سۈرەت ئويغاتقان ئىلھاملار

 

ئاچچىق كۆرسەڭ نەسىھەتلەرنى،

تېتىپ باققىن تاتلىق تەمنىمۇ.

ئاڭلا، قوناق يېگەن ئاتلارمۇ،

سېغىنىدۇ ئۆت-چۆپ،يەمنىمۇ.

غېرىپنىڭ غېرىپلىقى سەنەم ۋەجىدىن،

سەنەمنىڭ يىغلىشى ئەلەم ۋەجىدىن.

مۇڭلىرىڭنى سۆزلىگەن بوۋا،

ئەلىمىڭنى يۇتمىغىن دائىم.

ياشا كۈلۈپ ھەربىر كۈنۈڭنى،

باللىرىڭدىن يېمىگىن ۋايىم.

ئامەت كەلسە غادىيىپ ئۆز ئەسلىڭنى ئۇنۇتما،

بوۋام دېگەن بۇرۇنلا شىر چورۇقنى قۇرۇتما.

شاھلاردىنمۇ زېرىككەن ئامەت ئاتلىق بۇ شەيتان،

چۈشۈپ ئۇنىڭ دامىغا كىشلىكىڭنى ئۇنۇتما.

زۆھرە قارار تاھىرنىڭ يوللىرىغا تەلمۈرۈپ،

تاھىر ئاقار دەريادا گاھى ئۆرلەپ گاھ چۆكۈپ.

ئەجەب تەتۈر پەلەككەن ئويلاپ باقسام ئەجىبا،

يامان يايراپ ياشاركەن ياخشى كەتسە كۆمۈلۈپ.

ئۇيغۇر دېگەن ئۇيغۇر بالىسى،

دىلدا ئوخچۇپ كۆڭۈل يارىسى.

ئاھ، دەپ كەتكەن نۇرغۇن ئادەملەر،

قالغان چاغدا ئىشنىڭ چالىسى.

ئۆتكۈرۈمنىڭ كاللىسى ئۆتكۈر،

ھەر بىر ئىشنى تاللىشى ئۆتكۈر.

ھەق-ناھەقنىڭ خامانلىرىدىن،

ساماندىن داننى ئايرىشى ئۆتكۈر.

سالامەت بول سۆيۈملۈك ئانا،

باغرى ئاتەش كۆيۈملۈك ئانا.

مېھرى-ۋاپا بوستانلىقىدا،

چېچەك ئاچقان كۆرۈملۈك ئانا.

ئانا يۇرتقا قېنى تۆكۈلگەن،

قېنى ئەمەس جېنى تۆكۈلگەن،

يۈرەك باغرى مىڭ-مىڭ سۆكۈلگەن،

ئەزىزلەرنى ھەجەپ سېغىندىم.

مەن ئوينىغان ئاشۇ ئۇيۇننى،

بالام ھازىر ئوينىماس بولدى.

ۋاللەيلەرنىڭ ياڭراق ئاۋازى،

مەھەللەمدە ياڭرىماس بولدى.

بالىلىقتا قالغان تەۋەرۈك،

مىراس بولۇپ ماڭا بوۋامدىن،

نېمە قالۇر ئەمدى نەۋرەمگە،

يىلتىزىنى كەسكەن بالامدىن.

 

دولقۇنلارغا مىنگۈم كېلىدۇ،

غۇلاچ تاشلاپ ئۈزگۈم كېلىدۇ.

ئەجداتلىرىم ئاققان ئېقىندىن،

ئۈنچە-گۆھەر سۈزگۈم كېلىدۇ.

سادىر بىلەن يۈرگۈم كېلىدۇ،

غېنىنى ھەم كۆرگۈم كېلىدۇ.

ناھەقچىلىك بولسا ھەر قېتىم،

مۇشتلىرىمنى تۈرگۈم كېلىدۇ.

نامەرتلەرگە كۈلگۈم كېلىدۇ،

مەرت قولىنى سۆيگۈم كېلىدۇ.

يۈز ئۆرىسە ۋىجدان مېنىڭدىن،

تىرىك تۇرۇپ ئۆلگۈم كېلىدۇ.

قېرىنداشلىق مىھرى بولمىسا،

دۇنيا بەلكىم تۇزسىز تائامدۇر.

بىر-بىرىگە كۆيۈمسىز بولسا،

بۇنداق قېرىنداش ياتتىن ياماندۇر.

خىياللارغا بولىمەن غەرق،

ئۆزۈمنى ھەم ئۇنۇتقان پېتى.

سۈرمەس ئىدىم مۇنچە بېرىلىپ،

بولسا ئۇنىڭ دائىرسى، چېتى.

مەلھەم بولار كۈلپەتلىرىمگە،

چەكسىزلىكتە گۈزەل ئۇ ھامان.

ياقتۇرۇشۇم سەۋەبسىز ئەمەس،

چۈنكى، كېزەر مۇستەقىل پىنھان.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3781

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-05-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: