تورغا خۇمار بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى پىسخىكىلىق يېتەكلەش توغرىسىدا

تورغا خۇمار بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى پىسخىكىلىق يېتەكلەش توغرىسىدا

 

1. تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش دېگەن نېمە؟

 

تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش ـــ ياش- ئۆسمۈرلەردىكى تور ئويۇنلىرىغا زىيادە بېرىلىش ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ھەر كۈنى، ئۇزۇن ۋاقىت كۇمپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ تور ئويۇنلىرىنى كۆرۈش ۋە بۇنىڭدىن ئۆزىنى كونتېرول قىلالماسلىق، نەتىجىدە روھىي ھالىتى، جىسمانىي ساغلاملىقى، ھەتتا ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچارلاپ كېتىشتەك نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر.

2. تورغا خۇمار بولغان ئوقۇغۇچىلارنى پىسخىكىلىق يېتەكلەش جەريانى ۋە ئۇسۇلى:

1) يېتەكلەنگۈچىنى ئەتراپلىق چۈشىنىش كېرەك.

بۇ خىل ئوقۇغۇچىلاردىكى تورغا خۇمار بولۇش ھالىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئوخشىمىغان سەۋەبى بولغان بولىدۇ. بىز بۇلارنىڭ قىزىقىشى، مىجەز- خاراكتېرى، ئېھتىياجى ۋە خاسلىقى قاتارلىقلارنى كۆزەتكەندىن باشقا يەنە ئۇلاردا كۆرۈلگەن مەسىلىنىڭ سەۋەبى، بۇنىڭ مەزكۇر بالىغا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق كۆزىتىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تەپسىلىي ئىگىلىشىمىز كېرەك.

ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن كۆزىتىش كېرەك. يەنى بالىدىكى مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب ئائىلە مۇھىتى نۇقتىسىدىن، ئاتا- ئانىنىڭ يېتەرلىك كۆيۈنمەسلىكىدىنمۇ، خاتا يېتەكلەنگەنلىكىدىنمۇ، باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەسىرىدىنمۇ…

مەكتەپ ۋە جەمئىيەت نۇقتىسىدىن، باشقىلار تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلغانمۇ، مەكتەپتىكى يېتەكلەش ياكى كۇمپىيۇتېر دەرسىدىكى يېتەكلەش يېتەرلىك بولمىغانمۇ…

قانۇنسىز تورخانىلاردا مەشخۇلات قىلىپ شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالغانمۇ…

2) مەسىلىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش كېرەك.

ئىگىلىگەن ماتېرىيال ۋە ھادىسىلەرنى سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بويىچە تەھلىل قىلىپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى ۋە ئۇنى پەيدا قىلغان سەۋەبنى ئېنىقلاش، زىددىيەتنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇل- چارىلىرىنى بىكىتىش لازىم.

3) پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

پىسخىكىلىق يېتەكلەشتە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

بىرىنچى، سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى

ئىككىنچى، مەشىق قىلدۇرۇش ئۇسۇلى

بۇ ئەمەلىيەتكە قاتناشتۇرۇش، پائاليەت تەشكىللەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېتەكلەنگۈچىنى چېنىقتۇرۇپ، تىپىك پىسخىك كەچۈرمىشكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئۆز قىلمىشىدىكى ياكى كۆز قارىشىدىكى خاتالىقنى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشتۇر.

مەسىلەن: تورغا خۇمار بولغان ئوقۇغۇچىغا تۆۋەندىكى ‹‹رول ئېلىش›› پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بىر ئوقۇغۇچى ‹‹باش قەھرىمان›› بولىدۇ. ئۇ ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ دېگەن گېپىگە قۇلاق سالىدۇ. يەنە بىرقانچە ئوقۇغۇچى ئاتا- ئانا، ئاچا- سىڭىل ۋە دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ قايسى رولنى ئالغانلىقىنى پەقەت رول ئالغۇچى كىشى ــ ئۆزىلا بىلىدۇ. ئۇ شۇ كىشىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدۇ (ئانىسىنىڭ ياكى دادىسىنىڭ). ھەممەيلەن سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ‹‹باش قەھرىمان››دىن سىزگە كىمنىڭ گېپى ئەڭ تەسىر قىلدى؟ كىمنىڭ گېپى ئەڭ بىزار قىلدى؟ كىمگە جاۋاب قايتۇرغىڭىز كەلدى؟ نېمە ئۈچۈن دېگەن سوئالنى سورايمىز. بۇ جەرياندا بارلىق رولدىكى كىشىلەر ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇنداقلا ھەممەيلەن بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرىدا دېگەن سۆزلىرىنى ‹‹باش قەھرىمان››غا دەيدۇ (كېيىن سوئال سورىلىدۇ).

ھازىر سىز قانداق ھېسسىياتتا بولىۋاتىسىز؟ كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىڭىز؟ سىزگە تەسىرى بولدىمۇ؟

كېيىن سوئال سورىغۇچىلار (باشقا رولدىكى)دىن مۇشۇ جەرياندا قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى سورايمىز ۋە خۇلاسىلەيمىز.

بۇ ئۇسۇل دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە ئىشلىتىشكىمۇ ماس كېلىدۇ.

پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ‹‹باش قەھرىمان››نىڭ ھېسىياتىنىمۇ ھېس قىلالايدۇ. ‹‹باش قەھرىمان››مۇ ئۆزىگە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. شۇنداقلا نىسبەتەن بىۋاستە ۋە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ.

ئۈچىنچى، يېتەكلەش ئۇسۇلى

بۇ ئىككىنچى ئۇسۇلنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. يەنى مەلۇم ئاكتىپ تەرەپنى بويلاپ داۋاملىق ئىچكىرىلەپ يېتەكلەشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: يېتەكلەنگۈچىنى ئەھمىيەتلىك كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ روھىي جەھەتتىن تەسەللىي بېرىپ ئۇلارنى جانلاندۇرۇش.

تۆتىنچى، چېنىقتۇرۇش ۋە دىققەتنى يۆتكەش ئۇسۇلى

ھەرخىل ياخشى خاراكتېر ئالاھىدىلىكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇپ چېنىقتۇرۇش نەتىجىسىدە تورغا خۇمار بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش.

بەشىنچى، تەسەللىي بېرىش ئۇسۇلى

ئالتىنچى، سەسكەندۈرۈش ئۇسۇلى

بۇ خىل ئۇسۇل باشقا ئۇسۇللارنىڭ قارشىسىدىن چىققان ئۇسۇل بولۇپ يېتەكلەنگۈچىنى ئۆزى خۇمار بولۇپ قالغان شۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش، يەنى شۇ ئادەم ئۆزى بىزار بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق شۇ خىل قىلمىشتىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كېچىشكە يېتەكلەيدىغان ئۇسۇلدۇر.

4) ئىز قوغلاپ كۆزىتىش كېرەك.

پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى بىر قېتىملىق سۆھبەت ياكى تەسەللىي بېرىش ئارقىلىقلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن مەسىلىلەر قايتا تەكرارلىنىدىغان ئەھۋال بولىدۇ. ياش- ئۆسمۈرلەردە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر بالىنىڭ مەلۇم يامان قىلمىشىنى تۈگىتىمەن، ياردەم قىلىمەن دەيدىكەنمىز، چوقۇم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل، ئىزچىل كۆزىتىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. ئەھۋال بايقالغان ھامان داۋاملىق ئىلگىرلەپ يېتەكچىلىك قىلىش زۆرۈر. ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا، چوقۇم ئۇلارنى مەخسۇس پىسخىك مەسلىھەت بېرىش ئورۇنلىرىغا ياكى داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىشقا دەۋەت قىلىشىمىز كېرەك.

 

مۇلاھىزە سوئاللىرى

1. ئوقۇغۇچىلار قانداق ئەھۋالدا تورغا ياكى تېلېۋىزۇرغا خۇمار بولۇپ قالىدۇ؟

2. تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا چىقىشىنى قەتئىي چەكلەش كېرەكمۇ؟

4. تورغا خۇمار بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش كېرەك؟


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2015

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-03-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: