تارىم ئويمانلىقىدىكى سىرلىق ماكان لوپنور ۋە ئۇنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى سېھرىي كۈچى توغرىسىدا

تارىم ئويمانلىقىدىكى سىرلىق ماكان لوپنور ۋە ئۇنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى سېھرىي كۈچى توغرىسىدا

ئابدۇمىجىت ھەسەن قۇربانى

1. لوپنور ناھىيىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ئۇنىڭ ساياھەت ئالاھىدىلىكى

تارىم ئويمانلىقىدىكى سىرلىق “ لوپ ”رايۇندا ، مەدەنىيەتتە ئۆزگىچە سېھرى كۈچكە ئىگە بىر ناھىيە بار. ئۇ بولسىمۇ بۇرۇنقى زامانلاردا « لوپ » « كۆنچى » دىگەن ناملاردا ئاتىلىپ كەلگەن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى ساياھەت لىنىيىسىدىكى لوپنور ناھىيىسىدۇر.

لوپنور ناھىيىسى بايىنغولىن ئوبلاستىغا تەۋە بولۇپ،تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى شىمالى تەرىپىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ غەرىبى جەنۇپ تەرىپى چاقىلىق ۋە چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، غەربى تەرىپى شايار ۋە كۇچاناھىيىسى بىلەن، شىمالى تەرىپى كورلا، بۈگۈر ناھىيىسى بىلەن ، شەرق تەرىپى تۇرپان،باغراش، خوشوت ناھىيىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەرىپكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى502.8 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇپكىچە بولغان كەڭلىكى 165 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى59 مىڭ 800 كۇۋادىرات كىلومېتىر. تەركىۋىدە 7 يېزا، 2 بازار، 42 كەنت بار. ئۇندىن باشقا يېزا ئىگىلىك 2- دىۋىزىيىسىنىڭ 5 تۈەن مەيدانى بۇ جايدا تۇرۇشلۇق. بۇ ناھىيىنىڭ« 2009- يىلى يىل ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 110 مىڭ 600 بولۇپ ( بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت نوپۇسى 34 مىڭ 500 نەپەر ) يېزا نوپۇسى 54 مىڭ 400 . ناھىيەبازىرىدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان تاش يول مۇساپىسى 530 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسلىق تەبئىي بايلىقلىرىدىن لوپنور كەندىرى،چۈچۈكبۇيا، ئەڭ ئىپتىدائىي توغراق ئورمىنى، ۋېرمىكۇتىت قاتارلىقلار بار. كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى چۆل قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. بۇ جاينىڭ ساياھەت بايلىقى مول. 2009- يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 180 مىڭ ئادەم ( قېتىم ) بولۇپ، ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىم 11 مىليۇن 380 مىڭ يۈەنگە يەتكەن .

2011- يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 380 مىڭ ئادەم( قېتىم ) غا يىتىپ ، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 26 مىليۇن يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %11.44 ئاشقان. دېھقانلار قۇرغان ئارامگاھلار – ساياھەت ئورۇنلىرى بۇرۇنقى6 ئورۇندىن كۆپىيىپ 17 ئورۇنغا يەتكەن. ناھىيىلىك پارتىكوم ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ساياھەتچىلىك كەسپىنى ناھىيە ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپلەر قاتارىدا تۇتۇپ ، مۇشۇ بىرقانچە يىلدىلا 38 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سالغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان لوپنور ناھىيىسى « لوپنور مەشرىپى » ، « لوپنور ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى » ، « لوپنوردا نورۇز » قاتارلىق سەنئەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، لوپنورنىڭ مەزمۇنغا باي، گۇمانتارلىقى كۈچلۈك بولغان، ئۆزگىچەمەدەنىيەت، ئۆرۈپ- ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

لوپنور ساياھەتچىلىكىنىڭ سېھرى كۈچى ھەقىقەتەن زور. چۈنكى لوپنورنىڭ تارىخى ئۇزۇن قەدىمىي يۇرت. ئۇ قەدىمدە غەربى دىياردا قۇرۇلغان36 شەھەر بەگلىكلىرى ئىچىدىكى « چويلى » ( چۆل قۇدۇق، كونا چىدىر ) « يۈلى گو » ( يورەگېر ) ، « لولەن » ( كروران ) قاتارلىقلارغا تەۋە بولغان. شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدەكىنگىت دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت ( قاراشەھەر ) تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان.

1898- يىلى ( گۇاڭشۈينىڭ 24- يىلى ) بۇ ئورۇنداشىنفېڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. 1914- يىلى شىنفىڭ ناھىيىسى ھازىرقى كۆنچى مەھەللىسىگە كۆچكەندە خەنزۇچە نامىنى « يۈلىشەن » ئۇيغۇرچەنامىنى « لوپنور ناھىيىسى » دەپ ئاتاپ تەۋەلىك جەھەتتە يەنىلا قاراشەھەر ۋالى مەھكىمىسىگەقارىغان. 1949- يىلى 10- ئايدا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ قاراشەھەر ۋالى مەھكىمىسىگە، كورلا ۋالى مەھكىمىسىگە، 1960- يىلى بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارىغان. لوپنور ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان5 يىل ئۆزمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى ھەتتا ئاپتونوم رايون بويىچەئىقتىسادىي كۈچلۈك ناھىيە بولۇپ قالدى.

ناھىيەنىڭ ھازىرقى نامى بولغان « لوپنور »، «لوپنور كۆلى » نامىدىن كەلگەن. ئەسلىدە لوپنور كۆلى نامى – بۇ نامنىڭ ئەسلى يىلتىزى بولغان تارىختىكى « لوب » « نوب » دەپ ئاتىلىدىغان « لوپ » رايونىنىڭ نامىدىن كەلگەن « قوش تىللىق » نام ئىدى. « لوپ » قەدىمى ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، لوپنوردىيالىكتىدا « ناپ » يىلتىزى بىلەن « تۈزلەڭلىك، يۇمىلاق » مەنىسىنى بېرەتتى. بەزى يەرلىك تەزكىرىلەردە « يۈلى » دىگەن خەنزۇچە نامنىڭ مەنىسى « سۈيى مول » دىگەنلىك،« لوپنور » دىگەن نام ئۇيغۇرچە بولۇپ مەنىسى : « كەلكۈن توختىغان جاي » دەپ شەرھىلەيدۇ.بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا « لوپ » سۆزى « جاڭگاللىق » دىگەن مەنانى بېرىدىكەن. ( بۇقاراشلار تېخى تەتقىقات ئۈستىدە تۇرىۋاتىدۇ. ) « نور » دىگەن سۆز موڭغۇلچە « كۆل »دىگەنلىك بولۇپ، « لوپ » قا « نور » قوشۇلۇپ، « لوپنور » دىگەن نام ئوتتۇرىغاچىققان. بۇ نام چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ ، تارىخى يازمىلارغا كىرگۈزۈلگەن. سۆز مەنىسى بويىچە يەشكەندە : “ لوپ كۆلى “ دىگەنلىك بولىدۇ، تارىختا ”لوپ “ نامى تارىم دەرياسىنى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمىدىكى رايونلارنىڭ ئومۇمى نامى بولسىمۇ ، لېكىن كىيىنكى مەمۇرى رايونلارنىڭ بۆلۈنىشى، ئۆزگىرىشى بىلەن ئاساسەن لوپنور رايونىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا ، تارىختىن ھازىرغىچە بۇ رايون تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ئاھالىلار تۈركۈمى ئۆزلىرىنى “ لوپتوق “ (لوپلۇق) دەپ ئاتايدۇ.تارىختا بۇ رايونلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق بېكىنمە ھاياتى، بۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ ئۆزگىچەھەر خىل مەدەنىيەت، سەنئەت، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن، بولۇپمۇ لوپرايونى ئېلىمىزدىكى ئەڭ قەدىمىي ھاياتلىق پائالىيەتلىرى باشلانغان زىمىن بولۇپ، بۇنىڭدىن3000-4000 يىل بۇرۇنلا بۇ يەردىكى ئىنسانلار چارۋىچىلىقتىن تىرىم ئىگىلىكىگە ئۆتكەن،بۇ جايمۇ دېڭىز- ئوكيانلارغا يىراق ھاۋاسى قۇرغاق بولغانلىقتىن، بۇنداق پەۋقۇلئاددە جۇغراپىيىلىك شارائىت، بۇ ۋادىدا ياشاپ ئۆتكەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بىزگىچە يەتكۈزۈپ كەلدى. ئۇيغۇر يول باشلىغۇچى لوپلۇق ئۆردەڭنىڭ“كروران“ شەھىرىنى بايقىشى، بۇ بايقاشنى چەتئەللىك ئارخىئولوگ سىۋىن ھېدىننىڭ دۇنياغا ئېلان قىلىشى، “ لوپ “ رايونىنى تەكشۈرۈش، ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيىلىك ئاۋرىل سىتەيىن 1906-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە لوپنوررايونىدا 3 قېتىم، ياپونىيىلىك جۇرۇڭچىياۋ 1909-يىلى بىر قېتىم، شىۋىتسىيىلىك ئارخىئولوگ فولىك بېرگىمان 1934-يىلى بىر قېتىم، جۇڭگولۇق ئارخىئولوگ خۋاڭ ۋېنبىي1930-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە 2 قېتىم، مەشھۇر ئارخىئولوگ ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل2002-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە 3 قېتىم بۇ رايوندا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، لوپنور رايونىدىن تەتقىقات قىممىتى زور بولغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپتى، بۇ تېپىلمىلار لوپنور ناھىيىسى ساياھەتچىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.ھازىر پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە يوقارقىدەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن باشقا 1 مىليۇن مودەك قەدىمىي توغراقلىق بار (دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان توغراق مۇھاپىزەت رايونىنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ ناھىيىدە)، بۇ جايدىكى قۇملۇق، توغراق، لوپنورلۇقلار مىللى مەدەنىيىتى،يىپەك يولى مەدەنىيىتى- لوپنور ساياھەتچىلىكىكىنىڭ ھاياتى كۈچى دىيىشكە بولىدۇ. بۇناھىيىدىكى لوپ ئاتالمىسى لوپنورلۇقلارنىڭ ئاھالە تۈركۈمى، مەدەنىيەت قاتلىمى سىرلىق بىر دۇنيادۇر.

ئالايلۇق، لوپنورلۇقلارنىڭ كىيىم- كېچەك، ئۇزۇق-تۈلۈگى، يۈرۈش- تۇرۇشلىرى، تۇرار جاي- ئۆي مۈلۈكلىرى، تىل ۋە ئەدەبىيات سەنئىتى، قوشاقچىلىقتىكى ھازىر جاۋاپلىغى، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يىتىمنى ئۈزىتىشتىكى ئۆزگىچە ئۆرپ- ئادەت مۇراسىملىرى،تەنتەربىيە- كۆڭۈل ئېچىشتىكى رەڭگارەڭ مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغان قىزىقچىلىق پائالىيەتلىرى،كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى مېھماندوستلىغى، ئاق كۆڭۈل ۋە مەرتلىگى ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ جانلىق، ئەڭ شوخ ۋە ئەڭ جەلىپكار ئانتروپولوگىيىلىك ساياھەت مۇھىتىنى بەرپا قىلغان.ئۇلاردىكى يەرلىك بايراملاردا ئۆتكۈزىدىغان ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، قوچقار سوقۇشتۇرۇش،توخۇ سوقۇشتۇرۇش، بىيىت ئېيتىشىش، قارلىق تاشلاش مەشرىپى قاتارلىق پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدۇ.

ئۇندىن باشقا، لوپنورلۇقلارنىڭ قول ھۈنەرۋەن سەنئىتى،قەدىمى بويۇملىرى، ئۆي بېزەشلىرى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ. ئۇلار پىشۇرغان ھەرخىل تۈردىكى بېلىق كاۋاپلىرى، تونۇر كاۋاپلىرى، يۇلغۇن كاۋاپلىرى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ.

تۆۋەندە بۇ ناھىيىدىكى ئالاھىدە ساياھەت نوقتىللىرىنىڭ بىر قىسمىنى تونۇشتۇرىمىز. چۈنكى چۈشىنىپ تۇرۇپ ساياھەت قىلىش بىلەن چۈشەنمەي تۇرۇپ ساياھەت قىلىشنىڭ قىممىتى، ھوزۇرى ئوخشىمايدۇ، ئەلۋەتتە!

2. لوپنورنىڭ ساياھەت رايونلىرى ۋە نوختىللىرى

1- لوپنورلۇقلار كەنتى ساياھەت رايونى

بۇ دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت نوختىسى ھەمدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داڭلىق ئارامگاھلارنىڭ بىرى. ئورنى لوپنورناھىيىسى دۆڭقوتان يېزىسىدا، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغاتوغرا كېلىدۇ. كورلا شەھىرى بىلەن ئارلىغى 85 كىلومېتىر. لوپنور بازار ئىچى بىلەن بولغان ئارلىغى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 72 كۇۋادىرات كىلومېتىر. بۇ جايدا قۇم،توغراق، دەريا ۋە كۆللەر گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، لوپنورلۇقلارنىڭ ئۆزگىچە مىللى مەدەنىيىتى،تاماق مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشقىلى بولىدۇ. قەدىمقى لوپنورلۇقلار تارىم دەرياسىنىڭ يايدىللىرىدىن پەيدا بولغان كىچىك كۆللەر ئەتراپلىرىدا ماكان تۇتۇپ، لوپنورلۇقلارنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش شەكلى، مەدەنىيەت ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇلار كۆللەر، دەريالاردىن بېلىق تۇتۇپ يەيدۇ، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئىپتىدائىي توغراقلاردا مال باقىدۇ. ئۇلارتەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشايدۇ. ئەگەر سىز « لوپنورلۇقلار ساياھەت كەنتى »گە كېلىپ، ھەر يىلى 10-ئايلاردا ئۆتكۈزىلىدىغان «لوپنورلۇقلار مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى» غا قاتناشسىڭىز، لوپنورلۇقلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىدىن ھوزۇر ئالالايسىز!بۇ ساياھەت نوقتىسىدا يەنە ئات ۋە تۆگە بىلەن قۇملۇقتا ساياھەت قىلىش، قۇملۇق موتوسىكىلىت ساياھىتى، قۇم بارخانلىرىدا سىرىلىپ ساياھەت قىلىش، بېلىق تۇتۇش، قولۋاق بىلەن سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى بار. ئۇندىن باشقا تارىم دەريا كونا ئېقىنى بىلەن لوپنورلۇقلارنىڭ ياغاچ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كۆل بويلىرىدىلا لوپنورلۇقلارنىڭ قاقلاپ پىشۇرۇلغان كاۋاپ، زىخ كاۋاپ، لوپنور پاخلانلىرىدا قىلىنغان يۇلغۇن كاۋاپ، تونۇركاۋاپلىرىغا ئېغىز تىگەلەيسىز! بۇ جايدىكى دالا ساياھىتى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بولۇپ،ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ياشاش مەنزىرىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.

2- توغراقلىق ئائىلىسى دېھقانلار ئارامگاھى

بۇ ساياھەت نوختىسى لوپنور بازىرىنىڭ شەرقى بۈرجىگىدەبولۇپ، بىر دېھقان ئاچقان ساياھەت ئارامگاھىدۇر. بۇ ساياھەت ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكى-بۇ جايدا مىللى ئۇسلۇبتا ياسالغان سارايلار، مىللى ئۆرپ- ئادەت بويىچە مېھمان قىلىش، ئىسىل مىللىچە تائاملار، ئۈزۈملۈك باغ، باغ ئىچىدىكى ئارامگاھلار بىر گەۋدە قىلىنغان. ساياھەت پائالىيىتىڭىز- بۇ ئارامگاھ ھويلىسىدىكى 1500 يىللىق چوڭ توغراق ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئارامگاھدا بىر قېتىمدىلا 100 نەچچە ئادەم بەھۇزۇر تاماقلىنىپ ئوينىيالايدۇ. بۇ ئارامگاھ ھويلىسىدىكى بۇ قەدىمىي توغراق مۇشۇ ھويلىداياشاپ كەلگەن 7 ئەۋلات كىشىنىڭ ۋە مۇشۇ مەھەللىنىڭ بىردىن- بىر تارىخى گۇۋاھچىسىدۇر.بۇ ساياھەت ئورنىنىڭ كورلا شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 50 كىلومېتىر، قاتنىشى قولايلىق، شەھەر ئىچىگە جايلاشقان، شەھەردىن چىقمايلا يېزا ساياھىتىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز.

3- لوپنور كۆنچى ساياھەت ئارامگاھى

بۇ ئارامگاھ- لوپنور ناھىيە شەھەر مەركىزىگە10 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارامگاھ ناھىيە مەركىزىنىڭ غەربى تەرىپىدە بولۇپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئەگمىسىگە جايلاشقان. بۇ ئارامگاھدا قەدىمىي كروران شەھەر خارابىسىنى تاپقان تارىخى شەخس ئۆردەكنىڭ قەبرىگاھى بار. ئارامگاھ- قۇملۇق، توغراقلىق، بوستانلىق بىرگەۋدە قىلىنغان ئالاھىدە ئارامگاھ بولۇپ، لوپنوردىن يىراققا بارماي تۇرۇپلا قەدىمىي ئىپتىدائىي توغراقلىقنى، تەكلىماكانغا بارماي تۇرۇپلا بۇ جايدىكى قۇم تاغلىرىنى، بازارغا كىرمەي تۇرۇپلا مېزىلىك پىشۇرۇلغان جاڭگال كاۋاپلىرىنى كۆرەلەيسىز ۋە ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئالالايسىز !

4-يىڭپەن قەدىمى شەھەر ئىزى

يىڭپەن قەدىمىي شەھىرى (قاخشاللىق قەدىمىي شەھىرى)خارابە ئىزى- ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق قوغداش ئورنى. جۇغراپىيىلىك ئورنى- شەرقى مېردىئان ”40’87047 قا ، شىمالىي كەڭلىك ”34’40056 كەجايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 848 مېتىر، بۇ خارابە 1893-يىلى روسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى كوزولوۋ تەرىپىدىن بايقالغان. 1900-يىلى سېۋىن ھېدىن بۇ خارابىگە كەلگەن، ئۇندىن باشقا 1914-يىلى سىتەيىن، 1928-يىلى بېرىگمان قاتارلىق ئالىملار بۇ خارابىغا كېلىپ نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەردە بولغان. ھازىرقى ئەمەلىي ئورنى- لوپنور ناھىيىسى تەۋەسىدىكى 35-تۈەن چۈچۈك بۇيا زاۋۇتىنىڭ شىمالىغا 2 كىلومېتىر كېلىدۇ. كورلا شەھىرى بىلەن ئارلىغى200 كىلومېتىر، ئۇنىڭ شەرقى تەرىپىدە كروران شەھىرى بولۇپ، بۇ شەھەر بىلەن بولغان ئارلىغىمۇ200 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي جەنۇبىدا كورلا، كۇچا، يولگۇ(يورەگىر)، ئۇنىڭ شىمالىدا گاۋچاڭ(تۇرپان)غا بارىدىغان يوللار بولۇپ، قەدىمقى يىپەك يولى مۇشۇجايدىن ئۆتكەن. تارىخى يازمىلارغا ئاساسلانغاندا بۇ جاي غەربىي دىياردىكى 36 بەگلىك دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان « تاغ ئىلى » ( تاغ دۆلىتى) نىڭ پايتەختى بولغان. بەزى تارىخى يازمىلاردا بۇ شەھەر  خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قورۇقتاغ بەگىلىكىنىڭ ئاستانىسى بولغان « قورۇق تاغ شەھىرى ئىزى » دىگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغاقويغان. بۇ شەھەر يۇمىلاق سېپىل ئىچىگە ئېلىنغان، دىئامېتىرى 180 مېتىر، كۆلىمى 1.1كوۋادىرات كىلومېتىر، شەھەر سېپىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 50 مېتىر كېلىدىغان جايدا بۇددامۇنارى بار، سېپىلنىڭ شىمالىدا تەخمىنەن 1.5 كىلومېتىر نېرىسىدا يىڭپەن قەدىمى قەبرىستانلىقى بار. غەربىي شىمالىدا بۇددا ئوقوتۇش نوختىسى بار ھەمدە بۇ جايدا قەدىمقى كروران شەھىرىگەماڭىدىغان يول ئىزى ساقلانغان.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ جايغا روسىيىلىك كوزولوۋ، ئەنگىلىيىلىك ئاۋرېل سىتەيىنلەر كېلىپ تەكشۈرۈشتەبولغان. 1989-يىلى 9-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قېزىپ، يەنە بىر تۈركۈم قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى تاپقان. بۇ جايدىن تېپىلغان بۇ ئارخىئولوگىيىلىك يادىكارلىقلارغائاساسلانغاندا، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ يوقۇرى دەۋرى چىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تۆۋەن دەۋرى چىكى ۋېي، چېن سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدىكەن.

ئۇمۇمەن، يىڭپەن قەدىمقى شەھىرى- كروران بەگلىكى گۈللەنگەن دەۋرلەردە، شەرق بىلەن غەرپنىڭ سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ پامىر تېغىنىڭ غەربىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىللىرى بىلەن سودا ئالاقە قىلىشىدا، ھەر خىل تاۋارلارنىڭ يىغىلىدىغان ھەم تارقىتىدىغان مۇھىم سودا ئورنى بولغان. شۇڭا، بۇ جايغا تارقالغان تارىخى ئىزلارئىنتايىن كۆپ بولۇپ، سىزنى يېڭى تارىخى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلالايدۇ.

5. كۆنچى دەرياسى ۋادىسىدىكى تورلار

كۆنچى دەرياسى ۋادىسىدىكى تورلار – دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى. بۇ تورلار – ھازىرقى لوپنور ناھىيسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، جەمئىي 11 توردىن تەشكىل تاپقان. تارقالغان ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىردائىرىدە. يىل دەۋرى خەن، جىن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ. كونكىرت ئورنى – كورلا شەھىرى بىلەن 2- دېۋىزىيە 32- تۈەنىنىڭ شىمالى – تەرىپىدىكى كونا يول ياقىسىغىچە تارقالغان. تورلارنىڭ ئارلىقى، يېقىنلىرى بىرقانچە ئون كىلومېتىر، يىراقلىرى 100 نەچچەكىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ غەرىپتىكى تورلار كورلا شەھىرىگە 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ جەنۇپ تەرەپتىكىسى، 35- تۈەننىڭ تۈەن شىتابىغا تەخمىنەن 45 كىلومېتىر كېلىدۇ.

تور — غەربى دىيارىمىزدا يۇلتۇزدەك تارقالغان بىر قەدىمى قۇرۇلۇشتۇر. « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » ( 325- بەت )دە : « تور — باشقا جايلارنى كۆزۈتۈش، بەلگە بېرىش ئۈچۈن ياسالغان ئىگىز قۇرۇلما،قىيادوڭ » دەپ ئىزاھات بەرگەن.

تارىخى يازمىلاردىن مەلۇم بولىشىچە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان تورلار ئۆز زامانىسىنىڭ خەۋەرلىشىش، جەڭ ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈش، ئۆز تەۋەلىگىنى كۆزۈتۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. كۆنچى دەرياۋادىلىرىغا تارقالغان بۇ تورلارنىڭ بىنا بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كىيىنىگەتوغرا كىلىدۇ. خەن ۋۇدى پادىشاھ ۋاقتىدا، ھونلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن، غەرىپتىكى يومىنگۈن ( قاشقوۋوق ) ، ياڭگۈەن ( كۈن قوۋۇق ) لەرگە ئەسكەر چىقىرىپ يىپەك يولىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىغان. ئارقىدىن خەن سۇلالىسى، غەرىپتىكى كۆپ رايۇندىن بۈگۈرگىچە (بۇ ئورۇن ئەينى ۋاقتىدا خەن سۇلالىسى مەركىزى ھۆكۈمىتى قۇرغان غەربى دىياردىكى چىرىكچى بەگ مەھكىمىسى ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەركىزى ئىدى ) بىرقاتار تورلارنى سالدۇرغان. غەربى دىيارنىڭ چىگرا مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ۋە شەرق بىلەن غەرپنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ تورلار مۇھىم روللارنى ئوينىغان.

6. شىندى قىياتاش رەسىملىرى ( قورۇقتاغ قىياتاش رەسىملىرى )

قىياتاش رەسىملىرى __ قەدىمكى زاماندىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئوت- سۈيى ئەلۋەك تاغ قاپتاللىرىدىكى قىيا تاشلارغا، ئۆڭكۈرلەرگە چەككەن رەسىملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل رەسىملەر ئاساسەن ئورۇن جەھەتتە تاغنى، تاشنى ئاساس قىلغانلىقتىن، تاغلىق رايونلارغا تارقالغان. بايىنغولىن ئوبلاستى شىندى قىياتاش رەسىملىرى ئىزى __ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى. ئورنى لوپنور ناھىيىسىنىڭ شەرقىغە تەخمىنەن 150 كىلومېتىر كېلىدىغان قورۇق تاغنىڭ ئوتتۇرسىدىكى شىندى دىگەن جايدا. كورلا شەھىرى بىلەن ئارلىقى 200 كىلومېتىر. بۇ قىياتاش رەسىملىرى شىندى تاغ جىلغىسى ئىچىدە. بۇ جىلغا قەدىمقى دەۋىردە شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئوۋ ئوۋلاش مەيدانى ئىكەن. ھازىرقى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە بۇ قىياتاش رەسىملىرى سىزىلغان ئورۇن بىلەن يىڭپەن قەدىمقى شەھىرىنىڭ ئارلىقى يېقىن بولۇپ، بۇ قىياتاشلارنى سىزغۇچى بىلەن يىڭپەن قەدىمقى شەھىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدە مەلۇم سىرلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى مەلۇم.سىزىلغان رەسىملەر ئىچىدە چوڭ مۈڭگۈزلۈك قوي، ئات، تۆگە، قۇياش، دەرەخ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى بار. رەسىملەردىن قارىغاندا، ئەينى چاغدىكى شىندى ئادەملىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىداچارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. رەسىملەر چىكىلگەن قىياتاشنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 مېتىر، ئىگىزلىكى تەخمىنەن 6 مېتىر بولۇپ، رەسىملەر چوڭ- كىچىك بولۇپ تەخمىنەن 300 پارچىگە يېتىدۇ. بۇ قىياتاش رەسىملىرىدە نامەلۇم يېزىقلارنىڭ بەلگىسى بار. سىزىش ئۇسلۇبىدا مەلۇم چوڭقۇرلۇق ۋە قاتلاملىققا ئىگە بولۇپ بۇ قىياتاش رەسىملىرىنى ھون دەۋرىگە مەنسۇپ دىگۈچىلەرمۇ بار. ھونلاردىن بۇرۇنقى ساكلار دەۋرىگە مەنسۇپ بولىشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. بۇ قىيادا جەمئىي 4 گۇرۇپپا رەسىم بولۇپ،4 گۇرۇپپا رەسىم ئارلىقىدىكى بوش ئورۇنلارغىمۇ رەسىم سىزىلغان.

« قورۇقتاغ قىياتاش رەسىملىرى » __ شىنجاڭ قىياتاش رەسىملىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇن ھېساپلىنىدۇ. شۇنداق دىيىشكەبولىدىكى تاكى بۈگۈنگىچە « شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى » دىگەن كىتابتىكى شىندى قىياتاش رەسىملىرىگە ئائىت مەزمۇنلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئارخىئولوگ فولىك بېرگماننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇ يەردىكى، ئۇ ئەستايىدىل ئىنچىكلىك بىلەن تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بېغىشلىما سۆزلەرنى يىشىش، رەسىم ۋە نۇسخىلەرنى سېلىشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئۇسلۇپقا قاراپ يىل دەۋرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق بۇ قىياتاش رەسىملىرىنى پەقەت بىرلا دەۋىردە چىكىلگەن دىگەن خۇلاسىگە كەلگەن.

7. دورال قەدىمقى شەھەر ئىزى

دورال قەدىمقى شەھىرى __ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق قوغداش ئورنى. ئۇ قەدىمدە فوچاڭ شەھىرى دەپ ئاتالغان. ئورنى لوپنورناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، لوپنورغا 155 كېلومىتىر كېلىدۇ. شىمالى تەرىپى 2- دېۋىزىيە34- تۈەن 5- لىيەنگە 1 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرققە تەخمىنەن 500 مېتىر بۇرۇلۇپ 218- دۆلەتتاش يولى بىلەن غەربى جەنۇپقا يەنە 2 كىلومېتىر ماڭسا دورال قەدىمقى شەھىرىگەبارغىلى بولىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ سېپىلى ياخشى ساقلانغان. سېپىلنىڭ جەنۇپتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى350 مېتىر، شەرقتىن غەرىپكىچە كەڭلىكى 300 مېتىر، سېپىل ئىگىزلىكى 5 مېتىر بولۇپ ،توپا ۋە كېسەكتىن قوپۇرۇلغان. سېپىل 4 چاسا شەكىللىك بولۇپ كۆلىمى 205 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ جاي بىر قەدىمى مەھەللە بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ 18- يىلى ( مىلادى 1892- يىلى ) سېپىل چۆرۈپ شەھەر سالغان. گۇاڭشۈينىڭ 25-يىلى ( مىلادى 1899- يىلى ) بۇ ئورۇندا شىڭ فىڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ يەنجى ۋىلايىتىگە قارىغان. كېيىن ناھىيە ئورنى ھازىرقى لوپنور ناھىيىسىنىڭ قاراقومغا كۆچكەن ۋە نامنى خەن دەۋرىدە غەربى دىياردا قۇرۇلغان 36 بەگلىك دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان « يۈلگۇ «( يورەگېر ) بەگلىك دۆلىتىنىڭ نامى بولغان « يولى » نامىنى قوللۇنۇپ خەنزۇچە « يۈلىشەن» ( 尉犁县 ) دەپ ئاتىغان. ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى لوپنور كۆلىنىڭ نامى بويىچە « لوپنور ناھىيىسى » دىيىلگەن.1902- يىلى چارقىلىق ناھىيىسى تەسىس قىلىنغاندا، بۇ ناھىيەنىڭ بىر قىسىم زىمىنى چارقىلىق ناھىيىسىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. ئەينى ۋاقتىدا بۇ ئورۇن، كورلا، يەنجى بىلەن چارقىلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن قالغان تارىخى ئىزلاردىن مۇكەممەل ساقلانغان بىر قىسىمدۇر. « چارقىلىق تارىخى ماتىرىياللىرى » 4- قىسىم ( 23- بەت ) دىن مەلۇم بولىشىچە، دورال 5 مەھەللىسى بار قەدىمى جاي بولۇپ، ئەسلىدىكى نامى « توغراقلىق » دىيىلەتتى. 20- ئەسىردىن كېيىن تىكەنلىك دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. ئازاتلىقتىن كېيىن بۇ جايدىكى ئاھاللىلەر لوپنور ناھىيىسىگە ئىچىدەكۆچۈرۈلۈپ كەلدى. ھازىر بۇ جايدا بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 2- دىۋىزىيە 34- تۈەن شىتابى تۇرۇشلۇق.

8. لوپنور موزېي ساياھەت نۇختىسى  

لوپنور موزىي __ 2000- يىللاردا قۇرۇلغان بولۇپ،ناھىيلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان موزىيلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنتايىن مول. مەسىلەن بۇ موزىيدا، كۆنچى دەريا تۆۋەن ئېقىمىدىكى قەبىرىستانلىقلاردىن چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، يىڭپەن قەدىمقى شەھىرىدىن قىزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمقى لوپ رايۇندا ياشىغان لوپلۇقلارنىڭ ئۆرۈپ- ئادەت، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش،كىيىم- كېچەك، يىمەك- ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاسارە- ئەتىقىگە دائىر ماددى ئىسپاتلار، لوپلۇقلارنىڭ چارۋىچىلىق ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھەيكەل- مودىللار، تارىخى ماتىرىياللار، مىللەتلەر ئۆرۈپ- ئادەت، قائىدە- يوسۇنلىرىغا دائىر ماددى ئىسپاتلارتوپلانغان بولۇپ تارىخى قاتلىمى چوڭقۇر، كۆرۈشچانلىقى يوقىرى. بۇ موزېيدىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق « لوپ » رايۇنىنىڭ قەدىمقى تارىخى ئىزلىرىنى بىر قېتىم بېسىپ ئۆتكەندەك تۇيغۇغاكېلىسىز.

9. يىڭپەن قەدىمى قەبرىستانلىقى

يىڭپەن __ بۇ جاينىڭ ئەسلى نامى __ قاخشاللىق،ئورنى تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى چوڭ دېلتىنىڭ غەربى شىمالى. كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى بويىدىكى ( دەريا ئېقىنىنىڭ شىمالى تەرەپتىكى ) شىندى تەرەپكە ماڭىدىغان كونا يېپەك يولى بويىغا جايلاشقان. قەبرىستانلىقنىڭ جەنۇبى تەرىپى كروران شەھىرىگە200 كىلومېتىر ( لوپنور ناھىيىسىگە 150 كىلومېتىر كېلىدۇ. ) . قەبرىستانلىقنىڭ جەنۇبىدىكى كۆنچى دەرياسىغا 5 كېلومېتىر كېلىدۇ. مەزكۇر قەبرىلەر شەرقتىن غەرپكە ئۇزۇنلۇقى 15كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغا كەڭلىكى نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان دائىرىگەتارقالغان. ئومۇمىي سانى 300 دىن ئارتۇق بولۇپ ئىگەللىگەن كۆلىمى 6000 كۇۋادىرات مېتىر.تەكشۈرۈلگەن ئىزلاردىن قارىغاندا بۇ يەردە قەدىمقى شەھەر ئىزى، بۇددا ئىبادەتخانىسى،تۇز، قەدىمقى قەبرىستانلىق ۋە زور كۆلەمدىكى ئېتىزلىقلار ئىزى بار. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، روسىيەلىك كوزولوۋ، شىۋېتسىيەلىك سىۋېن ھېدىنۋە بىرگمان، ئەنگىلىيەلىك سىتەيىن قاتارلىقلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، يىڭپەن ئىزىنى تەكشۈرگەن. ھەمدە مىس كۆرگۈر ( ئەينەك )، پۇل، جام، كاروشتى يىزىقىدىكى ۋەسىقە،يىپەك رەخ قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن. 1989- يىلى 9- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەترىتى خادىملىرى بىرلىكتە بۇ ئىزنى تەكشۈرگەن.تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولغانكى، يىڭپەن قەبرىستانلىقى ئاللىقاچان ئوغرىلانغان. دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى –ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى مەزكۇر قەبرىستانلىقتا بىر قېتىم قۇتقۇزۇش خاراكتىرلىك قېزىش ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىقىدىن تەخمىنەن4 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان يۇمىلاق سېپىللىق قەدىمى شەھەر ئىزىنىمۇ بايقىدى.

1995- يىلى يىڭپەن قەبرىستانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان تازلاش- قېزىش يىڭپەن قەبرىستانلىقىدىكى قائىدىلىك قېزىش بولۇپ، بۇ قېتىمقى قېزىش،بولۇپمۇ 15- نۇمۇرلۇق قەبرىدىكى ئەر جەسەتنىڭ قېزىۋېلىنىشى ئىلىم ساھاسىنى زىلزىلىگە سالدى. ھەمدە 1997-يىلى جوڭگۇ ئارخىئولوگىيىسىدىكى 10 چوڭ بايقاشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. دىمەك ، بۇ قېتىمقى قېزىشنىڭ نەتىجىلىرى يىڭپەن خارابىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىياپىتىنى ئېچىشنى قىممەتلىك ئاساسىي ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىدى. قېزىۋېلىنغان مول يادىكارلىقلار ئەينى دەۋىردىكى يىپەك يولى سودىسى، قاتناش، جوڭگۇ بىلەن غەرپنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە.تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە يىڭپەن قەبرىستانلىقى __ يىڭپەن خارابىلىرى ئىچىدىكى بىردىن بىر جامائەت قەبرىستانلىقى بولۇپ، ھازىرچە بۇ قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرى ھەققىدىكى ئانالىز تېخى بېكىتىلمىدى. بۇ جايدىكى يىڭپەن خارابىسى « كروران يولى » نىڭ غەربى بۆلىگىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە جايلاشقانلىقتىن، تەتقىقات قىممىتى بىر قەدەر يوقىرى.

10. لوپنور كۆلى يارداڭلىرى ( ئەجدىھا شەھىرى)

« ياداڭ » دىگەن سۆز __ ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، مەنىسى« يار بويىدىكى توپا » دىگەن بولىدۇ. بۇ، تەبىئەتنىڭ تۈرلۈك ھاۋارايى ئۆزگۈرۈشلىرىدە،شامال يالاپ كەتكەن لوپ رايونىدىكى ئالاھىدە يەر شەكلى. يارداڭنىڭ توپىسى قۇمساڭغۇكېلىدۇ. قاتتىق يامغۇر ياكى كەلكۈن سۈنىڭ يالىشى، شامالنىڭ ئۇچۇرۇشى سەۋەپلىك، بەزى ئالاھىدە قۇمساڭغۇ توپىلاردا ھەرخىل مەنزىرىلەر شەكىللىنىدۇ. بۇ مەنزىرىلەرنىڭ بەزىلىرىقەلئەگە، بەزىلىرى غايەت زور ئەجدىھارغا، يەنە بەزىلىرى تاش تۈۋرۈك، تاش سوپا، تاشموگۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ. يارداڭلار رەتلىك جايلاشقانلىقتىن ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.سىۋېن ھېدىن بۇ يارداڭلارنى تەكشۈرگەندە، ئۇنى ئۇيغۇرچە نام بويىچە « يارداڭ » دەپ خاتىرىگە ئالغان. 2005- يىلى جوڭگۇدىكى يارداڭلارنى باھالىغاندا، لوپ كۆلى يارداڭلىرى__ « جوڭگۇدىكى ئەڭ گۈزەل يارداڭ » دەپ باھالانغان.

بۇ يارداڭلارنىڭ ئورنى لوپنور ناھىيىسىنىڭ شەرقىدىكى لوپ كۆلى ( لوپنور كۆلى ) نىڭ غەربى شىمالى تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. يارداڭلارنىڭ ئىگىزلىكى 20 مېتىردىن 10 مېتىرغىچە، ئىگەللىگەن كۆلىمى 2600 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.قەدىمى يىپەك يولى بۇ جايدىن ئۆتكەن بولۇپ، كىشىلەردە ئاجايىپ سىرلىق تۇيغۇ پەيداقىلغان. سىز، ئۆمرىڭىزدە بۇنداق ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەرگە تولغان يارداڭلارنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ قېنى ! سەپەر قىلىڭ ! ئەينى چاغدا كىشىلەر بۇ جاينى « سىرلىق ئەجدىھار شەھىرى » دەپ ئاتىغان « ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭ » دىگەن كىتابتا : « ئەجدىھار شەھىرى» ھازىرقى لوپنور كۆلىنىڭ شىمالىدىكى يارداڭلىقنى كۆرسىتىدۇ. 1914- يىلى ئەنگىلىيەلىك سىتەيىن 6- ئەسىردە ئۆتكەن لى داۋ يۈەننىڭ « دەريالار تەپسىراتى ئىزاھاتى » دىگەن كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ « شەھەرگە قەدەم بېسىپ، ئۇنىڭ شەھەر ئەمەس، بەلكى شامالنىڭ يالاپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان خۇددى ۋەيران بولغان شەھەرگە ئوخشايدىغان سىرلىق بىريارداڭلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن » دەپ ئىزاھات بەرگەن. ھازىر لوپنور ناھىيىسى« لوپنور كۆلى يارداڭلىق جىلغىسى » نى مۇھىم ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىپ يول ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلىماقتا.

پايدىلانمىلار :

(1) « شىنجاڭ يىلنامىسى » شىنجاڭ يىل نامە تەھرىراتى2010- يىل نەشرى

(2) قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن: « شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسى » شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 2001- يىلنەشرى

(3) « لوپنور تارىخ ماتىرىياللىرى » 1-،2-،4-توپلاملار

(4) ئادىل مۇھەممەت « شىنجاڭ مەدەنىيەتيادىكارلىقلىرى » شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشىرىياتى 2011- يىل نەشرى

(5) موللا موسا سايرامى : « تارىخى ھەمىدىيە »مىللەتلەر نەشىرىياتى 2007- يىل نەشرى

(6) غالىپ بارات ئەرك « كروراننىڭ سىرى » شىنجاڭخەلق نەشىرىياتى 2004- يىل نەشرى

(7) ئابدۇمىجىت ھەسەن قۇربانى « باشئەگىم دىيارىدىكى تارىخى مەدەنىيەت » شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 2012- يىل نەشرى

ئەسلى مەنبە:“سىھىرلىك لوپنۇر“ ناملىق كىتاب

توردىكى مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3692

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-04-01
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 3دانە
  1. تۇرسۇنئاي

    ‹‹ تورلار ›› ئەمەس ‹‹تۇرلار›› دېيىش كېرەك

  2. تۇرسۇنئاي

    ئابدۇخېلىل ساۋاقدىشىم ، ياخشىمۇسىز ؟

    • خۇداغا شۈكرى، ياخشى! ئۆزىڭىزچۇ؟ ئوبدان تۇرۋاتامسىز؟ سىزنى بۇ غېرىبانە كۈلبەمدە ئۇچىرىتىپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم.ساۋاقداشلار بىلەن ئۇچىراشقاندا سىزنى سوراپ تۇردۇم. لېكىن ئۇچىرىشىشقا نىسىپ بولمىدى. ئىككى يىل بۇرۇن كۇچاغا بارغان لېكىن سىز بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم. بۇ ياقلارغا كەلسىڭىز تېلېفۇن قىلىڭ. تېلېفۇن نۇمۇرۇم:13579038173، چ چ نۇمۇرۇم: 1428817175

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: