جۇدادۇرمەن قەدىر-قىممەتتىن(ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ)

 

 

جۇدادۇرمەن قەدىر-قىممەتتىن

(بۇ ئاددىي شېئىرىمنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان  ئانا تىلىمىزنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن)

ئېغىزىمدا ئوتتۇز ئىككى چىش،

تۇرار دائىم رەت-رەت تىزىلىپ.

بۇ تىلىمنى ئوينىتار ھەريان،

ئوتتۇز ئىككى سۆيۈملۈك ھەرپ.

ئوغلۇمنىڭ چىشلىرى كوماك،

يەتمەس سانى ئوتتۇز ئىككىگە.

سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدا راۋان،

يەتتىم بۇنىڭ تېگى-تەكتىگە.

چىشىم سۇنسا بولىدۇ سالسام،

سەدەپ ياكى ئالتۇن –كۆمۈشتىن.

تىلىم سۇنسا كۆمۈلەر ئىزىم،

نام-نىشانىم قالماس ئۆتمۈشتىن.

غاپىللىقتا ئوخشاتتىم بەلكىم،

چىشلىرىمنى تېپىلماس دۇرغا.

ئەمدى بىلسەم تىلىم گۆھەركەن،

ۋۇجۇدۇمنى تولدۇرغان نۇرغا.

سانىيالىدىم چىشىمنى بىر-بىر،

تىلىم بەرگەن ھىممەتلىك ساندا.

ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ يۈرۈيمەن،

ئەجداد روھى ئۆركەشلەپ قاندا.

چىشىم مەزمۇت بولمىسا پەقەت،

ئايرىلىمەن ئېسىل نىئمەتتىن.

تىلىم بەردەم بولمىسا ئەگەر،

جۇدادۇرمەن قەدىر-قىممەتتىن.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3643

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-02-19
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: