ . بۇنى ئاياللار ۋە بالىلارغا ئىشلىتىدۇ . يەنە تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەرگە ئىشلىتىدۇ . بۇ قەبرىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاۋۋال تىك ئازگال كولاپ ، ئازگالنىڭ بىر تەرىپىدىن ئويۇقچە چىقىرىپ ، ئويۇقچىنىڭ ئىچىگە قويىدۇ . ئويۇقچىنىڭ ئاغزىنى يۇلغۇننى زەمبىلگە ئوخشاش توقۇپ ئېتىدىغان ئىشىك قىلىدۇ . ئۇنىڭ سىرتىغا قومۇشنى بىرقۇر قويۇپ ئاغزىنى ئېتىدۇ . ئازگالغا توغراق قوزۇق قىلىپ بەلگە قىلىدۇ . بۇنداق قەبرىلەرنىڭ تاۋۇتى يوق بولىدىكەن . بۇنداق قەبرىلەر ئاسان بايقىيالمايدۇ . ئوغرىلار ئاسان تاپالمايدۇ . مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ تاۋۇتى رەڭلىك ، ھەرخىل شەكىللىك بولىدۇ . ئۇلاردا ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرى ، مۇبالىغە قىلىنغان ھايۋانلار رەسىملىرى ، سۇمۇرۇغ ، شىر سۈرەتلىرى بولغان بولىدۇ . مەرتىۋىسى تۆۋەنلەرگىچە تاۋۇتلار ئاددىيلىشىپ بارىدۇ .  بەزى تاۋۇتلار ئوقۇر شەكىللىك بولىدۇ .  

 

جەسەت قويۇلۇش ئالاھىدىلىكى : ئادەمنى يەككە دەپنە قىلش ، قوش دەپنە قىلش ، بىر قەبرىگە بىر جەمەتنى دەپنە قىلىش ( بىر قەبرىگە ئۈچ ئادەمنى دەپنە قىلغان )

  ھەمدەپنە بۇيۇملىرى : %95 ھەمدەپنە بۇيۇملىرى توغراق ياغىچىدىن ياسالغان پەتنوس ، جام ، چۆچەك ، بىر قۇلاقلىق جام ، ياغاچ لىگەن ، ئاياغ قاتارلىق بۇيۇملار ، ئاز ساندىكى مىستىن ياسالغان بۇيۇملاردىن مىس كۆرگۈ ، مىس ئوقيا ئۇچى ، مىس ئۈزۈك ، ھالقا، مىس تاسما ئۆتكۈزگۈچ ، يەنە ئاز ساندىكى ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى بار . مەرتىۋىسى يۇقىرىلارنىڭ كىيىم -كېچەكلىرىمۇ ئىسىل بولىدىكەن . ئۇلارغا يىپەك كىيىم ، ئالتۇن زىننەت ھەمدەپنە قىلىنىدىكەن . جەسەتلەرگە ئاساسەن كىيىم كىيدۈرۈلىدىكەن ( پۇتىغا ئۆتۈك ، ئاياللارنىڭ ئۆتۈكى قىزىل بولىدىكەن ). ئوت ۋە قۇياشقا ئېتىقاد قىلىش سەۋەبىدىن ، بۇ خىل قەبرىلەردە جەسەت بېشى شەرقىي شىمالغا قارىتىپ قويۇلىدىكەن . چاكاندا ھەم دەپنە قىلىنغان قەبرىلەرمۇ قۇياش شەكىللىك قەبرىلەرنىڭ ھەر بىر قۇردىكى توغراق رەت سانى يەتتە بولىدىكەن ، بەزى جەسەتلەردە ئېڭىكى چېتىلغان ئىكەن .

ئالتۇنتاغ

ۋاششەرىدىن 30 كېلومېتىر ماڭسا ئالتۇن تاغ ئېتىكىگە بارىدۇ . ۋاششەرىگە تەئەللۇق ئالتۇنتاغ ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ . بىر بۆلىكى قارئاتتى دەپ ئاتىلىدۇ . تاغ ئېتىكىدە بىر چوڭ ساي بولۇپ ، بۇ سايغا ئىچكىرىلەپ كىرگەندە تامچى دېگەن جايغا كېلىمىز . بۇ يەردە سۇ ئىگىزدىن تامچىلاپ چۈشىدۇ . بۇ ئەتراپتا قومۇش ، يۇلغۇن ، مالخون ‏( بىر خىل يىپىنچا ئۆسۈملۈك ) قاتارلىقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . ئۇ يەردىن بىر مەھەل قاڭغاندىن كېيىن توققۇز داۋانغا يېتىپ بارىمىز . 1- داۋان ‏- ياغاچ باستى2- داۋان – قارلىغاچ ئۇچتى3- داۋان ‏- مورا ( تىك) داۋان قاتارلىق داۋانلاردىن ئۆتىمىز . ئاندىن كېيىن بۆكتەرگە يېتىپ بارىمىز . ئالتۇنتاغ بەك كارامەت  كەڭرى تاغ .

قەشقەر مالچىلىرى ھەر يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 10- كۈنىگە قەدەر جەمئىي ئۈچ ئاي ئالتۇنتاغ ئەتراپىدىكى يايلاقلاردا مال باقىدۇ . بۇ يايلاقلارنىڭ ناملىرى تۆۋەندىكىچە ، 1- كالا كۆمدى ، 2- يېپىقلىق ئۆي ، 3- كەڭساي ، 4- دەپسەڭ ( تۈزلەڭ ) 5- چىغلىق ، 6- شورلاغ، 7- ئىلىبار توغرى ، 8- مىدا ، 9- كۆمەچ قالدى ، 10- ئارقا توغراق ، 11 – سارام ،12- توختاش قاتارلىقلار .

ئالتۇنتاغ تىزمىلىرى يېشىل تاغ ئەمەس ، كۆيۈك تاغ ، كان بايلىقلىرىدىن ، قاشتېشى ، ئالتۇن ، مىس زاك ، كۆمۈر ۋە باشقىلار بار .

قاشتېشىنىڭ پىششىپ يېتىلىش ۋاقتى بولىدىكەن . شۇڭلاشقا ئاچقۇچلار مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئاغزىنى يېپىپ پارتىلىتىپ تاشلايدۇ .

  يىللار بۇرۇن بۇ تاغلاردا 50 مىڭدەك ئادەم بايلىق ئىزدەپ يۈرگەن ئىكەن . ھازىر بۇنىڭ يېرىمى بار بولسا كېرەك . ئالتۇنتاغقا يىراقتىن قارىسا قىپقىزىل كۆرۈنىدۇ . ھەممىسى ئالتۇن ، كىشىلەر بايلىق تالىشىپ ، تەڭرىگە نالە قىلىپ تاغنى يوق قىلىۋەتكىن ، دېگەندىن كېيىن تاغ قارا تاشقا ئايلىنىپ كەتكەنمىش ، بۇ رىۋايەتنى ماڭا يەرلىك ئادەملەر ئېيتىپ بەردى . 

تەكيى تاغ( رازىۋاي)

ئۇ ئالتۇنتاغنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا جايلاشقان ، كان بايلىقى بار جايلىرى ئاقار بۇلاق ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يەنە سايلار بار . قاشتاشلىرىنىڭ رەڭگى : زاراڭزا چېچىكى ، تۇخۇم سېرىقى ، ناۋاترەڭ ئاق ، سۈرەڭگى ، سايۋارەڭ ، جىگدە غازىڭى ( يا  كۆك ئەمەس ، يا ئاق ئەمەس ، يېشىلغا مايىلراق ) ، پىياز كۆكى ، قارا  ، ئارىلاشما رەڭ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ھېقىق ۋە چاقماق تاشلىرى بار .

تەكيى تاغنىڭ تۈزۈلۈشى ، تۆپى قىسىمى تاغ ، ئاستى قىسمى تۈزلەڭ، ئۇنىڭ تېگى تاغقا ئوخشاش دۆڭلۈك ، شامال ، يامغۇر سۈلىرى ئېقىتىپ بۇ يەرلەرنى تاغقا ئوخشىتىپ قويغان . تەكىيى تاغدا قاشتېشى كانى يوق . تۆپى قىسمىدىن ئېقىتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئاندىن تاشلار تېپىلىپ قالىدۇ ، شامال پۈۋ دېگەن يەردىن ئۇشقۇشىدۇ . چوڭ سايدا سۇ بار ، شەرق تەرەپتە كانغا چىقىدىغان يول بار . قېشىدا يەتتە ساي دېگەن قۇرۇق ساي بار . چوڭ ساينىڭ غەربى تەرىپىدە ئوتتۇرا  ساي دېگەن ساي ، ئۇنىڭ غەربىدە توغراق چاپ دېگەن ساي بار . تەكيى تاغنىڭ تېگى تۈزلەڭ ، تۆت ئەتراپىدىن  تاش ئۇچراپ تۇرىدۇ . بۇ تاغدا شامال كۆپ چىقىدۇ . ياز كۈنلىرى بەك ئىسسىق بولىدۇ ، ياۋايى ھايۋانلاردىن ، جەرەن ، توشقان ، تۈلكە ، چاشقان ، قامچا يىلان ، يۈگۈرۈك قوڭغۇز ، تاغ قۇشقىچى ، كەكلىك ، بېغىر تاق قاتارلىقلار بار . ئوت – چۆپلىرىدىن ، تەسكەن ، شاب، ( جەرەن يەيدىغان ئوت ) ، چاكاندا ، يولغۇن ، توغراق ، ئازغان قاتارلىقلار بار .

تەكيى تاغقا بارغىچە تراكتور بىلەن بارىدۇ ، سۇ ، گۆش – ياغ ، ئاش ، ئوزۇق ئېلىۋالىدۇ . بارغان جايغا موم ياغاچ قاداپ قويمىسا ، ئەسلى بارغان جايدىن ئادىشىپ قالىدۇ .

تەكيى تاغدا ھەريىلى نەچچە مىڭ چارۋا ئوتلايدۇ .

قاشتېشى چىقىدىغان جايلارنىڭ نامى : مەش ، ئاسقان، ئىشتان ئاسقان ، ئۆردەك يېگەن ساي ، ئوتتۇرا ساي ، توغراق چاپ ، تەسكەنلىك ( يۇلغۇنغا ئوخشايدىغان بىر خىل ئوت ) ۋە باشقىلار . قارا ئات تېغىدا مۇزنى يەپ ياشايدىغان قۇرتلار بار . مۇز ئېرىگەندە سۇ بىلەن قوشۇلۇپ ۋاششەرگە تىرىك كېلىدۇ . ئۇلار ئۇزۇنچاق ، ئىنچىكە ، تۈكلۈك بولىدۇ .

قارا ئات تېغى ۋاششەرنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدە بولۇپ ، كۈنگەي تەرەپنىڭ سۈيى چەرچەنگە چۈشىدۇ . تۆۋەن قىسمىنىڭ سۈيى ۋاششەرگە كېلىدۇ . ۋاششەرنىڭ ئاساسلىق شۇ مەنبەسى قارا ئات تېغىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدىكى ئاق قار تېغىدۇر . قارا ئات تېغىدا ۋە كۆك رەڭلىك قاشتېشى بار .

  بۇ يەردە مۇنداق رىۋايەت بار : بۇرۇن يەر ‏- زېمىن تەۋرەپ توختىماي ، تەڭرى زېمىن تەۋرەپ توختىمىسا بەندىلەر قانداق قىلار، بۇنىڭ ئەتراپىنى تاغ بىلەن بېسىپ توختىتاي ،‏-دەپ تاغنى زىمىننىڭ چۆرىسىدە پەيدا قىلغان ئىكەن .

  تاغ بولمىسا سۇمۇ بولمايدۇ ، تاغ يوق يۇرتتا بۇلاق بولىدۇ . تاغ سۈيى كاتتا ، تاتلىق سۇ دۇنيادا قىممەتلىك نەرسە ، سۇ بولغاندا ئادەم ياشايدۇ . ئەڭ ئۇلۇغ بايلىق تاغدا بولىدۇ ، تاغنى قوغدىمىسا  بولمايدۇ .

تاغ قۇرتلايدۇ دېگەن گەپ ئەلمىساقتىن قالغان گەپ ، ھەر يىلى قات – قات قار يېغىپ ، مۇز قېلىنلاشقاندا مۇزغا ئايلىنىپ قۇرتلايدۇ . بۇ قۇرت سۇنىڭ ئۆزىنىڭ قۇرتى ، مۇز قۇرت ئارقىلىق پارچىلىنىپ ئېرىپ سۇغا ئايلىنىدۇ . قۇرت تىنىدىغان جانىۋار .

  تاغنىڭ مۇشەققىتى سەككىز ، ئون كۈن قار ياغسا ، يەنە سەككىز ، ئون كۈن يامغۇر ياغىدۇ . مالچىلار قوتاندىكى ماياق بىلەن تاماق ئېتىپ يەيدۇ . يانداما ( تاغلارنىڭ يانتو تەرەپلىرى ) قويلار ئوتلايدۇ .

بۇ تاغدىكى ئوت ‏- چۆپلەر : مۈچىيىمان

گۈل ( كۆك غوزىلاپ ئېچىلىدۇ ) ، گۈل سۇسان ( بۇ قىزىل ئاناردەك ئېچىلىدۇ ) ، مال ئوتلايدىغان پايچان ( بۇ گازىر پەدىسىدە ئېچىلىدۇ ) ، پايلاق سېرىق ۋە باشقىلار .

دورا ئوتلار : بىنەپشە ، گۈل سوسان ، پرشاۋۇدۇىن ، ئۆگىنەك ، ياغاچ ئەڭلىك ، سانا قاتارلىقلار بىنەپشە قوقاق ۋە زۇكامغا داۋا .بولىدۇ.

مۇسا تاغ

مۇساتاغ گەپ قىلماس ئادەم . 70- يىللاردا ئۇ تاش ئىزدەش جەريانىدا سايدا كېتىۋىتىپ ، ئىت ئېيىقىغا ئۇچراپ قالغان ، ئېيىق بوۋاينى بېسىۋىلىپ ، ئۇلار ئىككى ، ئۈچ سائەت ئېلىشقان ، بۇ مەزگىلدە سايدا سۇ بولغاچقا سۇدىمۇ تۇتۇشقان . ئېيىق بوۋاينىڭ بېقىنىدىن چىشلەپ ئۈچىيىنى چىقىرىۋەتكەن ، بوۋاي جان ئاچچىقدا ئېيىقنىڭ بىرقۇلىقىدىن تۇتۇپ ، بىر قولىدا بىر يەرلەرنى تاتلاشتۇرۇپ ، بىر پارچە تاش ئېلىپ ئېيىقنىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇرغان ، ئېيىق بوۋايغا تەڭ كېلەلمەي ئاخىرى بوۋاينى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن .

مۇسا تاغىنىڭ ئاكىسى مۇبارەك تاغ مۇنداق دېگەن : ئېيىق ئۇچراپ قالسا يۈزۈڭنى بەرمە ، ئەگەر يۈزۈڭنى كۆرسە ، ئالدى قولى ئارقىلىق كۆزۈڭنى قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ . ئېيىققا دۇچ كەلگەندە مۇشتنى بەر ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاغزىنى ئېچىپ تىلىنى چىقارغاندا تىلىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك ، يەنە بىر قولدا قۇلاقنى تۇتۇۋېلىش لازىم ، شۇ چاغدا ئېيىق بوشاپ قېچىپ كېتىدۇ . ئېيىق تاغدا داۋغان ( سوغۇر ) يەيدۇ . گۆشتىن باشقا ھېچنىمە يېمەيدۇ . بۇ تاغلارنىڭ ئوتتۇز پىرسەنت يېرىدە ئېيىق بار . تاغدا ئېيىقنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ ، گۆش ئىزدەپ سايمۇ ساي ماڭىدۇ . 5-، 6- ئايلاردا تۇغىدۇ ( 2-3 ئەتراپىدا)

ياۋا تۆگە كونا مېرەننىڭ ئۈستى تەرىپىدە ياشايدۇ . ماڭسا قاتارلىشىپ ماڭىدۇ .  مۇسا تاغ 80- يىللارنىڭ ئاخىرى ھال ساينىڭ توغراق چاپ دېگەن يېرىدە مۇنداق بىر غايىب غەزىنىگە ئۇچرايدۇ . كېچىسى تاغدا بىر يەرگە چۈشىدۇ . قوي تاراپ كېتىدۇ . بۇلاقتا ئاي شۇلىسىدەك بىر نەرسە كۆرۈنىدۇ ، ئۇ قورقۇپ كېتىپ ئېلىش – ئالماسىلىق توغرىسىدا ئىككى خىيال بولىدۇ ، كېيىن ئالىدۇ ، بۇ ئىككى كارامەتنىڭ چوڭلۇقى كەپتەر تۇخۇمىدەك بولۇپ ، بىر دانىسى بەكمۇ يورۇق ، يەنە بىر دانىسى سەل- پەل غۇۋا ئىكەن . مۇساتاغ بۇ نەرسىلەرنى ئىشەك توقۇمىنىڭ ئىچىدىكى مۆلەننىڭ ئىچىگە سوقۇپ ، تىنىچ- ئامان ئۆيگە ئەكىلىۋالىدۇ ، بۇ ئككى دانە تاش ئۆي ئىچىنى يورۇتىۋېتىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى دانە تاش گۆھەر ئىكەن . يەرلىك كىشىلەر كېيىن بۇ گۆھەرلەرگە “ ۋاششەر گۆھىرى “ دەپ نام بېرىدۇ . “ گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نە پايدا “ دېگەندەك ، مۇساتاغ نادانلىقتا گۆھەر ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەي بىر ئالدامچىغا ئالدىنىپ تارتقۇزۇپ قويىدۇ . بۇ ئىككى دانە گۆھەرنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ …

چەرچەن

غوڭقا

غوڭقا 1996-يىلى زاغۇنلىقتىن قېزىۋېىلىنغان ، 2600 يىللىق تارىخقا ئىگە ، توغراق ياغىچىدىن ياسالغان ئەڭ قەدىمىي ساز . ئۇنىڭغا 12 دىن 13 كىچە تار تارتىپ ، ئۈستىگە قوي تېرىسى يېپىپ ،يولغۇن مىخ ئارقىلىق مىخلاپ ياسىغان . غوڭقا 2001- يىلى جېننىس دۇنيا رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن .

قەبرىلەر

24- نومۇرلۇق قەبرىگە 14 ئادەم قويۇلغان بولۇپ ، سەككىز ئايال ، ئالتە ئەردىن تەركىپ تاپقان بىر جەمەت كىشىىلىرى ئىكەن ( 2600 يىللىق تارىخقا ئىگە ) ، 90- نومۇرلۇق قەبرىگە ئەر – ئايال بىللە دەپنە قىلىنغان بولۇپ ، ئەر جەسەتنىڭ بويى 1 مېتىر 80 سانتېمېتىر ، پۇتىدا قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن ئۆتۈك ، قولىدا يۇلغۇن قامچىسى ۋە بۇ قامچىنىڭ ئىككى ئۇچىدا ئۇستىخان بار .

گۈللەر

 

بۇ يەردە ئالتۇنگۈل ، سېرىق سەبدەگۈل ، قاتگۈل ، ئوردا گۈل ( قىزىل ئېچىلىدۇ ) ، قىزىلگۈل ( چوڭ گولمودەيدۇ ) ، لەيلىگۈل ، قامچاگۈل ، قامغاق گۈل قاتارلىق 50- 60 گۈل خىلى بولغان . ھازىر گۈللەرنىڭ نەسلى چاڭلىشىپ كېتىپتۇ . قەبرىلەردىن بايقالغان يادىكارلىقلار ئىچىدە ئوقيادان پازچىسى ياغاچ ئوق ، يولغۇن ھاسا بەلگە ئاسىدىغان ياغاچ تاختا ، تېرە قاپچۇق ، ياغاچ قېلىپ ، چۈشەك تانا ، ياغاچ چاقماق ، ياغاچ ئۇرچۇق ، ساپال ئۇرچۇق ، كېگىز ئاياغ ، رەڭدار يوللۇق يۇڭ رەخت ، يۇڭ ئەدىيال ، مۈڭگۈز قوشۇق ، سۆڭەك تاغاق ، مۈڭگۈز رومكا ، ئالتۇن ئاسما ئىلاھىي ھەيكىلى ، مىس تامغا ، مىس كۆرگۈ ، ئەينەك ، مىس ئوقيا ئۇچى ، تۇۋرا ( ئاتقا يەم – خەشەك بېرىدىغان خالتا ) ، ياغاچ ساپان ، باسما ئۈشكە ( ياغاچقا تۆشۈك ئاچىدىغان سايمان ) ، توغراق سوغا ، ياغاچ جۇۋاز قاتارلىقلار بار .

ھازىر چەرچەن دەرياسىنىڭ سۈيى ئازلاپ ئادەم يوتىسىغا كېلىدىغان بولۇپ قاپتۇ . ئۇ يەرلەردە كىيىك بار . قىسماق قويغۇچىلار دەريا بويىدا ساتمىدا ياتىدۇ . قىسماقىنىڭ ئىككى پاچىقى بار ( يۇمىلاق تۆمۈر ) ، بۇنىڭغا جەرەن چۈشىدۇ .

  قۇملۇقتا توشقان ، قىل يورغا ( پاچىقى ئۇزۇن ، رەڭگى كۆۆشكە مايىل ئېقىش ئۇچار جانداز ) بار . توخۇ ، ھاڭگىرت تۇخۇم چىقىرالمىسا ، قىل يورغا ئەركەك بېلىقنىڭ سۆڭىكىنى ئېلىپ كېلىپ شۇ ئۇۋىغا تاشلاپ بەرسە چۈجە چىقىدىكەن .

قۇملۇقنىڭ ئىچىگە كىرسە قۇملار ئاق كۆرۈنىدۇ . بەزى يەرلىرى خەششەكلىك ( شېغىللىق ) ، قۇمنىڭ ئارىسىدا شىرەملىك ( شورلۇق ) بار ، بىر قۇمدىن يەنە بىر قۇمغا شور كېچىپ بارىدۇ . ئۇ يەرلەرنى بىر مېتىر كولىسا سۇ چىقىدۇ ، لېكىن ئاچچىق بولۇپ ئىچكىلى بولمايدۇ . بىر مېتىر سۇدىن كېيىن كولىسا يەنە قۇم چىقىدۇ . قۇملۇقتا يالغۇز يېىتپ قالساڭ تەڭ كېچىدە توخۇ قىچقىرىدۇ . ئويغانساڭ يوق ، يەنە ئېشەكنىڭ ھاڭگىرىغىنى ئاڭلىنىدۇ . شامال چىقسا جاڭگالدا قۇم شىر – شىر سۇدەك ئاقىدۇ . قۇم يۆتكىلىپ بىردەمدە تامدەك بولۇپ كېتىدۇ ، دىققەت قىلمىسا كەلگەن يەرنى بايقىغىلى بولمايدۇ .

رىۋايەت : تەكلىماكانغا كىرسە چۈجە چىقارغان توخۇلار ئادەمگە ئېتىلىپ تۇرىدىكەن . توخودىن بىرنى تۇتۇپ يەنە قولنى كېىسىپ قان قىلغاندىن كېيىن بىر تىلسىم ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىدىكەن ، ئۆي غايىب خەزىنە ئىكەن ، ئۇنى يەنە قولنى كېسىپ قان قىلغاندىن كېيىن ئالغىلى بولىدىكەن .

نىيە

چەرچەندىن چىققاندىن كېيىن يولبويى جىگدە دەرەخلىرى ، ئاندىن غىڭ ساي ، ئاندا -ساندا ئۈنۈپ قالغان يۇلغۇنلار كۆزگە چۈشىدۇ ، يولنىڭ ئىككى تەرىپى بىپايان قۇملۇق ، دەل – دەرەخ زاتى ئەسلا كۆرۈنمەيدۇ ،قۇم يامغۇر -يېشىنسىز قاغىقىراپ كېتىپتۇ . بۇ يەرلەرنى خوتەنلىكلەر تارىم چۆلى دەپمۇ ئاتايدۇ .

خوتەن دەرياسىدا تاش كولىغۇچىلارنىڭ دېيىشىچە ، بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن بىرنەچچە خوتەنلىك خوتەن دەرياسىنى بويلاپ مېڭىپ 17 كۈندە تارىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەن . قۇملۇقتا ئۇلارغا گۈمبەزلەر ئۇچرىغان ، بىر ئادەمنى قۇم سۆرەپ كېتىپ يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەن . ئۇلار گۈمبەزلەرنىڭ قۇلۇپلىرىنى ئاچالمىغان ، بۇقۇلۇپلار ئاچىدىغان قۇلۇپ ئەمەس ئىكەن ، تاملىرى قېلىن ، گۈمبەزلەر  قۇمدىن بىرەر مېتىر ئېشىپ تۇرغان ئىكەن . ئۇلار بۇ ئالتە – يەتتە گۈمبەز ۋە ئىككى قاتار ئۆينىڭ ھېچبىرىگە كىرەلمىگەن . تالادا قىلىچ دەستىلىرىنى ئۇچراتقان ، بۇغدايلىرى ساڭدا بەك جىق ئىكەن ، بىراق مېتە يەپ كېتىپتۇ . ئالما دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى كۆرۈنگەن . شاپتۇل ئۇرۇقچىسى بىر مېتىر قىلىنلىقتا بولۇپ ، بىر قانچە مو يەرنىڭ ئورنىدا ئىكەن . يولدا چاكاندا ، يۇلغۇن ، توغراق كۆكلەپ تۇرىدىكەن . چاكاندىنىڭ رەڭگى قىزىل سېرىق بۇلۇپ  ، بەك چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن ، سۇ خالىمايدىكەن.

نىيىگە قەدەر يولنىڭ سول تەرىپىدىكى قۇم دۆۋىلىرى بىردىن يېقىنلاپ ، كېيىن بارا- بار ېېقىنلاپ قالىدۇ .

نىيىدىكى بىر مەشھۇر تىۋىپنىڭ بايان قىلىشىچە ، ھازىرقى نىيە ئۈچ قېتىم ئاپىرىدە بولغان يۇرت ئىكەن . 1- قېتىم ئاپرېدە بولغان شەھەرنىڭ ئىسمى سىبەتكور كېيىن خارابە بولۇپ كەتكەن . 2- قېتىم ئاپرىدە بولغان شەھەر نىرەننىشىك دەپ ئاتالغان ، ھازىر بۇ شەھەرنىڭ خارابىلىكى بار . 3- قېتىم ئاپرىدە بولغان شەھەر نىرەنگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن نىيا دەپ ئاتالغان ئىكەن

نىيىنىڭ ئالاھىدىلىكى : بۇ يەردە مۇنبەت تۇپراق كۆپ ، يايلاقلىرى مۇنبەت ، چارۋىلىرى كۆپ ، ئىھاتە ئورمانلىرى جىق ، سۇلىرى ئورتىھال.

بۇ يەردە  تۆمۈر رودىسى ، كۆمۈر ، تاشپاختا كانى ، ئالتۇن كانى بار، ئالتۇن كەڭرى .

نىيە ئادەملىرى ئەزەلدىن ياۋاش ، مېھماندوست ، ئۇياتچان ، بىرنەرسىنى يۈگۈرۈپ بازارغا ئېلىپ كىرىپ سېتىشقا تارتىنىدۇ . تەرەققىياتقا ئىنتىلىشى كۈچلۈك ، دېھقانلار باغ- ۋارانغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئەنجۈر ، ئالما ، ئانار ، بىيە ، ئۈرۈك  ، ئۈزۈمتال ، بالدۇر پىشار شاپتۇل ، ياڭاق ، بادام قاتارلىقلار بار .

  گۈل تۈرلىرىدىن : چىڭگۈل ( خوتەن پادىشاھى تېرىغان گۈل ئىكەن ) ، ئاق ئەتتىرگۈل ، قىزىل ئەتتىرگۈل ، سېرىق ئەتتىرگۈل ،رەيھانگۈل ، قامچاگۈل ، تاجىگۈل ، سېرىق سەبدە گۈل ، گۈل ھەمشىۋا ، سەبرەگۈل  ( پىكوس ) دېگەندەك كۆپ تۈر بار . 

كاررۇشتى تارشا پۈتۈكلىرى

 

ھازىر تېپىلغان كارۇشتى تارشاپۈتۈكلىرى 1000 پارچىگە يېقىن بولۇپ ، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان ، بۇ  خىل يېزىق چۈشۈرۈلگەن پول 200 دىن ئاشىدۇ . بۇ يېزىق ئۇدۇن ۋە كۈسەن قاتارلىق جايلاردا قوللىنىلغان بولۇپ ، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان ، بۇ خىل يېزىق چۈشۈرۈلگەن پول 200 دىن ئاشىدۇ . بۇ يېزىق ئۇدۇن ۋە كۈشەن قاتارلىق جايلاردا قوللىنىلغان بولۇپ ، ئىشلىتىلمىگىنىگە 1000 يىلدىن ئاشقان ، 18- ئەسىردە ئالىملارنىڭ ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە سىرى ئېچىلغان . ھازىر نىيە مۇزىيىدا كارۇشتى ۋە سىقلىرىدىن تۆت پارچە بار .

ئاق قۇچقىراق قەدىمىي قەلئە خارابىسىنىڭ دەرۋازىسى پۈتۈنلەي توغراق ياغىچىدىن ياسالغان ، ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگزىسى ياغاچ بىلەن يېپىلغان ، بۇ جايدىن ئۈزۈك ، زىرە ، پاختا رەخت ، يۇڭ تۇقۇلما پارچىلىرى ، ئورچۇق ، يىك ، ياغاچ ئەسۋابلار ، قاشتېشى سۇنۇقلىرى ، مىس ھالقا ، دانلىق زىرائەت ئۇرۇقلىرى تېپىلغان .

ھەمدەپنە بۇيۇملىرى

 

جەسەت ئاۋۋال كېپەنلەنگەن ، كېيىن كىيىم – كېچەك كىيدۈرۈلگەن . ئاياللارنىڭ كىيىمى يەكتەك ( كالتە ) ، يوپكا ، شىم ، پۇتىغا ئەڭ ئاددىي بولغاندا كىگىز پايپاق ، رەختلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يىپەك رەخت ، زىننەت بۇيۇملىرىدىن مىس كۆرگۈ ، كۆرگۈ ساقلايدىغان خالتا ، زىننەت بۇيۇم ساقلايدىغان يۇمىلاق قۇتا ، مىس ھالقا ، مارجان ( ئەينەك ، سۆڭەك ، قۇلۇلە قېپى قاتارلىقلاردىن ياسالغان)

ھاللىق ۋە تۆۋەن سەۋيىىگە قاراپ دەپنە ئادىتى ئوخشىمايدىكەن . ھازىدارلار يىپەك رەختكە كۈچى يەتمىسە ، جەسەتكە يۇڭ رەخىتتىن كىيىم كىيگۈزىدىكەن.

نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تاۋۇتقا قويۇلغان . تاۋۇت 5- 6 خىلغا بۆلۈنىدۇ . بەزىلىرى شالدىن ، توغراقتىن ( ئويۇپ ياسىغان ) ، بەزىلىرى توغراق ياغىچىنىڭ ئىككى ئۇچىنى كېسىپ ، ئىچىدىكى پورنى ئېلىۋېتىپ ئاندىن بىر بېشىدىن جەسەتنى كاۋاپقا كىرگۈزۈپ ، ئاندىن ئىككى بېشىنى لاي بىلەن ئەتكەن . يەنە بىر خىل ئوقۇر شەكىللىك لاي بىلەن ئەتكەن، يەنە بىر خىل ئوقۇر شەكىللىك تاۋۇتلارمۇ چىقىدىكەن، ئۇلار ئۇمۇمەن تاۋۇتقا قۇم ، توپا كىرمەسلىكى شەرت قىلىدىكەن .

نىيە خارابىسىدىكى ئولتۇراق ئۆي ئىزلىرى ئوقيا ،قۇرۇلۇشتىن قېپقالغان قوشام تام ، تۇقۇلما تام قاتارلىقلار بار.

كېرىيدىكى ئاتچان

ئاتچان – كېرىيىدىكى ئەڭ قەدىمىي جايلارنىڭ بىرى بولۇپ ، شەرق تەرىپى ئويتوغراق يېزىسىنىڭ قارا بۇلاق دېگەن كەنتى . غەرب تەرىپى چىرا ناھىيىسىنىڭ بوستان يېزىسى ھەمدە يەنە قۇرۇم – كوئېنلون تېغى ئارقىلىق شىزاڭ بىلەن چىگىرىلىنىدۇ . ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 150 كېلومېتىر ، چوڭ كەنتلىرى : پۇلو كەنتى ، ئەشكۈ بولۇڭ ، قاشتېشى كەنتى ، شوڭگۇلا ، كۈنەس ( سوقتىياق ) ، تۈگمەن بېشى ( كوئېنلون ) ، ئاتچان كەنتى ، تەسكەنلىك كەنتى قاتارلىق كەنتلەردىن ئىبارەت .

پەسىلسىز دەريالاردىن : كۇراپ دەرياسى ، كېرىيە دەرياسى ، پېشكەر دەرياسى ، پەسىللىك دەريالاردىن : پۇلو دەرياسى ، ئەچكۈ بۇلۇڭ دەرياسى ، بوشقات دەرياسى ، قاشتېشى دەرياسى ، كۈنەس دەرياسى ، ئاتچان دەرياسى ، چىغانلىق دەرياسى بار.

داڭلىق يايلاقلاردىن : خان يايلىقى ، پۇماس يايلىقى، ياغلىق ئۇران ياغلىقى، تۆگىچى يايلىقى قاتارلىقلار بار .

ئاتچاندىن خرۇستال تاش ( بۇنىڭ قارا ، سېرىق ، قىزىل رەڭلىكلىرى بار ) ، يەنە ناۋات رەڭگى تاش ( ئاق بولىدۇ ، 1-دەرىجىلىك ) ، سايۋارەڭ تاش ( 2-دەرىجىلىك ) ، قارا قاشتېشى ( 3- دەرىجىلىك ) ، ئالا قاشتېشى ( 4-دەرىجىلىك ) ، دەپتەر ۋارىقى ( كۈمۈش رەڭلىك ) ، ئاسمان كۆكى تاش قاتارلىق قاشتېشى خىللىرى كۆپ .

قاشتېشى ئىزدىگۈچىلەر قاشتېشى بوش يەردىن چىقمايدۇ ، دەيدىكەن .

پىشكەردىن كاۋاش ، سۈزۈك تاش ، چاقماق سۇ تېشى ، قىرلىق تاش ( رەڭلىك ، رەڭسىز ) ، قاشتاش كەنتىدىن (لوش ) ۋىلايەت بويىچە 1- دەرىجىلىك تاشنىڭ ئالتە – يەتتە خىلى چىقىدىكەن .

دورا ئوت – چۆپلەردىن : بىنەپشە ، چاكاندا ، ياگا ، تاغ پىيىزى ، توشقان زەدىكى ، يەر باغرى ، رەۋەن ، ئېيىق پۇرچىقى بار.

ياۋايى ھايۋانلاردىن : مولۇن ، داۋغان ، كۆكمەك ( تاغ تېكىسى ) ، ئارقار ، جەرەن ، قوتاز ، بۆرى ، بۇغا ، قولان ، تۈلكە ، ئىسسى ( گۆشخور ھايۋان ) ، قارا كالتەك ( بىر خىل تۈلكە ) ، كەكلىك ، ياۋا كەپتەر ، قاغا ( قارا تۇمشۇق، قىزىل تۇمشۇق ، سېرىق تۇمشۇق ) ، يەنە گۆشخور قۇشلاردىن بۈركۈت ، قارچۇغا ، ئىت ئالغۇ ، لاچىن ، قۇرغۇي ، سېرىق سار ، ئاچا قۇيرۇقلۇق سار ، قاراقۇش ،ئالاقۇش ، ئاق سالۋا ( غىجى ) ، چوغۇندەك ، گۈژكىنەك ، باشقا قۇشلاردىن يەنە كاككۇك ، قىزىل قۇشقاچ ، سېرىق قۇشقاچ، ئاق قۇشقاچ ، ئالا چېكىت ، سۈندۈك (سېرىق ، كۆك ) ، قۇرۇتچى ، قارلىغاچ ، ھۆپۈپ ، چامغۇرچى ، تورغاي ، قارا قۇشقاچ ، تام پوتلىسى (جاڭگال دۇمباقچىسى ) ، غورلاي ، تورۇمچى ، كۆك تالغۇ ، بۇدىنە ، مۈشۈك ياپىلاق ، قىل يورغا ( چۆلدە ياشايدۇ ) ئېشەك قۇچقىچى ، بوز ئۇلار ( بۇنى يىگىلى بولىدۇ ) ، كاررۇك ئۇلار ( غوت ئۇلارمۇ دەيدۇ ) ، پاختەك ( قىزىل ۋە ئاق ) ، سۇ قۇشقىچى ، غاز ئۆردەك ، ( پالۋاش – كۆكباش ) ، چوللۇق ( يامغۇرچى ) بار . چۆلدىكى ئوت – چۆپلەر : شاپ قامغاق ، سوققى ، ئەسپىل ، چاكاندا ، دانى سىگەك ، كۆرۈك ، تەسكەن ، چۈچۈن، ئوغرى تىكەن ، چېقىل تاش – تاش تاغ ، ياۋا كەندىر ، تورغاي تىلى ، قۇماچ ، مىش مىدىق قاتارلىقلار بار . 

جەسەتلەر:

 2002- يىلى بىر قويچى لۇش دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە ئېچىلىپ قالغان بىر كوزا ۋە قەبرىلەرنى بايقىغان ، بۇ قەبرىلەردىن 35 جەسەت  يەرنىڭ تۆت مېتىر تېگىدىن چىققان ، قەبرىلەر ھازىرقى قەبرىلەرگە ئوخشىمايدىكەن . ئۇ زاماندا تاشنى يۇمىلاقلاپ تىزىپ دائىرە ھاسىل قىلىپ ، ئۇنىڭ ئىچىنى بىر مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولاپ ، مېيىتىنى دەپنە قىلىدىكەن . بەزىلىرى قوش دەپنە ، بەزىلىرى قەۋەتلىك دەپنە ئىكەن .

   جەسەتنىڭ پۇتىنى ئىگىپ  ئاندىن ياتقۇزىدىكەن . جەسەتلەرنىڭ كىيىم -كېچەكلىرى چىرىپ كەتكەن ئىكەن . بۇ قەبرىلەردىن 50- 60 دانە كوزا چىققان ، بەزىلىرى قۇرۇق، بەزىسىدە نەرسە بار ئىكەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 40-50 دانە ھالقا ، ئالتۇن زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى چىققان . مارجانلار قاشتېشى مارجانلار ئىكەن . ۋاقتى 3500 يىلدىن ئارتۇق ، بۇ ھازىرقى مۆلچەر ئىكەن.

پۇلۇ كەنتى شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبىدا يەنى قاراقۇرۇم تېغى ئېتىكىدە ، بۇ يەردە شىزاڭغا بارىدىغان بىر تاغ ئېغىزى بار .

1951- يىلى پۇلودا يانار تاغ پارتلىغان ، بۇ ۋولقاننىڭ “ ئاسىيادىكى ياش يانار تېغى “ دېگەن نامى بار .

پۇلو كەنتىدە “ سۇلتان قىلىچ مازىرى “ دەپ ئاتىلىدىغان بىر مازار بار . رىۋايەتكە قارىغاندا، سۇلتان سەئىدخان بىر قېتىملىق يۈرۈشتىن قايتىپ پۇلوغا يىتىپ كەلگەندە ۋاپات بولغان ئىكەن . خاننىڭ جەسىتى يەكەنگە دەپنە قىلىنىدىغان بولغانلىقتىن ، تاغلىقلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە تەلىپىگە بىنائەن ، سەئىدخاننىڭ بىر قىلىچى بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

رىۋايەت : كىچىك پولۇنىڭ كۆك بۇلاق پاششىم دېگەن يېرىدە ، بىر پاقا كالىنىڭ تىلىدەك بىرپارچە ئالتۇننى بېسىپ ياتىدىكەن . ئۇنى ئادەتتە ئالغىلى بولمايدىكەن ،  مۇبادا ئالىمەن ،- دەپ تەۋەككۈل قىلسا ھەرخىل كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن .

شوڭگول كەنتىدە تۈۋى مەدەككە ئوخشاش بىر بويتاق تاش بار ئىكەن . ئۇنىڭ يىلتىزى بىلەكتەك بولۇپ ، يەردىن 20 سانتېمېتىر ئەتراپىدا كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىكەن . ئۇنىڭ كۆتۈرۈپ تۇرغان تېشى ئۈچ توننا ئېغىرلىقتا ئىكەن . ھازىرغىچە نۇرغۇن ئادەم تۈۋىگە بېرىپ باققان بولسىمۇ ئۆرىيەلمىگەن .

سوقتىيار كەنتىدە 28 تۈپ توغراق بار ئىكەن . ئۇ ، يا 29 تۈپ بولۇپ قالمايدىكەن . بۇ توغراقنىڭ شاخلىرى ئۈستىدىن بىر تاش ئۈنۈپ چىققان ، تاغلىقلار ئۇنى “ ئادەمسىز سوت مەھكىمىسى “ دەپ ئاتايدىكەن .

بىرسىنىڭ قويىنى بىرسى ئوغرىلاپ كەتسە ، كىشى شۇ يەرگە بېرىپ تىلەك تىلىسە ، شۇ ئوغرىغا دەھشەت چۈشىدىكەن . تۇغماس ئاياللار مۇشۇ توغراققا بارسا پەرزەنتلىك بولۇپ قالىدىكەن .

تۈگمەن بېشى كەنتىدە 15-20 مېتىر چوڭلۇقتا بىر تاش بولۇپ ، ئۇنىڭدا تۆگە ۋە بوتىلاقنىڭ ئىزى بارئىكەن . شاخلىرى بەزى يىللىرى شەرققە ، بەزى يىللىرى غەربكە ، كيىن شىمالغا قارايدىكەن . بۇ يەردە يەنە بىر سىرلىق بۇلاق بار ، ئادەملەر يامغۇر تىلىگەندە بويىغا كىلىدىكەن . دەل مۇشۇ ئورۇندا 69 نوپۇس ( 30 نەچچە ئائىلە ) بولۇپ ، يىللاردىن بۇيان بۇ ئادەملەر يا 68 يا 70 بولۇپ قالمايدىكەن .

تەكلىماكان توغرىسىدا يۇقىرىقىلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان جەرياندا كىشىلەرنى قىزىقۇرىدىغان ، ئويغا سالىدىغان ، قېزىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان ئامىل پەقەتلا مەدەنىيەت .

ئېتنىك مەدەنىي يادىكارلىق ، مىراسلار خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت مۇساپىسى سۈپىتىدە ئەسىردىن ئەسىرلەرگە ئۇلىشىپ كەلمەكتە ،  بۇ جەھەتتە بىز پەخىرلىنىشكە ھەقلىق ، لېكىن بۇ قىممەتلىك بايلىقلارغا سەل قاراپ ، تاشلاپ يوقىتىپ قويساق ، مەدەنىيتىمىزنى ۋەيران قىلىشقا يۈزلەندۈرۈپ قويغان بولىمىز ، ئەلۋەتتە . ئاخىرىدا شۇنداق دېگۈمىز كېلىدۇ : تەكلىماكاننى تېخىمۇ قازايلى ، تېخىمۇ ئۈگىنەيلى ، چۈنكى بىز تەكلىماكان ، تەكلىماكان دېگەن بىز .

 

مەنبە:كۈسەن مۇنبىرى

 

5نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. يىپەك
    2011/10/18 12:07:33

    تەكلىماكان ھەقىقەتەن سىرلىق جاي،دائىم بۇ تۇپراققا قەدەم باسقىنىمدا ،ئىختىيارسىز ئۇزاق قاراپ كىتىمەن ، نىمشقىدۇر چەكسىز كەتكەن بۇ قۇملۇققا تويماستىن قارىغۇم كىلىدۇ ،،،چۈنكى مىنىڭ ئەجدادىم مۇشۇ يەردە ياشاپ ،مۇشۇ يەردە تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن ….

  2. ھونزادە
    2011/09/07 16:02:50

    مۇشۇ قۇۋۋەت يىمەكلىكىمىز ‹‹ئۇجۇل›› توغرىسىدا مۇمكىن بولسا بىر تەتقىقات ماقالىسى يازسىڭىزمۇ ئازلىق قىلىدىغان ئوخشايدۇ،بولسا شۇ خىل يىمەكلىكتىن ئازراق ئەۋەتىپ بەرمەمسىز بىزگە؟چاقچاق ھە .

    • lopnuri
      2011/09/08 08:15:38

      ئەگەر ئۇزۇقشۇناسلىق ئىلمىدىن ئازراق خەۋىرىم بولغان بولسا،چوقۇم يازاتتىم. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى،ھازىر تارىم دەرياسىنىڭ يۇرتىمىزدىن ئۆتىدىغان جايلىرىدا سۇ بەك كەمچىل،بۇرۇنقىدەك كۆللەرگە سۇ تولۇپ تۇرىدىغان كۆللەرمۇ يوق.يىكەن دېگەن بۇ ئۆسۈملۈك سۇ كۆپ بولسا،ئاندىن ئۆسەلەيدىكەن ئەمەسمۇ؟ ھازىر يۇرتىمىزدا ئۇجۇل ياسىغىدەك يىكەنننى ھېچقانداق جايدىن تاپقىلى بولمايدۇ. بىزغۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا مەھەللىدىكى كىچىك كۆلچەكلەرنىڭ بويىغا ئۆسۈپ قالغان يىكەنلەرنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ يەپ چوڭ بولغان. ئەپسۇس،بۇنداق نەرسىلەرنى يېيىش ئەمدى كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا نېسىپ بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

  3. ھونزادە
    2011/09/07 07:13:01

    تەكلىماكان ھەقىقەتەن تىلسىماتقا تۇيۇنغان ماكان ،مەن كۆرگەن خېلى كۆپ ئەسەرلەردە لوپنۇردا 100 ياشتىن ئاشقان ئادەملەرنىڭ خېلى كۆپلىكىنى بايقاپ قالدىم،ھازىرمۇ شۇنداقمۇ؟ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنىڭ سەۋەبى نىمە؟

    • lopnuri
      2011/09/07 14:24:47

      لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى بىر قانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بىرىنچىدىن،ئۇلار ياشىغان تەبىئىي شارائىت ياخشى،كەڭ تەبىئەت،چەكسىز كەتكەن توغراقلىق،ساپ ھاۋا ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. ئىككىنچىدىن،يېمەك ئىچمەك جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلەر، تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلىش،تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن،لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە ئۇجۇل(يىكەننىڭ چېچىكىدىن تەييارلىنىدىغان بىر خىل يىمەكلىك)ئالاھىدە بىر يېمەكلىك.تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا« لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى»دېگەن ماقالىسىدە ئۇجۇل ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « يىكەن چىچىكىدىن ھازىرلانغان ئۇن«ئۇجۇل» دەپ ئاتىلىدۇ. يىكەن چىچىكى ئۇجۇل دەپ ئاتالغاچقا، ئۇنىڭ ئۇنىمۇ «ئۇجۇل» دەپ ئاتالغان. يىكەن ئۆسۈپ ۋايىغا يەتكەندە بەش-ئالتە سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا باش ئېلىپ سېرىق چىچەكلەيدۇ. بۇ پەسىلدە كىشلەر كېمە بىلەن دەريا-كۆللەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئۇنى قېقىپ ئالىدۇ-دە،قۇرۇتۇپ، سوقۇپ تاسقاپ ئۇن قىلىۋالىدۇ. بىرنەچچە تاغار ئۇجۇلىدىن بىرەر-يېرىم خالتا ئۇن قىلغىلى بۇلىدۇ. ئۇ، قۇۋەتلىك ۋە تېتىملىق بولغاچقا، بىرقازان بېلىق ياكى گۆش شورپىسىغا ئىككى ئۈچ چىمدىم سالسىلا كۇپايە قىلىدۇ. ئۇجۇل ئادەتتە ئاساسەن بۇلماق ياكى قاتۇرما(ئۇجۇل ھالۋىسى) قىلىنىپ، ئەتىگەنلىكى چاي بىلەن بىرەر كېسىكتىن يىيىلىدۇ. ئۇجۇل قاتۇرمىسى بېلىق يېغىدا ئادەتتىكى ھالۋىدەك ھازىرلىنىدۇ. پىشقاندا قاچىغا ئېلىپ كىسىپ قويۇپ ئىستىمال قىلىندۇ. ئۇ شۇنداق مەزىلىك، قۇۋەتلىك كىلىدۇكى، ئىككى كىسىك ئارتۇق يەپ ئالسا، كەچكىچە قورساقنى ئاچۇرمايدۇ. لوپنۇرلۇقلار ئەزىز مىھمانلارنى گۆش ۋە بېلىقتا كۈتىۋىلىش بىلەن بىللە ئۇجۇل بۇلىمىقى، ئۇجۇل ھالۋىسى بىلەنمۇ كۈتۈۋالىدۇ. ئۇجۇلنىڭ تەركىبىدە بىرخىل ماي ماددىسى بولسا كېرەك، شۇڭا ئۇ ھۆل ۋاقتىدا شىلىمسىمان-يېپىشقاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىنىڭ يوقىرى بۇلىشى شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى مۇمكىن. دۇنيادا دەريا، كۆل بويلىرىدا ياشايدىغان باشقا مىللەتلەر يىكەننىڭ توزغاقتىن سىرىت مۇنداق ئوزۇقلۇق تەركىبى يوقىرى يەنە بىرخىل مەھسۇلات بېرىدىغانلىقتىن خەۋەرسىز بۇلىشى مۇمكىن.شۇڭا، پەندە ئۇنىڭ تەركىبىدە قانداق ماددىلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا بىرەر مەلۇمات بېرىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بۇ نوقتىدىن ئۇجۇلنى لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىركەشپىياتى دىيىشىگە بۇلىدۇ. بۇ مەخسۇس تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك بىر تېما.» ئۇنىڭدىن باشقا يەنە لوپنۇرلۇقلار ئوۋچىلىق ۋە بىلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا يەنە بۇ ساھەدىنمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ،تەنگە قۇۋۋەت ۋە داۋا بولىدىغان نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنى ئىجاد قىلغان. ئۇسسىغاندا بولسا،توغراق سۈيىنى ئىچكەن،ئېيتىشلارغا قارىغاندا توغراق سۈيىنىڭ نۇرغۇن شىپالىق تەرەپلىرى بارمىش.
      ئۈچىنچىدىن،ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى موللىقى،قوشاق ئېيتىشقا ئامراق ۋە ماھىرلىقى،ئۇزۇن تۈنلەرنى سېھرلىك چۆچەكلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشى،كوللىكتىپچانلىق ئېڭىنىڭ يۇقرى بولىشى،تاپقان-تەرگىنىنى تەڭ بۆلۈشۈپ يىيىشى،باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولماسلىقى،سىرتنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچىرمىغان،بىر قەدەر بېكىك ھالەتتە ياشىغاچقا،ئۆزىدە ئاقكۆڭۈل،ساددا،سەمىمىي خاراكتىرلەرنى يىتىلدۈرشى.يىغىنچاقلىغاندا،ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق پىسخىكا جەھەتتىكى ساغلاملىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرالىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مومكىن. مېنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك. ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى تېپىش كىيىنكىلەر تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif