داڭلىقلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلدىكى شېئىرلىرىدىن تاللانما

 

داڭلىقلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلدىكى شېئىرلىرىدىن تاللانما

 

مەدەنىيەت ئىنقىلابى 1976-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان دوستلىرىمىزغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ناتونۇش.بۇ مەزگىلدە جۇڭگۇدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بۇ يەردە دەپ بولۇش پو ئاتقانلىق.1966-يىلىدىن1976-يىلغىچە بولغان دەۋىر ئۆز قوينىغا نۇرغۇن دەرت-ھەسىرەتلەرنى،قايغۇ-ئەلەملەرنى،ئاھ ئۇرۇش ۋە ئەپسۇسلىنىشلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.بۇ ۋاقىت جۇڭگۇدا ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئارقىغا چېكىنىش،قۇرۇق شۇئارغا باغلىنىپ،ئەمەلىي ئۈنۈمگە سەل قاراش،ئۇچىغا چىققان نادانلىق قىلمىشلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈزبەرگەن ۋاقىت.ھېلىمۇ،خۇداغا شۈكرى،كونىلارنىڭ گېپى بويىچە بۇ ”مەينەت ئىنقىلاپ“دەل ۋاقتىدا ئاخىرلىشىپ،بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات ئۈچۈن يول ئېچىلدى.ئەينى ۋاقىتتا،نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەدىبلىرىمىز بۇ دەۋىرنىڭ روھىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ،نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.بۇلارنىڭ يازغان نەرسىلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى ھازىرقى ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەش ئانچە ئاقىلانىلىق ئەمەس.يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندە،بەزى ياشلار بۇ دەۋىردىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بىر تىيىنغا ئالماس قىلىپ قويدى.مېنىڭچە ھەر قانداق بىر نەرسىگە شۇ دەۋىرنىڭ كۆزى بىلەن قاراش ناھايىتى موھىم.بولمىسا ئوڭايلا خاتالىشىپ قالىدىغان گەپ.مەن تۆۋەندە يوللىماقچى بولغان شېئىرلار بىر قىسىم داڭلىق كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە يېزىلغان،بۇ شېئىرلارنىڭ ھېچبولمىسا،شۇ دەۋىرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئالاھىدىلىكى بار.شۇڭىلاشقا دوستلارنىڭ بۇ شائىرلىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرىگە پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.قېنى ئەمىسە بۇ شېئېرلاردىن ھوزۇرلىنىشنى باشلىۋىتىڭ.

 

جانىجان ئۇستازىمىز

 

سەيپىدىن ئەزىزى

 

قوزغىلىپ ئاتلاندى قۇللار قىلدى دۈشمەنگە ھۇجۇم،

بولدى گۇمران قارا زىندان،قاتمۇ-قات دەھشەت زۇلۇم.

قەد كۆتەردى دەس بولۇپ مىليۇنلىغان قۇربان تۇلۇم،

ماۋجۇشى بولغاچ مەدەتكار مىھرىۋان شەپقەت بىلەن.

 

تارىم-جۇڭغار چۆمدى نۇرغا،قاينىدى ئەمگەك راسا،

بۇ كۆرەش يالقۇنىدا تاۋلاندى باتۇرلار تازا.

ھەممە ياقتا بولدى بەرپا گۈل-گۈلىستان كەنت-يېزا،

ماۋجۇشى بەرگەچكە ئىلھام روھ بىلەن،رىغبەت بىلەن.

 

بارچە مىللەت مەدىھلەيدۇ جانىجان ئۇستازىنى،

قەلبىدىن قوشاق توقۇپ چالدى مۇقامغا سازىنى،

ئاڭلىغاي دەپ پارچە ئالەم بەختىيار ئاۋازىنى،

كۆپ ئۇزاق ئۆمۈر تىلەيدۇ داھىغا ھۆرمەت بىلەن

 

1973-يىلى،ئۈرۈمچى

 

بىز تەلپۇنىمىز قىزىل قۇياشقا

 

تىيىپچان ئېلىيۇپ

 

نەشتىرى زەھەر ئوغرى تىكەننى

بىز قىسمايمىز گۈل دەپ قۇلاققا.

سېسىقلىق-خۇشپۇراق بىزگە بەك ئېنىق،

بىز تېزەك تىزمايمىز ئالتۇن تاۋاققا.

ئەي كونا زامان مەستانىلىرى،

كۇڭزى ئەرۋاھىنى چىللاپ بۇياققا،

”ئۆزەڭنى تۇت،ئەدەپكە قايت“دەپ.

بۇرىماقچى يولنى قاياققا؟

بۇلغىما شەسەرنى،

كۆتەر كەشىڭنى،

بىز چۈشمەيمىز ئالدام توزاققا.

 

ھۆرپۈيۈپ كەلگەن يىرتقۇچ ئالدىدا

قول قوشتۇرۇپ تۇرماق ئەدەپمۇ؟

بىزگە شۇنداق ”ئەدەپ“ئۆگەتمەك،

نەدىن چىققان خالىس نىيەت ئۇ؟

”ئارقا“دېگەن قايسى تەرەپ ئۇ؟

كۇڭزى ياتقان سېسىق لەھەتقۇ!

”چېكىنىش“بىزنىڭ تىلىمىز ئەمەس.

ئۇ خائىنلارغا مۇناسىپ گەپقۇ؟

”ئالغا“دەپ تۆرەلگەن بىزنىڭ سېپىمىز،

”ئالغا“دەپ كۆرەشتە جاننى تىكىمىز.

شۇڭىلاشقىمۇ يېڭىلمەس سەپ بۇ!

 

بىلىمىز كۇڭزىنىڭ ئىقتىدارىنى-

جاللاتنىڭ نېمىگە ئىنتىزارىنى.

ئۇنىڭ قۇلىقى“خالىس“تارازا:

قۇلدار كۈلكىسىنى ئاڭلىسا بىرسى،

بىرسى قۇللارنىڭ ئاھۇ-زارىنى:

كۆرسە بىر كۆزى قۇلدار تەختىنى،

يەنە بىرسى قۇل بازىرىنى؛

قىلسا بىر قولىنى قۇلدارغا پەتنۇس،

قىلسا بىرسىنى قۇل ئۈچۈن كىشەن،

بۇنىڭ نامى“خالىسلىق“ئىكەن،

كۆرۈڭلار“ئادالەت“غەمگۇزارىنى؟!

 

چىققاندا كۆتىرىپ سۈيقەست تىغىنى،

جەندە قىلىپ توقۇم كىتاپنى.

كۇڭزىنىڭ جۇل-جۇل ئەبجەق تۇغىنى؛

ئىچكۈزمەكچى بولغاندى بىزگە

شەربەت دەپ تەڭلەپ زەھەر ئوغىنى

ئۈستىمىزگە ئارتماقچى ئىدى

يېڭىۋاشتىن كۈلپەت تېغىنى.

بىزنى شۇنداق نادان چاغلىدى؛

بىزنىڭ سېپىمىز ئۇنتۇپ قالمىدى،

لەنىتى ئۆتمۈشنىڭ قانلىق دېغىنى.

بىز شۈمپەندىن شەپقەت تىلەمدۇق؟

يىرتقۇچلارغا تاشلاپ بېرەمدۇق،

ۋەيران بولغان بەخت بېغىنى؟!

 

بىز كۇڭزىغا تەشنا ئەمەسمىز،

بىز قىزىل تۇغلۇق كۆرەشپەرەسمىز،

تەلپۇنىمىز قىزىل قۇياشقا!

بىز لىن بىياۋ بىلەن بىر نەسەپ ئەمەس،

زاتىمىز باشقا،

يولىمىز باشقا.

دۈشمەن بىلەن ئارىمىز ئۇچۇق،

ھايات-مامات جېڭى ئالدىدا

تەييارمىز تىغنى قانغا بوياشقا.

 

ماۋجۇشىنىڭ شانلىق لۇشىيەنى

يىتەكلەيدۇ بىزنى يېڭىشقا.

مەيلى جىمى جىنلار جەم بولۇپ،

تۇشمۇ-تۇشتىن كەلسۇن قوزغىلىپ،

تەشنا بولسا ئەجەللىك مۇشقا.

ئىنقىلاب-بىزنىڭ جېنىمىز خۇددى،

ئالغا باسقاننىڭ پۈكۈلمەس قەددى،

ئېزىتقۇلارنىڭ ئون ئەمەس ھەددى

تارىى چاقىنى ئارتقا بۇراشقا.

 

 

لىن بىياۋغا رەدىيە

 

مۇھەممەد رېھىم

 

خائىن،ساتقىن لىن بىياۋ،

ئاسىلىقنىڭ پىرى سەن.

سەن بەدنىيەت“ئەۋلىيا“،

دانالىقتىن نېرى سەن.

 

قۇۋلۇق-شۇملۇق ئىشلىتىپ،

قىزىل سەپكە بېكىنىپ،

قوي تېرىسى يېپىنىپ،

ئالغان ياۋۇز بۆرىسەن.

 

ئالدىمىزدا ھىجايغان،

ئارقىمىزدىن ھومايغان.

قەلبى دەھشەت قارايغان،

زومىگەرنىڭ زورىسەن.

 

ئاغزىڭدا بار دىيانەت،

يۈرىگىڭدە خىيانەت.

دىيانەتكە داۋامەت

يېپىشمىغان ئەگرىسەن.

 

”ۋۇ-چى-يى“دۇر ئىجادىڭ،

قىلدىڭ ئۇنى نىجادىڭ.

تۇرغان پۈتكەن بىساتىڭ

ھېيلە بىلەن مىكرى سەن.

 

ئايلىنىپلا ”يۇۋاشقا“،

چۈشتۈڭ تارىخ بوياشقا.

سۈيقەست قىلىپ قۇياشقا،

بەدەر قاچقان ئوغرىسەن.

 

ئۇچقان ئىدىڭ ھاۋادا،

(”دۇدۇل بولۇپ سامادا“).

يەرلىك تاپقان كامادا

چاشقانلارنىڭ جۆرى سەن.

 

سەن سۇشىيۇنىڭ غالچىسى،

تىرىلىشنىڭ جارچىسى.

مۇستەبىتنىڭ قامچىسى،

ئەلگە زۇلۇم،جەۋرى سەن.

 

كانىيى سەن كۇڭزىنىڭ،

مالىيى سەن مىڭزىنىڭ.

قۇمۇش كىتاپ تەنزىنىڭ،

ساقىندىسى-زەھرى سەن.

 

پىسەن قىلماي بەرىڭنى،

تەزىلايمىز زەھەرىڭنى.

پۇركىسەڭمۇ قەھرىڭنى،

ئالدىمىزدا زەررى سەن.

 

چىتقا يېيىپ چاۋاڭنى،

بەرمەكتىمىز داۋاڭنى!

كۇڭزى-مىڭزى بوۋاڭنى

ئەمدى گۆردە كۆرىسەن.

 

ماۋجۇشى باش بۇ جەڭدە،

غەلبە بىزنىڭ ھەر دەمدە.

ئۈلۈم ساڭا بەخشەندە،

بىزدىن تامام غەيرى سەن.

 

 

 

قەھرىمىز يالقۇنلىرى

 

ھېيتەم ھۇسەن

 

چىقتى پىپەن دولقۇنى زور ئەۋجىگە ھەيۋەت بىلەن،

جەڭگە ئۆتتۇق ياۋغا ئوقلار ياغدۇرۇپ شىددەت بىلەن.

شان زەپەر قۇچتۇق بۇ جەڭدە ماۋجۇشى لۇشىيەنىدىن،

شۇم رەقىپلەر قالدى داغدا قان يۇتۇپ ھەسرەت بىلەن.

 

بەختىمىزنى قارىلاپ چىقتى لىنبىياۋ ھېلىگەر،

خەلقىمىزگە قارشى قايناپ دىلىدا ئوغا-زەھەر.

خام-خىيال ئىلكىدە مەست بولدى ئۆزىچە بىر مەھەل،

چىللىدى ھۇقۇش بولۇپ شۇملۇق تىلەپ تۈن ھەم سەھەر.

 

ئاىىرى شەرمەندىلەرچە قاچتى دات پەريات ئۇرۇپ،

خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋاسى چىقتى مات بولۇپ.

بىزگە قەست قىلغان رەقىپنىڭ ئاقىۋىتى شۇ ھامان،

خۇددى لىن بىياۋ ئوغرىدەك تۈگىشەر بەربات بولۇپ.

 

توسقىلى بولمايدۇ كۈننىڭ نۇرىنى ئالغان بىلەن،

ھېيلىگەرلەر جان باقالماس راستى يوق يالغان بىلەن.

لىن بىياۋ ھەم كۇڭزىنىڭ پەتىۋاسى كۆيسۇن كۈل بولۇپ،

قەھرىمىزدىن ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن-گۈلخان بىلەن.

 

 

قىزىتىمىز كۆرەشنى

 

سەمەت دۇگايلى

 

ئاتلىنىپ سەپكە بۈگۈن چىقتۇق تۈمەنمىڭ قەھرىمان،

توسىيالماس يولىمىزنى يات ئېقىم،تاغ ھەم داۋان.

ھەممىمىز يولۋاس سۈپەت،ئالغا ئېتىلغان پەھلىۋان.

ئىنقىلابىي پىپەن چىقىرىپ كۈچلۈك بوران،

سۈپۈرۈپ لىن ئوغرى،كۇڭزىنى قىلىپ گۆرگە راۋان،

زادى بەرمەيمىز ئاراملىق،تاپمىغاي قىلچە ئامان.

 

لىن بىياۋ-خائىن قارا دىل ئىككى يۈزلۈك ئوغرىدۇر،

كىيگىنى كۇڭزى بىلەن مىڭزىدىن قالغان جەندەدۇر.

ھەممىسى تارىخ ئېقىمىغا قارشى تەلۋە  بەندەدۇر،

شۇڭا،تارىخ سوۋغا قىلغا جاي ئوخشاش گەندەدۇر.

سۈپۈرۈلدى لىن ئوغرى،كۇڭزى قىلىپ گۆرگە راۋان،

زادى بەرمەيمىز ئاراملىق،تاپمىغاي قىلچە ئامان.

 

كۇڭزى ئەبلەخ جاقىراپ چىققان ئىدى“شەپقەت ”بىلەن،

مەقسىدى قۇلدار ئۈچۈن قۇللارنى قىلماق بولۇپ يەم.

نەۋرىسى لىن ئوغرىمۇ كۆتىرىپ يىرتىق ئەلەم،

”ئەدەپ-ئەخلاق“مېلىنى سالدى بازارغا دەممۇ دەم

سۈپۈرۈپ لىن ئوغرى،كۇڭزىنى قىلىپ گۆرگە راۋان،

زادى بەرمەيمىز ئاراملىق،تاپمىغاي قىلچە ئامان.

 

چاقماق غەزەپتە

 

بۇغدا ئابدۇللا

 

سالغىلى جانغا جەۋرى-جاپانى،

ئېلىپ كۇڭزىدىن جەندە كۇلانى.

 

”ئۆزەڭنى تۇت،ئەدەپكە قايت“دەر،

تىرىلدۈرمەككە دوزاخ دۇنيانى.

 

مەلئۇن لىن بىياۋ ئۆلۈمتۈك مېتە

دېدى:“دۇدۇلمەن كەزگەن سامانى“.

 

بەڭگە چۈشىدە تەختىگاھدىمىش

سۈزگىدەكمىش قاندىن تىللانى.

 

ئاشۇ شەرمەندە كۆردى ئوڭىدا،

سىقملاپ قالغان قولى ھاۋانى.

 

قاۋىدى كۈنگە،يەتمەكچى تۈنگە،

كەلتۈرمەك بولدى يۈزمىڭ بالانى.

 

ئوغرى كېمىدە دېمى ئىچىدە،

قۇستى لەختە قان،ئۆچتى زۇۋانى.

 

راۋاقتا بوران يامغۇردىن شەپە

سۈپىرەر قالمىش ئەخلەت چاۋارنى.

 

دولقۇن پەلەكتە،چاقماق غەزەپتە،

تاپالماس چاشقان ئەمدى كامانى.

 

ماۋجۇشىمىز بار،چالدۇق بەختىيار

غەلبە كۈيىگە ئالتۇن ساتارنى.

 

 

يېزىمىزدا پىپەن دولقۇنى

 

مامۇت زايىت

 

گۈلباھار ئاپتاپتىن سالغان پايانداز،

گويا توز قانىتىدەك گۈزەل پەيزىۋات.

چوڭ پىپەن بايرىغى قىلماقتا جەۋلان،

پۇرۇخلاپ قاينىغان جەڭگىۋار ھايات.

بەختىيار يېزىنىڭ ئەزىمەتلىرى،

جەڭ مېھنەت كۆكىدە قاقماقتا قانات.

 

قىلدىممەن زىيارەت مۇشۇ كۈنلەردە،

كەڭ يېزا قىشلاقنىڭ قۇچاقلىرىنى،

ئۇچىراتتىم بۇ يەردە“يېرىم دۇنيا“نى،

يېزىنىڭ قەھرىمان قىزچاقلىرىنى.

ئىلھامىم مىنگەشتى كۈي تۇلپارىغا،

ياڭراتتىم مەدىھە قوشاقلىرىنى.

 

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=198

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-08-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات
ئىنكاس: 12دانە
  1. ئەينى دەۋرنى روشەن يۇرۇتۇپ بىرىدىغان قىممەتلىك، تارىخقا ئايلانغان شىئىرلار ئىكەن،رەھمەت.
    ھ راسىت،خالىسىڭىز ئۇلىنىش ئالماشتۇرساق.

    • ھۆرمەتلىك ھونزادە ئەپەندى كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!سىز بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن.ۋاقتىڭىز بولسا پات-پات كېلىپ تەنقىدىي پىكىر بېرەرسىز!

  2. بۇ ھەقتە ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى ‹‹تارىم ›› ژورنىلىدا ماقالىدىن ئىككىنى ئېلان قىلدى. ئىككىنچى ماقالىسى تېخى مۇشۇ يىللىق 2-سان تارىمدا ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىلەردە مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ئۇندىن بۇرۇن شېئىرلارنى يازغان ئۇيغۇر شائىرلار توغرىسىدا تەپسىلى توختالغان.
    شائىرلار ھەي شائىرلار

    • بۇ ماقالىنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىمەن، بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر!بۇ مەزگىلدىكى شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىگە مېنىڭچە تېخى بىرەرى ئوبىكتىپ باھا بېرىپ باقمىدىغۇ دەيمەن.

  3. ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرىنىڭ ماقالىسى ماختاشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىش بوپ قالغان.

    • ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى تەبىئىي.چۈنكى، ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى ھازىرقى زاماننىڭ ئادىمى. ئۇ بەلكىم زامان ۋە ماكان،شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شۇ زاماننىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ باھالىمىغان بولىشى مۇمكىن. بۇنداق شېئىرلارغا ئازات مۇئەللىم بەك ئوبىكتىپ بېرەتتى. بەلكىم بۇ شېئىرلارنى يازغان ئاپتۇرلارنىڭ زامانداشلىرى بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرەتسە ئاندىن ئۇلارغا ھەققىي ۋە ئادىل باھا بەرگىلى بولامدىكىن دەپ قارايمەن.

  4. shuni dimemsiz, emma yene undaq shi,erlarni yazmaymu utken shairlar barghu deymen

    • ئەلۋەتتە بار، لېكىن شۇ ۋاقىىتا ئاللىقاچان ئۇتۇق قازانغان شائىرلارنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئىجتىمائىيەتنى ئەكىس ئەتتۈردىغان شېئىرلارنى يازمايمۇ ئامالى يوق بولۇشى مۇمكىن.

  5. مەن ئۇلارنى ئاقلاش تەرەپدارى ئەمەس.

    • چۈنكى،سىز يېڭى دەۋىرنىڭ شائىرى. شېئىرغا بولغان قاراشلىرىڭىزمۇ يېڭى.شېئىر ئارقىلىق نېمىنى ئىپادە قىلىشتا ئۆزىڭىزگە خاس تۇتقان يولىڭىز بار.مېنىڭچە، شۇ دەۋىردىكى ئەدەبىيات سوۋىت ئەدەبىياتنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچىرىغاچقا، شېئىر ئارقىلىق سىياسىي خاھىشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە سىياسىي ئۆلچەم بويىچە باھا بېرىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان. بۇ دەۋىردە ئىجادىيەت ئىلىپ بارغان كىشىلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقىمۇ ياكى ئاقلاشقىمۇ بولمايدۇ. پەقەت بۇ شېئىرلارنى شۇ دەۋىرنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە، شۇ دەۋىردىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى چۈشىنىشتىكى بىر ۋاستە دەپ قارىساق ئاندىن مۇۋاپىق باھا بېرىش مەقسىتىگە يېتەلىشىمىز مۇمكىن.

  6. نىمىلا بولمىسۇن، ھازىرقى دەۋىرنىڭ شائىرلىرى سەل سەگەك بولۇپ، دەۋىرگە ئەگىشىپ سايرايدىغان قۇشقاچ بوپ قالمىيىدى دەپ ئۈمىد قىلىمەن.

    • بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئۇنداق قۇشقاچلار بىزنىڭ ئارىمىزدا خېلى بار.بەزىلەر ئىجادىيەتنى پەقەت نام چىقىرىش ۋە ئۆزىنى تونۇتۇشنىڭ ۋاستىسى دەپ تونۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئادەملەرنى توسۇپمۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: