تۇيغۇ پۈتۈكلىرى
ئىلاۋە:يېقىندا بىر قانچە مىكرو بلوگقا ئەزا بولغان ئىدىم. بەزىدە خىيالىمغا كەلگەن بىر قىسىم ئوي-پىكىرلىرىمنى ئاددىي بولسىمۇ، ئۇدۇللۇق يوللاپ تۇردۇم. بۇگۈن ئارىلاپ كۆرسەم، بۇ خىلدىكى نەرسىلەر خېلى ئاۋۇپ قاپتۇ. شۇڭا، ئايرىم بىر تېما قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.ئەلۋەتتە بۇ تەرمىلىرىم ”ھېكمەتلىك سۆز“ دېگەن شان-شەرەپتىن خېلىلا يىراق. بۇلار پەقەت كاللامدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان تۇيغۇلىرىمنىڭ ھاسىلاتى خالاس. سەمىڭلارغا ئالدىن سالماقچى بولغىنىم شۇكى، بۇلارنىڭ بىرەرىنىمۇ كىتاپتىن ياكى باشقا يەرلەردىن كۆچۈرۈپ كەلمىدىم. بۇنىڭغا ۋىجدانىم بىلەن كاپالەتلىك قىلىمەن. ناۋادا، بىر قىسىملىرى سىلەر بۇرۇن ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان دىيىلمىلەرگە ئوخشاپ قالغان بولسا، بۇ بىر تاسادىبىيلىق خالاس. بەزىلىرىدە بەلكىم ”نان يېسە قورساق تويىدۇ“ دېگەندەك ئاددىي گەپلەر دىيىلىپ قالغان بولسا،دوستلارنىڭ ئەپۇ كۆزى بىلەن قارىشىنى، سەمىمىي تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۇيغۇ پۈتۈكلىرى
1.تاڭ سەھەردە قۇياشقا قاراپ“بۈگۈن نېمە قىلىمەن؟“ دېيىشنى؛كۈن پاتقاندا ئۇپۇققا قاراپ“بۈگۈن نېمە قىلدىم؟“ دېيىشنى ئۇنۇتماڭ!
2.دېرىزىنىڭ تۈۋىگە كەلدىم،سىرتتا توختىماي قار ياغماقتا.ئاشۇ ئاپپاق قار گۈللىرىگە ئوخشاش ئاپئاق خىياللار تۇيغۇمنى سەگىتىپ،ئۇيقۇ لەشكەرلىرىمنى يىراقلارغا قوغلىماقتا.خىيال نېمە دېگەن تاتلىق نەرسە ھە!خىيالىمدا ئەركىنمەن،خىيالىمدا ئۆز-ئۆزۈم بىلەن سىردىشىمەن،خىيالىمدا….ئۇ مەيلى خام بولسۇن ياكى پىشقان بولسۇن،مەن ئۈچۈن بىباھا!
3.تۇنجى ياغقان قارنى كۆرۈپ،شەھەرلىكلەر ئالامەت ھاياجانلىنپ كېتىشتى.ئۇنى مەدىھلەپ شىئىر-قوشاقلار توقۇشتى.بالىلار قار بوۋاي ياساشتى.قار ياغقانسىرى،ئۇلار ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدى.چۈنكى،قار يوللارنى تېيىلغاق قىلىۋەتكەندى.كۈندە قار تازلاپ زېرىككەن كىشىلەر قارنى تىللشقا باشلىدى.قار ئەمدى ئۇلارغا يېڭىلىق ئەمەس ئىدى.
تۇنجى ياغقان قارنى كۆرۈپ سەھرادىكىلەر ئالامەت خۇشال بولۇشتى.قارنىڭ قەدىمىنى قۇتلۇقلاپ قارلىق تاشلاشتى.قارلىق مەشرىپى قىزىپ كەتتى.قىشنىڭ سوغۇقلىرىنى ئوتلۇق مەشرەپلەر ئۇنتۇلدۇرغانىدى.قار ياغقانسىرى كېلەر يىلى ھۇسۇلنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىشپ،ئاللاھنىڭ شەپقىتگە تەشەككۈر ئېيتىشتى.
ئوخشاش تەبىئەت نىممىتى ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلىك شارائىتتا،ئوخشىمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىدى.مانا بۇ خىلدىكى تالاي ئوخشىماسلىقلار دۇنيانى تېخىمۇ رەڭدارلىققا پۈركىدى.شۇنداق،دۇنيا ئاجايىپ ئوخشاشلىقلار بىلەن كارامەت ئوخشىماسلىقلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىش سەھنىسى خالاس.
4.ئادەم پۇلغىمۇ، يېمەك-ئىچمەككىمۇ، كىيىم-كېچەككىمۇ، ئابروي-ئىناۋەتكىمۇ، گۈزەل ئاياللارغىمۇ ھامان بىر كۈنى تويىدۇ. لىكىن ھاياتقا تويمايدۇ. يۈز نەچچە يىل ياشىغانلارمۇ، ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدىن چىقىش يولى تاپالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلارمۇ ھەم شۇنداق.مېنىڭچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلار دۇنيادا ياشاش ئارزۇسى ئەڭ كۈچلۈك كىشىلەردۇر.
5.ئەمدىلا توغۇلغان بوۋاقنىڭ كاللىسىدا تېز چوڭ بولۇش،چوڭلارغا ئوخشاش ئۆزى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.ھايات مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى بېكەتلىرىگە قەدەم قويغان كىشىلەر بولسا ۋاقىتنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
6. كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان رەڭگارەڭ دۇنيا،گۈزەللىك ۋە رەزىللىك بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان جەمىيەت،خوشاللىق بىلەن قايغۇسى قوشكېزەك تۇرمۇش، بىز ئۈچۈن توختىماي تەنبىھ ۋە تەربىيە بەرگۈچى،تەجىرىبە ساۋاقلارنى ئۆگەتكۈچى بىر مەكتەپ.
7. ھازىر نۇرغۇن خىزمىتى بار. لىكىن شۇ خىزمەتنىڭ قەدىرىنى بىلمەيۋاتقان كىشىلىرىمىزگە نىسبەتەن ئامال بار بىكارچىكلىقنى قوغلىشىش،ھېچ ئىش قىلماي،بىكار پۇل ئېلىپ،يەپ-ئىچىپ ئويناش ئۇلارنىڭ ئالى مىزانى بولۇپ قالدى.چۈنكى،بۇنداق كىشىلىرىمىز تېخى ”ئىشسىزلىق“غېمىدە تولغىنىۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىنى تېتىپ باقمىدى.
8. بەزىدە دۇنيانىڭ ھەقىقەتەن تارازىنى ھەق تۇتمايدىغان جازانىخور ئىكەنلىكىگە چىنپۈتۈپمۇ قالىمەن.تەقدىر ئەسلىدە ”تەلەي ياكى ئامەت“دېگەندەك ناتوغرا ئۇقۇملارنى كەشىپ قىلىپ،ئۆز بەندىلىرىگە تەڭسىزلىك قىلىچىنى پۇلاڭلاتمىسا بولاتتى.
9. بىزنىڭ باراۋەرلىك ھەققىدىكى تەلپۈنۈشلىرىمىز مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.ھېچ ئىش قىلماي بىكار يۈرگەن كىشىلەرمۇ،بىر ئۆمۈر خىزمەت ياكى مەلۇم بىر ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن كىشىلەرمۇ ئەنە شۇ ”باراۋەرلىك“ئۈچۈن ئىنتىلىپ ياشايدۇ.
10. دۇنيا ئىنساندىن ئىبارەت مەڭگۈ قانائەت تاپمايدىغان مەخلۇقنى ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا قاتىرىتىپ،ئاخىردا ھالسىرىتىپ جېنىنى ئالىدىغان، ئۆزى چۆرگىلەتكەن بۇ تەقدىرنىڭ يامان تەرەپلىرىنى شەيتانلارغا دۆڭگەپ قويۇپلا غايىپ بولىدىغان“شەيتانلارنىڭ بوۋىسى“ئىكەن.يەنە شۇنداق تۇرسىمۇ ئىنسانلار بۇ دۇنياغا قانماي ئۆتۈپ كېتىدىكەن.
11. ئاتىلىرىمىز بىزنى قوغداپ تۇرىدىغان تاغ.بۇ تاغدىن ھەر زامان ئابى ھايات سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ چۈشۈپ،بىز غۇنچىلارنىڭ قەلبىنى ياشارتىدۇ.ئاشۇ ئاتىلىرىمىز ئۆز مەردانىلىكى،قەيسەرلىكى،مىھرىبانلىقى،چىدام-غەرەتلىكلىكى بىلەن پۈتكۈل مىللىتىمىزنىڭ روھى تومۇرىغان قان تولۇقلاپ تۇرىدۇ.
دوستۇم شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇن،ئاتىلىرىمىز بىز بىر ئۆمۈر يۆلىنىدىغان تاغ ئەمەس،ئۇ بىزنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كەلگۈسىدە بىر مەزمۇت تاغ بولۇپ ئۆز مىللىتىنى كۆتىرىپ تۇرۈشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدۇ-ھە!ئاتىلىرىمىزغا يۆلەنمەيلى،ئۇلارنى ھالىدىن كەتكۈزۋەتمەيلى.ئۇلارمۇ بىز بىلەن تەڭ بەختنىڭ پەيزىنى سۈرسۇن.
12. ياتلىشىش قەلبىمىزدىكى ھەسەت ئوتلىرنىڭ پىلتىسى. ياتلىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىنلا بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلىمىز،بىر-بىرىمىزگە ئورا كولايمىز.نەتىجىدە زىيان تارتقۇچى يەنىلا ئۆزىمىز بولۇپ قالىمىز.
13. ”زۆرۈر تېپىلغاندا يالغانچىلىق قىلسا بولىدۇ“دېگەن بۇ غەلۋىر سەپسەتىسى يالغانچىلىق قىلىشقا پۇرسەت ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەپ،راستچىللىقنىڭ بىر چەتتە بويۇن قىسىشقا مەجبۇر قىلىشقا باشلىدى.نەتىجىدە بالا ئاتا-ئانىغا،ئەر ئايالغا،باشلىق پۇقراغا بىر ئامال قىلىپ يالغان سۆزلەشنى ئويلايدىغان بولدى.
14. ئەتىراپنى خېلى تەپسىلى كۈزەتتىم،تەپەككۇرۇمدا ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىنى زىيارەت قىلىپ،كۆكرەك بوشلۇقۇمدا دۇپۇلدەپ سوقۇۋاتقان تىنىمسىز ئەزايىمنىڭ رېتىملىرىغا قۇلاق سالدىم.ھەممە نەرسە ئۆزگەردى،ئۆزگىرۋاتىدۇ،ئۆزگىرىدۇ.مەن نىمىشقا ئۆزگەرمەيمەن؟دەۋىر مېنى ئۆزگىرشكە چىللاۋاتسا،يەنە نىمىشقا كەينىمگە داجىيمەن؟ھەي……
15. كوچىغا چىقتىم،ئادەم ئەڭ ئاۋات كوچىدىكى ئىگىز بىنانىڭ ئەڭ چېلىقارلىق جايىغا ئېسىلغان“تەرەققىياتنىڭ ئۆزى ھەقىقەت“دېگەن شۇئارغا كۆزۈم چۈشتى.شۇنداق مىللىتىم،خەلقىم،ۋەتىنىم تەرەققىي قىلىشى كېرەك،ئەڭ موھىمى مەن تەرەققىي قىلىشىم،ئۆزگىرشىم كېرەك.چۈنكى ھەر قانداق ئىشتا قەدەمنى ئۆزىدىن باشلاش ناھايىتى موھىم.
16. باللىرىمىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغان،سورىغان سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرەلمىگەن،ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ بىزدىن چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بايقىغان،ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن دوئىلغا چىقىدىغان چەۋەندازلار ئىكەنلىكىنى ئويلىغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئۆزىمىزنى يېڭىلاشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.
17. قايسى كۈنى بىر سورۇندا 40يىلغا يېقىن تۆمۈرچىلىكە شاگىرت كىرىپ،بىرەر تاقا سوقۇپ باقمىغان بىرەيلەننىڭ گېپى بولدى.بىچارە بايقۇش ئون نەچچە يېشىدىن باشلاپ،ئوتتۇز يىلغا يېقىن بازغان ئۇرۇپتۇ.بۇ جەرياندا بىرەر قېتىم يۈرەكلىك بىلەن ئۇستىمىدىن باشقا ئىشلارنى قىلىپ بېقىشنى سوراپ باقماپتۇ.
ئويلاپ قالدىم ھازىر ئۇستاملارنىڭ قولىدا نەچچە يىل تۇرۇپمۇ تۈزۈكرەك بىر نەرسە ئۆگىنەلمەي،ئۆمۈرىنى زايە قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدىن يەنە قانچىلىك باردۇ؟ئۇستاملىرىغا ھۈنەر ئۆگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلالايدىغان،غورۇرى دەپسەندە قىلىنغاندا دادىللىق بىلەن ھوقۇقىنى قوغدىيالايدىغانلاردىن يەنە قانچىلىك باردۇ؟
ھەر قايسى ھۈنەرلەرنىڭ ئۆگەتكۈچىلىرى بولغان ئۇستاملار ئەمدى ھەممىمىز ئويلىنىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق.قول-ھۈنەرۋەنچىلكىكىمىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا،كىيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرلۇشقا ھەقىقەتەن مۇھتاج. شۇڭا سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ھۈنەرلىرىڭلارنى قول ئاستىڭلاردىكى شاگىرتلىرىڭلارغا قالدۇرشۇڭلار سىلەرنىڭ ۋىجدانى قەرزىڭلار.
18. مائارىپتا مۇۋاپىق ماختاش،ئىلھاملاندۇرۇش ناھايىتى موھىم .بىز مائارىپىمىزدا بۇ نوقتىنى تېخى ئەمدى چۈشىنىپ يىتىۋاتىمىز.ھە دېسىلا بالىلارنى تەنقىدلەش،ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ،ماختاپ قويساق“مەغرۇرلىنىپ كەينىگە چېكىنىپ كېتىدۇ“دېگەندەك قاراشلار ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىنىڭ كاللىسىغا خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن.
19. ئۇيغۇرلار ئۆز تەرەققىيات تارىخىدا تارىخىي جەھەتتىكى ماددى پاكىتلارنى قالدۇرۇشقا سەل قاراپتىكەن.ناۋادا قەدىمدىن تارتىپلا ئەجداتلىرىمىز خەنزۇلارنىڭ ئەجداتلىرىدەك تارىخنى تەپسىلى خاتىرلەپ ماڭغان بولسا،بۈگۈنكى دەۋىردە دىيارىمىزدا تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە سىر پېتى تۇرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سانى خېلىلا ئازايغان بولاتتى.
20. مېنىڭچە قورسىقىدىكى بىلىمنى باشقىلارغا بىلدۈرمەي،بىلدۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي قېلىشتىنمۇ ئارتۇق ئەپسۇسلىنارلىق ئىش يوق.بىز ئىلىم يەتكۈزۈشتە بىر خىل ئۇسۇل بىلەن سىناق قىلىپ مەغلۇپ بولغاندا باشقىچە بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاشقان بولساق بەك ياخشى بولاتتى.
21. ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى قۇۋۋەت ئۇلارنىڭ يولۋاستەك جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولىشىدىكى ئاساس.قورسىقى ئاچ قالغان بۆرىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان سىمىز جەرەننى تۇتۇپ يەيمەن دېيىشى خام خىيال.چۈنكى ئۇنىڭدا قورسىقى توق ۋاقىتتىكىدەك جەڭگىۋارلىق،ياۋۇزلۇق، كۈچتۈڭگۈرلۈك يوق.شۇڭا،ئەرلەر ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ جەڭگىۋارلىقىنى خوراتماسلىقى كېرەك!
22. ئەينى ۋاقىتتا لىن زېشۈي مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ ئەپىيۇننى چەكلىگەن ۋە كۆيدۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇنىڭ بەدىلىگە شىنجاڭغا پالانغان ۋە ئەمىلى چۈشۈرلۈپ جازالانغان ئىكەن. ناۋادا ھازىر لېن زېشۈيچە روھقا ئىگە بىرەرسى چىقىپ بىزنى بىخۇتلاشتۇرۋاتقان ھاراقنى چەكلىسە قانداق ئېغىر ئاقىۋەتكە قالار؟
23. نۇرغۇنلىرىمىز ھاراق ئارقىلىق كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشماقچى، تېخىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولماقچى، يۈرەك سىرلىرىمىزنى تۆكۈشمەكچى بولدۇق. ئاتا-ئانىمىزنىڭ قاقشاشلىرى، تەنقىد-تەربىيەلىرى قۇلىقىمىزغا كىرمىدى.نەتىجىدە بەزىلىرىمىز جېنىمىزدىن،يۈرەك پارىمىزدىن، تەر تۆكۈپ تاپقان پۇلىمىزدىن بىراقلا ئايرىلدۇق. لىكىن يەنىلا ھۇشۇمىزنى تاپمىدۇق.
24. بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىراپىدىكى دۇكانلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىمىز يەۋاتقان ئۈستىگە لازا سۈركەپ ئەيىبلىرى يېپىلغان ئۇششاق-چۈششەك ئەخلەت يىمەكلىكلەر يا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ،يا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىيالمايۋاتىدۇ.بىزھازىر بالىلىرىمىزنى قانداق تەربىيلەشنى بىلەلمەيۋاتىمىزمۇ قانداق؟
25. ئۆز يۇرتىغا بولغان مۇھاببەت،مۇھاببەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئىچكى ھېسىيات.مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاينى سېغىنىدۇ.ياخشى كۆرىدۇ.بۇ خىل ياخشى كۆرۈش چېكىدىن ئېشىپ كەتكەندە،يۇرتۋازلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.
ئوخشىمىغان يۇرتلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستىكى ئىجابىي ھالدىكى“يۇرتۋازلىق“نىڭ شۇ يۇرت تەرەققىياتىدىكى رولى ناھايىتى چوڭ.يەنە بىر نوقتىدىن قارىغاندا بۇنى يۇرتۋازلىق دېگەندىن كۆرە ئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاينى باشقا جايلاردىن ئەزىز كۆرۈش دېگەن سەل مۇۋاپىقراق.
ئەجداتلىرىمىز بۇرۇندىن تارتىپلا يۇرت مۇھاببىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن.“تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئېزىز“،“ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار“،“ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغىچە،ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول“دېگەندەك ھېكمەتلىك سۆزلەردىن بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئۆز يۇرتىغا بولغان مۇھاببەت ھەرگىز ئۆزگە يۇرتىنى چۆكۈرۈپ،ئۆز يۇرتىنى كۆككە كۆتۈرۈش ياكى ھەر قانداق ئىشتا ئۆز يۇرتىنىڭ مەۋقەسىدىلا چىڭ تۇرۋىلىپ ئۆكتەملىك قىلىش ئەمەس ئىكەن.ئۇ ئۆز يۇرتدىكى خەلق،مەدەنىيەت،تىل،ئەنئەنە،تارىخ قاتارلىقلارغا چوڭقۇر مۇھاببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى تەرققىي قىلدۇشقا ھەسسە قوشۇش ئىكەن.
26 . مېنىڭچە ”ۋەتەن“ناھايىتى چوڭ بىر ئوقۇم.ئۇ نۇرغۇن ئامىللارنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى.بىز پەقەت ئاۋال ئۆزىمىز، ئائىلىمىز، مەھەللىمىز، كەنتىمىز، يىزىمىز، ناھىيىمىز، ۋىلايەت،ئۆلكىمىزنى تەرتىپلىرى بويىچە قەدىرلىگەن،سۆيگەن ۋاقتىمىزدىلا ئاندىن بىر ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرگە ئايلىنالىشىمىز مومكىن.
27. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى،مۇستەھكەملىنىشى،دەۋىرنىڭ خىرىسلىرىدىن ئۈزۈپ چىقالىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۈتلىقى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.
28. زامان ياخشىلاندى،قولىمىز پۇل كۆردى،شۇنىڭ بىلەن تاپقان پۇل بېقىنىمىزغا ئۈسۈپ قىمار كوچىسىغا قاراپ قەدەم تاشلاشقا ئۈندىدى.مەيلى يېزا مەيلى شەھەر،مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن،گاھ ئاشكارە گاھ يۇشۇرۇن ھالەتتە قىمارۋازلار بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.بولمىسا ھېچقايسىمىز قىمار ئويناپ بىرەرىنىڭ باي بولغىنى كۆرمىگەن ئىدۇق؟
29 . ئۆزىمىزنى ساۋابلىق ئىشلارغا ئاتاپ،تاپقان پۇلىمىزنى چىڭ يەردە ساقلاپ،بىلىكىمىز پىچاقتەك،زېھنىمىز چاقماقتەك ۋاقتىدا ئۆز ئەجىرىمىزنىڭ قەدىرىگە يەتسەك بولىدىكەن.ئاتا-ئانىمىزغا كۆيۈمچان،خوتۇن باللىرىمىزغا ۋاپادار،دوست-بۇرادەرلىرىمىزگە سادىق بولۇپ،كىيىنكى پۇشايمان،ئاچچىق ئازاپلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلانساق بولغىدەك.
30. كونا يىلنى ئۇزاتماقچى بولىۋاتىمىز.كۆپىنچە كونىنى تاشلاپ يېڭىغا ئېرىشسەك،بەك خۇشال بولۇپ كېتىمىز.چۈنكى،يېڭى نەرسىلەرنىڭ نەپىسلىكى قەلبىمىزنى شادلاندۇرىدۇ.ئەمما يىللارغا نىسبەتەن يېڭىسىنىڭ كېلىشى يېشمىزغا بىر ياشنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.ۋاقىت-ئالتۇن دېيىشمىزدىكى سەۋەبمۇ،نەق ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشمەيدىغانلىقىدا!
31. چۆچەكلەردە ئاتا-ئانىلار ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بالىلىرىغا بىرەر ئىشنى قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قالدۇردۇ،بۇنىڭغا چوقۇم ئەمەل قىلىشىنى،بولمىسا پالاكەتكە ئۇچىرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.بالىلارچۇ،ئاتا-ئانىسى كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق نەسىھەت قىلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ-دە، پالاكەتكە ئۇچىرايدۇ.
32. بىز بىر ئىش قىلغاندا دائىم دېگۈدەك چوڭلارنىڭ گېپىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز.پالاكەتكە يولۇقۇپ،پۇشايمان ياشلىرى تۆكۈلگەندىلا ئاندىن ئۇ نەسىھەتلەرنىڭ تېگىگە يېتىدىكەنمىز.بەلكىم بۇ بىزنىڭ چۆچەكلىرىمىزدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تويۇق يولغا ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆسۈش تارىخىنىڭ داۋامى بولسا كېرەك.
33. ئۆز تۇرمۇش سەۋىيىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن تۇرمۇش ئىستىمال قارىشمىز بىزدە“ياشاشنىڭ ئۆزى جاپا-مۇشەقەت ۋە ئازاپ-ئوقۇبەت“دەيدىغان سوغۇق تەسىراتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولىشى مومكىن.شۇڭا، «بىر كېچىدە باي بولۇش چۈشى»گە مەپتۇن بولمايلى.يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇپ،شۈكۈر-قانائەتنى ھەمرا قىلغاچ،ئىشنى كىچىكىدىن باشلايلى.
34. باشىقلار قىتئە ئاتلاپ كېلىپ ئىلىم ساھەسىدە بەس مۇنازىرە قوزغىغان لوپ كۆلىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلالىدى. لېكىن بىزچۇ،تەتقىق قىلماق تۈگۈل بىرەر قېتىم بۇ جاينى زىيارەت قلىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىدۇق.
35. باللىرىمىز نېمىشقا كىتاپ ئوقۇمايدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاتا-ئانا بولغۇچى، ئوقۇتقۇچى بولغۇچى ئۆزلىرى كىتاپ ئوقۇمىسا، ئۇلارنى كىتاپ ئوقۇشقا يېتەكلىمىسە، رىغبەتلەندۈرمىسە ئۇلاردا كىتاپ ئوقۇش ئادىتى يېتىلمەيدۇ. ئۇلار كەلگۈسىدە ئىلگىكىلەرگە ئوخشاشلا خاتالىقنى سادىر قىلىدۇ. بۇ بىر مىللەتكە نىسبەتەن بىر خەتەرلىك يۈزلىنىش ھېساپلىنىدۇ.
36. بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئايرىم شەخىسلەرنىڭ قوشقان تۆھپىسى موھىم ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بىرگە ئەڭ موھىمى شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسى. ئەگەر ئومۇمىي ساپارىمىز ياخشى بولمىسا، نەتىجە قازانغانلارنى قوللاپ-قۇۋەتلىمەكتە يوق، ئۇلارنىڭ ئارقىدىن غەيۋەت قىلىدىغان، ئۇلارغا ئورا كولايدىغان، بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇڭىلاشقا بىزدە ھېچبولمىسا باشقىلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى چۈشەنگىدەك، قوللاپ-قۇۋۋەتلىگىدەك ساپا ھازىرلانمىسا بولمايدۇ. ئومۇمي ساپا قانداق ھازىرلىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بىلىم ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. بۇ بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىز، ئويلىنىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە. كىتاپنى ھازىر ئوقۇشنى باشلىساقمۇ كېچىككەن بولمايمىز. مېنىڭچە كىتاپ ئوقۇماسلىققا ھەرگىز باھانە كۆرسەتمەڭ. كىتاپ ئۈلكەرنىڭ ئالبىنىسى ئەمەس. بۇ دۇنيادا قىلىدىغان ئىشلىرىمىز ناھايىتى كۆپ.
37. بەزى ئىشلارنى ئويلىسا ئادەمنىڭ كۈلگىسى كېلىدۇ،دۇنيادا ساغلاملىقنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەملەر يوق دېيەرلىك.لېكىن چېنىقىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس.چېنىقسا تەننىڭ ۋە روھنىڭ ساغلام بولىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدۇ.ئەجىبا بۇ بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قىلماسلىقنىڭ ياخشى مىسالىمىدۇر؟
38. كىتاپ ئوقۇيلى!كىتاپقا مەبلەغ سالالايلى!بالىلىرىمىزغا كىتاپنى مىراس قالدۇرايلى!كىتاپ-دېمەك،ئەقىل دېمەك.ئەقىل ئۆگەنگەن بالا پۇلنىمۇ تاپالايدۇ.تەييار پۇلغا ۋارىسلىق قىلغان بالا،ئەقلى بولمىسا،بىر ئۆمۈر تاپقىنمىزنى ھەش-پەش دېگۈچە سورۇپ تاشلايدۇ.كىتاپ ئېلىشقا باھانە كۆرسەتمەيلى!ھېچ بولمىسا،بىر ئايدا بىر كىتاپ سېتىۋالايلى!
39. گىرمانىيەلىك داڭلىق پەيلاسوپ نىتىزى «قاسراق تاشلاشنى بىلمىگەن يىلان بالدۇر ئۆلىدۇ»دېگەن بىر گەپنى قىپتىكەن. زامان ئۆزگىرۋاتىدۇ. شۇڭا بىزمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىشمىز كېرەك. پەقەت ماددىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىشكىلا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىدىيىۋىي جەھەتتىكى ئۆزگىرشكە سەل قارساق،ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆزگرىشكە يېتەلمىگەن بولىمىز.
40. سەن بىر ئۇيغۇر مىللىتىڭىنى، ئېتىقادىڭنى، ئۆرپ-ئادىتىڭنى، سەنئىتىڭنى، تىلىڭنى ئۆزگەرتىمىسەڭمۇ بولىدۇ. سەن ئۆزگەرتمەكچى بولغان نەرسە، سېنىڭ ھورۇنلۇقۇڭ، ھەسەتخورلۇقۇڭ، كۆرەلمەسلىكىڭ، ئاجىزلىقىڭ، كەمچىللىكىڭ، ئېتىقادسىزلىقىڭ سەن پەقەت ۋۇجۇدۇڭدىكى مۇشۇ ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتسەڭلا باشقا ئۆزگىرىشلەرگە تەبىئىي ھالدا يول ئاچالايسەن.
41. جەمىيەتنىڭ ئۆزگىرشلىرگە بىر سىكۇنت كېچىككەنلىكىم،بىر قەدەمنى ئاز ئېلىشىمغا سەۋەبچى بولغىدەك؛بىر قەدەمنى ئاز ئېلىشىم،بىر پۇرسەتتىن قۇرۇق قالغانلىقىمغا سەۋەبچى بولغىدەك؛بىر پۇرسەتتىن قۇرۇق قالغىنىم،بىر تەرەققىياتتىن قۇرۇق قالغانلىقىم بولغىدەك؛بىر تەرەققىياتتىن قۇرۇق قالغىنىم،بىر پۇشايمىنىمنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپچى بولغىدەك.
42. توختىماي تىرىشقانلار ئۈچۈن غەلبە دەرۋازىسى ھامان ئېچىلىدۇ. ئۇنى ئېچىش ئۈچۈن،تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىغا چۈمۈلگەچ ئەمەلى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز لازىم.“تاپسام يەيمەن،تاپالمىسام ئاچ قورساق يۈرىۋرىمەن“دېگەندەك ھورۇنلۇق ئىدىيىسىنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغىنى بىر پاتمان پۇشايمان بولىدۇ خالاس.
43. ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى رىقابەتكە ۋاقتىدا تەييارلىق كۆرۈشتىن باش تارتىپ كۆرسەتكەن باھانىلار بىزنى ۋاقىتلىق خاتىرجەملىككە ئىگە قىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان خەۋىپلىك ئامىللار ۋاقتى كەلگەندە بىزنى ئىجتىمائىي ئورنىمىز ئىنتايىن تۆۋەن، غۇرۇرىمىز سۇنغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشى ئېنىق.
44. تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى-مەلۇم شەخىسنىڭ كەلگۈسى جەمىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئالدىن تەييارلىق كۆرۈش، ماس قەدەملىك ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرۈش شۇ ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلىقىنىڭ كەلگۈسىدىكى قىممىتى ھەم ئورنىغا ئاساس سېلىش دېمەكتۇر.
45. ھەر قانداق مىللەت ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ۋە ئومۇملىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ خىل ئارزۇ شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ مىللەتنى سۆيۈش ئېڭى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز مەدەنىيىتىگە يات مەدەنىيەتلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىنمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ.
46 . ھەر گۈلنىڭ ھۆسنى ئۆزگچە،پۇرىقى ئۆزگىچە. ئۆزگىچە مەدەنىيەت گۈللىرىنىڭ پۇرىقىدىن داۋاملىق ھۇزۇر ئالاي دېسەك، يەنىلا ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىنىمىز ياخشى.شالغۇتلاشقان ئۆرپ-ئادەتلەر شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئېكىنزارلىقغا ئۈنگەن شۇمبۇيا.
47. مائارىپتا مۇۋاپىق ماختاش،ئىلھاملاندۇرۇش ناھايىتى موھىم.دۇنيادا ماختاشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار يوق دىيەرلىك.بىز مائارىپىمىزدا بۇ نوقتىنى ئەمدى چۈشىنىپ يىتىۋاتىمىز.ھە دېسىلا بالىلارنى تەنقىدلەش،ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ،ماختاپ قويساق“مەغرۇرلىنىپ كەينىگە چېكىنىپ كېتىدۇ“دېگەندەك قاراشلار بىزدە خېلى ئومۇملاشقان. بالىلارنى مۇۋاپىق ماختاپ تۇرمىساق،كېيىن ماختاشنى ئىلمىي قۇبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن.بەكرەك ماختاپ كەتسەك،كۆپىنچىلىرى“مۇئەللىم مېنى مازاق قىلىۋاتىدۇ“دەپ قارايدىكەن.ماختاشنى ئىلگىرلەش يولىدىكى كاتالىزاتۇر دەپ قارىماستىن،ئىچكى سەزگۈلىرىمگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ چۈشىنىپمۇ قالىدىكەن.
48 . چۆچەكلىرىمىزدىكى ئۈچ ئوغۇلغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەردە «بارسا كېلەر يول، بارسا يا كېلەر يا كەلمەس يول، بارسا كەلمەس يول»لار تەسۋىرلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بارسا كەلمەس يولغا ماڭغانلار گەرچە نۇرغۇن جاپا-مۇشەقەتلەرنى تارتسىمۇ يەنىلا ئاخىرقى غەلبە شۇلارغا مەنسۈپ بولىدۇ. دېمەك، مۇشەققەتلىك يول بىزنى ئاخىرقى غەلبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.
49. ئەجدالىرىمىز بىزنى“يولنىڭ ئەركەك-چىشىسىغا قاراپ ماڭماق“ دېگەن ئىدىئوم ئارقىلىق يولنىڭ ياخشى-يامان ،ئىگىز –پەس تەرەپلىرىنى بايقاپ مېڭىشقا؛“يولدىن چىقما،خاندىن قورقما“تەمسلى ئارقىلىق قائىدە-قانۇنلارغا رىئايە قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇش،باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسلىققا ئۈندىگەن.
50. بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ۋە ئەيبىنى سورۇنلاردا سۆزلەشكە بەك ئامراق كېلىدىكەن.بۇنداق كىشىلەرنى خېلى كۆپ ئۇچىراتتىم. ئويلاپ باقسام بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئەيبىنى سۆزلەپ ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولىدىكەن. لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆزىنىڭ يۈز -ئابرويىنى تۆكىدىكەن.شۇڭىلاشقا، كوللىكتىپ سورۇنلاردا باشقىلار بىرەرسىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە، «ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى، ئەمما…»دەيدىغان ئىشنى قىلمىساق بولىدىكەن.
51. باشقىلارنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ بولىشى شۇ كىشىنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ساپاسىنىڭ خېلىلا يۇقىرلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەمدىكىن دەيمەن. پەقەت باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىغان ئاساستا، ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتكە چۈشەلىسە، ئاندىن ھەم بىرەر نەتىجە قازانغىلى،ھەم خۇشال ياشىغىلى بولىدۇ،دەپ قارايمەن.
52. ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىڭىزنىڭ قىممىتىنى تونۇڭ،باشقىلارنىڭ بايرىمىنى قارغۇلارچە قۇبۇل قىلماي،ئۆزىڭىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى سىڭگەن بايراملىرىڭىزغا ئالاھىدە كۆز بىلەن قاراڭ.پەقەت مىللىي خاراكتىرڭىزنى ساقلاپ، مىللىي ئوبرازىڭىزنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ قويمىسىڭىزلا قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈن سىز ئۈچۈن بايرام.
53. مائارىپ بىز چاقچاق قىلىدىغان ساھە ئەمەس. بىر لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇنبەرگە چىقىشى نۇرغۇن بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا چۈشكەن مىتە قۇرۇتتۇر. خۇدايىم سەبىيلىرىمىزنى «مۇئەللىم»لىك تونىغا ئورىنىۋالغان ناكەسلەردىن يىراق قىلغايسەن.
54. ئۆز-ئۆزىمىزگە دائىم سۇئال قويۇپ تۇرايلى!بىز دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدۇق؟نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟بۇ خىل سۇئاللارنىڭ قويۇلۇپ تۇرىشى بىزنىڭ توختىماي ئويلىنىش ئىچىدە تورۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ.ئادەم ئويلىنىش ئىچىدە ئۆزلۈكىنى بايقىيالايدۇ، ئويلىنىش ئىچىدە ئۆزىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىلەلەيدۇ. ئۇنتۇپ قالمايلى، بىزنىڭ ھايۋانلاردىن پەرقىمىز شۇكى،بىز ئاڭلىق تەپەككۇر قىلالايمىز.
55. باشقىلارغا قارغۇلارچە ئەگىشىش؛ بىر ئىشنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئالدىراقسانلىق بىلەن باھا بېرىش؛ھاياجانلىنىپ ئۇچۇپ كېتىپ،چۈشۈشنى بىلەلمەسلىك؛ئۆزىنىڭ قىزىقىشنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بىلمەسلىك؛ پايدىلىق نەسىھەتنى قۇبۇل قىلماسلىق، ئاغرىتىپ ئېيتسا باتناپ تۇرۋېلىش؛ ھېسياتنى ئەقىلنىڭ دۈمبىسىگە مىندۈرۋېلىش،بىلىم-ساپاغا ئەمەس،كەيىپ ساپاغا بېرىلىش قاتارلىقلار كىينكى ھايات جامىمىزنى پۇشايمان شارابى بىلەن تولدۇردىغان ئالامەتلەردۇر.
56. كوچىلاردىكى ئۈچ يۈەنلىك قانۇنسىز نەشر قىلىنغان ھەر خىل پىلاستىنكىلارنى بەس-بەستە سېتىۋېلىپ كۆرۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمنى كۆرسەم بىر قىسما بولۇپ قالىمەن.ۋاقىت بىز ئۈچۈن شۇنداق ئەرزىمەس نەرسىمۇ؟ئاشۇنىڭغا بەرگەن ۋاقتىمىزنى باشقا ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بەرسەك قانداق ياخشى بولاتتى ھە!؟بۇرۇن نەدە كۆرسە شۇ يەردە ئەدىبىنى يەيدىغان قانۇنسىز كۆپەيتىلگەن پىلاستىنكا ساتقۇچىلار نېمىشكە بۇنداق ئەركىنلىشىپ كېتەلەيدۇ؟ئوبدان ئويلايلى!
57. ئاتا-ئانا بولۇش ئۈچۈن ئېغىرلىق، سەۋىرچانلىق، چىدامچانلىق، مىھرىبانلىق، غەيرەت-شىجائەت، ئەقىل-پاراسەت، سۈلكەت-سالاپەت…لەرنىڭ بولىشىنىڭ ئىنتايىن زورۈر ئىكەنلىكىنى ئىككى بالىغا دادا بولۇش جەريانىدا چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم.«ئاتا-ئاناڭنى قەدىرىگە ئاتا-ئانا بولغاندا ئاندىن ھەقىقىي يىتەلەيسەن»دېگەن بوۋىلار سۆزىنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشىنىپ يەتتىم.
58. تارىختا ئۆركەشلەپ ئاققان نۇرغۇن دەريا قانلىرى ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،ئۆز لېۋىنىمۇ نەمدىيەلمەي تەشنالىق ئىلكىدە دۇنيادىن كەتتى. ئويلاپ قالدىم:«دەريا قىنى قۇرۇپ كەتسە،يەنە بىر يېڭى دەريا پەيدا بولىشى مۇمكىن.ئەمما،ئەۋلادلارنىڭ قېنىدىكى ئەجداد قانلىرى،ئەنئەنە قانلىرى، مىللى غۇرۇر قانلىرى تۈگەپ كەتسە،ئاقىۋىتى قانداق بولۇر؟».ئادەم سۇسىز ياشىيالمايدۇ.مىللەت ئەجدات ئۇدۇمىسىز، مىللى غورۇرسىز،مىللىي زۇۋانسىز.مىللىي……
59. بارلىق مەغلۇبىيەت ئۆز-ئۆزىمىزگە «مەن بۇ ئىشنى قىلالمىغۇدەكمەن» دەپ پىچىرلىغان ۋاقتىمىزدىن باشلىنىدۇ. بىز ھايات يولىمىزدا باشقىلارنىڭ ئىلھام-مەدەتلىرىگە تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز روھى دۇنيارىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرەلىسەك،غالىبىيەت ئىشىكى بىزگە ھامان ئۇچۇق بولىدۇ.بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ ياشايلى، مەيدىمىزنىڭ تىك تۇتۇپ ياشىغۇدەك ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلايلى!
60. ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز قىممىتىمىزنى تونۇپ يىتىشتە كۆرۈلىدۇ. ئادەمنىڭ قىممىتى تۇغۇلغان چاغدىلا ئالتۇن بىلەن ئوخشاش بولىشى ناتايىن. بىر ئۆمۈر ياشاپمۇ تۆمۈر-تەسەكچىلىك قىممەتكە ئىگە بولالمايدىغان كىشىلەرمۇ بولىدۇ. قىسقىغىنە ھاياتىنى مەنە گۈللىرى بىلەن بىزەپ ساپ ئالتۇندەك قىممەتكە يارىتالايدىغان كىشىلەرمۇ كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.
61. بىز «مەن پالانچى ياشقا كىردىم»دەپ ياشنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن پەخىرلەنمەي، «مەن مانچىلىك ئىش قىلدىم،باشقىلارغا مانچىلىك مەنپەئەت يەتكۈزدۈم»دېگەندەك ئەمەلىي نەتىجە بىلەن پەخىرلەنسەك ئاندىن توغرا بولىدۇ. 115ياشقا كىرگەن ئۆمۈر چولپىنى بىلەن 22يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن لۇتۇپۇللا مۇتەللىپنىڭ قايسىسى كىشىلىرىمىز تەرپىدىن بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ؟بۇنىڭ دەلىلىنى «توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە،يولۋاستەك بىر يىل ياشا»دىن كۆرۈڭ.
مەزكۇر يازمىنى رۇخسەتسىز باشقا بېكەتلەرگە كۆچۈرمەڭ.
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2549
ھەقىقەتەن سەزگۈر تۇيغۇلاركەن. ھە نېمە دېگەن بىلەن ئىجادكارنىڭ ئوي-تەپەككۇرى باشقىچە بولىدۇ-دە! ئىلھام قۇشلىرىڭىز تىخىمۇ يىراققا پەرۋاز قىلغاي!
خۇشخۇي ئاكامنىڭ بەرگەن مەدىتىگە كۆپ تەشەككۈر!
مەخمۇت قەشقەرى بىلەن يۇسۇپ خاس ھاجىپمۇ مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئالىملىق دەرجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئاللاھ زىھىن تەپەككۈرڭىزنى تىخمۇ ئۇچۇق قىلغاي. بۇ بىر كىتاپ يىزىشقا لايىق بايانلار بوپتۇ. خەلقىمىزگە دەل شۇنداق كىشىلەر كىرەك.خالىسىڭىز بىرلىكتە كىتاپ يازساق بولۇدۇ.