لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن-ئېغىر قات ئاياللارنىڭ بۆشۈك ئانىسىنى يوقلاش

لوپلۇقلارنىڭ ئېغىر قات ئاياللارنىڭ بۆشۈك ئانىسىنى يوقلاش ئادەتلىرى توغرىسىدا

 شېرىپ موسا

لوپلۇقلار ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولغانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنى «كۈن ئايىدىن ئۆتۈپتۇ» دەپ ئاتايدۇ. بۇنداق ئاتاش ئاياللارنىڭ ئادەت كۆرۈش ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە نورمال ئاياللار كۈنلەر ئۆتۈپ ئاي توشقاندائادەت كۆرىدۇ. مۇبادا مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ئادەت كۆرمىسە، لوپلۇقلار ئۇ ئايالنى «كۈن ئايىدىن ئۆتۈپتۇ» دەپ جەزىملەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى ئەنە شۇنداق يوشۇرۇن مەنىلىك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان دېيىشكەبولىدۇ.

لوپلۇقلار «كۈن ئايىدىن ئۆتكەن» ئاياللارغا ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ. يەنى ئېغىر ئىشلارغا سالمايدۇ.كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئارام ئېلىشنى ئاساس قىلىدۇ. كېچىسى يالغۇز قويمايدۇ.ئۇخلىغاندا قارا بېسىپ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ، ياستۇقى ئاستىغا پىچاق قويۇپ قويىدۇ.(لوپلۇقلار ياستۇقى ئاستىغا بىسلىق ئەسۋاب قويۇپ قويسا قارا-قۇرا ئەگىمەيدۇ دەپ بىلىدۇ.) سېزىك باشلانغاندا نېمىگە سېزىك بولسا شۇنى تېپىپ ئەكېلىپ يىدۇرىدۇ.ئۇنداق قىلمىسا بالا ئېيپناق توغۇلۇپ قالىدۇ دەپ تەرتىپ قىلىدۇ. ئانا-بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى تىلەپ (بۆشۈك ئانا)سىنى يوقلاتقۇزىدۇ. يەڭگىگەندىن باشلاپ قىرقى توشقىچە ئارام ئالدۇرۇپ ناھايىتى ياخشى كۈتىدۇ ۋە ھاكازالار.

لوپلۇقلار كۈن ئايىدىن ئۆتكەن ئاياللارنى سېزىگىدىن چىققاندىن كېيىن «ئېغىر قات ئايال» دەپ ئاتايدۇ. مانامۇشۇ مەزگىلىدە 2قېتىم بۆشۈك ئانىسى يوقلايدۇ. بىرىنچى كېتىم ھامىلە 6ئايلىق بولغاندا بۆشۈك ئانىسى يوقلىنىدۇ. لوپلۇقلار «بۇ مەزگىلدە ھامىلىنىڭ بارلىق ئەزالىرى يېتىلىپ ئادەم سىياقىغا كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتنى تۇتقا قىلىپ بۆشۈك ئانىنى يوقلاشتىكى مەخسەت-بۆشۈك ئانىدىن ھامىلىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ تولۇق بولۇشى ھەم ساغلام يېتىلىشى تىلىنىدۇ. 2-قېتىم ھامىلە 9ئايلىق بولغاندا بۆشۈك ئانىسى يوقلىنىدۇ. لوپلۇقلار بۇ مەزگىلنى ھامىلىنىڭ توغۇلۇشى يېقىنلاشقان ۋاقىت دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتنى تۇتقا قىلىپ بۆشۈك ئانىنى يوقلاشتىكى مەخسەت-بۆشۈك ئانىدىن ئانىنىڭ توغۇتىنىڭ ئاسان بولۇشى، بوۋاقنىڭ ئامان-ئېسەن توغۇلۇشنى تىلىنىدۇ.

بۆشۈك ئانىنى يوقلاش ئىشى مۇنداق ئېلىپ بېرىلىدۇ:

بۆشۈك ئانىنى يوقلىغۇچى ئائىلە مەھەللىدىكى 5ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان قېرى-چۆرى ئاياللاردىن بىر قانچىنى ئۆيىگە چارشەنبە كۈنى (بۇ كۈن خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ) چاقىرىدۇ. ئۇلار كېلىپ بولغاندىن كېيىن ئالدىغا داستىخان سېلىنىدۇ. يېڭى پىشۇرۇلغان يۇتازىلار بىلەن چاي تارتىلىدۇ. (نان بىلەن چاي قويسىمۇ بولىدۇ. لېكىن قېرىلار ئۈچۈن يوتازا يېيىشلىك بولىدۇ دەپ شۇنداق قىلىنىدۇ) چاي ئېچىلىپ بولغىچە بۇلماق (زاڭ) ئېتىپ تەييارلىنىدۇ.زاڭ تاۋاقلارغا، لېگەنلەرگە ئۇسۇلۇپ، ئۈستىگە سېرىق ماي ياكى پىياز بىلەن قۇرۇلغان ھايۋانات ياغلىرى، ئۆسۈملۈك ياغلىرى قۇيۇلىدۇ. ئىككى ئايالنى بىرلىك قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر تاۋاق زاڭ تارتىلىدۇ. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن تاۋاق،لېگەنلەرنى جۇپلاپ، قوشۇق، چوكىلارنى سېلىپ، مېھمانلاردىن ھۆرمەتكە ئىگە بىرمۇنەججىم ئايال ئېلىپ، ئېغىر قات ئايالنىڭ بېشىدىن ئۆرۈيدۇ. ئاندىن كېيىن مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، قوللىرىغا بىر تۇتام پاختا ئېلىپ، ئېغىر قات ئايالنىڭ بېشىدىن ئورۇپ، بويلىرىغا قاقىدۇ. بۇ ئىش تاماملانغاندىن كېيىن،مېھمانلار ئورۇنلىرىغا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ. دۇئادىن كېيىن مېھمان ئاياللارئورنىدىن تۇرۇپ، نۆۋەت بىلەن ئېغىر قات ئايالنىڭ قورسىقىنى، بويلىرىنى ئادەم ئاتا،ھاۋا ئانا، بۆشۈك ئانىنىڭ نامى بىلەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ سىلايدۇ. باشتىن ئۆرۈلگەن پاختىلار سەدىقە ھېساۋىدا يىغىپ ئىختىسادى ئاجىز ئايالغا بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۆشۈك ئانىنى يوقلاش تاماملىنىدۇ. لوپلۇقلار ھامىلە توغۇلغاندىن كېيىن بۆشۈك ئانىنى يوقلاش ئىشىنى قىلمايدۇ. بوۋاق يەتتە ئىدەرى ئىچىدە كۈلسە «بۆشۈك ئانىسى كۈلدۈردى»، چۆچۈپ يىغلىسا «بۆشۈك ئانىسى يىغلاتتى»-دېيىشىدۇ. بۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى بوۋاقنىڭ كۈلۈشىنى، يىغلىشىنى ئۇنداق دېمەيدۇ.

بۆشۈك ئانا-ئەمەلىيەتتەبار، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈيدىغان تىرىك ئانا ئەمەس. ئۇ كىشىلەرئىدىيىسىدىكى ئېغىر قات ئاياللار چوقۇنىدىغان، ھامىلىنى قوغدايدىغان ئىلاھى ئانىدىن ئىبارەت. لوپلۇقلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاچقا ئۇ قويۇق ئىسلام تۈسىنى ئالغان ئىلاھى ئانا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا تېۋىنىش ئىشلىرى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. لېكىن بۇ ئانا توغرىسىدا موسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى قۇرئاندا ھېچنەرسە دېيىلمىگەن. ئۇنداق بولسا بۇ ئانا نەدىن كەلگەن؟ قانداق قىلىپ لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئورۇن ئالغان؟ بۇنىڭغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تارىخ سۆزلەشكە توغرى كېلىدۇ.

مىلادىدىن بۇرۇن ياۋروپا ئىرىقىغا مەنسۇپ بولغان ئارىيان قەۋىملىرى ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىداياشايتتى. ئۇلار «ئوما» دېگەن ئىلاھى ئانىغا چوقۇناتتى. ئارىيانلار بۇنىڭدىن5000يىل ئىلگىرى ھىندىستانغا كۆچكەن. مۇشۇ جەريانىدا ئۇلاردىن ئىلاھى ئانا «ئوما»تارىم ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا-تۈركى تىللىق خەلقلەرگە مىراس قالغان. بۇ ئانا شىنجاڭ ئارقىلىق جوڭگۇغا ئارىيانلار ئارقىلىق ھىندى ۋادىسىغا تارالغان. ئۇنىڭ ناملىرى- ئۇيغۇرلاردا (ئوماي)، خەنزۇلاردا (شىۋاڭمۇ)، ھىندىلاردا (ئوما) ئاساسىدا ساقلىنىپ قالغان. بۇ ئىسىملار-فونتىكا جەھەتتىن بولسۇن، ئەڭ بۇرۇنقى مەزمۇنلىرى جەھەتتىن بولسۇن بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئانىلار ئەسلىدە بىر ئانا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلاھى ئانا (ئوما) ھەققىدە خەنزۇلاردا، ھىندىلاردا، ئۇيغۇرلارداخىلى كۆپ ئەپسانە-رىۋايەتلەر ئىجاد قىلىنغان. بۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەر يېزىقتاخاتىرىلىنىپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان ئەپسانە-رىۋايەت بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئالەمنىڭ ئۈستى ياراتقۇچى ئىگە- تەڭرىنىڭ تورۇشلۇق جايى بولۇپ، ئۇ نۇرلۇق، پارلاق ماكان ئىكەن.ئۈستىنكى پارلاق ماكان بىلەن ئاستىنقى قاراڭغۇ ماكاننىڭ ئارىسىدا ئوماي بولۇپ، ئۇئەۋلادلىرىغا تۇپراق ۋە سۇ مەنبەسىنى ئاتا قىلغۇچى بەخت ئىلاھى، «ئىدولگ»(قۇت-بەخت) دەپ ئاتىلىدىكەن. ئوماي ئانا يەنە مۇھەببەت ئىلاھى، ئېغىر قات ئاياللار چوقۇنىدىغان ئىلاھ، ئۇششاق بالىلار ھاممىسى دەپمۇ قارىلىدىكەن». بۇ رىۋايەتتىكى ئىلاھى ئانا ئوماينىڭ (ئېغىر قات ئاياللار چوقۇنىدىغان ئىلاھ، ئۇششاق بالىلارھاممىسى) قاتارلىق سۈپەتلىرىگە بۆشۈك ئانىنىڭ سۈپەتلىرى بەكمۇ ئوخشايدۇ. بۇنداق ئوخشاشلىقىنى تەسادىپى ئۇتتۇرغا كېلىپ قالغان ئوخشاشلىق دېگىلى بولمايدۇ. ئىلاھى ئانا ئوماي بىلەن بۆشۈك ئانىنىڭ يوقارقىدەك ئوخشاشلىقلىرىغا قاراپ ئۇلارنى بىرئىلاھى ئانا دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ ناملىرى نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ؟ دېگەن سوئال تەبىئى ھالدا توغۇلىدۇ. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى قارىشىمىز بىلەن جاۋاب بېرىمىز.

لوپلۇقلار مىلادى14-ئەسىرلەردە ئىسلام دىننى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرى تەرىپىدىن كونا دىندىن قالغان ماددى-مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسىملىرى زەربىدارلىق بىلەن يوقۇتۇلدى. بىر قىسىملىرى تاشلاپ قويۇلدى. بىر قىسىملىرى ئىسلام دىنى كۆز-قاراشلىرى بىلەن ئۆزگەرتىلىپ ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى سىڭدۈرۈلۈپ ساقلاپ قىلىندى. ھەم ئىسلام دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلدى. ئوماينىڭ ئۆزگەرتىلىپ بۆشۈك ئانا بولۇپ قىلىش مانا مۇشۇ كاتىگورىيىگە كىرىدۇ. بۆشۈك ئانا 14-ئەسىرلەردە رەسمى شەكىللەندى. شۇنىڭدىن باشلاپ لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئورۇن ئالدى.

ئوماينىڭ بۆشۈك ئانىغا ئۆزگىرىشىدە تۈرلۈك ئىجتىمائىي سەۋەبلەر مۇھىم رول ئوينىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇ سەۋەبلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

تارىختا ئۆتكەن ھەرقانداق جەمئىيەتلەردە ئانا-بالىلار ساغلاملىغى كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. لوپلۇقلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغىچە بولغان ئۇزاق تارىخى مەزگىللەردە زامانسىغا نىسبەتەن خېلى تەرەققى قىلغان شەھەرلەردەياشىغانىدى. بۇ شەھەرلەر تەرەققىياتىنى ھازىرقى زامانىۋى ئىلىم-پەندىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھەم ئانا-بالىلار ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان مۇكەممەل مۇئەسسەلەر، ئىلغار دوختۇرخانىلار، قابىلىيەتلىك، تېخنىكىسى يۇقىرى دوختۇر،زامانىۋى دورىلار يوق ئىدى. توغۇتتا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئانىلار، ھەرخىل كېسەللەربىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان بالىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ ئىشلار ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ۋابادەك قورقۇنۇچلۇق ئىدى. مانا بۇنداق شارائىتتا لوپلۇقلار ئانا-بالىلار ساغلاملىقىنى قوغداشتا يار-يۆلەك بولىدىغان، نىجادلىق ئاتا قىلىدىغان غايىۋى ئىلاھى كۈچكە موھتاج ئىدى. مانا بۇ يار-يۆلەك نىجادلىقنى (ئوماي ئانىدەك ئىلاھلاردىن كېلىدۇ) دەپ ئۇنى ئانىلار چوقۇنىدىغان ئىلاھ، بالىلارنىڭ ھاممىسى قىلىۋالغان. كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ھەر خىل تەبىئى، ئىجتىمائىي ئاپەتلەرنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشى بىلەن لوپلۇقلار ئىلگىرى ھايات كەچۈرگەن چوڭ شەھەرلەر كەينى-كەينىدىن ۋايران بولۇپ كەتتى. ئىقتىساد چېكىنىپ لوپلۇقلار قىيىن كۈنگە قالدى. مانا بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ۋايران بولغان شەھەرلەردەك شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇشقا مۇشتاق بولالمىدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە لوپلۇقلار ئىپتىدائى تۇرمۇش كەچۈرۈشكەيۈزلەندى. ئۇلار مانا مۇشۇنىڭدەك قىيىن ئەھۋالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. يېڭى دىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قايتا گۈللەندۈرەلمىدى. يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئانا-بالىلار ساغلاملىغىنى قوغداش ئىشلىرى كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى يېڭى مەسىلىگە ئايلاندى. مانا بۇ يېڭى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئەينى چاغلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۈچى يەتمىدى. كىشىلەر خۇراپاتلىققا تېخىمۇ پېتىپ كەتتى. شۇنداق ئەھۋالدىمۇ كىشىلەر بۇيېڭى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىسلامدىن ئىلگىرىكى غەيرى دىنلارنىڭ كۆز-قاراشلىرى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئوماي ئانىنىڭ (ئېغىر قات ئاياللار چوقۇنىدىغان ئىلاھ،بالىلارنىڭ ھاممىسى قاتارلىق تەرەپلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنى ئىسلام دىنى كۆز-قاراشلىرى سىڭدۇرۇلگەن يېڭى بىر ئانا قىلىپ تىكلەپ چىقتى. ئۇنىڭغا «بۆشۈك ئانا» دەپ ئات قويدى. ئۇنى ئانا-بالىلار ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان ئانا دەپ چوقۇنۇش، سېغىنىش، يوقلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ كۆڭلىنى تەسكىن تاپتۇردى.بۇ ئىشلار لوپلۇقلارنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى. بۇ ئادەت تاشلىنىپ قالماي ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسكەچكە زاڭنىڭ ئورنىغا پولۇئېتىلىپ، ئۆپكە-ھېسىپ قويۇلۇپ داستىخانغا ئەپچىقىدىغان بولدى.

پايدىلانغانماتېرىياللار:

قۇربان ۋەلى«بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز»

ئابدىكېرەم راخمان «يىپەك يولىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر»

ئەسلى مەنبە:“سېھىرلىك لوپنۇر“ناملىق كىتاب

توردىكى مەنبەسى : لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3647

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-02-24
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: