ئېلكىتاب -«مارشال ئىلھامى»

 

 

بۇ كىتابنى ئىشلەش جەريانىدا ئۇنىڭ  1984-يىلى يازغان ”مارشال ئىلھامى“ناملىق يەنە بىر ئەسلىمىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇقتۇم. ”ئۇرۇش ۋە قۇماندان“دېگەن كىتابقا بەك قىزىقىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن،ئاپتۇرنىڭ بۇ كىتابىنىمۇ بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. دائىم كىتاب بىلەن ھەپىلىشىدىغان دوستلىرىمدىن سۈرۈشتۈرۈپ باقسام، ھېچكىمدىن چىقمىدى. بىر كۈنى ئوبلاستلىق كۈتۈپخانىغا بارسام، بۇ كىتاب تاسادىبى ھالدا بۇ جايدا ئۇچىراپ قالدى. كىتابنىڭ ھەجىمى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىكەن. تېز سۈرئەتتە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. بۇنىڭدا ئاساسلىقى،ئاپتۇرنىڭ مارشال پىڭ دوخەي بىلەن كۆرۈشۈش جەريانى، ئاتلىق قىسىمدا مەشىقلىنىش ۋە بىر قىسىم چىگرانى قوغداش مەقسىتىدىكى جەڭلەرگە قاتنىشىش جەريانى سۆزلەنگەن ئىكەن. بۇ كىتاب گەرچە ئۇنىڭ ئۇرۇش ۋە قۇماندان“ناملىق كىتابىدىن ھەر قايسى جەھەتلەردە ئانچە ۋاي دەپ كەتكۈدەك يەرلىرى بولمىسىمۇ، بۇ كىتابنى كۆرۈش ئىستىكىمنىڭ قانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يەنىلا خۇش بولدۇم. ئىشقىلىپ، بۇ كىتاب كونا كىتاب بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا بىزنىڭ بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

كىتاب مۇقاۋىسى:

كىتاپتىكى بىر نەچچە قىستۇرما سۈرەتلەر

 

 

 

 

كىتابنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:

http://qiannao.com/file/lopnuri/151b2042/

ئاللاھ خالىسا،كېيىنكى قېتىم ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ ”شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى“ناملىق كىتابى بولىدۇ.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2653

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-12-05
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇرى ئېلكىتابلىرى
ئىنكاس: 4دانە
  1. بۇرادەر، يېقىندىن بۇيان ياسىغان كىتابلىرىڭىز تولىمۇ سۈپەتلىك چىقىۋاتىدۇ

    • سىز تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى بويىچە ئاز-تولا ئىزدىنىپ يۈرۈپ،مانا مۇشۇنچىلىك ھالەتتە قىلالىدىم.يەنىلا ياردىمىڭىزگە كۆپ مۇھتاجمەن. مەن كومپىيوتىرنى ئۆزلۈكۈمدىن چوقۇپ يۈرۈپ ئۆگەنگەن، شۇڭا ئىنچىكە تىللىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن.

  2. بولسا يەنىمۇ ئازراق ئىزدىنىپ، رەڭلىك چىقىشى زۆرۈر بولمىغان كىتابلارنىڭ رەسىمىنى رەڭسىزلەشتۈرۈپ ئاندىن ياساڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، كىتاب ئانىڭدەك چوڭ بولۇپ كەتمەيدۇ. ئاۋۇ كىتابنىڭ بەتلىرى ئەمەلىيەتتە رەڭلىك رەسىم قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، ھۆججەت بەك چوڭ. ئەگەر مۇقاۋىنى رەڭلىك پېتى قىستۇرماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال مۇقاۋا بەتنى كىتاپقا قوشماي، رەڭسىز كىتابنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، مۇقاۋىنى بىرىكتۈرۈپ ياكى قىستۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: