پەلەكتىن قۇيۇن….

ۋاقتى: 2011-08-15 / تۈرى: ئەدەبىيات / كۆرۈلۈشى: 108 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

پەلەكتىن قۇيۇن….

قاچانكى مەنسەپكە مىنىپ قالدىم.ئەتىراپىمدا ھەر بىر يۇرتتىن كېلىپ يوقلاپ تۇرىدىغان“تۇققانلىرىم“پەرۋاز ئەيلىدى.شىرىن تۇيغۇ كېچە-يۇ كۈندۈز قەلبىمنى يايرىتىپ تۇراتتى.ئۇلارغا نەزەر سېلىپ قويسام،گويا باھار نۇرى چېچىلغاندەك،ھەر بىرىنىڭ روھى ۋە دىلى شادلىققا چۆمۈلۈپ كېتەر ئىدى.مەنمۇ ھوقوقۇمنى ئۇلادىن ئاياپ باقمىدىم،باشلىرىنى سىلاپ تۇردۇم.بىرىنى يىراق جايدىن يېقىن يەرگە يۆتكەپ قويدۇم؛يەنە بىرىنى“كەمبەغەل ئىدارىدىن“پۇللۇق“ئىدارىگە ئالماشتۇرۇپ قويدۇم؛مەنسەپ كۆرمىگەن بىرسىگە كىچىكرەك بولسىمۇ مەرتىۋە ئېلىپ بەردىم؛“كۆمۈلۈپ قالغان“يەنە بىرىنىڭ ئورنىنى يىتەرلىك ئۆستۈرۈپ قويدۇم؛“ناھەق ئىشسىز قالغان“پەرزەنتلىرىگە“تۆمۈر تاۋاق“تېپىپ بەردىم….ئىشقىلىپ“خەلق“نى ئاغزىمدىن چۈشۈرمەي،ھوقوقۇمنى مەنپەئەتلىك ماڭغۇزۇپ تۇردۇم.“تۇغقانلىرىم“ئۇلغايدى،دوست-بۇرادەر“لىرىممۇ كۈندىن-كۈنگە،يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ تۇردى.مېنىڭ سېخىيلىقىم ئۇلارنى پاراۋان قىلدى.ئۇلارمۇ ئەلۋەتتە مەردانە مەردلىكىنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇردى.ئۆز-ئارا بەرگەنگە بېرىپ تۇردۇق،ئالغاندىن ئېلىپ تۇردۇق،بېرىش-كېلىش ئۈزۈلمەي قايماقتەك كېتىۋاتاتتى.

   خۇدانىڭ بىر كۈنى پەلەكتىن دەششەتلىك بىر قۇيۇن چىقىپ كەلدى.ھەققانىيەت غەزىپى مېنى ئاسماندىن يۇلۇپ يەرگە ئۇردى،جەننەتتىن ئېلىپ دوزاخقا سالدى،ئىچىمنى تەتۈر ئۆرۈپ قۇستۇردى،توۋا-پۇشايمانغا غەرق قىلدى.

  مەنسەپ ئۆلدى،مال-دۇنيامۇ قاچتى؛“قېرىنداشلار“يات بولۇپ،ئۇ دۇنيا-بۇدۇنيا يات بولۇپ قالدى.“قەدىناس دوستلار“ئەشەددىي رەقبلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

لىكىن پەلەكنىڭ چاقى يەنىلا شۇ مۇققەدەس،رېتىمغا قايتىپ،سالماق ئايلىنىپ تۇراتتى.

 

مەنبە:خەمىت.ئا.زاكىرنىڭ“ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى“ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif