ئېلكىتاب-يېڭى قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !ھۆرمەتلىك تورداشلار! تىل  جەمىيەت بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ئىجتىمائىي ھادىسىدۇر. تىل بىلەن جەمىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋەت بولۇپ، بىر- بىرىنى شەرت قىلىدۇ. تىلسىز جەمىيەتنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمىغىنىدەك، جەمىيەتسىز بىر تىلنىڭ مەۋجۈت تۇرىشىمۇ تەسەۋۇرغا سىغمايدۇ ئەلۋەتتە. جەمىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا تىلغا مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ تىلنىڭ لېكسىكا (سۆزلۈك) قىسمىغا كۆپرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. جەمىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا بىر قىسىم سۆزلەر ئىستىمالدىن قالسا، يەنە بىر قىسىم سۆزلەر يېڭىدىن پەيدا بولۇپ، تىلنىڭ تەرەققىياتىدىكى تەدىرىيجىيلىك ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. يېڭىدىن پەيدا بولغان سۆزلەر باشقا تىللاردىن قۇبۇل قىلىنغان بولىشىمۇ، ئۆز تىلدىكى تىل ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولىشىمۇ مۇمكىن.  ئۇيغۇر تىلى ئۆز تەرەققىيات تارىخىدا  ئۆز ىنى بېيىتىپ تۇلۇقلاش بىلەن بىرگە باشقا تىللاردىنمۇ نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى قۇبۇل قىلىپ كەلدى. قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى دەۋىرلىرىدە سوغدى تىلى ،سانسىكىرىت تىلى ، ئەرەب  تىلى، پارىس تىلى قاتارلىق تىللاردىن سۆز قۇبۇل قىلغان بولسا، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋىرلىرىدە رۇس تىلى، ئىنگىلىز تىلى، خەنزۇ تىللىرىدىن سۆزلۈك قۇبۇل قىلدى. مانا بۇ تىللارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۆز ئارا ئۆتۈشۈشنىڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرى سۈرلىشى بىلەن نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار تىلىمىزغا  كىرىپ كەلدى. بۇلارنى خەلق ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇۋاپىق يۇسۇندا ئىش قۇشۇشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى، بۇنىڭدا سۆزنى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويچە قۇبۇل قىلىش، يېڭىدىن سۆز ياساس قاتارلىق شەكىللەردە ئۆزلەشتۈرۈش مۇمكىن. قىسقىسى ، ھازىر جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن پەن-تېخنىكا ۋە كەسپىي ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە ياسىلىشى ھەققىدە مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەر خېلىلا ئاۋۇپ قالدى. تۆۋەندە توردىشىمىز ئۈزۈم شەربىتى تەمىنلىگەن 2009-يىلدىن 2013 يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىكى تىل-يېزىق كوممىتىتى تەرپىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلارنىڭ ئېلىكتىرۇنلۇق نۇسقىسى تەمىنلەندى.  مېنڭچە ، بۇ ئېلكىتابنىڭ تىل تەتقىقاتچىلرى، تەرجىمانلار ۋە ئاۋام خەلق ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىنىش قىممىتى بار. باشقىچە پىكىردىكىلەر بۇ ئاتالغۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىلمىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقسىمۇ بولىدۇ.  ئېلكىتابنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى:

http://pan.baidu.com/s/1ntDJcuP


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3607

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-01-10
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇرى ئېلكىتابلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: