ھازىرقى بالىلاغا ئىچ ئاغىرتىش ۋە ئۇلارنى چۈشىنىش

ھازىرقى بالىلاغا ئىچ ئاغىرتىش ۋە ئۇلارنى چۈشىنىش

 

1.سۈنئىي يىمەكلىك،نازۇك ئاشقازان- سالامەتلىككە ھەقىقىي پايدىلىق،بەدەنگە كۈچ ئاتا قىلىدىغان  تەبىئى كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەتلەردىن بىزار قىلدى.دېمەك،بالىلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كەتتى.

2.كىيىمنى چىرايلىق ۋە پاكىز كىيىش،تازىلىققا رىئايە قىلىش ھەققىدىكى ئۇقۇملار بالىلارنى چەكسىز سىرلارغا ھامىلدار توپا ۋە تۇپراقتىن ئايرىپ تاشلىدى.دېمەك،ھېسىيات جەھەتتىكى بىردەكلىك بۇزۇلدى.

3)ئىگىز بىنالاردا ئولتۇرۇش،بالىلار ئۇيۇنلىرىدىن ۋە بالىلارنىڭ تەبىئىي كوللىكتىپچانلىقىدىن يىراقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.دېمەك،بالىلار يالغۇزلۇق ھېس قىلىشقا باشلىدى.

4)ئىشىكتىن چىقىپلا ماشىنىغا ئولتۇرۇش،بالىلارنى ئىككى پۇتى بىلەن يول مېڭىشتىن بىزار قىلدى.دېمەك،بالىلاردا يىتەرلىك ھەرىكەت موھىتى يوقىلىشقا باشلىدى.

5)ماشىنا ۋە پۇلنىلا كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولۇش.كۈننىڭ چىققان ۋە ئولتۇرغان چاغدىكى ھەيۋىتى،ئۇپۇقنىڭ كۆركەملىكىدىن ھوزۇرلىنالماسلىق.دېمەك،بالىلارنىڭ كۆڭۈل-كۆكسى بارغانسىرى تارلىشىشقا باشلىدى.

6)ھەر كۈنى دېگۈدەك ماشىنا ئاۋازى ۋە توۋلاپ ساتقۇچىلارنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلاش.قۇشلارنىڭ سايرىشى،ئورمانلارنىڭ شىۋىرلىشى،دەريالارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم بولۇش.بالىلارنى ئۆز ھېسىياتىنى تاۋلاش پۇرسىتىدىن ئايرىپ تاشلىدى.

7)دۇكانلاردىن ھەر خىل تاتلىق-تۈرۈملەرنى سېتىۋىلىش ئىمكانىيىتى بولۇش،ئەمما باغلارغا كىرىپ ئۆز قولى بىلەن بىر تال مىۋە ئۈزۈپ يىيەلمەسلىك.ئارزۇسى بار تۇرۇپ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

8)ھەر خىل ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقلارغا ئىگە بولۇش؛ئەمما ئۆز قولى بىلەن بىرەر تال يىڭناغۇچ ياكى پاقىراق قوڭغۇز تۇتۇپ باقىدىغان يېرى بولماسلىق.مانا بۇ بالىلارنى تەبىئەتتىن يىراقلاشتۇردى.

9)ھازىرقى بالىلارنىڭ ھەر كۈنى  ئالاقزادىلىك  ئىچىدە كۆرىدىغىنى پەقەت چوڭلارنىڭ چىرايى.ھۇزۇرلىنىش ئىچىدە كۈزتىدىغان تۆت پەسىلنىڭ رەڭگى ئەمەس.مانا بۇ نامسىز تەشۋىشلىنىش.

10)ھەپتە ئاخىرىدا مۇزىكا،ئۇسۇل،رەسىم،ئىنگىلىز تىلى قاتارلىق سىنىپلارغا قاتنىشىش.يىتەرلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى بولماسلىق.

11)بارلىق ئىشنى ئائىلە باشلىقلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇش،پەقەت ئۆزى قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىش چوڭلارغا يۈز-ئابرۇي ئېلىپ كېلىش.مانا بۇ ئۈمىدۋارلىقنىڭ بېسىلىشى.

12) ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە رەڭلىك تېلىۋىزۇر بولۇش ،بوۋا مومىلىرى ئاغزىدىن چۆچەك ئاڭلىيالماسلىق.پەزەنتلەر بىلەن ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاز بولۇش.

13)يۈزىگە شەبنەم چۈشكەن كۆكتات ۋە ھورمۇن ئۇرۇلمىغان تۇخۇملارنى يىيەلمەسلىك.ماشىنىلاردىن چىققان ئىس-تۈتەكلەرنى سۈمۈرۈش.بالىلارنىڭ تۇرمۇش موھىتى بارغانسىرى ناچارلاشماقتا.

14)تاماق يىيىشتىن بۇرۇن بىر تالاي كالتىسى ۋە ۋىتامىنلارنى يېيىش،ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىسى قايتا-قايتا تاپىلىغان ماشىنا،ئەسكى ئادەم…قاتارلىقلاردىن ئېھتىيات قىلىش ھەققىدىكى تەنبىھلەرنى ئاڭلاش.ئىجتىمائى موھىت بىخەتەر ئەمەس.

15)ھەر كۈنى دېگۈدەك بايرام ئۆتكۈزگەندەك ھېسىياتتا بولۇش،ئەمما بايرامنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلمەسلىك.تەشنالىق ئىلكىدىكى يوقىتىش.

16)ئۆگىنىشنىڭ كۆڭۈللۈكلىكىنى تىلغا ئالماسلىق،پەقەت كىتاپقا قاراپ ھاڭۋېقىپ قېلىش.مانا بۇ ئۆگىنىشتىن ئومۇميۈزلۈك زېرىكىش.

17)چوڭلاردىن ھەر خىل داۋلىلارنى ئۆگىنىۋىلىش، ئەمما تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىلھام ئېلىشقا ئامالسىز قېلىش.مانا بۇ ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىش.

18)سىخىما بويىچە ھەر خىل نەپىس بويۇملارنى قوراشتۇرۇپ چىقىش،ئەمما ئۆز قولى بىلەن بىرەر ياغاچ تاپانچا ياساپ باقماسلىق.مانا بۇ ئىجادچانلىقنى يوقىتىش.

19)12 يېشىدىلا بۇرۇنقىلار 18 ياشتىن كىيىن دۇچ كېلىدىغان رىقابەتكە دۇچ كېلىش.رىقابەتلىشىش يېشى بارغانسىرى كىچىكلەش.

20)رەڭگارەڭ دۇنيا ئىچىدە ياشاش،ئەمما بالىلىقىدىن گۈزەل ئەسلىمە قالدۇرالماسلىق.مانا بۇ ئوز-ئارا ھەسرەتلىنىش.

 

مەنبە:بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسورى سۆزلىگەن لېكسىيەدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=1218

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-28
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: