ئۆزىنىڭ پىسخىك ساغلاملىققا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى

ئۆزىنىڭ پىسخىك ساغلاملىققا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى

1.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز-ئۆزىنى قۇبۇل قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىدۇ.

2.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز-ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ئەمەس،بەلكى ئۆزىدىن بىزار بولىدۇ.

3.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىگە ئىشىنىدۇ،ئەكسىچە بولسا،گۇمانلىنىدۇ.

4.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆز-ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تۇيغۇسى مول بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل ياكى يوق بولۇپ،ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ.

5.پىسخىكىسى ساغلام كىشىلەر سەمىمىي-ساداقەتمەن كېلىدۇ،ئەكسىچە بولسا،ياسالما ۋە سەمىمىيەتسىز بولىدۇ.

6.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۈمىدۋار بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،روھى چۈشكۈن بولىدۇ.

7.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنىڭ شەخسى ئىقتىدارىنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆلاز ئىقتىدارى ھەققىدە ھېچنېمىنى دەپ بېرەلمەيدۇ.

8.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز مۇۋاپىقىيىتىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ.ئەكسىچە بولسا،غەلبە قىلىشتىن قورقىدۇ ياكى غەلبىسىنى ئىنكار قىلىدۇ.

9.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ھاياجانلىنىپ كونتىروللىقىنى يوقىتىدۇ.

10.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،يەككە چەكلىمىلىكلەرنى قۇبۇل قىلالايدۇ.بۇ سەۋەبلىك ئارامسىزلىنىپ،خىجىل بولۇپ ئۆزىنى جىنايەتكاردەك ھېس قىلمايدۇ.ئەكسىچە بولسا،تەنقىدلىنىش ۋە يېڭىلىشتىن قورقىدۇ.

11.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،بىرەر ئىش قىلغاندا تەشەببۇسكار ۋە بېرىلىشچان بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا پاسسىپ بولىدۇ.

12.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مەسىلىلەرنى مەركەز قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،پەقەت ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدۇ.

13.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھېسىيات جەھەتتە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئەكسىچە بولسا باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولىدۇ.

14.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقان بولۇپ،ئۆزىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىيالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئىشەنچىسى كەمچىل،ئۆزىنى يۇشۇرۇشقا تىرشىدۇ.

15.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،خىجىل بولۇپ،ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

16.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھەقىقي ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى بېسىشقا ئۇرىنىدۇ.

17.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مېھرىبان ۋە ئاقكۆڭۈل بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى ئېغىر ھەم باشقىلارغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ.

18.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،باشقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە باشقىلارنى ئاسىراشنى بىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ.

19.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئىلاستىكىچانلىقى يۇقىرى،يەنى ماسلىشىش چانلىقى يۇقىرى بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،قاتمال،مۇتەئەسسىپ،ئۆزگەرمەس بولىدۇ.

20.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىش ئېڭى تۆۋەنرەك بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى يۇكسەك دەرىجىدە مۇداپىيە قىلىدۇ.

21.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۈمىد ئارزۇلىرى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن مۇۋاپىق بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئەمىلىيەتتتىن ھالقىغان،بەك ئاددىي ياكى ھېچقانداق ئۈمىد ئارزۇسى يوق بولىدۇ.

22.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلالايدۇ،ئۆگىنىشنى خالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،تايىنى يوق قۇسۇرلارنى تاپىدۇ،باشقىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.

23.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەجىربىلەرگە خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،يېڭى تەجىربىلەرگە قارشى تۇرىدۇ.

24.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ۋە جەڭ ئېلان قىلىشتىن ھوزۇر ھېس قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى خالىمايدۇ،مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدۇ.

25.پىسخىكىسى ساغلام بولسا، سالماق ۋە بىمالال يۇرىدۇ.ئەكسىچە بولسا،پاسسىپ ھەم جىددىيلىشىپلا يۈرۈيدۇ.

26.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،خالىمايدۇ.

27.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز ئىقتىدارىنى توغرا،دەل جايىدا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى ئاجىز،ئوڭايلا زەربىگە ئۇچىرايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.

28.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ياردەمسىز قالدىم،دەپ قارايدۇ ياكى ئۆزىنى ئەيىبلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولىدۇ.

29.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىگە مۇۋاپىق كۈرەش نىشانى بېكىتەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،بۇنداق كىشىلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك توغرا ۋە ئېنىق نىشانى بولمايدۇ.

30.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مۇستەققىل ۋە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،باشقىلارغا تايىنىۋالىدۇ.

31.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،قەتئىي ۋە كەسكىن بولىدۇ.ئەكسىچە  بولسا، بىر ئىشنى دائىم يېرىم قىلىپ تاشلاپ قويىدۇ.ئوڭايلا بەل قويۋېتىدۇ.ھەتتا بەزىلىرى ئۆز ھاياتىدىنمۇ كېچىدۇ.

32.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىدىن رازى بولىدۇ،باشقىلارنىڭ يېقىنچىلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ،ھەم باشقىلارنىمۇ كۆرەلمەيدۇ.

33.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،شەخسى تىرىشچانلىقىنىڭ ئۆز ھاياتىغا گەۋدىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.ئەكسىچە بولسا،مۇتەئەسىپلىك بىلەن موھىت ۋە شارائىتتىن ئاغرىنىدۇ.

34.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھاياتلىققا بولغان كۆزقارىشى: ”مەنمۇ يامان ئەمەس،مەن  ئۆز ھاياتىمنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرالايمەن“دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا، ”مەن بەك ناچار،ھاياتىمنى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىزمەن“دەپ قارايدۇ.

35.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھازىرى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن يۆلىنىش بېكىتىۋالىدۇ.ئەكسىچە بولسا،بۇرۇنقى كەچۈرمىش ۋە كەلگۈسى ئارزۇ-ئۈمىدكە نىسبەتەن تەتۈر پوزىتسىيىدە بولىدۇ.

دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق پىسخىلوگ بى شۇمىن خانىمنىڭ ”بەختنىڭ سىرىنى ئېچىش ”ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3533

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-03
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: