«تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى»ئېچىلدى(2)

 

”تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى“ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىنى يوللىغىلىمۇ ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپتۇ،داۋامىنى يوللايمەن،دەپ يۈرۈپ ئالدىراشچىلىقتا پۇرسەت بولمىدى. ئەمدى بۇ يازمىنىڭ داۋامىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

  بۇ يازمىنىڭ باش قىسمىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك پائالىيەت ئىككى كۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بىرىنچى كۈنلۈك پائالىيەت ئاخىرلىشىپ،ئەتىسى ناشتىدىن كېيىنلا مەخسۇس ئاپتۇبۇس بىلەن لوپنۇرلۇقلار كەنتىگە يۈرۈپ كەتتۇق. ناھىيە بازىرىدىن چىقىپ،دوڭقوتان يېزىسىنىڭ يولىغا چۈشكەندىن كېيىن كۆز ئالدىمىزدا شورلۇق دالىلار، ئاندا-ساندا ئۇچىراپ قالدىغان يۇلغۇنلار چېلىقىشقا باشلىدى. بىز بىلەن بىر ماشىنىدىكى بىر قىسىم چوڭلار بۇرۇن لوپنۇردا خىزمەت قىلىش ۋە ئىشلەش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىشىپ، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ لوپنۇردىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلىرى ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتقان ئىدى. بۇ پېشقەدەملىرىمىزنىڭ قىزىقارلىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ، 40كىلومىتىرغا يېقىن يولنىڭ قانداق تۈگەپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قاپتىمىز. لوپنۇرلۇقلار كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ جايغا تۇنجى قېتىم كەلگەن كىشىلىرىمىز ئەتىراپتىكى ھەممە نەرسىلەرگە قىزىقىش بىلەن قاراشقا، بۇ نەرسىلەرنىڭ تېگى تەكتىنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن سۇئاللارنى ياغدۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ساياھەت ئورنىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا توغراق ياغىچىدىن ياسالغان خەنزۇچە (ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇيغۇرچە خەت يېزىلماپتۇ) خەت بىلەن توغراق كۆتىكىگە ”ئابدال لوپلۇقلار ئولتۇراقلاشقان ئەڭ ياخشى جاي“دېگەن خەت يېزىلغان،لوپلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مودىل كۆزىمىزگە چېلىقتى.

 دەرۋازىدىن كىرىپلا تۇنجى كۆزگە چېلىققىنى ئۇزۇنلىقى 1600 مىتىردىن ئاشىدىغان ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا توقۇلغان پالاز بولدى. بۈگۈن لوپلۇقلار كەنتىگە كېلىشتىكى بىرىنچى مەقسىتىمىز، دۇنيا جىنىس رىكوتىغا كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر پالازغا گۇۋاھنامە تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئىدى. پالاز، تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنىنى بويلىتىپ ياسالغان ياغاچ رىشاتكىغا تارتىلغان بولۇپ، شۇ كۇندىكى ئىلىلىق قۇياش نۇرىدا ھەممەيلەننىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى.

 

 

پالازنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى بەس-بەستە رەسىمگە تارتىشقا، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشلەر باشلىنىپ كەتتى. ھەممەيلەن يىراق-يېقىندىن كەلگەن ئالىم،تەتقىقاتچى،پروفىسسور ئۇستازلار بىلەن كۆپرەك ئەستىلىك قالدۇرۋېلىش ئۈچۈن،ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

 

بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بىر تەرەپتىن ماڭغاچ پاراڭلىشىپ،تونۇشمىغانلار تونۇشۇپ،ئارىدىكى قىسىلىش ۋە تارتىنىشلار توغراقلىقلارنىڭ ئارىلىرىغا كىرىپ ئالىقاياقلارغىدۇر غايىب بولدى. ئىچىكىرىگە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن لوپنۇر ناھىيەسى ئاقسۇپا يېزىسىدىن كەلگەن ئوتتۇرا ياشلاردىن ھالقىغان بىر ئايالنىڭ نەق مەيداندا پالاز تۇقۇۋاتقالىقىنى كۆرۈپ،ھەممەيلەن گۈررىدە ئولاشتى. ئۇنىڭدىن پالاز توقۇش جەريانلىرىنى،پالاز توقۇش ئەسۋابىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ قانداق ناملىرى بار ئىكەنلىكىنى، پالاز توقۇپ قانچىلىك كىرىم قىلىدىغانلىقىنى….مۇشۇ قاتارلىق سۇئاللارنى سوراشقا باشلىدى. بۇ ئايال  قولىنى ئىشتىن توختاتماستىن،سورالغان سۇئاللارغا بىر-بىرلەپ جاۋاپ بەردى.

 

يەنە ئىچكىرىلەپ مېڭىپ، پالازغا نام بېرىش سەھنىسى ياسالغان جايغا يىتىپ كەلدۇق.بۇ جايدا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەمرالىقىدا، مەزكۇر پالاسقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق. 1600 مىتىر كېلىدىغان پالازنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يەر زىمىنى ۋە نوپۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئوقتۇق. ئاندىن جىنىس دۇنيا رېكورتىنىڭ شاڭخەيدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى گۇۋاھنامىنى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى سۇلايمان ھۆسىنيىننىڭ قولىغا تاپشۇردى. ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئاخپارات خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى زىيارەت قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

 قالغانلىرىمىز ئاستا توپتىن سوغۇرلۇپ چىقىپ،تېخىمۇ كۆپ مەنزىرلەرنى كۆرىۋېلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتۇق. ياغاچىتىن ياسالغان زەنجىرسىمان كۆۋرۈكتىن، بىر-بىرىمىزگە چاقچاق ئېيتىشىپ، كۆۋرۈكنى قەستەن لەڭشىتىپ، قانداق قىلغاندا سەنتۈرلۈپ كەتمەي ماڭغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى دېيىشىپ، ياشلىرىمىز چوڭلىرىمىزنىڭ يىقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولتۇقلىرىدىن يۆلىشىپ ئۆتتۈق.

ئەلۋەتتە ئارىلىقتا خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشۈش يەنىلا ئۈزۈلمىدى. خۇشال كۈلكىلەر، قىزغىن پاراڭلار، ئېسىل چاقچاقلار كۈنچىققان، ئۆردەك قاتارلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئاياق ئىزى تەككەن بۇ زىمىننى بۆلەكچە قاينام تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. ساياھەت باغچىسىنىڭ ئىچىدىكى تەقلىدى ياسالغان كەپە، ساتما، توغراق ياغىچىنى ئاساسى قۇرۇلما قىلىپ، يۇلغۇن ياغىچىنى قوشامداپ ياسىغان ئۆيلەر تەسسەۋۇرىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ، مويدۇن سايىت بوستان ئاكا يازغان ”كىروراندىكى ئىزچىلار“ناملىق روماندىكى قەدىمىي تەسۋىرلەرنى ئېسىمىزگە سالدى.

 

لوپلۇقلارنىڭ قۇياش ئېتىقادچىلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان مودىل

شۇنداق قىلىپ،باغچا ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقىش ئېغىزىغا يېقىن جايدىكى كۆلنىڭ بويىغان كەلدۇق. بۇ جايدا لوپلۇق ئاياللار تۇنۇرغا نان يېقىپ، ئەرلەر بېلىق كاۋاپلىرىنى پىشۇرۇپ بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. گەرچە ئادەم كۆپ بولسىمۇ، ھەممەيلەن دېگۈدەك،لوپلۇقلارنىڭ بۇ ئۆزگىچە يىمەكلىكلىرىگە ئېغىز تەگدى.

بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن نەق مەيداندا بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى ھەممەيلەننى بەكلا ھاياجانلاندۇردى.ئۇزۇن يىل مۇشۇ كۆل بويلىرىدا بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر كىشى قۇلۋاق بىلەن كۆلگە كىرىپ، تور سېلىپ ۋە ساچقاق بىلەن سانچىپ نەق مەيداندا بېلىق تۇتۇپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى. تۇتۇلغان بېلىقلار نەق مەيداندا تازلىنىپ، كاۋاپ قىلىندى.

 

 

 

 

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى ئۆمەرجان ئىمىن ۋە شائىر ئۇستاز بۇغدا ئابدۇللا

شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكى پائالىيىتىمىز ئاخىرلىشىپ قايتىپ كەلدۇق.

 داۋامى بار.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2565

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-11-16
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: بىلدۈرگىلەر
ئىنكاس: 5دانە
  1. ئا بىزنىڭ مالىمنىڭ تۇرۇپ كەتكىنىنى ھۆشىيىپ!

    • بىر ھون ئەپەندى، ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىڭىز بولامدۇ؟ياكى ئازات رەھمۇتىللا سۇلتانمۇ؟ئەگەر ئارسلان مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز، ئىككىمىز بىر ئۇستازنىڭ شاگىردلىرى بولىمىز. مېنىڭچە، سىز ئارسلان مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئوخشايسىز. چۈنكى، ئۆتكەندە بلوگىڭىزدىكى ماقالىلەر ئامبىرىغا ئەڭ دەسلەپ ئارسلان مۇئەللىمنىڭ ماقالىلىرىنى يوللاپتىكەنسىز.

  2. ئوھو!

  3. ئوھو، مەن دەپ بېرىپ بولغۇچە، ئۆزىڭىز تېپىپ بوپسىز. شۇنداق مەن ئارسلان ئابدۇللا مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇنداقتا بىز ھەمساۋاقكەنمىز.

    • ما ئىشنى كۆرۈڭ،دۇنيا دېگەن بەزىدە ھەقىقەتەن تار ئىكەن. سىز چوقۇم ھازىر ئوقۇۋاتقان ئوخشايسىز،ھەمساۋاقدېشىم شۇنداقمۇ؟ ناتونۇش تونۇشلاردىن بولۇپ قالغانلىقىمدىن بەك خۇشال بولدۇم.ھەمكارلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ كەڭ ۋە مۇستەھكەم بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: