ئېزىلدى يۈرەكلەر ،ئۆرلىدى دەرتلەر

ئېزىلدى يۈرەكلەر ،ئۆرلىدى دەرتلەر

 

(بۇ مەرسىيەمنى ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ساۋاقدىشىم، ياتاقدېشىم،سىنىپ باشلىقىم، جان-جىگەر دوستۇم رەخىمجان ھاكىمنىڭ  2012-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ئوتتۇز  ئالتە يېشىدا بىز بىلەن ۋاقتسىز خوشلاشقانلىقىغا ئېچىنىپ، ئۇنىڭغا ياراتقان ئاللاھدىن جەننەت ئاتا قىلىشنى تىلەپ، ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى،سېغىنىشىمنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە يېزىپ چىقتىم.)

 

 

يۈرەكنى ئەزگەندە مۇدھىش شۇم خەۋەر،

جىسمىم ھەم روھىمغا ياماشتى تىتىرەك.

سەن ئەمدى ياشىغان ئوتتۇز ئالتە يىل،

بەش جانلىق بىر ئۆيگە بولۇپ لىم-تىرەك.

 

تويۇقسىز مېڭىشتىن توختىدى دوستۇم.

ھەر زامان، ھەر ئىشقا تېتىك قەدىمىڭ.

ھەسرەتتىن، قايغۇدىن قىزاردى كۆزلەر،

سەل كەبى يامرىدى، سالغان  ئەلىمىڭ.

 

يۇمۇلدى مەڭگۈلۈك بىر جۈپ كۆزلىرىڭ،

زەم-زەمدەك چاقچاقنى ئېيتماس ئاغزىڭمۇ.

”دادا“دەپ كەلگەندە قىزلىرىڭ ،ئوغلۇڭ،

ئۇلارغا ئېچىلماس ئىللىق باغرىڭمۇ.

 

توختىتار قاچانمۇ دەردلىك يېشىنى،

دەمدەردەك بۇقۇلداپ تالجىققان جۈپتۈڭ.

سەن ئۇنىڭ كۆكىدە بىر يۇلتۇز ئىدىڭ،

ئاھ، ئەجەپ ۋاقىتسىز ساقىدىڭ، كۆچتۈڭ.

 

قانداقچە تەسەللى بېرىمىز ئەمدى،

جۈپ قىزىڭ،قارا كۆز يالغۇز ئوغلۇڭغا.

يۈرىكى قان ياشقا چىلانغان ئايھاي،

ئوغلۇم دەپ نالە قىپ قاتقان ئاناڭغا.

 

سەن سادىر، غېنىدەك مەرت ئوغلان ئىدىڭ،

مىڭ ئەپسۇس، ئۇلاردىن بەك بالدۇر كەتتىڭ.

ئاھ دىدىم، تولغاندىم، تەن بەردىم  بىردىن،

جان دوستۇم، قەلبىمنى لەختە قان ئەتتىڭ.

 

ئىزىلدى يۈرەكلەر، ئۆرلىدى دەرتلەر،

سايرامنىڭ سۈيىدەك ئاچچىق ھەسرەتلەر

يادلىنار مەڭگۈگە سىرداشلار ئارا،

سەن بىلەن قۇرىغان شىرىن سۆھبەتلەر.

 

ياتقايسەن تىنچ-ئامان جانۇ-جىگەرىم،

پۈركۈنۈپ ھەر تاڭدا نۇرغا-زىياغا.

تىلەيمەن جەننەتنى ئۇلۇغ ئىگەمدىن،

قولۇمنى ھەر ۋاقىت جۈپلەپ دۇئاغا.

 

2012-يىلى 9-ئاينىڭ19-كۈنى كورلا شەھرىدە يېزىلدى.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2426

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-19
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 2دانە
  1. ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي! ئامىن….

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: