كروران يولى توغرىسىدىكى يۈزەكى قاراش

كروران يولى توغرىسىدىكى يۈزەكى قاراش

 ئاپتۇرى: بەختىيار ئىبراھىم

          1 .يولنىڭ دەسلەپكى تارىخى لوپنۇر رايۇنى توغرىسىدىكى تارىخى خاتىرلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغاندا ئەينى چاغدىكى ئۇتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ سودىسى ۋە سىياسى كۈچى ئەڭ دەسلەپ تارىم ئويمانلىقىغا قاراپ كېڭەيگەنلىكىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئاچقان دۈڭخۇاڭدىن لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى كروران چىگرىسىغىچە بارىدىغان يولنىڭ ئىلگىرى ئوينىغان مۇھىم رولىنى شەرھىلەش ئۈچۈن بىز بۇ يەردە تۆۋەندىكى يەكۈننى ئىسپاتلايدىغان پاكىتنى قايتا شەرھىلەيمىز: جاڭ چيەن غەربى يۇرتقا بارغاندىن كىيىن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 136-يىلىدىن123-يىلىغىچە) تارىم ئويمانلىقىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سودا ۋە لەشكىرى ئىشلار پائالىيەتلىرى ئاساسلىقى قۇرۇپ كەتكەن لوپنۇر كۈلى قىنىنىڭ شىمالىي (كرورەن خارابىيلىكى بەلگە قىلىنغان شۇ مەزگىللەدە (1914-يىلى)(1) تولۇق قۇرۇپ كەتكەن ئاشۇلوپنۇر رايۇنى) غا تۇتىشىدىغان مۇشۇ يول ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

 

2. يولنىڭ باش بۆلىكى ‹‹خەننامە ›› دىكى پىشامشان يەنى كرورانغا ئائىت ماتىرىياللارنى مۇھاكىمە قىلغانداخۇددى ھازىرقىغا ئوخشاش ئەينى ۋاقىتلاردا شىمالدىكى بىپايان بوستانلىققا بارىدىغان ئەڭ يېقىن يولنى ئىزدەش ھەمدە تارىم ئويمانلىقىنى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتىدىغان ئەڭ قولايلىق لەشكىرى يول ۋە سودا يولىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكلەر ئاساسلىق يوللارنى ئەينى چاغدالوپنۇر رايۇنىنىڭ يەنىلا ماكانلىشىشىغا بولىدىغان شەرقى شىمال قىسمىغا ياسىغان،شۇڭلاشقا ئۇلار بۇ يەردە ئىلگىرى قەدىمقى لوپنۇر كۆلىنىڭ نېرىسىدىكى جايلارنى كۈزىتىش رولىنى ئوينىغان كرورەن خارابىيلىكىنى قالدۇرۇپ كەتكەن . (1) شۇ مەزگىل-سىۋىن ھىدىننىڭ لۇپنۇردىن دۇڭخاڭغابارغىلى بۇلىدغان يۇلنى تەكشۈرگەن 1914- يىلنى كۆرسىتىدۇ.

 

3. يولنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكى قەدىمقى كروران يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنى1914-يىلىدىكى ئىكىسپىدىتسىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، گەرچە شور سازلىق يەرلەرنىڭ يۈزى قۇرۇق بولۇپ قۇرۇق يەر ياكى سازلىق يەر ئىكەنلىكىنى پەرق ئىتىش قىيىن بولسىمۇ قەدىمقى كۆل قىنىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى بەزى خارابىيلىكلەر يەنىلا يانتاق قۇدۇقىچە سۇزۇلىغان بەشتۇغراق جىلغسنىڭ شىمالىي چېتىدىن سۇ ۋە تۆگە باققىلى بولىدىغان ئوتلاقنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي چېتى ئەلۋەتتە كرورەنگە بارىدىغان ئەڭ يېقىن يول شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خەن سۇلالىسى دەۋىردىكى مۇشۇ يولنى بويلاپ كرورەنگە بارىدىغان قەدىمقى يول ھازىرقى (1914-يىلى) بەشتوغراق ئويمان سايىنىڭ شەرقى چېتىنى بويلاپ ياكى كىسىپ ئۆتكەن. چۈنكى بۇ يولدا سەددىچىن سېپىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بەلگە مۇنارلىرى (تورلار) خارابىيلىكى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەددىچىن سېپىلى ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇب چېتىدىن قىرىق چاقىرىم ئىچكىرلەپ كىرىپ بىر تۈز پاسىل شەكىللەندۈرگەن. بۇسېپىلنىڭ ياسالغانلىقىغا ئۇزۇن يىللار بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.

 

4.يولنىڭ جەنۇبى بۆلىكى پىشامشانغا بارىدىغان يول بۆلىكى بولۇپ مىرەن بىلەن ئابدالغا بارىدىغان يولنىڭ جەنۇبى تارماق لىنىيسىگە ماس كىلىدۇ. بۇ يولنىڭ غەربى بۆلىكىدىمۇ سۇ ناھايىتى قىس . چۈنكى ئابدال بىلەن لوۋازا ئوتتۇرىسىدىكى تەخمىنەن 490 چاقىرىم كېلىدىغان يولدا 12-ئايدىن (1914-يىلى) شور بۇلاقتا مۇز بولغاندىن سىرت باشقا چاغلاردا ئىچكىلى بولىدىغان سۇنى تاپقىلى بولمايدۇ. بىراق بىز خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە سۇنىڭ ھازىرقىدىن (1914-يىلى) كۆپ ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدىن كىيىنكى قۇرغاقچىلىقتىن لوۋازا نىڭ غەربىي بۇلاق سۇلىرىنىڭ پەيدىن-پەي شورلۇشۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بىراق مەيلى قانداق بولسۇن ، شۇنىڭغا ئىشىنىش كىرەككى، تارىخى دەۋرىدە مۇشۇ يولنىڭ جەنۇبى تارمىقىدىكى تەبىئى توسالغۇلار ھەرگىزمۇ شىمالى تارماقتىكىدەك يەنى كرورەن يولىدىكىدەك ئېغىر ئەمەس، بۇ يولدا ھەربىر ئۆتەڭدە يولۇچىلارنى تەمىنلىگۈدك يېقىلغۇ بار بولۇپ يەنە مىرەن ۋە چاقىلىق قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمقى پىشامشان خارابىيلىكىگە بىۋاستە تۇتىشىدىغان تارماق يولنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تارىم ئويمانلىقى بىلەن ئالاقە قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىلا باشلانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

 

 

5 . ‹‹ ۋىي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› داخاتىرلەنگەن ‹‹ ئوتتۇرا يول ›› دىكى جايلار ناملىرى بىز بۇ نوقتىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ‹‹ۋىي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى، تارىخى غەربى روڭلار تەزكىرىسى›› دىن مۇھىم ئابزاسنى تولۇق نەقىل كەلتۈرسەكلا كۇپايە بولىدۇ . قاشقۇۋۇقتىىن چىقىپ،قورۇقچىبەك قۇدۇقىغابىرپ،سەنلۇڭ قۇملىنىڭ شىمالي چىتىنى ئايلىنىپ ئۈتۈپ،جۇلۇساڭ ئۆتىڭى ئارقىلىق قۇملۇقىنىڭ غەربىدىكى قۇدۇقتىن غەربىي شىمالغا بۇرۇلۇپ ئاق ئەجدىرھا تۆپىلىكتىن ئۆتكەندە قەدىمقى كرورەنگە بارغىلى ئاندىن غەربكە بۇرۇلۇپ كۈسەنگە، پامىرغابارغىلى بولىدۇ. بۇ يول ‹‹ ئوتتۇرا يول ›› دىيلىدۇ . بۇ‹‹ ئوتتۇرا يول ›› بىز دەۋاتقا كروران يولى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ . قاشقۇۋۇقتىن چىقىپ بەشتوغراق جىلغىسى ئارقىلىق قەدىمكى لوپنۇر كۆلى قىنىغا بارغىلى ، لوپنۇر كۆلى قىنىدىن ئۆتكەندىن كىيىن كروران رايۇنىنىڭ ئىلگىرى ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان شەرقى شىمال پاسىلغا بىۋاستە بارغىلى بولىدۇ . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى يوقىردا بايان قىلىنغان جايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ئىزاھلانمىغان. بىراق، يولنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىنىش نوقتىسى توغرىسىدىكى توغرا چۈشەنچىگە ئاساسەن ، بۇجاي ناملىرىنىڭ قايسى جايلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىغا دائىر خېلى ئىشەنچىلىك يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ. ئالايلۇق 1-جۇغراپىيە ۋە ئارخىلوگىيلىك پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بۇ يول ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قەدىمكى سەددىچىن سېپىلنى بەلگە قىلغان بىر يول ، يەنى بىزيوقۇرىدا تونۇشتۇرغان لوپنۇردىن دۈڭخۇاڭغا بارغىلى بولىدىغان قۇملۇق يولىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكى بولۇپ ، بۇ دەل ئەينى چاغدىكى داڭلىق قاشقۇۋۇق خارابىيلىكىنىڭ ئورنى ‹‹خەننامە›› دە قاشقۇۋۇق كرورەن يولىنىڭ باشلىنىش نوقتىسىدا دىيىلگەن ئىدى . بىز قەدىمقى كروران يولى بىلەن غەربكە بارىدىغانلار جەزمەن ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغان يەرنىڭ مۇشۇ قەلئەگە تەسىس قىلىنىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۇق. سەنلۇڭ قۇملۇقى (ئۈچىنچى قۇملۇق تۆپىلىك ) دىگەن جاي نامى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ يول كىسىپ ئۆتكەن جەنۇپتىكى ئىگىز قۇمتاغنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ بەلباغسىمان قۇم بارخانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. جۇلۇساڭ ئۆتىڭى كروران يولى ئېچىلغان مەزگىللەردە قورۇلغان تەمىنات پونكىتلىرىنىڭ بىرى بولۇشى، ئورنى بەشتوغراقتا بولۇشى مۇمكىن . سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەربىدىكى ھېچقانداق جايدامۇشۇ جايدىكى ئوتلاقتەك مۇنبەت ئوتلاق يوق . بۈگۈنكى كۈندىمۇ ( 1914-يىلى )شۇنداق. چۈنكى كروران يولىنىڭ بىر جاپالىق بۆلىكىگە يىتىپ بىرىشتىن ئىلگىرى بەشتوغراق ناھايىتى ياخشى لاۋازىمەت تولۇقلاش بازىسى ھېسابلىنىدۇ . ‹‹ ئاق ئەجدىرھا تۆپىلىكى›› دىگەن نام كرورەننىڭ غەربى چېتىگە بىۋاستە تۇتىشىپ كەتكەن ، ئۆتۈش قىيىن بولغان شورلۇق تۆپىلىك بەلباغقا قارىتا ئېيتىلغان .بۇ جايلار گەرچە ھەر ۋاقىت كرورەن يولى تازا گۈللەنگەن دەۋىردىكىدەك گۈللىنىپ كەتمىسىمۇ ، بىراق قاتناشنىڭ ئىھتىياجىنى ئاساسەن قامدىيالايتتى .

 

6 . كروران يولىنىڭ تاشلىنىپ قېلىشى؛ بىز قۇمتاغ ئەجدىرھا تۆپىلىكى ئۆتەڭ خارابىيلىكىنىڭ ‹‹ خەننامە ›› دە ئېيتىلغان ‹‹ئاق ئەجدىرھا تۆپىلىكى›› ئىكەنلىكى‹‹ قەدىمقى كروران ›› نىڭ كروران خارابىيلىكى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىدۇق . بىز كروران رايۇنىنىڭ ئۆز شاھىتلىرى تەرىپىدىن خاتىرلەنگەندىن كىيىنكى بىر ئەسىر ئىچىدە ئاخىرى تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ھەمدە قۇملۇققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق . سۇ ۋە تېرىلغۇ يەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، تۆتىنجى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا قەدىمقى كروران يولى قاتنىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . خەن ۋۇدى تەسىر دائىرىسىنى غەرىپكە كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇ يولنى ئاچقاندىن كىيىن بۇ يول 450 يىل ئىشلىتىلگەن بىراق مىلادىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدا ‹‹ ۋىي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى›› دا تىلغائېلىنغان‹‹شىمالى يىڭى يول›› ( تەڭرىتاغنىڭ شەرقى تەرىپىگە تۇتىشىدىغان ھەمدە قۇمۇلنىڭ ئەتراپىغا تۇتىشىش ئىھتىمالى بولغان يول )ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمقى كروران يولى بۇرۇنقىدەك مۇھىملىقىنى يوقاتقان خالاس . كىروران يولىنىڭ تاشلىنىپ قېلىشدا :بىرىنچدىن « شىمالى يېڭى يول » نىڭ ئېچىلغانلىقى،ئىككىنچىدىن جۇڭگو بىلەن غەربى يۇرتنىڭ ئالاقىسى بۇ يول تاقىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا ئازلاپ كەتكەنلىگى ،ئۈچىنچىدىن جۇڭگونىڭ تارىم ئويمانلىقى بولغان سىياسى كونتىروللىقىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچىرغانلىقى ياكى پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىغا ئوخشاش بىرقاتار ئىشلار ئاساسى سەۋەپ بولغان . شەرقى جىن سۇلالىسى (مىلادى 317-يىلىدىن 419-يلىخچە)دىن7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلغىچە بولغان مەزگلىدە جۇڭگونىڭ ئەينى چاغدىكى رەسمى تارىخناملىرىدا كروران يولى توغرسىدا ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغان . بۇ ۋاقتنى كىرورەن يولى تاشلىنىپ قالغان بىر ئەسىر ۋاقىت ئىكەنلىگنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

 

7. .بىر ئەسىر تاشلىنىپ قالغان كروران يولىنىڭ كىينىكى ۋاقىتلاردىكى ئەھۋال؛ مىلادي400-يىلى ھىندستانغا نوم ئەكىلىشكە بارغان راھىپ فاشەن كرورەن يولى بىلەن ماڭغان ۋە بىر يول توغرسىدا خاتىرە قالدۇرىغان.فاشەن دىن كېين راھىپ سۇڭ يۇەن مىلادې519-يىلى لوپنۇر رايۇنىنى زىيارەت قىلغان.(ئۇ كۆكنۇر رايۇنى،سايرام ئويمانلىقىنى كېسپ ئۆتۇپ لۇپنۇرغا كەلگەن)مەشھۇر راھىپ تاڭ شۇەنزاڭ مىلادې 645-يىلى قىشتا ھندستاندىن نوم ئېلىپ قايتىش سەپىرىدە مىرەندىن دۇڭغۇاڭغا بارغىچە قۇملۇق يولنى بېسپ ئۆتكەنىدى. ئۇ«غەربى يۇرتقا ساھايەت» دىگەن ساھايەت خاتىرسىنى يازغان. كىينكى چىن سۇلالىسىنىڭ (936-يلىدىن 1126-يىلىغچە) بولغان ئارلىقتا جۇڭگو تارىخناملىرىداتۈركۈم- تۈركۈم ئورۇن ئەلچىلىرنىڭ مەركىزى خاندانلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقى توغرسىدىكى خاتىرىلەر بار. مىلادې1273-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە ماركو پولو لوپنۇر بازىرىدن(چاقىلىقتىن) يولغا چېقىپ كروران يولى ئارقىلىق شاجو ئايمىقىغا كەلگەن. يوقىرىدا نامى ئاتالغان راھىپلار،ئەلچىلەر،ساياھەتلەر يېڭى ئىچىلغان«شىمالي يېڭى يول» بىلەن ماڭماي نىمە ئۈچۈن جاپالىق كرورەن يولى بىلەن ماڭىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى توۋەندىكىچە:بۇ ۋاقىتلاردا تەڭرىتاغ ئېتىگى جۇڭگونىڭ كونتىروللىقىدا قىسقاۋاقىتلا تۇرغان بولۇپ، باشقا ۋاقىتلاردا ھونلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئشغالىيىتىدە بولغان. مۇبادا قۇملۇق يولغا قارىغانداقۇمۇلدىن ئۆتىدىغان ئۇزۇن يول بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولسىلا، كشلەر ھەرگىز لوپنۇر قۇملىقىدەك ئۆتىدىغان يول بىلەن مېڭشنى خالمايتىتى.كىشلەر قىينچىلىقلارغايۇزلىنىش ۋە ئۇلارنى يېڭىشنى خالىسىمۇ دۇشمەنلەردىن كىلىدىغان خەۋپكە يۇزلنىشنى خالىمايتتى، قەدىمقى زاماندا كىشلەرنىڭ يېڭشى مۇشكۈل بولغان تەبئي توسالغۇلارغا يۈزلىنىپ ، ئالدى بىلەن كىرورەن يولنى ئاچقانلىقنىڭ ھەمدە ئۇنڭىدانەچچە ئەسىر داۋاملىق قاتنغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. كرورەن يولىنىڭ بىرقەدەر قىسقا بولۇشمۇشۇبھىسزكى كشلەرنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇشنىڭ سەۋەبلىدىدن بىرى ھىساپلىنىدۇ، ئالدنىقى سەۋەپ ئاساسى ئۇرۇنداتۇرىدۇ.

 

مۇڭغۇللار گۇللەنگەن دەۋىرلەردە ئۇلۇغ قاغان «ھامىيلىقى بىلەن ھەرقايسى يۇللاردا ئۇتتۇرا ئاسيالىق سودىگەرلەر ۋە سايياھلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى، ھىرات شاھزادسى شاھروخنىڭ مەركىزى خانلىقىغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى بېرشتا «شىمالي يېڭى يول» بىلەن قايتىشقا 1422-يىلى 1-ئايدا گەنجرىدن يولغا چىقماقچى بولغاندا«مۇڭغۇللار پاراكەندىچىلىك سالغانلىقتىن ،ئانچە كۆپ ئشلىتىلمەيدىغان ، جەنۇپتا قۇملىقتىن كېسپ ئۆتۇشكە توغرى كىلىدىغان يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان» ئۇلار دۇشمەنلىرىدن قورققاچقا قۇملۇق يولنى تاللىغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۇرگەندىن كىين 1863-يىلدىكى مۇسۇلمانلار قوزغلىڭچە بولغان مەزگىللىردە دۇڭخۇاڭدىن يولغا چىققان سودا كارۋانلىرى قىشتا ئاندا-سانداقۇملۇق يولى بىلەن لوپنۇرغا كېلىپ ، تۈمۈردىن ياسالغان قورال-سايمانلارنى يەرلىك خەلقلەر بىلەن قاق بېلىققا ئالماشتۇراتتى . ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى ، خۇيزۇ ئېسىيانچىلىرىنىڭ گەنسۇدىكى ھەركىتى تۈپەيلىدىن لوپنۇرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

 

1891-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە چىڭ سۇلالسىنىڭ بۇ يەردە قورۇلغان مەمۇرىي ئاپاراتلىرى ئىسىتىراتىگىيە ۋە سودا ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئىچكىرى بىلەن بولغان ئالاقىدىكى قولايلىق يولنى ئاچماقچى بولغان ھەم يول چارلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ، يەرلىكتىكى كىشلەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن قۇملۇق يولى قايتا بايقالغان . 1893-يىلى فىرانسىيەلىك سەيياھ يوسىف مارتىن دۇڭخۇاڭدىن يولغا چىقىپ ، قۇملۇق يولىغا قەدەم قويغان . 1894-يىلى يىل بېشىدا سىتارىش لىتنارت پ . ك .كوزلىۋ، سىتارىش لىتنارت روبىروۋىسكى باشچىلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈش ئەتىرتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ئابدالدىن دۇڭخۇاڭغا سەپەر قىلغان.

 

1899-يىلى فىرانسىيلىك دېپلۇماتىك بونى دۇڭخۇاڭدىن يولغا چىقىپ ، بىر نەچچە بۆلەك مۇساپىنىلا تاماملىيالىغان. 1900-يىلى سېۋىن ھىدىن 1-قىتىم ئوتتۇرا يول بىلەن كىرىپ كىروراننى تاپقان. 1901-يىلى 2-قېتىم كرورانگە بېرىپ تەكشۈرگەن ،1905-1906-يىللىرى قىشتا پولكوۋنىك بىرۇس، سىتارىست لىتنات لايارد ۋە چارلىغۇچى سىنەننىڭ ھەمرالىقىدا ئابداللدىن دۇنخۇاڭغا بارغان ، ئىككى ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن پىرافىسىور خوتنىڭتونمۇ قوشلىڭىزىگە بارغان .

 

1906-يىلى سىتەيىن كىرورانگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان.

 

ياپۇنىيەلىك جورويجاۋ 1909-يىلى 1-قېتىم ، 1910-يىلى 12-ئايدا 2-قېتىم كرورانگە بارغان . 1914-يىلى سىتەيىن 2-قېتىم مىرەندىن يولغا چىقىپ دۇڭخۇاڭ ، قاشقۇۋۇققىچە بولغان كونا يولنى تەكشۈرگەن .

 

1942-يىلى جاللات شىڭسىسەي ئىككى يېرىم پولىك ئەسكەر ، ئۈچ مىڭدەك خەلق ئىشچىسى بىلەن لوپنۇردىن چاقىلىققىچە ، چارقىلىقتىن دۇڭخۇاڭغىچە بولغان يولنى ياسىماقچى بولغان ، لوپنۇردىن چاقىلىققىچە بولغان يول پۈتكۈزۈلگەن بولسىمۇ ، چارقىلىقتىن دۇڭخۇاڭغىچە بولغان يول نامەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ياسالمىغان .

 

1947-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى قاراھەشەر ، خېجىڭ ، خۇشۇت ، كورلا ، بۈگۈر، لوپنۇر ، چارقىلىق قاتارلىق ناھىيەلەردىن ھاشارغا ئادەم تۇتۇپ، چارقىلىق– دۇڭخۇاڭ يۇلىنى ياساتقان ، يولنىڭ توپا قۇرۇلۇشى تاماملانغان . كىرورەن يولى بىر ئەسىر تاشلىنىپ قالغاندىن كىيىن يەنە ئاندا-ساندا ھالدا قاتناش بولۇپ تۇرغان ، ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانغىچە بۇلغان مەزگىللەرگىچە يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك تەقدىر –قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن.

 

خۇلاسە: مەن تارىخى ۋە مەدەنىيەت مۇتەخەسىسى ئەمەس ، ئەمما لوپلۇق ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ھازىرقى زامان ئالىملىرى تەرىپىدىن ‹‹ ئۇلۇغ يىپەك يولى ›› دەپ ئاتالغان . بۇ يولنىڭ قەدىمقى جەنۇبى بۆلىكى بولغان كروران يولى توغۇرلۇق دەسلەپكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرىشىنى سورايمەن.

 

. مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3777

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-05-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: