بوۋىمىز كۈنچىققان بەگ ئەۋلادلىرى قارا قوشۇنلۇقلار توغرىسىدا ئەسلىمە

بوۋىمىز كۈنچىققان بەگ ئەۋلادلىرى قارا قوشۇنلۇقلار توغرىسىدا ئەسلىمە

باقىر ئىبراھىم

 

 

بۇ روس ئېكىسپىدىتسىيىچى پرژىۋالىسكىي تارتقان كۈنچىققان بەگ ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ سۈرىتى

 

كۈنچىققان بەگ-ئابدال بەگلىكىنىڭ ئەڭ ئاخرقى بېگى بولۇپ،مىلادى 19- ئەسىردە ئۆتكەن كىشى.ئۇ، يۇرت سوراشتىكى ئادىللىقى،دائىم پۇقرالارنىڭ غىمىنى يەپ تۇرىدىغانلىقى،چوڭ ئىشلارنى بامەسلىھەت قىلىدىغانلىقى بىلەن لوپلۇقلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشىپ كەلگەن.

ئۇ بەگ بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە جۇڭگولۇق،چەتئەللىك ئىكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ كروران،لوپ كۆلى رايۇنىغا كېلىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يېقىندىن ياردەملەشكەن ۋە ياخشى شارائىت يارتىپ بەرگەن.شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ نامى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلۇپ كەتكەن. لوپنۇر تارىخىدا بۇرۇنقى چارا،چوڭكۆل،باش ئاقسۇپى ئاياق ئاقسۇپى قاتارلىق جايلاردا تەبىئى مەھەللە بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كەلگەن قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ ئارىسىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ، ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئەسلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا؛ شۇنداقلا بۇرۇنقى كونا چوڭكۆلنىڭ تۈگمەن بېشى مەھەللىسىدە ياشاپ ئۆتكەن122ياشلىق مەرھۇم چوڭ دادام سېتى مىراپ، جەمەت تۇققانلىرىمىز ئىچىدىكى 134ياشلىق مويسىپت كىشى ياگاش مەممەتلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بىزنىڭ ھازىرقى جەمەتىمىزدىن مەن كۈنچىققانبەگنىڭ 7-ئەۋلادى بولۇپ. ھەقىقى قاراقوشۇنلۇق ئىكەنلىگىمىزنى تۆۋەندىكى تارىخىي ئەسلىمە ئارقىلىق، ئاڭلىغان ۋە ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىپ تەكشۈرۈپ توپلىغان ماتېرىياللىرىمنى، ئەۋلادىمىز نەسەبنامىسى شەكلىدە كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇش ئۈچۈن رەتلەپ يېزىپ چىقتىم.

     1786-يىلى ئالتۇنتاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى قەدىمقى دۇخان① بەگلىكى ئۆز تەۋەسىدىكى ئاقجاي②نىڭ ئاقساقىلى قازاق قىزاي قەبىلىسىنڭ قارامۇرۇن پۇشتىدىن بولغان يەرلىك ئۆكىردەي③ توقتاتقانباينى ئاقجاينىڭ يەر،سۇ، يايلاق پاسىل ئۆتكەللىرنى ساقلىغۇچى قورۇلچى بەگلىككە تەيىنلەپ يارلىق چۈشۈرۈپ، بەگلىككە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك يەرلىك قونۇق ئولپان④دىن 1000كىشىلىك لەشكىرى ئوزۇق-تۈلۈك غەملەپ، ئۆزى قوشۇنغا مىڭبېگى بولۇپ تىبەت تاڭغىتلىرنىڭ دۇخان بەگلىكى زىمىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ پاراكەندە قىلىشىنى توساشقا پەرمان قىلغان. ئۇ، چاغلاردا دۇخان ئوتۇغاچ بەگلىكى بىلەن تىبەت تاڭغىتلىرى ئوتتۇرىسىدا يەر، سۇ، يايلاق پاسللىرىنى تالىشش توقۇنۇشلىرى ئۈزۈلمەيدىكەن.شۇنىڭدىن تۆت يىل كېيىن يەنى: 1790-يىلى توقتاتقانباينىڭ مىڭ كىشىلىك قارامۇرۇن قوشۇنى تاڭغىتلار بىلەن بولغان بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا،بوۋىمىز توقتاتقانباينىڭ قوشۇنلىرى ئۇرۇشتا قاتتىق يېڭلىپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ،قوشۇندىكى مىڭ ئادەمدىن ئۆلۈپ-يارىلىنپ ئاران دېگەندە ئىككىيۈزچە ئادەم قالغان. بۇ ئېغىر مەغلۇبىيەت خەۋىرنى ئاڭلىغان دۇخان ئوتۇغاچ بېگى دەرغەزەپكە كېلىپ،قورۇلبەگ توقتاتقانباينىڭ قورۇلچى مىڭبېگىلىك مەرتىۋىسىنى ئېلىپ تاشلاشنى،شۇۋەجىدىن توقتاتقانباينىڭ خوتۇن-باللىرى ۋە جەمەت ئۇرۇق-تۇققانلىرنى قىرىپ تاشلاپ، ئۆزىنى قالدۇق ئادەملىرى بىلەن ئالتۇنتاغنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى ياتئەلگە سۈرگۈن قىلىنپ، دۇخان بەگلىكى تەۋەسىگە ئەبىدى ئاياق باسماسلىققا يارلىق چۈشۈرگەن.شۇ ۋەقەدىن كېيىن دۇخان تەۋەسىدە تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان توقتاتقانباي قالدۇق ئادەملىرىنى باشلاپ، ئاۋۇل مال-چارۋىلىرىنى ئېلىپ ئالتۇنتاغنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە قاراپ تاغ يولى بىلەن يۈرۈش قىلىپ،مىڭبىر تەسلىكتە قارا مىرەن ئوتۇغاچ بەگلىكى تەۋەسىدىكى خۇڭليۇگۇ(يۇلغۇنلۇق ئېقىن)غا كېلىپ ماكان تۇتۇپ ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ بۇجايدا 6يىل تۇرغان. بۇ تاغ ئىچىدە تەركى دۇنيالىق ھەم ھىچقانداق ئەل-يۇرت بىلەن باردى-كەلدىسىز، يەككە-يىگانە ئىپتىدائى ھالەتتە ئۆتۈۋاتقان قارامۇرۇن قوشۇنىدىكى بۇ پۇقرالار ناھايىتى باش پاناھسزلىق ھېس قىلغان.شۇنىڭدىن كېيىن توقتاتقانباي ئەل-جامائەت بىلەن چوڭقۇر كېڭەش مەسلىھەت قىلىپ،بۇ تاغ ئىچىدىن كۆچۈنۈپ چىقىپ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى مىرەن ئېلىگە كېتشنى لايىق كۆرگەن ئىكەن.

1796-يىلى توقتاتقانباي قول ئاستىدىكىلەردىن؛ ئەقىلدار سۆزمەن، كۈچتۈڭگۈر دەپ ئاتالغان جاندورغا ئىسىملىك بىر كىشىنى قارامىرەن بەگلىكى قارارگاھىغا ئەلچىلىككە تەيىنلەپ، ئوتۇغاچ بەگنى تاۋاپ قىلغاچ قارامۇرۇن قوشۇنىدىكى 82قونۇق⑤،600تەن(جان)گە يېقىن ئادەمنىڭ مىرەن بەگلىكىگە بەيئەت قىلىش رايىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە،مىرەن ئوتۇغاچ بېگىگە يولۋاس تېرسى،بۆكەن مۈڭگۈزى،ئىپار،قۇرتۇلغان قىليورغا تالقىنى،ئۇقار قېشى،سۈلەيسۈن تېرسىدە تىكىلگەن جۇۋا قاتارلىق قىممەتلىك سوغىلارنى يوللايدۇ. بۇ سوغىلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان مىرەن ئوتۇغاچ بېگى ،ئەلچى جاندورغا ئاقساقالنى بەگلىكنىڭ پەرمانىنى كۈتۈشكە ئىجازەت بېرىدۇ. يېرىم يىلدىن كېيىن ئوتۇغاچ بەگ يارلىق چۈشۈرۈپ،قارامۇرۇن قوشۇنىنىڭ پۇقرا ۋە چارۋىلىرنىڭ مىرەن بەگلىكى تەۋەسىگە كۆچۈپ كېلىشىنى،مىرەننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە 880 ئوق يېتىم⑥كېلىدىغان ئاقچىدۆڭ⑦دېگەن جايدا ماكانلىشىپ تىركچىلىك قىلىشىنى،ئىككى يىلدىن كېيىن مىرەن بەگلىكىگە قونۇق سانى بويىچە يەرلىك ئولپان(باج،سېلىق) تاپشۇرۇشنى بېكىتىدۇ. قارامۇرۇن قوشۇنىنىڭ بۇ مۆھتىرەم ئاقساقىلى توقتاتقانباي مىرەن ئېلىگە كۆچۈپ كېلىپ 9 يىلدىن كېيىن يەنى: 1805-يىلى كۈزدە57يېشىدا قارامىرەن ئوتۇغاچ بەگلىك تەرىپىدىن مۇياتلىق ئۇرپاقبەگ⑧لىك مەرتىۋىسىگە تەيىنلىنىپ لوپجاڭزا، قوغان، يېكەنبولجىمال، قادىرقۇدۇق،قۇمدەرياكېچىگى قاتارلىق موھىم قورۇل ئۆتەڭلەرنى ساقلاش ۋە باشقۇرۇشقا قويۇلغان. دىمەك شۇ زامانلاردىن تارتىپ ئالتۇنتاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى دۇخان بەگلىكى تەۋەسىدىن، كۈنپېتىش قارامىرەن ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن توقتاتقانباينىڭ قارامۇرۇن قوشۇنى، ئۇزۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تىل ئستىمالىدا رەۋىشلەرنىڭ فونتېكىلىق ئۆزگىرشى سەۋەبلىك،قارامۇرۇنلۇق قوشۇن دېگەن ئاتالغۇ قاراقوشۇنلۇق، لوپنۇركۆلى ئەتىراپىدىكى قاراقوشۇن(قاراقوچۇن)دا نەچچە ئەۋلاد ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن لوپلۇقلار ئارسىدىكى قارامۇرۇنلۇقلارنى قاراقوشۇنلۇقلار دەپ ئاتاپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

قەدىمقى قاراقوشۇنلۇقلارقارا مىرەن تەۋەسىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بىزگە يېتىپ كەلگەن ئەسلىمە پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا؛ مىرەننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە 880ئوق يېتىم كېلىدۇ دېيلگەن بۇ ئورۇن بەلكىم ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسىنڭ مىرەندىكى 36-تۇەن مەيدانىنىڭ غەربىگە 44كىلۇمېتىر كېلىدىغان ئاقمازار (白沙玛扎尔) دېگەن جاي بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى لوپنۇرنىڭ تارىم يېزىسى چوڭكۆل كەنتى،ئاقسۇپى يېزىسى،چوڭكۆل چارۋىچىلىق فېرمىسى قاتارلىق جايلىرىدىكى قاراقوشۇنلۇقلار ئارىسىدا،بىزنىڭ بۇرۇنقى ئۆتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاقمازار تەرەپتىن كەلگەن دەپ، ئاقمازاردىن مەدەت تىلەپ ئاقچىراق ئاتامغا چىراق ياقىدىغان دىنىي ئادەت ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بىزگە يېتىپ كەلگەن قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ تارىخى ئەسلىمىلىرى ۋە ئۆزەمنىڭ گەنسۇنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرى،ئاقساي قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيىسى ھەم چاقىلىق مىرەن قاتارلىق جايلارغا ساياھەت ۋە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، شۇجايدىكى يەرلىك پىشقەدەم كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەتلىشش، شۇنداقلا توپلىغان ماتېرىياللىرىمغا ئاساسلىنىپ،بۇنىڭدىن مۇقەددەم2500يىللار بۇرۇن لوپنۇر دىيارىمىزدىن يوقۇلۇپ خارابىلىققا ئايلانغان كروران دۆلىتىنىڭ، قارا مىرەن ئوتۇغاچ بەگلىكى دەۋرىدىن باشلاپ تەدىرىجى شەكىللەنگەن كونا،يېڭى ئابدال بەگلىكلىرى بىلەن ھىچقانداق تارىخى مۇناسىۋىتى يوق دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇرپاقبېگى بوۋىمىز كۇنچىققانبەگ ۋە ھازىرقى ئەۋلادلىرى بولغان قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ لوپنۇر ناھىيىسىگە يېتىپ كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ تارقىلىش جەريانى، قەدىمقى قاراقوشۇن،كونا ئابدال، يېڭى ئابدال بەگلىكلىرىنىڭ يوقىلىشىدىكى تارىخى سەۋەپلىرنى، ھەم جەمەتىمىزدىكى 7ئەۋلاد ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى بىر-بىرلەپ تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

 بىرىنچى ئەۋلاد بوۋىمىز توقتاتقانباي: 1748-دۇخان ئوتۇغاچ بەگلىكى تەۋەسىدىكى ئاقجاي دېگەن يەردە تۇغۇلغان. قاراقوشۇندا گاۋائاغرىغى(ۋاباكېسىلى) تارقالغاندا توقتاتقانباي 1832-يىلى 84يېشىدا قازاقىلىپ جەسىتى ئاقمازار دېگەن جايغا دەپىنە قىلىنغان. بۇ كىشى ئۆزى قازاق، قىزاي قەبىلىسىنىڭ قارامۇرۇن پۇشتىدىن بولۇپ،قارا مىرەن بەگلىكى تەۋەسىگە كەلگەندە 48ياشتا ئىدى دېيلگەن. ئاققىزئايلام دېگەن مىرەنلىك ئۇيغۇر ئايالغا ئۆيلۈنۈپ ئۈچ ئوغۇللۇق بولغان. توقتاتقانباي ئالتۇنتاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىن مىرەن ئېلىگە كەلگەنلىگى ئۈچۈن چوڭ ئوغلىغا قازاقچە كۈنچىققانبەگ دەپ ئىسىم قويغان. كۈنچىققانبەگ ئاتىسى توقتاتقانباينىڭ ئۇرپاقبەگلىك ئورنىغا ۋارسىلىق قىلغۇچى بولۇپ،بەگلىكنىڭ ھاكىمىيەت يۈزگۈزۈش،لەشكىرى جاساق،باسقاق مۆھۆرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. ئوتتۇرانچى ئوغلى سوپاخۇنتاغ ئاتىسىنىڭ مىرەن تاغلىرىدىكى مال-چارۋىلىرىنى باشقۇرۇپ ئۆتكەن. كەنجى ئوغلى ئابلا ئاتىسىنڭ ئولپان-سېلىق يىغىش ۋە ئايغاقچىلىق(ئالاقە) ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولغان. توقتاتقانباي ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ ئاقجاي، مىرەن، قاراقوشۇن قاتارلىق جايلاردا 36يىل(1796-1832) ئۇرپاقبېگى بولغان. كېيىن مىرەن بەگلىكى تەۋەسىگە ئېقىپ كېلىدىغان ئۆگەن دەريا(تارىم دەرياسى) قۇمدەريا(كۆنچى دەرياسى) كەڭلاقا دەرياسى(چاقىلىق چەرچەن دەرياسى)ئېقىنلىرى سۇ مەنبەئەلىرنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا قۇم-بوران تەبىئى ئاپەتلەر، يۇقۇملۇق ۋابا كېسىلى، ھەم تۈرلى ئۇرۇش-يېغىلىق،بەگلىك ئىچىدىكى تۇگىمەس زىدىيەت، جەڭگى-جېدەللەر تۈپەيلى مىرەن بەگلىكى تەدىرىجى زوۋاللىققا يۈزلۈنۈپ ئاخىرىدا ۋەيران بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئەل-يۇرت بەگلىكتىن بىزار بولۇپ قۇمۇل لاپچۇق، چارقىلىق، قاراقوشۇن، ئابدال قاتارلىق جايلارغا جەمەت بويىچە كۆچۈنۈپ تارقاپ كەتكەن.

 ئىككىنچى ئەۋلاد بوۋىمىز كۈنچىققان بەگ: 1795-يىلى قاراقوشۇندا تۇغۇلغان. ئاتىسى قازاق دۇخان ئاقجايلىق، ئانىسى ئۇيغۇر مىرەن ئېلىدىن، كۈنچىققانبەگنىڭ ئايالى سارىخانقۇتقام ئۇيغۇر قاراقوشۇنلۇق. مەرھۇم بوۋىمىز كۈنچىققانبەگ ئەينى چاغدىكى ئابدال بەگلىكىنڭ سەلتەنەت ئۇرپاقبېگى بولۇپ، گواڭشۇينىڭ24-يىلى(1898-يىلى)10-ئايدا يېڭى ئابدالدا 103يىشىدا قازا قىلغان. كۈنچىققانبەگنىڭ باللىرى: توختاخۇن، ماخانتوقۇباي، ئابدۇلبەگھاجى، جاھانباي، شەرىخان، ئۇزۇن قاسىم. بىزگە يېتىپ كەلگەن ۋەز-بايان، ئەسلىمىلەرگە قارىغاندا، توقتاتقانباي جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن ئوغلى كۈنچىققانبەگكە ۋەسىيەت قىلىپ يەر سۇ،دەريا-ئېقىنلارنى قوغلۇشۇپ، بەگلىك ۋە ئەل-يۇرتنى كۈنپېتىش ياقتىكى ئابدال تەرەپكە سۇقۇنۇقچە كۆچۈرۈشنى،قۇۋۇلسىز يەكلەمچى مىرەن بەگلىكىدىن تەركى دۇنيالىشىپ، ئۇلارغا ئولپان تاپشۇرماي ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇپ، ئەل-يۇرتنى ئەمىن ئاۋات قىلىشنى تاپشۇرغان. شۇۋەجىدىن كۈنچىققانبەگ ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بەگلىكنى قاراقوشۇندىن ئابدال دېگەن يەرگە خۇپيانە كۆچۈندۈرۈپ ئۆز ئالدىغا بەگلىك قۇرغان.شۇنىڭدىن كېيىن ئابدال بەگلىكى تازا روناق تاپقان بولۇپ، ئاۋام 1600قونۇق(تۈتۈن)گە پۇقراسانى8000تەن(جان)ئادەمگە يەتكەن. كۈنچىققانبەگ 1832–يىلى 37يېشىدا ئاتىسى توقتاتقانباينىڭ ئۇرپاقبەگلىك تەختىگە ۋارسىلىق قىلىپ كونا ئابدالدا 11يىل، يېڭى ئابدالدا 44يىل، (1832-1887)جەمئى55يىل ئۇرپاقبەگلىك تەختىدە ئولتۇرغان. ‹1›توختاخۇن:ھازىرقى چوڭكۆل كەنتى، چوڭكۆل چارۋىچىلىق فېرمىسىدىكى قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرىدۇر. ‹2›ماخانتوقۇباي:چاقىلىق ناھىيىسى ياقائۆستەڭ، لوپلۇقلار مەھەللىسىدىكى ماخان ئەۋلادى ئوسمان ماخان، كىرەم ماخان دېگەن كىشىلەرنىڭ بوۋىلىرى ئىكەن.‹3›ئابدۇلبەگھاجى:چاقىلىق مىرەندىكى ئابدۇرەھمھاجى،تۇردى قويچى دېگەن كىشىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئىكەن. 1993-يىلى كۈزدە چاقىلىق ناھيىسى ياقائۆستەڭ لوپلۇقلار مەھەللىسى ۋە مىرەنگە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشكە بېرىپ،كۈنچىققانبەگنىڭ سەككىزىنچى توققۇزىنچى ئەۋلادلىرى ئوسمان ماخان، كېرەم ماخان، ۋارىسجان، ئابدۇرھىم قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتۈم.‹4›جاھانباي: بالىسى جانقۇلى چوڭكۆلدىكى تۆمۇر شاڭيىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، باللىرى ئابلا تۆمۈر، نىساخان.‹5›شەرىخان: تىكەنلىكتىكى قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ يەنى؛ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەھەممەت جاماللارنىڭ ئانا جەمەتىدۇر.‹6›ئۇزۇنقاسىم:(سالتاڭ قاسىم) لوپنۇر تارىخىدىكى كروران خارابىلىقىنى ئىكىسپىدىتسىيە قىلغان چەتئەللىك سىۋىن ھىدىن تۆرىگە يول باشلىغان چارالىق ئۆردەكنىڭ ئاتىسى ئۇماق شاتۇنىڭ جەمەت تۇققىنى بولۇشى مۇمكىن. 1830-يىللىرىدىن باشلاپ ئابدال بەگلىكى تەۋەسىدە يۇقۇملۇق چىچەك كېسىلى يامراپ ئەل يۇرتتا ئۆلۈم-يىتىم كۆپۈيۈپ،تالاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان يىللىرى 200 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.بەزى ئائىلىلەردىكى بارلىق ئادەم چىچەك بىلەن ئاغرىپ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئاخىرى كېسەل بولغان ئادەم بايقالغان ھامان بىمارنى تاشلىۋېتىپ،ساق ئادەملەر يۇقۇملۇق كېسەلدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ جەمەت ئۇرۇقلىرىنى ئېلىپ، قۇرۇقلۇق ۋە سۇ يولى بىلەن تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئابدال بەگلىكى پۇقراسىز قېلىپ ۋەيران بولغان. گۇاڭشۈينىڭ21-يىلى(1895-يىلى)لوپنۇر كروران خارابىلىقىنى ئىكىسپىدىتسىيە قىلغان چەتئەللىك سىۋىن ھىدىن تۆرە، يېڭى ئابدالدا بەش-ئالتە ئۆيلۇك پۇقرا بىلەن تۇرۇۋاتقان كۈنچىققانبەگ ۋە بالىسى توختاخۇن بىلەن كۈرۈشكەن. ئۇرپاقبېگى كۈنچىققانبەگ ئابدالدا قازا قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن بەگلىك ئەل-يۇرت تارقاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇرپاقبەگلىك ئورنىغا ۋارسىلىق قىلىدىغان ئادەم چىقمايدۇ.

 ئۈچىنچى ئەۋلاد بوۋىمىز توختاخۇن:(توختىمەتبوۋا) 1812-يىلى كونا ئابدالدا تۇغۇلغان1901-يىلى قىشتا چوڭكۆلنىڭ ئەۋەيلە دېگەن يېرىدە 89يېشىدا قازا قىلغان.ئۇلار تۇرغان جاي ھازىرقى چوڭكۆل كەنتىنڭ غەربىدىكى بوۋىلارنىڭ تېمى،توختىمەت دۆڭى دېگەن جايلاردا ماقەتلىك(قەۋرستانلىق) ۋەكېسەك تاملارنىڭ ئىزناسى بار. بوۋىمىز توختاخۇننىڭ ئايالى ئازۇلۇقئايلام. باللىرى؛ باقى سالا، شۈكۈربوۋا، قۇۋانسوپۇقوشۇق(قوشاقچى)، مەتىرەمقىز، دۈلەتئانا قاتارلىقلار.‹1›باقى سالا: (قول بارمىغى ئالتى) چوڭكۆلدىكى قارا قوشۇنلۇقلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرىدۇر.‹2›شۈكۈربوۋا: ئازاتلىقتىن ئىلگىرى كونا چوڭكۆل مەھەللىسىدە ئۆتكەن ئابدۇشھاجى دېگەن داڭلىق باينىڭ ئاتىسى،چوڭكۆل چارۋىچىلىق فېرمىسىدىكى قارا قوشۇنلۇقلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرىدۇر. ‹3›قۇۋانسوپۇ قوشۇق: ئاقسۇپى يېزىسىدىكى خەلپەھاجىم، بۆكۇرموللا ،مەممەت مىراپ، دۆڭ ئەۋلادى قارا قوشۇنلۇقلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرىدۇر.‹4›مەتىرەمقىز: تىكەنلىك، يېڭىسۇدا تۇرۇپ قالغان ماخان ئەۋلادى قارا قوشۇنلۇقلارنىڭ ئانا جەمەتلىرىدۇر. ‹5›دۈلەتئانا: ئازادلىقتىن كېيىن چوڭكۆل مەھەللىسىگە تۇنجى قېتىم كەنىت مۇدىرى بولغان گايىت توختىنىڭ ئانا جەمەتلىرىدۇر. بوۋىمىز توختاخۇن يۇقۇملۇق كېسەلدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، تۇرغان جاتى(يۇرتى)ئابدالدىن ئۈچ قونۇق جەمەتى بىلەن كۆچۈنۈپ،سۇ يولى ئارقىلىق كۈنپېتىشقا كېمە بىلەن سەپەر قىلىپ، تىكەنلىكنىڭ قاراچاچ كۆكئالا دېگەن جايىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ماكان تۇتقان. ئۇلار بېلىق تۇتۇش، ئوۋچىلىق قىلىش، ئۆگەن دەرياسىنىڭ تاشقىنىدا ئوسا بولغان بوز يەرلەرگە بۇغداي، ئارپا، قىچا-زاغۇن، قوغۇن-قاپاق تېرش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپ بۇ جايدا 6يىل تۇرغان. كېيىن قاراچىچەك كېسىلى يەنە تارقىلىپ ئۆلۈم-يىتىم ناھايىتى ئېغىر بولغان. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار تارىم دەرياسىنى بويلاپ سۇبېشى تەرەپكە قاراپ داۋاملىق كۆچۈنۈپ،كونا چوڭكۆلدىكى كۆل ئاراللارغا يېتپ كېلىپ ئورۇنلاشقان.چىچەك كېسىلى بۇ جايدىمۇ يامرىغانلىقتىن قاراقوشۇنلۇقلار يازدا كۆل ئىچىدىكى ئاراللاردا جەمەت بويىچە تارقاق مەھەللە قۇرۇپ،قىشتا ئىنچىكە دەرياسى بويىدىكى قويۇق توغراقلىقلاردا گەرەم كولاپ ئولتۇرغان. شۇ چاغدا ئۇلار ئۈچ يىلغىچە بىر بىرى بىلەن باردى-كەلدى ئالاقە قىلىشمىغان. جەمەتىمىز ئىچىدىكى مويسپىتلاردىن بىزگە يېتپ كەلگەن ئەسلىمىلەرگە قارىغاندا:ئەينى چاغدا ئابدالدا يۇقۇملۇق قاراچىچەك كېسىلى يامراپ 1600قونۇق(ئائىلە) ئادەمدىن 80قونۇق ئادەم قالغان. شۇنى قەيىت قىلىشقا بولىدۇكى؛قاراقوشۇن كونا يېڭى ئابدال بەگلىكلىرى گاۋا(ۋابا)، يامان كېسەل(قاراچىچەك)،ئىسسىق كېسەل (قاراكىزىك ) قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەل ئاپىتىدە ۋەيران بولۇپ، ئادەملەر كېسەلدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن. شۇڭا قاراقوشۇنلۇقلار ئارىسىدا مەللەڭگە گاۋا كىرىپ،يۇرت قونۇقنى سەپىرىنى جېنى ئۈچۈن كەت،ئۆيۈڭدە پاقاچىللا،خۇدايىم قاراچىچەك ئاغرىقىدا ئۆلەرسەن،يامان كېسەل تېگىپ بوغۇزۇڭ كۆپ دەپ قارغىش ئاتايدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. شۇنداقلا ھازىرقى لوپنۇرلۇقلار ئارىسىدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان، قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ قوشىغى مسرالىرىدىكى‹‹ئەل يۇرتقا گاۋا كىرىپ قىچىلىپ كەتكەن ئىدى..،بۇلتۇرقۇ ئابدالداقى شۇ قىيامەت دۇنيا ئىدى..››دېگەن مەزمۇنلار قەدىمقى ئابدال بەگلىكىنىڭ يوقارقى ئېيىتقىنىمىزدەك يۇقۇملۇق كېسەلدە ۋەيران بولۇپ، قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ لوپنۇر تەۋەسىدىكى كۆل-ئاراللارغا كۆچۈنۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشش سەۋەبىنى ئىسپاتلايدۇ.

 تۆتىنچى ئەۋلاد بوۋىمىز باقى تۆگمەنچى: 1820- يىلى يېڭى ئابدالدا تۇغۇلغان.1913-يىلى 6-ئايدا كونا چوڭكۆل مەھەللىسىدە 93يېشىدا قازا قىلغان. ئايالى ئايلىجانئايلام. باقى تۆگمەنچى1903-يىلى چوڭكۆل مەھەللىسىدە سۇ تۈگمىنىنى مەسە(پەيدا) قىلىپ، ئەل-مەھەللىنىڭ بۇغداي قوناق، ئارپا دان ئاشلىقلىرىنى ئۇن تارتىپ بېرىپ، يارغۇنچاقنى قولدا چۆرۈپ ئۇن قىلىپ يەيدىغان قىينچىلىقىنى تۈگەتكەن كىشى. باللىردىن؛قىزى تاجىخان كورلا قارايۇلغۇندىكى تيىپئاخۇن دېگەن كىشىگە ياتلىق بولغان. ئايالى لوپلۇق بولغاشقا شۇيەرلىك كىشىلەر(لوپ تيىپئاخۇن)دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كورلا، قارايۇلغۇن،دوغار،تەسكەنلەردە مەۋجۇت.باقى تۆگىمەنچىنىڭ ئوغۇللىرىدن: تۇردى موللا،ئىسمايل موللا،سېتى مىراپ، ئەمەت ئۇستام قاتارلىقلار چوڭكۆلدە بالا ئوقۇتۇش، تۆگمەنچىلىك،جۇۋازچىلىق، تىككۈچىلىك قىلىپ ئۆتكەن. تۇردى موللا،ئىسمايىل موللا چوڭكۆلگە تەكلىپ قىلىنغان تۇرپانلىق ئامان موللام دېگەن(خۇيزۇ) ئىمام خاتىپتا ئوقۇپ دىنىي ساۋاتلىق بولغان. ئۇلار 1927-يىلدىن كېيىن چوڭكۆلدە دىنىي مەكتەپ ئېچىپ،40تىن ئارتۇق بالىنى ئوقۇتۇپ ساۋاتلىق قىلغان.شۇچاغدا بىرسەر ئۇقارقېشىنىڭ باھاسى400 سەر كۆمۈش پۇلغا چىققان بولۇپ،كەنجى ئوغۇل ئەمەت ئۇستام قاراشەھەرگە بېرىپ، ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن قولداچۆرۈيدىغان بىر دانە كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى بىرسەر ئۇقارقېشىغا تىگىشكەن،ھەم شۇ يەرلىك تىككۈچى يۇسۇپ دېگەن ئۇستامدىن بىر يىل ھۈنەر ئۆگۈنۈپ،كېيىن يۇرتى چوڭكۆلگە قايتىپ كېلىپ ئەل مەھەللىدىكىلەرنىڭ بۆزچەكمەن، ماتا سەگاز، شاتاۋا دۇردۇن، بەقەسسەم، بابىرۇك، ياردەن قاتارلىق رەختلەردە بۇيرۇتقان كىيىم كېچەك، پەرەنجەتون، تاشلىق ئۈچۈك،لوپچە ئاچاقالپاق، پەلەيلىرنى تىكىپ بېرىپ يۇرت پۇقرالىرىنىڭ قولدا كىيىم تىكىش قىينچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ،خەلىقنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولغان ماھىر ھۈنەرۋەن ئىكەن.

 بەشىنچى ئەۋلاد بوۋىمىز سېتى مىراپ: 1854-يىلى چوڭكۆلنىڭ قاراتۈپ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى5-ئايدا 122يېشىدا ھازىرقى چوڭكۆل كەنتىدە قازا قىلغان. ئايالى ھەلىمىخان خوتەن كېرىيەلىك سودىگەر ئاقساق تۆمۈرنىڭ قىزى. باللىرى: سۇلايمانياغ، زەينەپخان ئەترەت، ئىبراھىم، رەبىخان، ئىمىن، سەمەت قاتارلىقلار. بوۋىمىز سېتى مىراپ: دېھقانچىلىق، سۇ ئىشلىرىدا تەجربىلىك، ئەل-يۇرت خەلقىگە ئەقىل كۆرسىتىدىغان،يېڭىلىققا ھېرىسمەن مويسىپت كىشى ئىدى. ھەم ئۆز ۋاقتىدا ئاتالغان پالۋان ئوۋچى بولۇپ، ئاتىسىدىن قالغان بىر تاش تۈگمەننى داۋاملىق ماڭدۇرغاندىن باشقا،ياغ تارتىدىغان كۆتەك جۇۋازنى بىنا قىلىپ، يۇرت خەلقىنىڭ قىچا، زاغۇن،زاراڭزا قاتارلىق مايلىقدانلىرىنى ياغ تارتىپ بەرگەن.

ئالتىنچى ئەۋلاد بوۋىمىز ئىبراھىم: 1919-يىلى لوپنۇرنىڭ كوناچوڭكۆل تۈگمەن مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1987يىلى لوپنۇر تارىم يېزىسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدە كېسەل سەۋەبىدىن 68 يېشىدا قازا قىلغان. مەرھۇم 1946-يىللىرى چاقىلىق مىرەن خۇڭليۇگۇنىڭ يول ياساش ھاشىرىغا بارغاندا، بوۋىمىزكۈنچىققانبەگنىڭ شۇجايدىكى ئەۋلادلىرى بولغان سوپاخۇنتاغ، ئوسمان ماخان، ئابدۇرھىمھاجى، سىلىم دېگەن تۇققانلىرىمىزنىڭ باللىرى بىلەن كۈرۈشكەن ئىكەن. بۇ كىشى ئۆتمۈشتە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان ساۋاتلىق ئادەم بولۇپ دېھقانچىلىق،بېلىق تورى توقۇش،بېلىق تۇتۇش، تۇزاقچىلق قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ پۈتۈن ئۆمرىنى جەبرى-مۇشاقەتتە ئۆتكەزگەن.مەرھۇم ھايات چېغىدا ھەق ئىشلار ئۈچۈن كۆپ سۆزلەيدىغان،راسىتچىل كىشى ئىدى.

 يەتتىنچى ئەۋلاد باقى: (4-ئەۋلاد بوۋىسىنىڭ ئىسمى قويۇلغان) مۇشۇ يېزىلغان ئەسلىمىنىڭ مۇئەللىپىدۇر.كۈنچىققانبەگنىڭ7-ئەۋلادى باقىر ئىبراھىم،1953-يىلى كونا چوڭكۆل مەھەللىسىنىڭ تۈگىمەن بېشىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن يېزاپۇل مۇئامىلەكەسپىدەئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇپ ئالى مەلۇماتلىق بولغان.بۇ كىشى1971-يىلى ھەربيى سەپكە قاتنىشىپ،1977-يىلى ئارمىيىدىن يەرلىككە كەسىپ ئالماشقان. 1971-يىلىدىن2009-يىلىغىچە قىسىمدا ۋەيېزا پۇل مۇئامىلە كەسپىدە 38يىل خىزمەت ئىشلەپ،لوپنۇر يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىدا پنسىيىگە چىققان.

 شۇنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى;قەدىمقى ئابدال بەگلىكىنىڭ ئۇرپاقبېگى كۈنچىققانبەگنىڭ ئەۋلادلىرى، ھازىرقى لوپنۇر زىمىنىدا ياشاۋاتقان قاراقوشۇنلۇقلاردۇر. تارىختا لوپنۇر دىيارىمىزدىن تەدىرىجى غايىپ بولغان قەدىمقى ئابدال بەگلىكى،قانداقتۇر تاشقى ئۇرۇش يېغىلىغى ۋەياكى ئستىخېيىلىك ئىچىكى زىدىيەتلەر تۇپەيلى يوقالغان بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن يىللار مابەينىدىكى ئىجتىمائى تۇرمۇش جەريانىدا قۇرغاقچىلىق، قۇم-بوران ئاپەتلىرىدىن باشقا،ئاساسلىغى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق تارقىلىپ كەلگەن ۋابا،قاراچىچەك،قاراكىزىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ زادىلا كۆپىيەلمەي،كېسەل ۋەھمىسىدىن قورقۇپ ھەرتەرەپكە پېتىراپ كېتپ ۋەيران بولغان.تارىخى ئەسلىمىلەرگە قارىغاندا؛ قاراقوشۇنلۇقلار مىرەن،قاراقوشۇن (قاراقوچۇن) ئابدال،قاراچاچ،كۆكئالا قاتارلىق جايلاردىن1830-يىللىرىدىن باشلاپلا كۆچۈنۈپ يۇقۇملۇق كېسەل ئاپىتىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ تارىم،كۆنچى دەريا ئېقىنلىرىنى بويلاپ يەر-سۇ، بوستانلىقلارنى قوغلۇشۇپ، تەدىرىجى ھالدا غەرىپكە سۈرۈلۈپ لوپنۇر زىمىنىغا يېتىپ كېلىپ ماكانلاشقان. لوپنۇردىكى كۆل-ئاراللارغا يېتىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىمۇ،يۇقۇملۇق كېسەل ئەڭ ئېغىر بولغان يىللىرى قىرىق ئادەم ئۆلۈپ مېيىتىنى ئۇزاتقان ئىكەن. ئەڭ ئاخىرسى1934-يىلىغىچەقادىرقۇدۇق، ئارغان، قارداي بويلىردا بىر قانچە ئۆيلۇك ئابداللىق كۆچمەن چارۋىچىلار ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارمۇ كېيىن تارقاپ كەتكەن. شۇنىسى ئېنىقكى؛1965-يىللىرغىچە تارىم،كۆنچى دەريا ئېقىنلىرىنى سۇ مەنبەئەسى قىلغان قۇمدەريا، يېڭىسۇ، ئارغان، چاقىلىق كەڭلاقا دەريالىرىنىڭ سۈيى تېتماكۆلى(تتماكۆل)، لوپنۇركۆلى، قاراقوشۇندىكى چىۋىنلىق كۆللىرىگە قۇيۇلۇپ تۇرغان بولسىمۇ، قاراقوشۇنلۇقلار ئۇ تەرەپلەرگە بېرىپ تىركچىلىك قىلىشقا جۇرئەت قىلالمىغان. 1949-يىلى يۇرتىمىز لوپنۇر ئازات بولغاندىن كېيىن،پارتىيەخەلىق ھۆكۈمىتى زور تىرشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ،ھەرمىللەت خەلىقىنى زىچ ئىتپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ، توغرا سىياسەت، ئۈنۈملۈك تۈزۈم-چارىلەرنى قوللۇنۇپ،تۈرلى تەبىئى ئاپەتلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلىش بىلەن بىرگە،سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت تور نوقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ،ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش،مۇداپىئە كۆرۈپ داۋالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ،ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىپ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىنىپ، ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنى تىنىچ خاتىرجەم تىركچىلىك قىلىدىغان بەختىيار تۇرمۇشقا ئىرىشتۇردى. ھازىر قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ سەككىزىنچى،توققۇزىنچى ئەۋلادلىرى قۇمۇل لاپچۇق، چاقىلىق مىرەن، لوپنۇر، كورلاقارايۇلغۇن قاتارلىق جايلاردا ھىلىھەم ياشىماقتا.

ئىزاھات: ① دۈنخۇاڭ؛گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۈنخۇاڭ شەھىرى ② ئاقجاي؛گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئاقساي قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيىسى ③ ئۆكىردەي؛قازاقلاردىكى يەرلىك يۈز بېشى.④ ④ ئولپان؛باج سېلىق،چى پاراق ⑤ قونۇق؛تۈتۈن،ئائىلە ⑥ئوق يېتىم؛بىرئوقيائوقى يېتىم50مېتىر ⑦ئاقچىدۆڭ؛چاقىلىق مىرەننىڭ غەربىدىكى ئاقمازار دىگەن جاي ⑧ئۇرپاقبېگى.ئۇرۇق ئەۋلادىغا مىراس قالىدىغان مەنسەپ.

ئەسكەرتىش: بۇ جەمەت نەسەبنامىسىنى ئاپتۇر 1991-يىللاردىن باشلاپ يېزىشقا تۇتۇنغان بولۇپ،جەمەتى ئىچىدىكى پېشقەدەملەردىن يېتىپ كەلگەن تارىخىي ئەسلىمىلەرھەم مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىش،دۇنخواڭ،ئاقساي قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيىسى،قۇمۇل لاپچۇق،چاقىلىق ناھىيىسى ياقا ئۆستەڭ لوپلۇقلار مەھەللىسى،مىرەن ئاقمازار قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ توپلىغان تارىخىي ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، ئاپتۇرنىڭ 20يىل جاپالىق ئىزدىنىشى ئارقىلىق رەتلەپ يېزىپ چىققان ئەمگەك مىۋىسىدۇر.بۇقېتىم لوپنۇرتارىخىي ماتېرىياللىرى تەزكىرە تەھرىر كومىتېتىغا ۋە لوپنۇر لىنىيىسى تور بېكىتىنىڭ ئېلان قىلىشىغا تاپشۇردى. ئاپتۇرنىڭ ماقۇللىغىنى ئالماي باشقا ھەرقانداق ئورۇن، شەخسىلەركۆچۈرۈپ،كۆپەيتىپ ئىشلەتسە ئەسەرھوقۇقىمىز قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرلىدۇ.

ئاپتور: باقىر ئىبراھىم، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى لوپنۇرناھىيىلىك تارماق بانكىسىنىڭ پنسىيۇنېرى 2011

-يىلى يانىۋار

 مەنبە:لوپنۇر تارىخى ماتىرىياللىرى 7-قىسىم

توردىكى مەنبەسى:لوپنۇر لېنىيىسى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2688

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-12-21
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: