قەدىر-قىممىتىمىز نېمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟

 

قەدىر-قىممىتىمىز نېمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟

 

قەدىر- قىممەت مۇنداقچە ئېيتقاندا ”ئابرۇي ۋە ئىناۋەت“ دېمەكتۇر. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئابرۇي ياكى ئىناۋەت ھەرگىزمۇ شەكلەن ياكى سەلبىي تۈستىكى ئابرۇيپەرەسلىك ياكى ئىناۋەت قوغلىشىشنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنداقتا، ھەقىقىي مەنىدىكى قەدىر-قىممەت ياكى ئابرۇي ئىناۋەت دېگىنىمىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ھەقىقىي مەنىدىكى قەدىر-قىممەتكە باھا بېرىشتە قانداق ئۆلچەملەرنى قوللانساق مۇۋاپىق بولىدۇ؟مانا بۇ ھەممەيلەن ئورتاق ئويلىنشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.

 

  ئادەم تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئالىي دەرىجىلىك ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن ياشاش جەريانىدا مۇئەييەن كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى شەكىللەندۈرىدۇ. كىشىلەرنىڭ مانا مۇشۇ كۆز قاراشلىرى ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممەتكە بولغان تونۇشىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تونۇش ئوخشىمىغان ئىكەن قەدىر-قىممەتكە بولغان ئۆلچەمدىمۇ پەرقلەر كېلىپ چىقىدۇ. مۇتەپەككۇر بېلىز پاسكالنىڭ سۆزى بويچە ئيتقاندا ”بىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىز تەپەككۇرىمىزگە جەملەنگەن“. تەپەككۇر قىلىش ئادەمنى ئۆزى ھەققىدە ئويلاندۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. ئۆز-ئۆزىنى توغرا تونۇيالىغان ۋە كەمچىللىكلىرىنى ۋاقتىدا ئوپراتسىيە قىلالىغان كىشىلەر كەلگۈسىدىكى قەدىر-قىممىتىنىڭ بىناسىغا ھۇل سېلىۋاتقان كىشىلەردۇر. ئۇنداقتا، بىز ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە خىل ئۆلچەم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:

 

1)  كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان ۋە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم مېنىڭچە، ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى بىلىم بىلەن ئۆلچىنىدۇ، دېگەن قاراشتۇر. دەرھەقىقەت، ئادەمنى قەدىر-قىممەتكە ئېرىشتۈرگۈچى مۇھىم ئامىللىنىڭ بىرى بىلىمدۇر. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ”بىلىم ئالمىغان ياش، تام تۈۋىدىكى تاش“، ”بىلىملىك ئوزار، بىلىمسىز توزار“، ”بىلىم ئەقىلنىڭ چىرىقى“ دېگەنگە ئوخشاش ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق بىلىمنىڭ كىشىنىڭ زېھىن-تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ ئېشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان، ئەل ئىچىدە ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىغان تۈگىمەس مەنىۋى بايلىق، كىشىنىڭ قەلىب دۇنياسىنى يورۇتۇشتىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇلۇغ ئالىم، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئىنسان قەدىر-قىممىتىنىڭ ئىلىم بىلەن بولىدىغانلىقىنى پۈتۈن ئەسىرىگە سىڭدۈرگەن. ئۇنىڭ ”بىلىم بايلىق ئول گادايلاشمايدىغان، قاراقچى، ئوغرى ئالالمايدىغان“ دېگەنگە ئوخشاش مىسىرالىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى ئىنسان قەدىر قىممىتىنىڭ ئەڭ موھىم ئامىلى بىلىمدۇر. ئۇنىڭ ئۆز ئەسىرىگە ”قۇتادغۇبىلىك“ يەنە ”بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم“ دەپ ماۋزۇ قويغانلىقىدىنمۇ يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ قەدىر-قىممەت جەھەتتىكى ئۆلچىمىنىڭ بىلىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. ئوت يۈرەك شائىر نىمشىھىتمۇ ”جاھان رەنالىرى ئىچىرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق، بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار يوق“ دېيىش ئارقىلىق بىلىمنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن. بىلىم ئىنساننىڭ خاراكتىر گۈزەللىكىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى پۇل-بايلىقى،كېيىگەن كىيىم-كېچىكى ۋە ياكى كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان چىراي-تۇرقى بىلەن جۇلالانمايدۇ. ھەممىز قۇلاق سېلىپ ئاڭلايلى“بۇياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى“ دەپ ئوتلۇق خىتاپ قىلىدۇ، ئۆت يۈرەك ئوغلانىمىز لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ. 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن يەنە بىر مۇتەپەككۇر ئەھمەد مەھمۇد يۈكنەكىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بايانلىرى يۇقىرىدىكى كۆز قاراشلارنى تېخىمۇ يۇرۇتۇپ بېرەلەيدۇ:

بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنادۇر،

بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز يارماقتۇر.

بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز ھېچقاچان تەڭ بولالمايدۇ،

بىلىملىك ئايال گويا ئەر، بىلىمسىز ئەر گويا ئايالدۇر.

ئادەمدە بىلىم بولىشى سۆڭەكتە ئىلىك بولغانغا ئوخشايدۇ،

ئادەمنىڭ زىننىتى ئەقىل بولسا، سۆڭەكنىڭ ئىلىكتۇر.

بىلىمسىز كىشى ئىلىكسىز سۆڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ،

ھالبۇكى، ئىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزاتمايدۇ.

ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ،

بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.

بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ نامى تىرىك بولىدۇ،

بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ.

بىر بىلىملىك مىڭ بىلىمسىزگە تەڭ كېلەلەيدۇ،

تەڭلەشتۈرگەندە بىلىمنىڭ سالمىقى ئايان بولىدۇ.

ئەمدى ئەقلىڭ بىلەن بايقاپ كۆرگىن،

بىلىمدىن پايدىلىق يەنە قانداق نەرسە بار.

ئالىملار بىلىم بىلەن يۇقىرى كۆتىرىلدى،

بىلىمسىزلىك ئەرنى يەرگە چۆكۈردى.

بىلىمنى زېرىكمەي ئىزدە، شۇنى بىلگىنكى،

ھەق رەسۇل:“بىلىم جۇڭگۇدا بولسىمۇ ئىزدەڭلار“دېگەن.

”ئەتەبەتۇل ھەققايىق“ 19-21بەتلەر

 2) ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ئەدەب-ئەخلاق بىلەن بولىدۇ، دېگەن كۆز قاراشتۇر. ئەدەپ-ئەخلاق ئىنساننى ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇردىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. قەدىمدىن بار بولغان ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ئىدىيىلىرى بىلەن ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىگە خاس بولغان ئەدەپ ئەخلاق چۈشەنچىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ”ئادەمنىڭ زىننىتى ئەخلاق، دەرەخنىڭ زىننىتى ياپراق“، ”ئەخلاقلىقتىن ئەل رىزا، ئەخلاقسىزدىن ئەل بىزا(ر)“ مانا بۇ خەلقىمىزنىڭ ئەدەپ ۋە ئەخلاق چۈشەنچىلىرىنىڭ ئىنسان قەدىر- قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىكى ئەڭ ئىخچام ئىپادىدۇر.تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇئەللىپى، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى بىزگە بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك نەسىھەت قالدۇرغان:“ ئەي ئوغۇل مەندىن ئۆگۈت-نەسىھەت ئال،ئەدەپلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشقا تىرىش،ئەل ئىچىدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ ئەدەپ ۋە ئىلىم-ھېكمەت تارات“. ئەلۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ئەخلاقىي چۈشەنچىلىرىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ساھەلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ. مەسىلەن: سالاملىشىش ئەخلاقى؛ مىھماندارچىلىق ئەخلاقى؛چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،كىچكلەرنى ئىززەتلەش؛ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش؛ جەمىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش؛ ئاجىز-ناتىۋانلارغا ياردەم بېرىش…. قاتارلىقلاردۇر. دىمەك، مانا مۇشۇ خىل ئەدەب-ئەخلاق ئامىللىرىنى ئۆزىدە يىتىلدۈرگەن كىشىلەرلا قەدىر-قىممەت جەھەتتە باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقتا بولىدىغانلىقىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن خۇلاسىلەش كۇپايىدۇر: مۆمىن كىشىلەر ياخشى خۇي-ئەخلاقنىڭ ۋاستىسى بىلەن كېچىسى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىپ، كۈندۈزى روزى تۇتقانلارنىڭ دەرىجىسىنى تاپىدۇ.

3)كىشىنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۇنىڭ ۋەتەنگە، مىللەتكە ۋە ئەل يۇرتقا قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ، دېگەن كۆز قاراش. كىشىلەر جەمىيەت ياشاش جەريانىدا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىنى قوشىدۇ. لېكىن تۆھپىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولىدىغانلىقى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغان باغلىق بىر ئىشتۇر. مەيلى قەيەردىلا بولسۇن، قانداق كەسىپ ۋە ئىش بىلەن شۇغۇللانسۇن، كىشىلەر مۇشۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە مەلۇم نەتىجە قازانغانلارنى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر دەپ قارايدۇ. جىسمانى ئەمگەك قىلغۇچىلار جەمىيەتكە ماددىي جەھەتتىكى بايلىقلارنى ياراتسا، ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار مەنىۋىي بايلىقلارنى يارىتىدۇ. مانا مۇشۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلار كىشىلەرنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ مەسھۇلىدۇر. ھەر قانداق جەمىيەتتە ھورۇن كىشىلەر قارشى ئېلىنمايدۇ، ھەممە كىشىلەر تەرپىدىن ئەيىبلىنىدۇ. ئىشچان ۋە تىرىشچان كىشىلەر قارشى ئېلىنىدۇ ۋە ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتىنىڭ ئۇنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىدا شۇبىھە يوقتۇر.

     ۋەتەنپەرۋەرلىك مەڭگۈلۈك بىر تېما. ئىنساننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈك بولىشى،ۋەتەن ئۈچۈن مۆرىتى كەلگەندە ھەتتا جېنىنى قۇربان قىلالاىشى ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ھۆرمىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئىتىپ باشقا يۇرتلارغا چىقىپ كەتكەنلەرمۇ باشقا يۇرتتا تۇرۇپ ئۆز ۋەتىنىنى چوڭقۇر ياد ئىتىدۇ. ”ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار“دېگەندەك ياشانغانسىرى ئۆز ۋەتەنىگە قايتقۇسى كېلىدۇ.بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھېسىياتىنى شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا تۆۋەندىكى مىسىرالارغا سىڭدۈرۋەتكەن:

”ۋەتەن“ دېگەننىڭ ئاغزىغا باقتىم،

قايتماققا قۇشتەك تەلپۈنۈپ باقتىم.

لېكىن قايتالماي قالدىم پىغاندا،

ھە كۈن نەچچە لەيلىدىم، چۆكتۈم،

كۆزلىرىمدىن ئاققان قىياندا.

 بىزدىكى ”تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئېزىز“دېگەن ھېكمەتنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب مۇشۇ بولسا كېرەك. ۋەتەنسىز، ئەل يۇرتسىز بىزگە قەدىر-قىممەتنىڭ نېسىپ بولىشى بەسى مۈشكۈلدۇر. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىنمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق ئوتلۇق مىسرالارنى قالدۇرغان:

ۋەتەن تەختىڭ، ۋەتەن بەختىڭ، ۋەتەنسىز ئامىتىڭ مازغاپ،

ۋەتەن دىيار، ۋەتەن تۇلپار، ۋەتەنسىز ئەر قالار ئاقساپ.

ھەشەمەت روزىغا، شۆھرەت ياراشماس بولمىسا ئۆز يۇرت،

بۆلەك ئەل مىسلى بىر ئەلگەك_ چىقارغاي ئاقىۋەت تاسقاپ.

ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتىنىڭ نېمە بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەققىدە يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: ھەقىقەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئومۇمىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە ئارقىدا بولۇش؛ ۋەتەن ياكى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش…. دېگەندەك. باشتا دەپ ئۆتكەندەك كۆز قاراشتىكى پەرق ئۆلچەمدىكى پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن كۆز قاراشلارنىڭ ھەممىنى ياكى نوقۇل بىرىنىلا ئىنسان قەدىر-قىممىتىنى ئۆلچەشتىكى ئاساسلىق ئۆلچەم دەپ قارىۋالساق ئانچە توغرا بولمايدۇ.  بۇلار ئوتتۇرسىدا ھەم بىردەكلىك ھەم زىدىيەت مەۋجۈتتۇر. بىرىنچى ئۆلچەمنى مىسالغا ئالساق، پەقەت بىلىم ئالغان كىشىلەرلا قەدىر-قىممەتلىك بولامدۇ؟ پەقەت بىلىملىك بولسىلا بارلىق ئىش ھەل بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلە تۇغۇلىدۇ. مېنىڭچە، كىشىلەرنىڭ قەدىر-قىممەتكە بولغان ئۆلچىمى دەۋىرنىڭ تەرقققىياتىغا ئەگىشىپ مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشى مۇمكىن. ھازىرقى جەمىيەتتە نۇرغۇن يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق جىنايەت شەكىللىرى بارلىققا كەلمەكتە. مانا مۇشۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنى بىلىمسىز كىشىلەر دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ. بۇلار بىلىملىك كىشىلەر ئەمما، ئەخلاقسىز كىشىلەردۇر. دېمەك، يالغۇز بىلىملىك بولۇشلا قەدىر-قىممەتنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى بولالمايدۇ. ئۇنداقتا، يالغۇز ئەخلاقلىق بولۇش ئارقىلىقلا قەدىر-قىممەتنى ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟ مېنىڭچە بۇمۇ ناتايىن. ئەخلاق كىشىلەرنى نۇرغۇن ناتوغرا يوللاردىن چەكلەپ تۇرىدۇ، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى سىلىقلاپ ۋە تەڭشەپ جەمىيەتنىڭ مۇقىم ۋە ئىناقلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەخلاقلىق كىشىلەر ياخشى ئادەملەر دەپ قارىلىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى ”ياخشى“نىڭ مەنىسى دەۋىر خاراكتىرىغا قاراپ مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىپ بېرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، نۆۋەتتىكى جەمىيەتتە پەقەت ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرىغا رىئايە قىلىدىغان كىشىلەرلا ”ياخشى ئادەم“ دەپ قارىلىشى ناتايىن. چۈنكى، نۆۋەتتىكى ”ياخشى ئادەم“ – ئىجتىمائىي ئەخلاقلارغا رىئايە قىلىش ئاساسىدا مەلۇم ساھەدە بەلگىلىك بىلىم ئىگەللىگەن ھەم ئاشۇ بىلىمى ئارقىلىق جەمىيەتكە بەلگىلىك تۆھپە قوشالىغان ئادەمدۇر.

دېمەك ،يۇقىردىكى كۆز قاراش بويىچە ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ۋە ئۆلچەشتىكى ئامىللارغا يەككە لېنىيە بويىچە مۇئامىلە قىلىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. بۇلار ئوتتۇرسىدىكى دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ ئۇلارنى ئۇنىۋېرسال نوقتىدىن كۈزەتكەن چېغىمىزدىلا بىر قەدەر ئىلمىي ۋە ئەقىلغە ئۇيغۇن خۇلاسىگە كېلەلىشىمىز مۇمكىن. مېنىڭچە، بىلىم ئىگەللەش، ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرىغا رىئايە قىلىش، جەمىيەتكە مەلۇم دەرىجىدە تۆھپە قوشۇش……. قاتارلىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن كىشىلەرلا ھەقىقى قەدىر-قىممەتنىڭ ساھىبى بولالايدۇ.

2013-يىل5-ئاينىڭ 29-كۈنى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3178

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-05-29
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: