ئاڭلىنىدۇ ئاۋازسىز ئاۋاز

 

 

ئاڭلىنىدۇ ئاۋازسىز ئاۋاز،

تىڭشىغاندا قەلبىمنى جىمجىت.

مەن روھىمنى ئالدىدىم بەلكىم،

ئۆز-ئۆزۈمنى قىلىشقا بىچچىت.

ئاڭلىنىدۇ ئاۋازسىز ئاۋاز،

ۋىجدانىمغا سالغاندا گىرە.

نەپسىم ئۈچۈن قاتىردىم بەلكىم،

غورورۇمنى قىلىپ دەپسەندە.

ئاڭلىنىدۇ ئاۋازسىز ئاۋاز،

كىملىكىمگە تاشلىسام سۇئال.

ئىرادەمنى قاقشاتتىم بەلكىم،

سۈرۈپ تەگسىز يىگانە خىيال.

ئاڭلىنىدۇ ئاۋازسىز ئاۋاز،

ئىنسابىمنى كۆرگەندە دەڭسەپ.

ھالال قىلدىم ھارامنى بەلكىم،

 ئۇنى مەخپىي يوسۇندا تەڭشەپ.

ئاڭلىنىدۇ ئاۋازسىز ئاۋاز،

ئوق ئاتقاندا مەرتلەرنى چەنلەپ.

كۆڭۈللەرنى رەنجىتتىم بەلكىم،

ئاجىزلارغا تىل تىغى تەڭلەپ.

ئاڭلىنىدۇ ئاۋازسىز ئاۋاز،

گۇناھىمغا قىلغاندا تەۋبە.

شەيتان بىلەن ئارلاشتىم بەلكىم،

ئىشرەتلەرگە بولۇپ دوستانە.

ئاڭلىنىدۇ ئاۋازسىز ئاۋاز،

تاشلىغاندا ئۆتمۈشكە نەزەر.

ئەيىبىمنى يۇشۇردۇم بەلكىم،

چاۋام چىتقا يېيىلغان قەدەر.

ئاڭلىنىدۇ ئاۋازسىز ئاۋاز،

ئاداشقاندا ئەجداد يولىدىن.

ئەنئەنىدىن چەتنىدىم بەلكىم،

ئەبجەشلىكنىڭ سىقىپ قولىدىن.

ئاڭلىنىدۇ ئاۋازسىز ئاۋاز،

قىلغىنىمدا دوستقا خىيانەت.

ئايا رەببىم جاۋابكاردۇرمەن،

ئۆتكۈزگەچكە ئېغىر جىنايەت.

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى كورلا شەھرىدە يېزىلدى.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3574

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-19
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: