قۇيۇق مىللىي پۇراقتىكى ئېسىل رەسىملەر

ۋاقتى: 2012-10-05 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 280 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

 

مەن تاسادىبىي پۇرسەتتە نىجات ھۇشۇر ئىسىملىك بىرەلەينىڭ تور بېتىگە كىرىپ قالدىم.ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرى دېققىتىمنى تارتتى. ھەمدە ئۆزۈم ياقتۇرغانلىرىنى ساقلىۋالدىم. مېنىڭچە، ئۇنىڭ دەسلەپتە سىزغان رەسىملىرى قۇيۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاددىي تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ مېنى بەكرەك جەلىپ قىلىدىغان يېرىمۇ دەل ئەسەرلىرىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىك شۇنداقلا رەسىملىرىنىڭ سىزىلىش ئۇسلۇبىنىڭ بەك ئەركىن،كىشىگە بىر خىل ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدىغانلىقى بولدى. مەيلى تېز سىزمىلىرى بولسۇن مەيلى ماي بوياق ئەسەرلىرى بولسۇن.ماڭا بىر خىل ئۆزگىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى. رەسىملەرنى كۆرگەنسىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئېسىل بىر روماننى ئوقۇۋاتقاندەك ھېسىياتقا كەلدىم.مەن رەسساملىق سەنئىتى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيمەن.بىر پارچە ئاددى سىزمىنىمۇ ئوڭشاپ سىزالمايمەن. بۇ ھەقتە ئۆزۈمنى ساۋاتسىز دېسەممۇ بولىدۇ. لېكىن ئۇزۇن يىل رەسىم سەنئىتى بىلەن ھەپىلىشىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ سەنئەتكە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بىر دوستۇمنىڭ تەسىرى بىلەن ھېچ بولمىسا، باشقىلار سىزغان رەسىملەردىن قانداق ھوزۇرلىنىشنى بولسىمۇ بىلىۋالغان چېغىم، شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا ئىزدەپ-سوراپ ئۇيغۇر ۋە دونياۋى رەسساملارنىڭ توپلاملىرىنى كۆرۈپ ھوزۇرلىنىپ قويىمەن. گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ رەسسامنىڭ رەسىملىرىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. شۇڭا، بلوگدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بۇ ساھەگە قىزىقىدىغان دوستلارنىمۇ بۇ ئېسىل ئەسەرلەردىن ھوزۇرلانسىكەن،دەپ ئويلىدىم. رەسىملەردىن ھوزۇرلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي.

 

نىجات ھۇشۇر،ئەر،ئۇيغۇر،1969-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1986-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ماي بوياق كەسپىدە ئوقۇغان. 1992-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنىڭ سەنئەت فاكۇتىتىنى پۈتتۈرگەن.2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە گىرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھرىدىكى سەنئەت ئۇنۋېرسىتىدا جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرپىدىن تەمىنلەنگەن زىيارەتچى ئالىم سالاھىيىتى بىلەن پروفىسسور  Kristahn نىڭ تەربىيىسىدە بولغان.

2006-يلىدىن 2008-يىلىغىچە گىرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھرىدە پروفىسسور Held  نىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن ھەمدە 2008-يىلى ماگىستىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1994-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە شىنجاڭ بالىلار پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە شىنجاڭ بالىلار پىداگوگىكا مەكتىپىدە رەسىم ۋە ئىنگىلىز تىلى دەرسلىرىنى ئۆتكەن.2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرىدا رەسىم ۋە ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.2004-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە شىنجاڭ بالىلار پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئىشلىگەن. 2006-يىلىدىن باشلاپ گىرمانىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ خەنزۇچە،ئىنگىزچە،تۈرۈكچە، نىمىسچە تىللارنى بىلىدۇ. ئۇ 2009-يىلى پورفىسسور زورەم ياسىن بىلەن بىرلىشىپ ”رەسساملىق تىخنىكىسى ھەققىدە تەتقىقات“ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ھەمدە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ كۆرگەزمىلىرى ۋە ئەسەرلىرى ئېرىشكەن مۇكاپاتلار(ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالىنى ئۇنىڭ تور بېكىتىدكى ئىنگىلىزچە نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلغان ئىدىم.بەزى كەسپى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا قىينالغىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە كۆرگەزمىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز پېتى بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم):

2000 1st prize, art teachers’ exhibition: ”Hope“ with Kerim Nasirdin (selected for the 9thChinaart exhibition,Shanghai)

2001 Solo exhibtion,FineArtCollege, Ürümqi (107 drawings and paintings)

2005 ”Taklamakan“ and ”landscape of Turpan“, Traveling Exhibition “Old Trade, Newly Woven”,USA.

2005 1st prize, Exhibition of young artists in Xinjiang; ”The people out of the desert Taklamakan“.

2006 ”Taklamakan“, permanent collection, Montana Museum of Art andCulture,USA.

2007 ”Tash Korgan“ permanent collection,Washburn University Museum,USA.

2009 Group Exhibition, Painter Club,Notodden,Norway.

2010 Solo Exhibition, ”Kalip Kueyi“ with Dilmurat, Oriental and Occidental Gallery, Urumchi.

2010 Solo Exhibition, ”My Homeland – Xinjiang“,Chinese Culture Center,Berlin.

 ئەمدى ئېسىل ئەسەرلەر ھوزۇرۇڭلاردا:

ئۇنىڭ بىر قىسىم ماي بوياق ئەسەرلىرى:

 

 

 

 

 

 

 

 نىجات ھۇشۇرنىڭ بىر قىسىم تېز سىزما ئەسەرلىرى

 

 

 

 

 

 

 

 

 

يۇقىرقىلار ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىجاد قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئىكەن. ئۇنىڭ چەتئەلدە ئوقۇغاندىن كېيىن ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى قايسى خىل ئېقىمدىكى رەسىملەر مەن بۇنى چۈشىنەلمىدىم. قىزىققۇچىلار نىجاد ئەپەندىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

http://www.nijat-gallery.com

ئالاقىلىشىنى خالايدىغانلار بولسا، تۆۋەندىكى ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلسا بولىدۇ.

nijathushur@yahoo.de

 

ئەسكەرتىش:مەن پەقەت ئاپتۇرنىڭ ئەسەرلىرىگە قىزىقىپ قالغىنىم ۋە ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، بلوگىمدا تونۇشتۇردۇم. ناۋادا ئاپتۇر بۇنداق قىلىشىمنى ياقتۇرمىسا، خەت قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز پىكرىنى ئېيتسا، يازما ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ. بۇنىڭدا باشقا مەقسىتىم يوق، پەقەت ئېسىل ئەسەرلىرىدىن كۆپرەك كىشى ھوزۇرلانسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.  

 

 

 

 

 

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. بىرھون
    2012/10/06 02:33:33

    ھە بۇ ھېلىقى گېرمانىيەدە كۆرگەزمە ئاچقان داڭلىق رەسسام نىجات ھوشۇركەنغۇ !
    ئەممازە، مەن قانداقكى بىلمىدىم، مۇشۇ سىزما رەسىملەردىن ھوزۇرلىنىشنى پەقەتلا ئۇقمايمەن. بۇرۇنغۇ كامېرا يوق، سىزمىسا بولمايتتى، ھازىرقى كۈندە كامېرادا تارتىلغان ئوچۇق رەسىملەر تۇرسا، بوياق بىلەن سىزىلغان تۇتۇق، غۇۋا شۇ رەسىملەرگە كىشىلەرنىڭ نېمىشقا قارايدىغانلىقىنى زادى ئۇقمايمەن، بەزى ئادەملەر بىر رەسىمنى تېپىۋالسا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن.
    يەنە ئەمما، باش سۈرەت قىلىۋالىدىغان رەسىملەركەن بۇ.

    • lopnuri
      2012/10/06 12:29:05

      مېنىڭچە،گىرمانىيەدە كۆرگەزمە ئاچقان ئادەم شۇ.ئاپاراتتا تارتقان رەسىم بىلەن سىزغان رەسىمنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسى ئوخشاش بولمايدۇ. ناۋادا كۈزىتىش قابىيلىتى ياخشىراقلا بولسا،ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ فوتۇ سۈرەتلەرنى ياخشى تارتالىشى مۇمكىن.لېكىن رەسساملىق سەنئىتى بۇ يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىجادىيەت دىتى تەلەپ قىلىدىغان سەنئەتتۇر. ئۇنىڭدا تەبىئىي تالانت،مول تەسەۋۇر،ئىجادىي پىكىر بولىشى تولىمۇ زۆرۈر. شۇڭىلاشقىمۇ سىزىلغان رەسىملەرنىڭ قىممىتى يەنىلا تارتىلغان رەسىملەردىن يۇقىرى بولىدۇ.بىر پارچە سىزىلغان رەسىمنىڭ سەنئەتلىك قىممىتى تارتىلغان رەسىمنىڭكىدىن نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.سىزىلغان رەسىم رەسسامنىڭ ئۆي-پىكرى،ئارزۇ -ئارمانلىرى،ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ۋە ماھارىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. مەن تارتقان سۈرەتلەرگە قارىغاندا،سىزىلغان سۈرەتلەرگە بەكرەك قىزىقىمەن ھەم ھۇزۇرلىنىمەن.

  2. بىلىمىم
    2012/10/05 22:10:28

    بەك ئېسىل سىزىلغان رەسىملەر ئىكەن

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif