ئېلكىتاب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىجادىيەت قۇدىرىتى

 

 

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! موھتىرەم تورداشلار! بۇ قېتىم ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلغان ئېلكىتاب جۇڭگۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى ئۇيغۇر، قازاق شۆبىسى تەرپىدىن 1987-يىلى بېسىلغان ”ئەرەپ ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەن ئىجادىيەت قۇدىرىتى“ ناملىق كىتابچە بولدى. مەزكۇر كىتابچىغا پاكىستانلىق نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى دوكتۇر ئابدۇسالامنىڭ 1981-يىلى 3-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈۋەيتتە ئېچىلغان ئۇنۋېرسىتىتلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتىقى كىرگۈزۈلگەن  بولۇپ، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەن ئىجادىيەت قۇدىرىتىنى تونۇش ۋە بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىشىڭىغا تۈرتكە بولالايدۇ.

        دوكتۇر ئابدۇسالام نۇتىقىنىڭ ”ئىسلام ئەللىرىدە ئىلىم-پەننى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى“ ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان 9-، 10-، 11- ئەسىرلەردە ئىلىم –پەن ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ۋە ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىش قىيىن ئەمەس. مۇسۇلمانلار قۇرئان ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەدىسلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ. دەمەشىق ئۈنۋېرسىتىدىكى دوكتۇر مۇھەممەت ئەجەبۇل خاتىپنىڭ سۆزى بويچە ئېيتقاندا، ئىلىم-پەننىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتە مۇنۇ سۆزدەك پاساھەتلىك سۆز يوق: “ قۇرئان كەرىمنىڭ 250 ئايىتىدە شەرىئەت ئەھكاملىرى بايان قىلىنغان. 750 چە ئايىتىدە بولسا (قۇرئان كەرىمنىڭ سەككىدىن بىرى) مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئەتنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى تونۇش ھەمدە ئەقىل-پاراسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىلىم_پەن ساھەلىرىنى جەمىيەت پائالىيىتىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى قىلىش توغرىسىدا تەشۋىق-تەرغىبات قىلىنغان“. مەن سىلەرگە سۇنى ئېيتىپ قويايكى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە  ”ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر“ دېيىلگەن. بۇ شەرەپلىك نام پەن بىلىملىرىگە ئىشەنگەن ئالىملارغا مەنسۈپ. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى چۈشىنىدىغان ئالىيجاناپ ئادەملەردۇر. پەيغەمبەر بىز ھەر بىر مۇسۇلمانغا مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ يىراق جۇڭگۇغا سەپەر قىلىشتىن يانماسلىق توغرىسىدا تەرغىب قىلغان. بۇ يەردە مەن سىلەرگە شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، “ ئىلىم ”دېگەن سۆزدىن باشقا شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز يوق. ”قۇرئان كەرىم“دە ئىلىم –پەننى ئىگەللىگەن ئادەملەرنىڭ ئەۋزەللىكى تەكىتلەنگەن مۇنداق بىر ئايەت بار:

“ بىلدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ “ (قۇرئان سۈرە زۈمەر 9-ئايەت)

مانا بۇ سۆز ئاللاھنىڭ كىتابى _ قۇرئاندىكى تەرغىبات بولۇپ، بۇ پۈتكۈل ئىسلام ئەللىرى بىلىشكە تېگىشلىك ئىلمىي ئاڭدۇر.

قېنى، دوكتۇر ئابدۇسالامنىڭ ئىسلام ئەللىرىدىكى خەلقلەرنى ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىپ سۆزلىگەن ئېسىل نۇتىقىدىن ھۇزۇرلانغىڭلار بولسا، بۇ كىتاپچىنى باشتىن-ئاياق كۆرۈپ چىققايسىلەر.

كىتاب ئىككى خىل نۇسخىدا يوللاندى، ئېھتىياجغا قاراپ چۈشۈرۋالغايسىلەر.

سىغىمى چوڭ ئەمما بەك سۈزۈك نۇسخا:http://qiannao.com/ls/lopnuri/d2baead8/


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3093

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-16
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇرى ئېلكىتابلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: