پوزىتسىيە،يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى بىلىم ھەققىدە

پوزىتسىيە،يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى بىلىم ھەققىدە

          جەمىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، يېڭى شەيئىلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان، مەۋجۈتلۇق رىقابىتى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ياشاش يولى ھەققىدە ئويلىنىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، بەلكى تەييارلىقى بارلارغا مەنسۈپتۇر. ”باشقا كەلگەندە باتۇر“ دېگەن ئاتالمىش تەۋەككۈلچىلىك سەپسەتىسىنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭدىن كېيىنكى جەمىيەت زادى قانداق كىشىلەرگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق؟ ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى ۋە ماھارىتىنى قانداق قىلغاندا ھەقىقىي تۈردە جارىي قىلدۇرالايمىز؟ كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىمىز ئۈستىدىن قانداق قىلغاندا غالىپ كېلەلەيمىز؟ بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددي. ئۇ بولسىمۇ، پوزىتسىيىمىزنى توغرلاپ مېڭىمىزنى يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇشتۇر. ئۇنداقتا ئالدى بىلەن پوزىتسىيە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:

          پوزىتسىيە- بىرەر مەسىلىگە تۇتۇلغان يول ۋە نوقتانەزەردۇر. ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا پوزىتسىيەنىڭ توغرا بولىشى ۋە ئۇنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىنىشى بۇ ئىشنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ جەمىيەتتىكى چوڭ ئىشلارغىچە پوزىتسىيەنىڭ قانداق بولىشى ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئەلۋەتتە. مەسىلەن ئالايلى: بىر ئادەم ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىشنى كۆڭلىگە پۈكتى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىشتىن باش تارتتى.ئىنگىلىز تىلى ھەرىپلىرى ۋە تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆلچەملىلىك يېزىلىشى ياكى ئوقۇلىشىغا ئېتىبار بەرمىدى، سۆزلۈكلەرنى ئەستايىدىل يادلىمىدى، ئىنگىلىز تىلىدىكى مەدەنىيەت ئامىللىرىغا قىزىقمىدى.مانا مۇشۇنداق تىل ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنەلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. يەنە ئالايلى، مەلۇم بىر شىركەت خىزمەتچىسى ئۆز خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي نەپسى ئۈچۈن چوغ تارتتى، كىشىلەردىن پارا ئالدى، ناچار مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا ئارلاشتۇرۇپ باشقىلارغا ساتتى. سىزنىڭچە، مانا مۇشۇنداق خىزمەتچىسى بار شىركەت يەنە قانچىلىك ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالار؟ بۇلارغا مىسال ئېلىپ كەلسەك ناھايتى نۇرغۇن مىساللارنى تاپالىشىمىز مۇمكىن. مىسال ئېلىشتىكى مەقسەت، كۆز قاراشنى مەلۇم پاكىت ۋە ئاساسقا ئىگە قىلىشتۇر. مەيلى قانداقلا ئىش قىلايلى، بىزنىڭ ھەرىكەت پوزىتسىيىمىز مۇۋاپىققىيەت يولىغا قاراپ مېڭىشىمىزدىكى تۇنجى قەدەمدۇر.

       بىرىنچى مەسىلىنى مۇۋاپىق ۋە ئىلمىي يول بىلەن ھەل قىلىۋالغاندىن كېيىن ئەمدى ئىككىنچى مەسىلىگە ئۆتەيلى،نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆز قاراش ۋە يېڭى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭغىمۇ كۆپىنچە كىشىلىرىمىز بېرىدىغان ئورتاق جاۋاب كەلگۈسى مەۋجۈتلۈقنى ساقلاش، رەھىمسىز رىقابەت  ئۈستىدىن غەلبە قىلىش دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن.

          يېڭى ئىدىيە دېگىنىمىز نېمە؟ مېنىڭچە، يېڭى ئىدىيە دېگىنىمىز- ئەنئەنىۋىي  كۆز قاراشلار ۋە تەجىرىبە-ساۋاقلار ئىچىدىكى ئىلمىلىكى يۇقىرى ئامىللارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا جەمىيەت ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرەلەيدىغان ئىدىيەدۇر. ھەرقانداق بىر ئىدىيەنىڭ پۈتۈنلەي يېپيىڭى ھالەتتە مەيدانغا كېلىشى ناتايىن، بۇ ”يىلتىزسىز دەرەخ بولماس“دېگەن ھەقىقەتكە تامامەن ئۇيغۇندۇر. ئەينى ۋاقىتتا ماۋزېدۇڭمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ“ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى نەدىن كېلىدۇ؟ ئاسماندىن چۈشەمدۇ؟ _ ياق، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ“ دېگەن ئىدى. دېمەك، بۇ يەردىكى ”يېڭى ئىدىيە“ ھەرگىزمۇ قەدىمكى بىلەن پۈتۈنلەي چىقىشالمايدىغان، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن ئىدىيە بولماستىن، بەلكى بۇرۇنقى ئىدىيەلەرنىڭ كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلىيالايدىغان، ھازىرقى مۇھىت ۋە شارائىتقا ماسلىشالايدىغان ئىلاستىكىلىق خۇسىيەتتىكى ئىدىيەدۇر. بىر قىسىم كىشىلەردە دائىم دېگۈدەك ئەنئەنىۋىي ئىدىيە بىلەن يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئىدىيەنى پۈتۈنلەي قارمۇ قارشى قويۇۋالىدىغان خاھىش يەنىلا مەۋجۈت. بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىك مەيلى جەمىيەتكە مەيلى شەخسكە بولسۇن زىيانلىق تەرىپى كۆپرەك بولغان خاھىشتۇر. شۇڭىلاشقا، يېڭى ئىدىيەنىڭ ئوقۇمى ۋە دائىرىسىنى ئېنىقلىۋىلىش ناھايىتىمۇ مۇھىم.

        ئەمدى يېڭى بىلىم دېگىنىمىز نېمە؟ مېنڭچە، يېڭى بىلىم- توغرا پوزىتسىيە ۋە يېڭى ئىدىيە ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، جەمىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ، شەخىسنىڭ كەلگۈسى مەۋجۈتلىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بىلىمدۇر. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ بىز ئىلمىي جاۋاب بېرىدىغان، جاۋاب بىرىشنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر تەرەپتۇر. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىش ياكى شەيئىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۇچ مۇھىم ئامىل ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولىشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ، بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىشتۇر. دېمەك، جەمىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەر، يېڭى ئىش – ۋەقەلەر، يېڭى پەن-تېخنىكىلار، يېڭى ئۆزگىرىشلەر توختىماي مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ. بۇ جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇققەرەر يۈزلىنىشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتلەر، مىللەتلەر ۋە شەخىسلەر ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت ۋە زىدىيەت مۇشۇ تەرەققىيات جەريانىدا يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنى توغرا چۈشىنىش، توغرا بىر تەرەپ قىلىش، مۇۋاپىق تەرەققىيات يولىغا باشلاش بىزدىن يېڭىچە ئىدىيە بىلەن قوراللىنىپ، يېڭى بىلىملەرنى توختىماي ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەتىراپىمىزدىكى دۇنيا ئۆزگىرىۋاتقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئۆزگەرتىش ۋە
تەرەققىياتلارغا ماسلىشىش ئىھتىياجى تۇغۇلىدۇ. بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەممىمىزگە ئېنىق بىر مەسىلە. مەسىلەن ئەڭ ئاددىيسى بىز كومپيوتىر ساھەسىدىكى يېڭىلىنىش ۋە تەرەققىياتلارغا نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا بۇ خىل ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. يېقىنقى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم كەسىپلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن بىرىنچى، ئىككىنچى يىللىرى ئۆگەنگەنلىرى ئاللىقاچان كونىراپ كېتىدىكەن. دېمەك، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى تىزلەشكەن ئىكەن، ئەلۋەتتە رىقابەتنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرلاپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

       بۇ يەردە تەكىتلەيدىغىنىمىز يەنىلا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆگىنىش ۋە خىزمەت پوزىتسىيەرىمىزنى توغرلاپ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشالايدىغان ئىدىيەنى ئۆزىمىزگە يىتەكچى قىلىپ، ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىز يەتكەن شارائىت ئاستىدا خىلمۇ-خىل زۆرۈرىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز، ھەر قانداق رىقابەتكە تەييار ھالەتتە تۇرىشىمىز، كەلگۈسىدە غالىبلار سېپىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىلىشىمىز لازىم. پوزىتسىيە _ يول دېمەكتۇر. يېڭى ئىدىيە ئىش-ھەركەتلىرىمىزنى قىلىدىغان –قول دېمەكتۇر. يېڭى بىلىم- تەپەككۇرىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ،رىقابەتلەردىن غالىپ كېلىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان پىكىر ۋە ئوي دېمەكتۇر.

ئويلىنىپ كۆرەيلى:مەمتىلى ئەپەندىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇقادىر داموللا ، ئايخان ئانا قاتارلىق كىشىلىرىمىز ئاشۇ شارائىت ناچار ۋاقىتلاردا ھېچنىمىگە قارىماي نېمە ئۈچۈن خەلقىمىزگە ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىتىش ۋە تارقىتىش يولىنى تاللىدى؟ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۆگىنەلەيمىزمۇ؟ئۆگىنىش شارائىتىمىز بارمۇ؟ بۇ سۇئاللارغا ئەلۋەتتە قانداق جاۋاب بېرىشنى ھەممىمىز بىلىمىزغۇ دەيمەن. ئاخىردا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى قىستۇرغۇم كەلدى:

_ ئادەمنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقى نېمىدىن؟

_ نادانلىقتىن.

2013-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3284

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-07-07
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 3دانە
  1. ياخشى مۇلاھىزە بوپتۇ. يېڭى ئىدىيە بىلەن پوزىتسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەن ئىنچىكە. بۇ ھەقتىكى ماقالىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
    ھە راست، تېكىستنىڭ ئىككى تەرىپىنى تۈز چىقىرىش (ئىككى يانغا تولدۇرۇپ تەكشى توغرلاش) ئىمكانىيىتى بولسا شۇنداق تەڭشىۋەتسىڭىز، بەت كۆرۈنىشى تېخىمۇ كۆركەملىشەركەن.

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزنى بۇ ئاددىي كەپەمدە ئۇچىرىتىپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! مەنمۇ بىلمىدىم، ئىككى ئايدىن ئاشتى. تۇيۇقسىز يازمىلار مۇشۇنداق بىنورمال كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. ئارقا بەتتە نورمال كۆرىنىدۇ،ئەمما باش بەتتە نورمال ئەمەس. ئۇسلۇب تەمىنلىگەن بالىغا ئىنكاس قىلغان ئىدىم، مەن ئىزدىنىپ باقاي دېگەن، ئەمما ھازىرغىچە چارىسىنى تاپالمىدىم دەيدۇ. ئەمدى يەنە باشقىلارنى ئىزدەپ كۆرسەم بولغىدەك.

  2. مېنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىم مۇنداق:
    1. تېكىست ئېچىلغاندىن كېيىنكى خەت چوڭلۇقىنى ھازىرقىدىن يەنە بىر دەرىجە ئاشۇرۇڭ.
    2. تېكىستنىڭ ئىككى تەرىپىنى تۈز قىلىپ تەڭشىتىڭ.
    3. تېكىستلەرگە ماسلىشىدىغان سۈرەت ۋە شەكىللەرنى كېرىشتۈرۈشنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
    4. قۇر ئارىلىقىنى ھازىرقىدىن 1-3 قىممەت ئارىسىدا كېڭەيتىڭ.
    ھە -راسىت، كۆكلەن ئىقتىساد مۇنبىرى (http://www.koklan.biz) نىڭ تېكىست بەت شەكلى ۋە ئۆلچىمى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. كۆرۈپ باقارسىز.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: