لوپنۇر ناخشىلىرى ۋە تۇردىنىياز لازىم

 

لوپنۇر ناخشىلىرى ۋە تۇردىنىياز لازىم

 

 

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

 

 

 

بۇ دۇنيادا ناخشىغا ئۆچ ئادەم بولمىسا كىرەك، ئەگەر ئۇ پىسحىكىسى نورمال ئادەم بولسىلا. باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ئۆزگىچە تۇيغۇغا ئىگە. ناخشا ــ كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەر بىر قەدىمىگە قان بىلەن گۆشتەك بىرىكىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ھەر مىسراسىدا ئادەملەرنىڭ دۇنياغا، ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان چوڭقۇر تارىخىي كەچمىشى چاقناپ تۇرىدۇ. ناخشا ــ يۈرەكنىڭ ئەڭ تېرەن قاتلىمىدىن ئۆزىدىكى ئاجايىپ مۇڭ ۋە نەچچە قات شېئىرىي ۋەزنى بىلەن ئۇرغۇپ چىقىدۇ. شۇڭا ئۇ يەنە بىر يۈرەكنى شېرىن، بەكمۇ شېرىن تىترىتەلەيدۇ. ئاشۇ شېرىن تىترىتىشلىرى بىلەن ئاڭلىغۇچىنى ئەسلىمىلەر دۇنياسىغا، كەچمىشلەر باياۋانىنىڭ كۆز يەتكۈسىز ئۇپۇقلىرىغا باشلاپ بارىدۇ…

 

تەڭرىتاغ ئەتراپلىرى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدەپ تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز مۇھىتى، ھايات قىسمەتلىرىگە يارىشا قوشنا يۇرت خەلقلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ناخشىلارنى ئىجات قىلىپ، ئېيتىپ كەلگەن خەلق. شۇڭا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى رەڭدارلىققا تويۇنغان ھالەتتە كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن كاتتا مەنىۋىي مىراسلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مانا مۇشۇنداق ناخىشلارنىڭ ئىچىدە دىققىتىمىزنى بەكرەك تارتىۋاتقىنى لوپنۇر ناخشىلىرى بولۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ تىلىمىزنىڭ يۈز يىللار ئىلگىرىكى ھالىتىنى تارىخىي يازمىلاردىن ئاختۇرۇپ تەتقىق قىلىۋاتقان بۈگۈنكى شارائىتتا، لوپنۇر ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ھوزۇرىمىزغا سۇنۇۋاتقان ناخشىچىلار كۆزىمىزگە قەدىمىي بىر تونۇش پۇراقنى پۇلاڭشىتىۋاتقاندەك شۇنداق سۆيۈملۈك كۆرۈنىدۇ. يازمىمىزدا ھېكايە قىلماقچى بولۇۋاتقان تۇردىنىياز لازىم دەل مۇشۇ ناخشىچىلارنىڭ سەركىسىدۇر.

 

ھەر قانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى ۋە پەللىگە چىقىشى بولغاندەك، تۇردىنىياز لازىمنىڭمۇ لوپنۇر ناخشىلىرىنى غىڭشىشتىن ھازىرقىدەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشقىچە بولغان كەچمىشلىرى بار. بۇ كەچمىشلەر  كشىنى قىزىقتۇرىدۇ.

 

بىزدە «سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. تۇرمۇشنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا يەتكەن ھەر قانداق كىشى بۇ گەپنىڭ بىكار ئېيتىلمىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. 1970- يىلى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزا باش مەھەللە كەنتىدە تۇغۇلغان تۇردىنىياز لازىم ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، دادىسى لازىم ئاخۇن يۇرتنىڭ ئەلنەغمىچىسى بولۇپ، ئۇ يەتتە-سەككىز ياشقا كىرگەن يىللىرى دائىم بولۇپ تۇرىدىغان مەشرەپ-ئولتۇرۇشلاردا ناخشا ئېيتاتتى. بەزىدە شۇنداق سورۇنلارغا تۇردىنىيازنىمۇ ئېلىۋالاتتى. بۇنداق سورۇنلارغا قاتناشقانسېرى دادىسى دېمەتلىك  پېشقەدەملەرنىڭ بەسلىشىپ ئېيتقان قوشاقلىرى، ناخشىلىرى ئۇنى سېھىرلەپ، ئاڭلىغانسېرى ئۆزىگە جەلب قىلاتتى. ئۇ كەملەردە ھازىرقىدەك ئۈنئالغۇ، تېلېۋىزور، WCD  قاتارلىقلار بولمىغاچقا، رادىيودىلا ئانچە-مۇنچە ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. شۇڭا دادىسىغا قەغىشلىق قىلىپ يۈرۈپ ئالدۇرغان خۇرۇم تاشلىق رادىيوسىنى يېنىدىن ئايرىمايتتى. توقايلىقتا قوي باققان چاغلىرىدا رادىيودىن ھەر بىر ناخشا چىقسا پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىڭشايتتى-دە، يادلىۋالاتتى ۋە كەينىدىن دوراپ ئېيتىپ كېتەتتى. كىچىكىدىن باشلاپ ھاياتنىڭ تۈرلى يوللىرىدا چېنىقسۇن دېگەن بولغىيمىدىكى، دادىسى ئۇنى ئورما ئورغان، خامان تەپكەن، ئۆستەڭ چاپقان يەرلەرگىمۇ ئالغاچ باراتتى. ئاشۇنداق جايلاردا ساقاللىرى ئاپپاق ئاقارغان بوۋايلار ئىش قىلغاچ لوپ قوشاقلىرىنى ئېيتىشىپ كېتەتتى. بىرسى توختىسا يەنە بىرى باشلاپ ئېيتاتتى. تاڭ سەھەردىن باشلانسا، كەچ كىرگۈچىلىك تۈگىمەيتتى. گەرچە بۇ ناخشىلار ھېچقانداق سازنىڭ تەڭكەش قىلىشىسىز ئېيتىلسىمۇ، ئۇنىڭدا ئاجايىپ ھەۋەسلەرنى ئويغىتاتتى.

 

كىچىكىدە بىخلانغان بۇ ھەۋەس ئۇ مەكتەپكە كىرگەندە تېخىمۇ باغجانلىدى. بولۇپمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلىگەندە تېخىمۇ شۇنداق بولدى. بۇ كەملەردە ئېلىكتىرونلۇق رويال، گىتار دېگەن غەربچە سازلار ئۇيغۇر دىيارىدا تازا ئومۇملىشىۋاتقان ئىدى. تۇردىنىياز ھەپىلىشىپ يۈرۈپ بۇ چالغۇلارنىمۇ خېلىلا ئوبدان ئۆگىنىۋالدى. سەنئەت مۇئەللىمى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاپ، كۇرژۇكقا قاتناشتۇردى. پائالىيەتلەردە ئۆزى ساز چېلىپ، ئۆزى ئېيتقان ناخشىلار بىلەن مەكتەپتە راۋۇرۇس كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى…

 

نېمىسى نېمە بولدى، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي قالدى. شۇ دەردتە مەيۈسلىنىپ يۈرگەن كۈنلەردە بۇرۇن ئۆگەنگەن ساز، ناخشىلىرى جەمئىيەت ئاتلىق بۇ چوڭ ئالىي مەكتەپتە ئېقىپ قالغاندەك تۇيۇلدى: يۇرتتا ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى توي-تۆكۈن ئۈزۈلمەيتتى، بۇ سورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇ بار ئىدى. ساز چالاتتى، ناخشا ئېيتاتتى… نۆۋىتىدە مۇشۇ قىلغانلىرى ئۇنىڭغا ئەسقىتىپ قالدى: 1988- يىلى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئاممىۋىي سەنئەت يۇرتى ئوبلاست بويىچە ناخشا مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى. ئۇ ئۆزى گىتار چېلىپ، ئۆزى ئېيتقان «نازىركوم» ناملىق ناخشا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ ئىش شۇ كەمگىچە ئىشسىز يۈرۈۋاتقان تۇردىنىياز ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئىلھام بولدى. شۇئان كۆز ئالدىغا رەھمەتلىك دادىسى كەلدى. دادىسى ئۇ ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغان قايسى بىر يىلى يېزا ئاھالىسى يىغىلغان ئاكتىپلار يىغىنىدا قاتتىق كۆرەش قىلىنغان ئىدى. سەۋەب ئاددى بولۇپ، ئۇ «سېرىق ناخشا» ئېيتقان ئىدى. سېرىق ناخشا دېگىنى تېكىستىدە مۇھەببەتنىڭ گەپلىرى بار ناخشىلار ئىدى. بۇ ئىش دادىسىنىڭ كاللىسىدىن زادىلا ئۆتمەيتتى. ئۇنىڭ ئەجدادلىرى قوي باققان جاڭگاللىقتا، بېلىق تۇتقان كۆللەردە ئەزەلدىن مۇشۇنداق ناخشىلارنى ئېيتىپ كەلگەن خەق ئىدى. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا كەلگەندە چەكلىنىۋاتاتتى…

 

شۇنداق قىلىپ تۇردىنىيازنىڭ بۇ قېتىم ئالغان مۇكاپاتى ئۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش يولىنىڭ يول بەلگىسى بولۇپ قالدى. بارا-بارا ناھىيە تەۋەسىدە ئىسمى ئاتالغان ناخشىچى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 1992-يىلغا كەلگەندە ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ پاراۋانلىق زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتى، لاتارىيە بېلىتى ساتتى. لېكىن مائاش يوق ئىدى. ئاندىن پاختا زاۋۇتىدا ئىشلىدى…

 

ئۇ چاغلاردا لوپنۇردا سەنئەت ئۆمەك قۇرۇلمىغان ئىدى. لوپ قوشاقچىلىرى بولغان بىلەن، سازچىلار كەمچىل ئىدى. شۇڭا ناھىيەگە يۇقىرىدىن مېھمان كەلسە، باشلىقلارنىڭ كۆز ئالدىغا ئەڭ ئاۋۋال تۇردىنىياز كېلىدىغان بولدى.. مۇشۇنداق سورۇنلاردا ئۇ باشقا يۇرت ناخشىلىرىنى تىنماي ئېيتىپ، مېھمانلارنى خۇشال قىلاتتى.

 

-1995 يىللىرىغىچە لوپنۇر بازىرى تەۋەسىدە شۇنداق بىر بىنورمال كەيپىيات ساقلانغان ئىدى: لوپنۇر شېۋىسىدە گەپ قىلغانلار، لوپنۇرنىڭ ئەسلى ئاھاڭىدا ناخشا-قوشاق ئېيتقانلار مازاق قىلىناتتى. يېزىلىق لوپنۇرلۇقلار بۇنىڭدىن ھەيران ئىدى. دەرسلىك بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئۇيغۇر مائارىپنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ، بۇنى ئېنىق بىلگىلى بولمايتتى. بازارغا يېقىن يېزىدا ياشىغاچقا، تۇردىنىيازمۇ دادىسىدىن، پېشقەدەم قوشاقچىلاردىن ئۆگىنىۋالغان لوپ ناخشىلىرىنى يالغۇز چاغلىرىدىلا جاراڭلىق ئېيتاتتى ياكى ئۇ ئاھاڭلارغا ئىچىدە غىڭشىشقا مەجبۇر بولاتتى. 1994-يىلى ئۇنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش بولدى: شۇ چاغدا ناھىيەگە جېلىل ناسىر دېگەن كىشى ھاكىم بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ قاتناشقان سورۇنلاردا شۇ كەمدە لوپنۇردا تونۇلغان سازچى، ناخشىچى تۇردىنىياز لازىمنىڭ ناخشىلىرى بەكلا يېقىپ قالدى. لېكىن ھاكىمنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، ئۇ «سەنئەت ئوقۇتقۇچىسىمىكى» دەپ يۈرگەن تۇردىنىياز تېخىچە ئىشسىز ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاكىمنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىلدى. شۇ چاغدىكى خىچىلچىلىقتا بىر ھەپتىگىچە ھاكىمنىڭ ئىشخانىسىغا بارالمىغىنى ئۇنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ 1995-يىل 4-ئاي مەزگىلى ئىدى. ئۇنىڭ ئەمدىكى كەيپىياتى بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. قەلبىدە ئۆزى سۆيگەن كەسىپكە بولغان ئىشتىياقى نەچچە يىلدىكىدىن مىڭ ھەسسە كۈچلۈك لاۋۇلدايتتى. ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى شۇكى،  1999-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاممىۋىي مەدەنىيەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، ئالىي تېخنىكوم سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇپ كەلدى.

 

دەل شۇ يىللىرى لوپنۇر ناخشىلىرىنى رەتلەش ئىشى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈلدى. ئۇ باش بولۇپ يېزا-قىشلاقلاردىكى قوشاقچى، ئەلنەغمىچىلەرنى يىغدى. شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت شۇنداق ئىدى، قوشاقچىلار ساز چالمايتتى، چۈنكى لوپ قوشىقى ئەزەلدىن سازسىز ئېيتىلىپ كەلگەن ئىدى، سازچىلار بولسا لوپ قوشاقلىرىغا پۇختا ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ بۇلار يېقىنقى زامانلاردىن بۇيان بۇنداق سېستىمىلىق ھالدا توپلىشىپ ئېيتمىغاچقا، تۇرۇپلا تېكىستلەرنى يادىغا ئالالمايتتى، شۇنىڭ بىلەن يەنە باشتىن ئېيتاتتى… ئاخىر ئون نەچچە قوشاقچى، سازچىنىڭ بىر ئاي رېپىتىس قىلىشى بىلەن لوپنۇر ناخشىلىرىدىن كەڭرەك تارالغانلىرى ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ياردىمىدە دەسلەپكى قەدەمدە رەتلىنىپ ئۈنگە ئېلىنغان بولدى. ئەپسۇسكى، لوپ ناخشىلىرىنىڭ ئەسلى ئاھاڭى ۋە ئۇنىڭغا كىرىشتۈرۈلگەن مۇزىكىلار يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇكېرىم ئوسمان لوپ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى رەتلەش، نوتىغا ئېلىشقا تەكلىپ قىلىندى. لېكىن بۇ مۇتەخەسسىسنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، لوپ ناخشىلىرىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرى نوتىغا چۈشمەيدىغاندەكلا قىلاتتى. نوتىنىڭ قايسىدۇر بىر قانۇنىيىتى لوپ ناخشىسى ئۈچۈن كەمدەك تۇيۇلاتتى. شۇنداق قىلىپ 2001-يىلى «لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى»نىڭ 1-قىسىم WCD پىلاستىنكىسى يورۇقلۇققا چىقتى. 2003-يىلىغا كەلگەندە 2-قىسمىمۇ ئىشلەندى. مۇشۇ ئىككى پىلاستىنكا ئىچىدە تۇردىنىياز لازىم ئېيتقان ناخشىلار 90 پىرسەنتنى ئىگىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئۇنىڭ باشچىلىقىدا يىغىلغان يىگىرمىدەك ناخشا «لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى»نىڭ 3-قىسمى تەرىقىسىدە جىددى رەتلىنىۋاتىدۇ.

 

-2005يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن بۈگۈردە مەشرەپ پروگراممىسى ئىشلەندى. تەكلىپ بويىچە تۇردىنىياز لازىم يەنە بىر قىز ھەمراھى بىلەن بىللە «ھەمراھ ساڭا يۈرەگىم» ناملىق لوپ ناخشىسىنى ئېيتتى. بۇ ناخشىنىڭ ئاھاڭىدىن شىنجاڭدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ھەيران قالدى. بۇنىڭ بىلەن لوپنۇر ناخشىلىرىنىڭ داڭقى دەسلەپكى قەدەمدە تارىلىشقا باشلىدى. 2006-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشتىن سىرتقى ناخشىچىلارنىڭ ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مۇسابىقىدە تۇردىنىياز لازىم ئېيتقان «لوپنۇر كۆلىدىن ئۆتتتۈم»،«لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ» ناملىق ناخشىلار كىشىلەرنى تاڭ قالدۇردى. ئۇ «مۇنەۋۋەر ناخشىچى» بولۇپ تەقدىرلەندى.

 

لوپنۇر ناخشىلىرىنىڭ داڭقىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدە تارىلىشىغا ئەگىشىپ، لوپنۇردا سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇش زۆرۈرىيىتى تونۇپ يېتىلدى. دېگەندەك 2009-يىلى لوپنۇر توغراق سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلدى. 20 كىشىدىن تەركىب تاپقان بۇ ئۆمەككە ئۇ ئۆمەك باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى. ئەمدى ئىشلار تېخىمۇ ئىزىغا چۈشكەندەك قىلاتتى. چۈنكى لوپنۇر ناخشىلىرىنى ئېيتىش، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك شارائىت ھازىرلانغان ئىدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئىشلىشى بىلەن سەنئەت كېچىلىكلىرى ئىشلىنىشكە باشلىدى. شۇ يىلىغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزگەن ھەر يىللىق قۇربان ھيت، روزى ھېيت كېچىلىكلىرىدە ئۇنىڭ ئېيتقان لوپنۇر ناخىشلىرى ياڭراپ تۇرغان ئىدى. 2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «لوپنۇردا نورۇز» سەنئەت كېچىلىكى بايىنغولىن ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن كۆرسىتىلدى. 2010-يىلى يەنە «لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى» سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلدى. 2011-يىللىق «لوپنۇردا باھار» سەنئەت كېچىلىكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتىلدى. 2012-يىللىق نورۇز سەنئەت كېچىلىكى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تارقىتىلدى.

 

دېمەك، لوپنۇر ناخشىلىرى ۋە ئۇنىڭ زامانىمىزدىكى داڭقى تۇردىنىياز لازىم دېگەن بۇ ئىسىم بىلەن زىچ باغلانغان. تۆۋەندىكى كىچىك ئارخىپلارغا نەزەر سالساق، تۇردىنىيازنىڭ لوپ ناخشىلىرىغا ئائىت ھاياتىدىن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىلىرىنى قىياس قىلالايمىز:

 

-2009 ★يىلى بايىنغولىن ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «باشئەگىم گۈلزارى» سەھىپىسىدە زىيارەت قىلىندى.

 

-2010★يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «تەڭرىتاغ كۈيلىرى» سەھىپىسىدە زىيارەت قىلىندى.

 

-2010★يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «سەنئەت گۈلزارى» سەھىپىسىدە زىيارەت قىلىندى.

 

-2010★يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «تەلەي يۇلتۇزى» سەھىپىسىدە زىيارەت قىلىندى.

 

-2007★يىلىدىن 2009-يىلىغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇربان ھېيت، روزى ھېيت كېچىلىكلىرىدە لوپنۇر ناخشىسىنى ئېيتتى.

 

-2008★يىلى «كاڭ مەشرىپى»دە ناخشا ئېيتتى.

 

- 2010★يىلى «لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى»دە بىر نەچچە ناخشا ئېيتتى.

 

-2011★يىلى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىندى. 

 

ئەلبەتتە يۇقىرىقى زىيارەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئورۇنلىغان ناخشىلىرى قىستۇرۇلدى.

 

تۇردىنىياز لازىمنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئېرىشكەن شەرەپلىرىدىن ئارىيە:

 

-1994★يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول سېستىمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

 

-1997★يىلى يېزا ئىگىلىك بانكىسى كارا OK ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

 

-1998★يىلى شىنجاڭ 9-نۆۋەتلىك ئىجادىي ناخشا مۇسابىقىسىدا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

 

-2004★يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا مۇسابىقىسىدا مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 

-2004★يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە «ئالتۇن خاتىرە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

 

-2004★يىلى ئوبلاستلىق 3-قېتىملىق مېيىپلار سەنئەت كۆرىكىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

 

-2008★يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن غەيرىي ماددىي مەدنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسى بولۇپ باھالانغان.

 

-2009★ يىلى مېيىپلارنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 

-2009★ يىلى لوپنۇر ناھىيەسى تەرىپىدىن «ئىقتىساسلىق خادىم» بولۇپ باھالانغان.

 

-2012★يىلى دۆلەت تەرىپىدىن غەيرىي ماددىي مەدنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسى بولۇپ باھالانغان.

 

 

 

لوپنۇر ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش ئارقىلىق ئۇنى پۈتۈن شىنجاڭغا، مەملىكەتكە، ھەتتا دۇنياغا تونۇتۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان، نۆۋىتىدە مۇشۇ خىزمەتلىرى بەدىلىگە خەلقنىڭ ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن ئالغان تالانتلق ناخشىچى تۇردىنىياز لازىم مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ ناخشا كېچىلىكىنى كېلەر يىللىق نورۇز پائالىيىتىدە ئاممىغا كۆرسىتىش ئارزۇسى ئۈچۈن پائال تەييارلىق قىلماقتا.

قوشۇمچە:تۇردىنىياز ئورۇنلىغان لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىدىن تاللانما

1.لوپنۇر كۆلىدىن ئۆتتۈم

 

 

2.كۈن كۆرمىگەن كۈمۈشەك

 

 

3.ئاھ ئۇرارمەن

 

 

4.مەن يۈرۈيمەن ئۇزۇن-ئۇزۇن كۆلنى بويلاپ

 

5.قاچان كېلىسەن يارىم

 

ئاپتور «كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە

ماقالىنىڭ ئەسلىي مەنبەسى:شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى 2012-يىللىق 5-سان

توردىكى مەنبەسى:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2957

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-02-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: