مەن ئوقۇتقۇچى

ئىلاۋە: مەزكۇر تېمىنى سىلەرگە سۇنۇشتىن بۇرۇن قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم. 2014- يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نۇرۇز بايرىمىغا ئاتاپ مەكتىپىمىزدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات گۇرپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىر ئايدىن ئۇشۇقراق ۋاقىت تەييارلىق قىلىپ بىر قېتىملىق ئانا تىلدا شېئىر، نەسىر دېكلىماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى ئىدۇق. ئەمما ، مەكتەپتىكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ پائالىيەت 4-ئايغا سۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلىدا دېكلىماتسىيە قىلىدىغان پائالىيەتكە ئايلاندۇرۋېتىلدى. سەۋەب، مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرشىگە پايدىلىق بولىشى كېرەك ئىكەن. مەزكۇر يازمىنى سىنىپىمدىكى تۆت ئوقۇغۇچۇم بىلەن نۇرۇز بايرىمى كۈنى مىللىي كىيىملىرىمىزنى قاملاشتۇرۇپ كىيىپ بىر دېكلىماتسىيە قىلىۋىتەي دەپ يازغان ئىدىم. ئەپسۇس، خۇدايىم بۇيرىمىغان ئوخشايدۇ. نۇرۇز كۈنى كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپتۇ. كۆڭۈل غەشلىكلىرىم سەل پەسەيگەندەك. شۇڭا، دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي دېدىم. ناۋادا مائارىپ سېپىدىكى بىرەر قېرىندىشىمىزغا ياراپ قالسا، مەنبە ۋە ئاپتۇرنى ئەسكەرتكەن ئاساستا دېكلىماتسىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ قالسا، بۇمۇ مېنىڭ ئەجىرىمنىڭ بىكار كەتمىگىنى.

مەن ئوقۇتقۇچى

ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى

ئا:مەن ھاياتنى قىزغىن سۆيگۈچى، بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمنى مەنىلەر گۈللىرى بىلەن بېزەشنى ئارزۇ قىلغۇچى!

ب: مەن ۋاقىتنى جان-دىل بىلەن قەدىرلىگۈچى، ئۇنىڭ قوللىرىدىن چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، ئارمانلىرىمنى قۇلاقلىرىغا بىر-بىرلەپ پىچىرلىغۇچى!

س:مەن ئۈمىدنى چىڭ باغاشلىغان پېتى جاپا-مۇشەقەت داۋانلىرىدىن مەغرۇرلارچە ئاتلاپ ئۆتكۈچى، ئىلىم ئېتىغا مىنىپ زەپەر دەرۋازىلىرىدىن كۈلۈپ كىرگۈچى!

د:مەن كەمتەرلىكنىڭ چېچەكلىرىنى پەپىلەپ، مەغرۇرلۇقنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپقۇچى، ئۆز نىشانىم ئۈچۈن توختىماي تىرىشقۇچى!

ئې:مەن ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، مېھرىبانلىقنىڭ سۈيىدە ئاققۇچى، غورۇرۇم بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلەنگۈچى!

كوللىكتىپ:بىز غايىنىڭ كەمەرلىرىنى مەھكەم باغلىغان، ياش نوتىلارنىڭ دىلىغا ئىلىم سېلىشنى ئىرادە قىلغان ئاددى ئوقۇتقۇچى! بىزنىڭ بۈگۈنكى غايىمىز ئوقۇتقۇچى! ئەتىكى غايىمىز ئوقۇتقۇچى! كەلگۈسىدىكى غايىمىز ھەم ئوقۇتقۇچى!

ئا: مەن بىر ھەسەل ھەرىسى مۇشۇ گۈلزارلىقنى كۆزلەپ كەلگەندىن بېرى كەلگۈسۈم ئۈچۈن شىرنە يىغىۋاتىمەن!

ب:مەن بىر بىلىم پەرۋانىسى، مۇشۇ ئاتەش قەلىبلىك ئۇستازلار بىلەن ئۇچىراشقاندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئەتىراپىنى پىرقىراپ كېلىۋاتىمەن!

س:مەن بىر روھى ئىنژىنىر، مۇشۇ يەرگە قەدەم باسقاندىن بېرى ھاياتىم بىناسىغا ئۇل سېلىۋاتىمەن!

د:مەن بىر مەزمۇت توغراق، مۇشۇ تۇپراققا تىكىلگەندىن بېرى، ئىلىم خۇمارىمنى بېسىش ئۈچۈن كۆكلەپ كېلىۋاتىمەن!

ئې: مەن بىر شام چىراق، مۇشۇ بۇغۇنلىرىم بىلەن تەقدىرداش بولغاندىن بېرى، كېچە-كۈندۈز كۆيۈپ كېلىۋاتىمەن!

ئا: مەن كەينىمگە قارىدىم، يىققان شىرنەم تېخى ئازكەن، تېخى ئازكەن!

ب:مەن ئارقامغا قارىدىم، پىرقىراۋاتقان يېرىم تېخى تاركەن، تېخى تاركەن!

س: مەن يېنىمغا قارىدىم، سالغان ئۇلۇم تېخى بوشكەن، تېخى بوشكەن!

د: مەن ئۈزۈمگە قارىدىم، تارتقان يىلتىزىم تېخى تېيىزكەن، تېخى تېيىزكەن!

ئې: مەن ئۇپۇققا قارىدىم، چاچقان نۇرۇم تېخى سۇسكەن، تېخى سۇسكەن!

كوللىكتىپ: بىز تىرىشساق بولغىدەك، بىز تىرماشساق بولغىدەك! ئىلىم قىياسىغا ياماشساق بولغىدەك! بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغىساق بولغىدەك!

مانا بۇ بىزنىڭ غايىمىز، مانا بۇ بىزنىڭ غايىمىز!

ئا: ئۈچ يىل مۇقەددەم مەن بۇ يەرگە ناتونۇش ئىدىم، مانا ھازىر ئۆز ئۆيۈم بىلەن ئوخشاش!

ب: ئۈچ يىل مۇقەددەم مەن بۇ بالىلار بىلەن  ناتونۇش ئىدىم، مانا ھازىر ئۇلار بىلەن ئەڭ يېقىن سىرداش!

س: ئۇچ يىل مۇقەددەم مەن بۇ ئۇستازلار بىلەن ناتونۇش ئىدىم، مانا ھازىر ئۇلار بىلەن دىلداش، قەلبداش!

د: ئۈچ يىل مۇقەددەم مەن بۇ كەسىپ بىلەن ناتونۇش ئىدىم، مانا ھازىر ئۇنىڭ بىلەن يولداش، تەقدىرداش!

ئې:ئۈچ يىل مۇقەددەم مەن سىلەرنى مانا مۇشۇ يەردە كۈتىۋالغان ئىدىم، مانا ھازىر ھەممىڭلار مېنىڭ ئۆز بالام بىلەن ئوخشاش!

ئا: ئۈچ يىلدىن كېيىن كەينىمگە قارىدىم، مۇشۇ جايدا نۇرغۇن ئىزلىرىم قاپتۇ!

ب: ئۈچ يىلدىن كېيىن كەينىمگە قارىدىم، مۇشۇ جايدا نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىم قاپتۇ!

س: ئۈچ يىلدىن كېيىن يېنىمغا قارىدىم، مۇشۇ جايدا ماڭا كۆيۈنگەن ئۇستازلىرىم قاپتۇ!

د: ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆزۈمگە قارىدىم، مۇشۇ جايدا ئۆگەنگەن ناخشىلىرىم، سازلىرىم قاپتۇ!

ئې: ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەتىراپىمغا قارىدىم، ئۆز غايىسى ئۈچۈن توختىماي تىرىشقان قارا كۆزلۈك ئوغۇل ھەم قىزلىرىم قاپتۇ!

كوللىكتىپ: بىز مۇشۇ جايدا ئۆز غايىمىز ئۈچۈن تىرىشتۇق، بىز مۇشۇ جايدا ئۆز كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشتۇق، بىز مۇشۇ جايدا ئىقبال نىشانىمىز ئۈچۈن تىرىشتۇق! چۈنكى، بىز كەلگۈسىدىكى كۆيۈمچان باغۋەن، چۈنكى بىز كەلگۈسىدىكى مىھنەتكەش مۇئەللىم، چۈنكى بىز كەلگۈسىدىكى ئىجتىھاتلىق ئوقۇتقۇچى، چۈنكى بىز كەلگۈسىدىكى نۇرلۇق شام چىراق! چۈنكى بىز كەلگۈسىدىكى تالانتلىق ئىنژىنىر!

ئا: مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن، چۈنكى، ئۇ مېنى بىلىم ساھەسىدە توختىماي ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ!

ب: مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، چۈنكى ئۇ مېنى ئۆزۈمنى توختىماي يېڭىلاشقا دەۋەت قىلىدۇ!

س: مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن، چۈنكى ئۇ مېنى سەبىي دىللارنى ئويغىتىشقا چىللايدۇ!

د: مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن، چۈنكى، ئۇ مېنى ئۆزلۈكۈم ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ!

ئې: مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، چۈنكى ئۇ مېنى پۈتمەس-تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقلار دۇنياسىغا باشلايدۇ!

ئا: مەن ئوقۇتقۇچى بولسام، جاپا تارتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما ئۆزۈم خالاپ تارتقان جاپا ماڭا راھەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

ب:مەن ئوقۇتقۇچى بولسام،قىيىنچىلىققا يولۇقىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما بۇ قىيىنچىلىق مېنىڭ ئىلگىرلىشىمگە تۈرتكە بولدىغان كۈچتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

س: مەن ئوقۇتقۇچى بولسام، چارچايدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما بۇ چارچاش، ماڭا غەلبىنىڭ سىماسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!

د: مەن ئوقۇتقۇچى بولسام، تۈگىمەس ئىشلار قاينىمىغا چۆكىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما بۇ چۆكۈش ماڭا خۇشاللىقنىڭ ھوزۇرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!

ئې: مەن ئوقۇتقۇچى بولسام، ئۆزۈمگە كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما باللىلارغا كۆيۈنۈش ۋەتەن ھەم خەلقىمگە كۆيۈنۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

كوللىكتىپ: بىزدە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا روھى تەييارلىق بار! بىزدە مۇئەللىم بولۇشقا ئاجايىپ ئىشتىياق بار! بىزدە باغۋەن بولۇشقا پۈتمەس مۇھەببەت بار! بىزدە روھى ئىنژىنىر بولۇشقا سۇنماس غەيرەت بار!بىزدە بۇ كەسىپكە نىسبەتەن چەكسىز ئىززەت- ھۆرمەت بار!

ئا: بىزنى مۇئەللىم بولۇش ئىستىكى بۇ يەرگە جەم قىلدى، بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ شادلاندۇق!

ب: بىزنى ئوقۇتقۇچى بولۇش ھەۋىسى، بۇ يەرگە قىزىقتۇردى، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشتۇق!

س: بىزنى باغۋەن بولۇش ئاررزۇسى بۇ يەرگە توپلىدى، بىز پۈتۈن ھۇجۇدىمىز بىلەن ئۆز ئىشىمىزغا كىرىشتۇق!

د: بىزنى روھى ئىنژىنىر بولۇش خۇمارى بۇ يەرگە جۇغلىدى، بىز ئاشۇ خۇمارنى بېسىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق!

ئې: بىزنى شام چىراق بولۇش غايىسى بۇ يەرگە چىللىدى، بىز بۇ غايىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە ياندۇق!

ئا: مەن مۇئەللىم بولماقچى، ئالدىمدا ئولتۇرغان سەبىيلەرنىڭ قاپقارا كۆزلىرىگە مىھىرلىك باقماقچى!

ب: مەن ئوقۇتقۇچى بولماقچى، ئىزباسارلىرىمنىڭ بوينىغا شەرەپ مىداللىرىنى ئاسماقچى!

ب: مەن شام چىراق بولماقچى،  ئاشۇ ئوماقلارنىڭ قەلبىگە ئىلىم ئوتىنى ياقماقچى!

س: مەن باغۋەن بولماقچى، ئاشۇ بالىلىرىم بىلەن غەلبىنىڭ مېغىزىنى بىرلىكتە چاقماقچى!

د: مەن روھى ئىنژىنىر بولماقچى،ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ، ئۈمىدۋارلىقنىڭ سۈيىدە ئاقماقچى!

ئا:

قولۇڭنى بەر ئەي ساۋاقدېشىم،

كۆكتە بىللە پەرۋاز قىلايلى!

قەلبى ئاتەش، مىھرى بىھېساب،

ئىلىم سۆيەر ئۇستاز بولايلى!

ب:

قولۇڭنى بەر ئەي تەقدىردېشىم،

داۋانلاردىن بىللە ئۆتەيلى!

چىقسا مەيلى قانچىلىك بوران،

ئۇنى خۇشال-خۇرام كۈتەيلى!

س:

قولۇڭنى بەر ئەي قەلىبدېشىم،

تۈگۈنلەرنى بىللە يېشەيلى!

چۈشكۈنلۈككە بېرىپ خاتىمە،

روھىمىزغا چوڭقۇر چۆكەيلى!

د:

قولۇڭنى بەر ئەي سەپەردېشىم،

كەسپىمىزدە شەرەپ قۇچايلى!

ئىلىم كۆكتە بولسا ناۋادا،

ئۇنىڭ تامان بىرگە ئۇچايلى!

ئې:

قولۇڭنى بەر ئەي دىلداشلىرىم،

قۇياش كەبى چاقناپ تۇرايلى!

ۋەتەن بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدنى،

يەردە قويماي ئاقلاپ تۇرايلى!

كوللىكتىپ:

قولۇڭنى بەر ئەي مەكتەپدېشىم،

نۇرلۇق تاڭغا بىللە يېتەيلى!

ئىلمۇ-ئېرپان ئېتىزلىرىغا،

تەرىمىزنى بىرگە تۆكەيلى!

2014-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3690

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-03-28
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: