ئۇيغۇرچە تارىخى ناخشىلار
ئۇيغۇرچە تارىخى ناخشىلار
توپلىغۇچى:مۇھەممەدجان ئىسمايىل
”شانلى قۇرئان“
شانلى قۇرئان،كانى ئېرپان
ئوقۇ-ئاڭلا بىلىپ يۈر.
غەيرەت قىل ئەي قەھرىمانلار
ئوقۇش ھەقنىڭ ئەمرىدۇر.
شانلى قۇرئان،كانى ئېرپان
ئىلىم-ئەمەل بىلەن يۈر.
نادانلىققا يول بەرمەيلى،
ئۇ خارلىققا تارتىدۇ.
قايتارما:
ئىلىم ئوقۇيلى،شان ئالىلى
ياشلىق ئوقۇش دەۋرىدۇر.
بىز ئوقۇچىمىز
(ئوقۇغۇچىلار مارىشى)
بىز ئوقۇچى بىز،پۇت قوللارىمىز،
كۆز دىماغىمىز ھەر يېرىمىز ساغلام.
ۋەتەن خەلقنىڭ ئەلنىڭ قولى بىز،
دۈشمەنگە قەلبىمىز ساقلار ئىنتىقام.
قايتارمىسى:
يۈرۈڭ ئوقۇيلى ياش ئوقۇچىلار،
ۋەتەن خەلق يولىدا قاينار ۋىجدانلار
ئۇزۇن يىللار بىز زۇلمەت قوينىدا،
ئوقۇيالمىدۇق ۋەتەن يولىدا.
ئەمدى قۇتۇلساق بۇ نادانلىقتىن،
ئارمان يوق يۇرتىمىزغا ئىشلەش يولىدا.
يۇقارقى ناخشا 1948-يىلى نەنجىڭدە چىقىدىغان ئۇيغۇرچە“تىيانشان رەسىملىك ژورنىلى“دا ئېلان قىلىنغان.1950-يىلى شىئەندە نەشر قىلىنغان“شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرى“غا نوتىسى بىلەن كۆچۈرۈپ بېسىلغان.
قوپ،قان قېرىنداش
(ئويغۇتۇش مارشى)
قوپ!قان-قېرىنداش ئەتىراپىڭغا باق
باق!نە كۆرۈسەن ئويلاغىن ئۇزاق.
دەرسۇ-ئىبرەتلەر كېلۇر بۇ جاھاندىن،
ياۋرۇپالىقلاردىن ئال ئەمدى ساۋاق.
بىر-ئىككى،ئۈچ
بىرلىكتەدۇر كۈچ
ئۇلەر نە ئىلمى ھېكىمەت بىلەن يۈر،
سىنەلەرىندە ھەممەت پارلا يۈر.
يەردە،ھاۋادا،سۇدا ئۈزۈپ يۇرلار
جۈملە جاھاننى يۇتماق ئىستە يۈر.
بىر،ئىككى،ئۈچ
بىلىمدۇر كۈچ.
ئوقۇ ياشلار
(دالالەت)
ئوقۇش ۋاقتى يەتى قەرداشلار،
ئوقۇپ بىلىم ئالغىن ياش دوستلا.
ئوقۇ ياشلا بۇ مۇققەدەس يۇرتىمىز تىز گۈللەنسۇن،
ئوقۇش بىلەن خەلقىم جانلانسۇن.
بىلىم ئالمىغاندا قانداشلار،
خورلۇق باشتىن كەتمەس يارانلار.
ئوقۇ ياشلار بۇ مۇبارەك يۇرتىمىز تېز گۈللەنسۈن،
بىلىم بىلەن ئەل-يۇرت ياشناسۇن.
تىلىگىم ئوقۇش
مەن بىر بالىمەن تىلىگىم ئوقۇش،
جان ئىلە تېنىم ئوقۇشقا قۇربان.
ئانا مەكتىۋىم دىلنى يورىتۇر،
ئوقۇپ ۋەتەندە قىلىمەن جەۋلان.
قايتارمىسى:
كېلىڭ دوستلار بىرلىشەيلى،
ئىلىم-ئىرپانغا ئېرىشەيلى.
مەن بىر بالىمەن تىلىگىم ئوقۇش،
جان ئىلە تېنىم ئوقۇشقا قۇربان.
ئاتا-ئانىلار ئوقۇمىغاچقا،
قالدىلەر زارلاپ ئەۋلاتلار ھامان.
ئىي،ئەزىزىم تۇر ئەمدى
ئىي،ئەزىزىم تۇر ئەمدى،
پۈتۈن دۇنيا ئويغاندى.
پارچە مەزلۇم مەھكۇملار،
ھەممە جايدا قوزغالدى.
ئاسارەتە كۆپ ياتتۇق،
لايۇ-پاتقاققا پاتتۇق.
ئۇيات ئىكەن بۇ خارلىق،
دارىلپۇنۇن ئويغاندى.
قايتارما:
ياشىسۇن مەرىپەتپەرۋەرلەر،
يىتسۇن ئالچاق(ئازغۇن) خائىنلار.
خەلقىم يۈر ئەمدى
خەلقىم يۈر ئەمدى،
مەكتەپلەر ئاچايلى.
نادانلىقلەرگە
قارشى تۇرايلى.
ئارىش!مارىش
يۈرۈڭ ئارقاداش(ئۇرۇقداش،قانداش)
غەپلەتتە ياتماي،
ئەمدى كۆزۈڭ ئاچ.
ئۇزۇن يىلدىن بېرى،
نادانلىقنىڭ دەردى.
يۇرت خەلقىمىزنى
ۋەيران ئەيلىدى.
ئارىش!مارىش!
يۈرۈڭ ساۋاقداش
ئوقۇيلى ئەمدى،
يۇرتۇڭغا نۇر چاچ.
نادان ئاتا
(دىيالوگ-چاستۇشكا)
قىز:
جانىم ئاتا كۆردىڭىزمۇ مەكتەپ ئاچىلدى،
مەرىپەتنىڭ بوستانىغا نۇرلار چاچىلدى.
نېمە ئۈچۈن ئوقۇش ماڭا مەنئى بولۇندى،
ئۇنىڭ ئۈچۈنب يىغلاپ كۆزۈم ياشقا تولدى.
ئاتا:
بارما قىزىم مەكتەپكە سەن چوڭ بولۇپ قالدىڭ،
ئوقۇپ-ئوقۇپ شەرىئەتكە قازى بولامتىڭ.
ئۆيدە ئولتۇر تالا-تۈزگە چىقمىغىن ئەسلا،
قازان قۇمۇچ ئىشلىرىنى ئۆگەن ئاناڭدىن.
ئارسلان ئوغلان
ئارسلان ئوغلان
ئارسلان ئوغلان
قوي ئۇيقۇنى سەن
تۈر ئەمدى ئويغان
جاھىللىققا سەن
قىلىچ ئۇرساڭ،
كېلۇر بىر كۈن
ھۆرلۈك زامان.
يېڭى يول
(زاپىۋال-بىر كىشى باشلاپ ئېيتىش)
يېڭى يول بىلەن ئۇدۇل ماڭايلى،
مەشئەل چىراغنى قولغا ئالايلى.
ئەي بۇرادەرلەر،جان بۇرادەرلەر،
جانلاندۇرايلى ،گۈللەندۈرەيلى
شىنجاڭ ئۆلكەسىنى(ئەي!شىنجاڭ ئۆلكەسىنى)
ئىش ئەمەل بىلەن
ئىتىپاق بىلەن.
ئۆلۈم يا كۆرۈم
(ياپۇن جاھانگىرلىكىگە قارىشى كۆرەش كۆزدە تۇتۇلغان)
ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ مىلىيۇنلىغان ئەل،
قانلىق مەيدانغا چۈشتى باغلاپ مەھكەم بەل.
بۇ يولدا ئاقسىمۇ قانلار بولۇپ سەل،
بۇ كۆرەش مەقسىدىمىزنى قىلغۇسىدۇر ھەل.
بىر-ئىككى،بىر-ئىككى،بىر ئىككى ئۈچ،
ياخشى بىلىڭ دوستلارىم بىرلىكتە ھۆر كۈچ.
ئەسكەرتىش:يۇقارقى ناخشىنى مەرھۇم ئوت يۈرەك شائىر لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ1940-يىلىىرى،يەنى ياپۇنغا قارىشى كۆرەش كەسكىن كېتىۋاتقان پەيتلەردە ئىجاد قىلىپ،ماڭا نوتىغا ئالدۇرغان ۋە مەكتەپلەرگە ئۆگىتىپ قويۇشۇمنى تاپىلىغان.مەن ياش ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆگىتىپ قويغان ئىدىم.
بۇ ناخشىلار ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ 50يىللىقى(1934-1984) ئۈچۈن چىقىرىلغان توپلامدىن ئېلىندى.
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=184