لوپنوردا ساقلانغان «تۇرپان خەلق ناخشىى» ۋە ئۇنىڭ ناخشا تېكىستى

 

لوپنوردا ساقلانغان «تۇرپان خەلق ناخشىى» ۋە ئۇنىڭ ناخشا تېكىستى

لوپنور ناھىيىەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پىسىيىنۇرى: ھىمىت خېلىل

لوپنور ناھىيەلىك سىياسى كېڭەش مىللى دىنىي ئىشلار كومىتېتىدىن:ساتتار ئسمائىل

لوپنور ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك جاي. بۇ يەردە تىل مەدەنىيىتى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىق مەدەنىيەتلەردىن باشقا داڭلىق سەنئەت مەدەنىيىتىمۇ ساقلانغان.
تۇرپان خەلق ناخشىلىرىنى 19-ئەسىردە لۈكچۈن، تۇرپاندىن لوپنورغا خورجا بولۇپ تىكەنلىككە كەلگەن لۈكچۈن، تۇرپانلىقلار بىللە ئېلىپ كەلگەن. بۇ ناخشىلار شۇنداق يېقىملىق، شۇنداق مۇڭلۇق، شوخ بولۇپ، ئاڭلىغانلارنىڭ روھى دۇنياسىغا تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بىللە ئېيتىشقا، ئۇلارنى قولىنى كۆتىرىپ مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناشقا جەلپ قىلىدۇ. بۇ ناخشا باشلىنىپ «نازىركۇم» دا ئاخىرلاشقىچە تاماشىبىنلار ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ يىغىلىپ رەتلىك ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، ھېچكىمنىڭ مەشرەپ  مەيدانىدىن كەتكۈسى كەلمەيدۇ. بۇ ناخشىلار مۇقەددىمىدىن باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە بىر يۈرۈش ئېيتىلىدۇ.
بۇرۇن لۈكچۈندە نەغمىچىلەر توپى بولۇپ، تۇرپان خەلق ناخشىلىرىنى شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ، خەلقنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ، لۈكچۈن خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. لۈكچۈنلۈك قاسىم چىۋىش دېگەن كىشى بۇ ناخشىنى ئۆگىنىشكە ھەۋەس قىلىپ، نەغمىچىلەر توپىغا كىرمەكچى بولغان. بىراق، توپتىكىلەر قاسىم چىۋىشنى ئانچە ياراتماي، سەن ياقىدا تۇرۇپ تۇر، دەپ توپقا كىرگۈزمىگەن. قاسىم چىۋىش ئۇلارنىڭ توسقۇنىغا قارىماي، نەغمىچىلەرنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ، ساتار چېلىشنى ئۆگۈنۈپ، تۇرپان خەلق ناخشىسىنى ساتار بىلەن ئېيتىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئاۋۋال مەشرەپ سورۇنىدا مەشرەپ باشلانغىچە ئاز-ئازدىن ئېيتىپ يۈرگەن. ئۇ ئېيتا-ئېيتا يۈرۈپ، پۈتۈن ناخشىنى پۇختا ئىگەللەپ ئېيتىپ خەلقنى جەلپ قىلغان. لۈكچۈنلۈكلەر بارا-بارا قاسىم چىۋىشنىڭ ئېيتقان نەغمىسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولغان. كېيىن قاسىم چىۋىش ئاكىسى تېيىپ چىۋىش، ئەيلىسى (ئاچىسى) ئوغۇلخانلار بىلەن تىكەنلىككە 1902-يىلى كەلگەن. قاسىم چىۋىشنىڭ ئەيلىسى ئوغۇلخاننىڭ روشەنخان، ئىسمائىل (ئىسمائىل بوجاڭ)، ئىسساق (ئىسساق مىراپ) دەيدىغان بالىلىرى بولۇپ، ئىسمائىل بوجاڭ بىلەن كازىم ئاكا، قاسىم ئاكا، لازىم ئاكىلار بىر تام قوشنا بولۇپ ئولتۇرغان. قاسىم چىۋىش تىكەنلىككە كېلىپ-كېتىپ يۈرۈپ، تىكەنلىكتىكى ياش ھەۋەسكارلارغا ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىنى ئۆگەتكەن. قاسىم چىۋىشنىڭ تەربىيىسىدە 1920-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە تىكەنلىكتە لازىم ئاكا (لازىم ئۇستام)، سۇلايمان ئاكا (سۇلايمان مۇجاڭ)، ياقۇپ ئاكا (ياقۇپ ساۋۇت) قاتارلىق بىرىنچى ئەۋلاد نەغمىچىلەر يېتىشىپ چىققان. شۇنداق قىلىپ، تۇرپان خەلق ناخشىسىنى داڭلىق خەلق سەنئەتكارلىرىمىز- لازىم ئاكا، سۇلايمان ئاكا، ياقۇپ ئاكا ۋە ياقۇپ ساۋۇت، ئوسمان سىدىق قاتارلىقلار داپنى ئاساس، دۇتتارنى قوشۇمچە قىلىپ تىكەنلىكنىڭ ئاياق مەھەللە، لاشىن مەھەللە، خاڭگوڭ مەھەللە، تۇرپان مەھەللىلىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى پائالىيەتلەردە ئېيتىپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. تىكەنلىكتە بارا-بارا توي-تۈكۈن، خەتنە چاي، گۈل چاي، مايسا چايلار، ئوغلاق تارتىشىش پائالىيەتلىرىدە ئۇلار نەغمە قىلمىسا ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولۇپ قالغان. 1960-يىلى تىكەنلىكتىكى خەلقنى لوپنور ناھىيەسىنىڭ تارىم گۇڭشىسىغا كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ ناخشا-مەشرەپ تارىم گۇڭشىسىنىڭ بىرىنچى دادۈيىنى  مەركەز قىلىپ ئېيتىلىپ، ئوينۇلۇپ كەلگەن. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بۇ ناخشا توي-تۈكۈنلەردىلا ئەمەس بەلكى كوللېكتىپ ئەمگەك مەيدانلىرىدا، ئوما ۋاقتىدا ئاخشاملىرى، ھاشا قىلغاندا ئەمگەك ئارىلىقلىردا ئېيتىلىپ خەلقنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ناخشىسى، ھاردۇق چىقىرىش ناخشىسى ۋە غەيرەتنى ئاشۇرۇش ناخشىسى بولغان.
يۇرتىمىز ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى بولغاچقا بۇ ناخشىنى ئېيتىش، ئاڭلاش، ئويناش جەريانىدا نۇرغۇن داڭلىق نەغمىچى، داڭلىق ئۇسسۇلچىلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يېتىشىپ چىقىپ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىز بېسىپ كەلگەن. بىرىنچى ئەۋلاد نەغمىچىلەر ئارقىلىق بىرىنچى ئەۋلاد ئۇسسۇلچىلار مەيدانغا كەلگەن.  بىرىنچى ئەۋلاد ئۇسسۇلچىلاردىن ھازىرقى كۆكقاينام كەنتىدىن ئۆمەر كېرەم، ئىسمائىل تايىر، زەينەپخان سادىق، سايىمخان سادىق قاتارلىق، ھازىرقى خادا دۆڭ كەنتىدىن نەمتول ئەخمەت، ئايسىخان توختى، ئوغۇلخان توختى، نىساخان ئىسمائىل (ئىسمائىل بوجاڭنىڭ قىزى)، سارىخان جىنەيت، سوپورىخان ئەيسا قاتارلىق، ھازىرقى گۈلباغ كەنتىدىن ئىسرائىل توختى، ئىمىن بالىخان، قادىر تۇرسۇن قاتارلىق داڭلىق ئۇسسۇلچىلار يېتىشىپ چىققان. بىرىنچى ئەۋلاد نەغمىچى ۋە ئۇسسۇلچىلارغا ئەگىشىپ يەنە ئىككىنچى ئەۋلاد نەغمىچى ۋە ئۇسسۇلچىلار يېتىشىپ چىققان. ئىككىنچى ئەۋلاد نەغمىچىلەر خادا دۆڭ كەنتىدىن داۋۇت سېيىت، ھېمىت خېلىل، مەخمۇت سۇلايمان (ھاجىم) قاتارلىقلار، كۆكقاينام كەنتىدىن ئىسمائىل ئىبراھىم (بوۋا)، ھاپىز باقىر قاتارلىقلار، ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇسسۇلچىلار خادا دۆڭ كەنتىدىن مىجىت سىدىق، خالق سايىت (ھاجىم)، مۇسەللىم ئەخمەت (ھاجىم)، موسا ھوشۇر، غوپۇر راخمان، غوپۇر مەھەممەت، ھىنىپەم سۇلايمان، ئايشەم سېيىت قاتارلىقلار، كۆكقاينام كەنتىدىن سەمەت ئۆمەر، سىراجىدىن داۋۇت، ئايشەم نەزەر، ياسىن بەكرى قاتارلىقلار، گۈلباغ كەنتىدىن مەھەممەت پايىز، تۆمۈر جامال قاتارلىقلار. ئىككىنچى ئەۋلاد نەغمىچىلەرگە ئەگىشىپ تېخىمۇ تەرەققى قىلغان ئۈچىنچى ئەۋلاد نەغمىچى ۋە ئۇسسۇلچىلار ھەم تۆتىنچى ئەۋلاد نەغمىچى يېتىشىپ چىققان. ئۈچىنچى ئەۋلاد نەغمىچىلەر لوپنور توغراق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى تۇردى نىياز لازىم قاتارلىقلار. ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇسسۇلچىلار كۆكقاينام كەنتىدىن مانناپ ئىسمائىل، ئېزىز ئىسمائىل قاتارلىق، قىزىلنۇر كەنتىدىن سۇلايمان ئىسمائىل ، خادا دۆڭ كەنتىدىن لىتىپەم سىدىق، خاسىيەت سىدىق، توراخان ھىۋىل، ئېزىزەم قادىر قاتارلىق، گۈلباغ كەنتىدىن ئابدۇرىھىم جامال، نۇرۇللا تايىر، مەريەم سۇلايمان، زۇلپىيەم ئەمەت، ئامىنەم ئابلەم، تۇنسا سۇلايمان قاتارلىقلار. بۇ يۇرتتىكى نەغمىچى ۋە ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كۆكقاينام كەنتىدىكى ئابدىۋىلى ئىسمائىل، خادا دۆڭ كەنتىدىن ھازىرقى لوپنور توغراق سەنئەت ئۆمىگىنىڭ چالغۇچىسى مەنسۇرجان ئەنۋەرلەر تۆتىنچى ئەۋلاد نەغمىچى بولۇپ يېتىشىپ چىقماقتا.
لوپنوردا ساقلىنىۋاتقان «تۇرپان خەلق ناخشىسى» نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئېيتىشى بىلەن ئۆزگۈرۈپ كەتمەي، ئاھاڭ، تېكىستىلىرى مۇكەممەل، ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئالاھىدە بولغان، خەلقىمىز ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغان بىر ئۇسسۇللۇق ناخشىغا ئايلىنىپ، خەلقىمىز ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
بۇ ناخشا كۆپ ئۆزگۈرۈشلۈك ناخشا بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىلىش تەرتىپى ۋە تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
تاغدا تىرىق
ۋاي تەغدىر ئاللا، ۋاي تەغدىر ئاللا،
ئاللا تاغنى ياراتتى مەستان يارەي.
ۋاي تاغ ئىچىنى قاراڭغۇ دەپ،
ئاللا ئاينى ياراتتى مەستان يارەي.
ۋاي سەن يارىمنى يالغۇز دەپ،
ئاللا گۈلنى ياراتتى مەستان يارەي.
ۋاي بارغانلاردىن يانغانلاردىن
ئاللا سېنى سورايمۇ مەستان يارەي.
سېنىڭ ھالىڭ نەكەشتى دەپ ھەق يارەي،
ئاللا ئۆزەم بارايمۇ مەستان يارەي.
سەنەم
يار دەيدۇ، ياردەيدۇ يانا
ۋاي دەيدۇ يەي ئاللا يەي،
ۋاي دەيدۇ يەي يار يا رەي
يار قەدىرى يار قەدىرىنى
بىلمەيدۇ يەي يار يارەي.
يار قەدىرى، يار قەدىرىنى
بىلگەندە ۋاي ۋاي جېنىمەي
بىلگەندە يەي ۋاي خېنىمەي
ۋاي سەھەرلەر، سەھەرلەردە
يىغلايدۇ، يىغلايدۇ يەي يار يارەي.
ۋاي توخۇ تولا سايرايدۇ يەي يار يارەي
سايرايدۇ يەي ئاللا يەي
داۋانچىڭنىڭ يولىدا يەي يار يارەي.
ۋاي ئۆلمەيمەن، ئۆلمەيمەن
دېگەن بىلەن ۋاي بىلەن ئەي ۋاي جېنىمەي.
دېگەن بىلەن ئەي ۋاي خېنىمەي.
جان خۇدا، جان خۇدانىڭ قولىدا
قولىدا يەي يار يارەي.
ھەق يارەي ۋەي سەنەم-ۋاي سىنىمەي،
ۋاي يار يارەي ۋاي دادەي
ھەق يارەي سەنەممەي
دەريا سۈيى تارتىلدى
يار ئالدىمىكىن باشتىن ئاي
دۈشمەننىڭ، دۈشمەننىڭ سۆزى بىلەن
سۆزى بىلەن يار يارەي
ئايرىلدۇق،  ئايرىلدۇق،
قەلەم ۋاي قاشتىن ئەي ۋاي داخەي
ھەق يارەي ۋاي سەنەم،
ۋاي سەنەمەي ۋاي يار يارەي
ۋاي ۋاي داخەي
ھەق يارەي سەنەممەي
سېنىڭا دەردىڭا يەي
مەشىرەپ
ۋاي سەن پادىشاھ سەن يالورۇم،
ۋاي مەن بىر گاداييەي.
ۋاي سەن پادىشاھ سەن يالورۇم
ۋاي مەن بىرگا داييەي.
ۋاي رەخمە ئەيلىسەڭچۇ يالورۇم
ۋاي بىچارىلەرگە.
ۋاي رەخمە ئەيلىسەڭچۇ يالورۇم
ۋاي بىچارىلەرگە.
ۋاي بىچارە قىلغان يالورۇم
ۋاي ئايدەك يۈزۈڭدۇر.
ۋاي بىچارە قىلغان يالورۇم
ۋاي ئايدەك يۈزۈڭدۇر.
ۋاي دىۋانە قىلغان يالورۇم
ۋاي شېرىن سۆزۈڭدۇر.
ۋاي دىۋانە قىلغان يالورۇم
ۋاي شېرىن سۆزۈڭدۇر.
ئۆرگىلەي مەشۇغۇم
ئۆرگىلەي مەشۇغۇم، چۆرگىلەي مەشۇغۇم ۋاي
ئوينايدۇ غېرىب بالىلار مەشۇغۇم.
ياماننىڭ يامانىمەن مەشۇغۇم
ياخشىنىڭ يامانىمەن مەشۇغۇم
قولىدا چىلىم قاپاق مەشۇغۇم
نەشىنىڭ خۇمارى مەن مەشۇغۇم.
ئۆرگىلەي مەشۇغۇم، چۆرگىلەي مەشۇغۇم
ئوينايدۇ غېرىب بالىلار مەشۇغۇم.
بىر ياماننىڭ دەستىدىن ئىلغا كەتسەم ئارمان يوق.
قاشىڭ بىلەن كۆزۈڭ خو
يارىم بىلەن ئىككىمىز
بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان.
يارىم بىلەن ئىككىمىز
بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان
باشتا ۋەدىمىز شۇنداق
ئايرىلماسقا دوست بولغان.
باشتا ۋەدىمىز شۇنداق
ئايرىماسقا دوست بولغان.
خو خو خو، نېمىلەرخو،
قاشىڭ بىلەن كۆزەڭ خو.
يارىم بارغۇ يارىم بار
يار قاشىغا بارغۇم بار
يارىم بارغۇ يارىم بار
يار قاشىغا بارغۇم بار.
يار قاشىغا بارغاندا
يار كۆڭلىنى ئالغۇم بار
يار قاشىغا بارغاندا
يار كۆڭلىنى ئالغۇم بار.
خو خو خو، نېمىلەرخو
قاشىڭ بىلەن كۆزەڭ خو.
ئۆرگىلىدى پەلەك چۆرگىلىدى پەلەك
ۋاي يار بىلەن ۋاي ئوينايمەن دەپ
سۇندى مېنىڭ ۋاي نازۇك قولام ئەي.
سۇندى مېنىڭ ۋاي نازۇك قولامەي
ئاللا يارىمنىڭ دادەي ۋاي ياغلىغىدا
ۋاي تاڭسام ساقايمامدۇ
ساقايمامدۇ قولامەي.
ئۆلۈپ كېتىمىز دادەي كۆيەپ كېتىمىز
خۇدايىم بۇيرىسا دادەي
ھەجگە كېتىمىز.
ۋاي يارىنىڭ ۋاي يايرى تولا.
ۋاي سەندىن ۋاي مەندىن بۆلەك.
ئاللا مەن تېخى دادەي ۋاي يار تونىمودۇم
جان قارا كۆز دادەي ۋاي سەندىن بۆلەك.
ئۆرگىلىدى پەلەك دادەي، چۆرگىلىدى پەلەك.
كىمنىڭ يارى سەن دادەي
قايرىپ سۆيگۈدەك.
ۋاي يار سىنىڭ ۋاي ھەيران بېغىدا
ۋاي ساقلىغان ۋاي كەپتىرى بار
ۋاي ساقلىغان كەپتەرى بار
ئاللا كۆڭلىنى دادەي
ۋاي خەققە بېرىپ
ۋاي بىزگە يامان دادەي
ۋاي گەپلەرى بار.
ئۆرگىلىدى پەلەك دادەي
چۆرگىلىدى پەلەك
كىمنىڭ يارى سەن دادەي
قايرىپ سۆيگۈدەك.
ئىككىلا جەرەن ئاتورىمىز
ئىككىلا جەرەن ئاتورىمىز
بىرنى بىرگە چاتورىمىز
ئىككىلا جەرەن ئاتورىمىز
بىرنى بىرگە چاتورىمىز
موساپىر دەپ خار كۆرمەڭ
بەشكۈن- ئونكۈن ياتورىمىز.
موساپىر دەپ خار كۆرمەڭ
بەشكۈن- ئۈنكۈن ياتورىمىز.
ئاھۇ تاغدا نېمىلەر بار
ئات ئويناتقان جايلار بار.
ئاھۇ تاغدا نېمىلەر بار
ئات ئويناتقان جايلار بار.
كەچ بولدى دەپ كەلمەي قالماڭ
ئاي بولمىسا يۇلتۇز بار.
كەچ بولدى دەپ كەلمەي قالماڭ
ئاي بولمىسا يۇلتۇز بار.
ھاي ھايىلەڭ
ھاي ھاي ھاي ھەي يار يارەي
ھەي ھەي ھەي ھەي يار يارەي
ھەي ھەي يىلەڭ ھەي يار يار
پەشمىتىمنىڭ يېڭى تار
پەشمىتىمنىڭ ئۆرگىلەي يېڭى تار.
تاۋا كۆڭلەك، تاۋا كۆڭلەك ئىچىدە
بىرى ئالما، بىرى ئانار
ئۆرگىلىدى جان چۆرگىلىدى جان بىچارىخان.
كۆيدۈرىۋەتتىڭ قايرا كۆز.
شىلدىر شىلدىر قومۇشقا
ئوتنى ياقتىڭ نېمىشقا
ئوتنى ياقتىڭ ئۆرگىلەي نېمىشقا
سىناشمىغان،سىناشمىغان شۇ يارغا،
كۆڭۈل بېرىپ، كۆڭۈل بېرىپ ئۆرگىلەي نېمىشقا
ئۆرگىلىدى جان چۆرگىلىدى جان بىچارىخان،
كۆيدۈرۋەتتىڭ قايرا كۆز
بارماڭ دەيدۇ ۋاي ۋاڭ ناڭ.
نازىركۇم
ئالتىر كەپتەر، يەتتىر كەپتەر ۋاي ۋاي ناڭ
ۋاي ۋاي نازىركۇم ئەي قوندى تىرەككە
يۈگۈرۈڭلەر يېتىشڭلار، يۈگۈرۈڭلار يېتىشڭلەر
ۋاي ۋاي نازىركۇم ئەي شەلپەر كۆينەككە،
شەلپەر كۆينەك كىرپىر بولسا،
شەلپەر كۆينەك كىرپىر بولسا ۋاي ۋاي ناڭ
ۋاي ۋاي ناڭ ۋاي ۋاي نازىركۇم،
يوسا بولمايدۇ ۋاي ۋاي ناڭ.
يارنىڭ كۆڭلى ئېگىز بولسا،
يارنىڭ كۆڭلى ئېگىز بولسا ۋاي ۋاي ناڭ.
ۋاي ۋاي نازىركۇم ئەگسە بولمامدۇ
ۋاي ۋاي ناڭ.
دەپ ئېيتىلىپ مەشرەپ ئاخىرلىشىدۇ.
تۇرپان خەلق ناخشىلىرى ھەرگىز زاماندىن قالمايدۇ، بۇ ناخشىنى ھەر قېتىم ئېيتسا ھەر قېتىم يېڭى ئاڭلىنىدۇ، ئۇنىڭ مۇڭى قۇلاقتىن كەتمەيدۇ، ئۇ خەلقىمىزنىڭ سەنئەت بېغىدىكى بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرى.

مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3649

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-03-02
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: