سېغىنىمەن ئاشۇ كۈنلەرنى

سېغىنىمەن ئاشۇ كۈنلەرنى

 

(بىز بىلەن 36 يېشىدا خوشلاشقان جان-جىگەر دوستۇم رەخىمجان ھاكىمنى ئەسلەپ)

ھاياتنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى نەدە،

بېرەلمەس دانامۇ ئېنىق بىر جاۋاب.

ماڭىمىز كارۋانغا ئەگىشىپ ھامان،

ھېچكىشى مەڭگۈلۈك يۈرەلمەس يايراپ.

كېتىمىز خوشلىشىپ بىر-بىرلەپ چوقۇم،

كەلگەندە ئەجەلنىڭ نۆۋىتى باشقا.

ئىگىمىز ياراتقان سۇنماس ھەقىقەت،

باقمايدۇ ئۇ ھەرگىز قېرىغا، ياشقا.

ئاشكارە ۋە پېنھان سىرغىغان،ئاققان،

كۆز ياشلار گۇۋاھتۇر قايغۇ ھەسرەتكە.

كېتىمىز، قوشۇلار بوغۇنلار بىر-بىر،

ھاياتلىق ھارۋىسى قېتىلغان سەپكە.

ئەسلەيمىز ئۇھ تارتىپ يېقىن دوستلارنى،

بىزلەردىن بىۋاقىت ئايرىلىپ كەتكەن.

سەپەرداش، ساۋاقداش، تەقدىرداش بولۇپ،

تاسادىپ قانىتى قايرىلىپ كەتكەن.

  شۇنداق، ھاياتلىق ئاسمىنىدا قاناتلىرىنى كېرىپ ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان بىر بۈركۈتكە تۇيۇقسىز تەقدىرنىڭ قارا بورىنى تەگدى. قارا بوران تەگدىلا ئەمەس، بوۋىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئۇنىڭ مەغرۇر قېقىلىۋاتقان قاناتلىرىغا كىملەرنىڭدۇر كۆزى تەگدى. كۆپكۆك سامادىن تېخى ئۇچۇرما بولمىغان باچكىلىرىغا كۆزى قىيمىغان ھالدا غۇلاپ چۈشتى. چۈشىۋىتىپ ئاشۇ ئۆتكۈر كۆزلىرىدە تۆت تامچە ياش قېتىپ قالغان ئىدى. ئۇ ھاياتنى قىزغىن سۆيەتتى، ئائىلىسىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىگە سەمىمىي-ساداقەتمەن، مەرت ھەم سېخى ئىدى. ”ياخشىغا كۆرۈم يوق، يامانغا ئۆلۈم“ دېگەندەك تۇيۇقسىز بىز بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. ھەممىمىز چوڭقۇر ھەسرەت بىلەن قىيالماستىن نادامەت ياشلىرىمىزنى تۆكىنىمىزچە ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇق. لېكىن ، كۆڭلىمىزدىكى جاراھەت ئىزلىرى پۈتكىنى يوق. ئۇنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى، چاققان-چەبدەس ھەرىكەتلىرى كۆز ئالدىمىزدىن؛ دەل جايىغا چۈشۈرۈپ ئېيتقان يۇمۇر-چاقچاقلىرى قۇلاق تۈۋىمىزدىن كەتمىدى. ساۋاقداشلار جەم بولغاندا ئۇنىڭ نامى تىلغا ئېلىنسا، سورۇنىمىز قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك سۈكۈتكە چۆمدى. ئۇنىڭ ئارىمىزدىن كەتكىنىگە ھازىرغىچە ئىشەنگۈمىز كەلمەيتتى. ئۇ بىر كۈنى يەنە ئاشۇ كۆلگۈنچەك سىماسى بىلەن ئالدىمىزدا پەيدا بولدىغاندەكلا ھېس قىلاتتۇق.

 ئۇ بىزنىڭ گۈزەل ياشلىق چاغلىرىمىز، مەنىلىك ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزدىكى سىردىشىمىز، يولدىشىمىز ھەم يول باشلىغۇچىمىز ئىدى. ساۋاقداشلىرىمىز ئىچىدە كىم قىيىنچىلىققا ئۇچىرىسا، بىرىنچى بولۇپ ياردەم قولىنى سۇنىدىغىنى يەنىلا ئۇ ئىدى.

راستىنى ئېيتسام، بەزىدە ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپمۇ قالاتتىم، ئۇ يۇقىرى قاتلام رەھبەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققىنىغا قارىماي كىبىر ۋە تەمەننادىن يىراق ئىدى. بىز ئادەتتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆرۈپ تۇرىدىغان ھاكىم ۋە سېكىرتارلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش ئائىلىسىنىڭ ھوقۇق- مەرتىۋىسىنى پەش قىلىپ يۈرۈيدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. بىر ياتاقتا يېتىپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ بىر ناھىيەنىڭ ھاكىمى ئىكەنلىكىنى خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاڭلىغان ئىدۇق. ئەلۋەتتە سىنىپىىزدىكى ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىمىز دېھقان پەرزەنتلىرى بولغاچ، ئۇنداق ئەمەلدار ئائىلىسىنىڭ بالىلىرىدىن تەبىيلا ئەيمىنىش تۇيغۇسى بار ئىدى. لېكىن بۇ خىل كەيپىيات ئۇزاققا قالمايلا غايىب بولدى. بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلاردەك ئىجىل ھەم ئىناق بولۇپ كەتتۇق. ئۇزۇن تۈنلەردە ئىچ سىرلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىمايتتۇق. ئەتىگىنى سەھەر ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا، دەرس تەكرارلاشقا چىقاتتۇق. ئۇ بىزنىڭ سىنىپ باشلىقىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى باش بولۇپ دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنەتتى، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئاۋۋال ئۆزى رىئايە قىلاتتى. دەرسخانىدا ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ دەرسخانا كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە دائىم ھەسسە قوشاتتى. ئەمما، ئۇنىڭ بىر ”كەمچىللىكى“ بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، سىنىپتا ئوغرلىقچە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزنى سىنىپ مەسئۇلىمىزغا دوكىلات قىلىپ يۈرمەستىن، چىرايلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بىزنى بۇندىن كېيىن دېققەت قىلىشقا ئۈندەيتتى. شۇڭىلاشقىمۇ، ھەممىمىز ئۇنى ھېمايە قىلاتتۇق ھەم گېپىنى ئاڭلايتتۇق. ئۇنىڭ ھەممىمىزگە ئورتاق ئادىل مۇئامىلىدە بولىشى ھەممىمىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن چېغىم ھېلىمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. مەكتەپكە كىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولۇپ دادام بىلەن ياتاققا كىرىپ تۇرساق، ئۇ سىرتتىن كىرىپ كەلدى ۋە بىز بىلەن خۇددى كونا تونۇشلاردەك قىزغىن قول ئېلىشىپ سالاملاشتى. تۇنجى كۆرۈشىشىمىزدىلا ئۇ مېنى سەنلەپ گەپ قىلغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتەن بىر ئاز غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئىدىم. چۈنكى، بىز تەرەپلەردە تۇنجى كۆرۈشكەن ئادىمىمىز ئەمەس، خېلى تونۇش كىشىلەرنىمۇ ئۇنداق بىۋاستە سەنلەش ئادىتى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، مەن بىر-ئىككى ھەپتىگىچە ئۇ مېنى سەنلىسىمۇ سىزلەپ گەپ قىلىپ يۈردۈم. بىر كۈنى بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئىچى پۇشتى بولغاي “ ھەي، ئاغىينە! مەن سېنى سەن دېگەندىن كېيىن سەنمۇ مېنى سەن دەپ گەپ قىلىۋەر، قاچانغىچە سەنلەشمەي يۈرىمىز؟ “ دېگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بۇ خىل تۈزلىكىدىن سۆيۈنگەن ھەمدە مېنى ”سەن“ دېگەن بالىلارنى مەنمۇ“ سەن“ دەپ گەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرىمىز بىرگە بولۇشقا باشلىغان ئىدى.

مەن ئۇ چاغدا ناھىيەمنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ باشقا شەھەرگە چىقىپ باقمىغان سەھرا بالىسى ئىدىم، شەھەر بالىلىرىنى كۆرسەم بىر خىل ئۆزۈمنى ئېپقاچقۇم كېلەتتى. ئەمدى ئويلاپ باقسام، شۇ ۋاقىتتا مەندە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى ئېغىر ئىكەندۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچىگە كەلگىچە چوڭلاردىن “ ئۈرۈمچى دېگەن يامان شە، قالايمىقان ئادەملەر ناھايتى كۆپ، سىرتلارغا يالغۇز چىقماڭلار، ئوغرى-يانچۇقچىمۇ كۆپ“ دېگەندەك نەسىھەتلەرنى جىق ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ نەسىھەتلەرنىڭ كۈچى بىلەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ سىرتلارغا چىقىشقا ئانچە پېتىنالمايتتىم. لېكىن ئۇ ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە بولغان چۈشەنچىسى مېنىڭكى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايتتى. ئۇ بۇ يەرنىڭ كونا ساھىبخانىدەك ئەركىن ۋە ئەندىشىسىز ھەرىكەت قىلاتتى. ئۇ ماڭا ئوخشاش بىر قانچە سەھرا بالىسىنى يېتىلەپ ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى بىرگە ئايلاندۇرۇپ يۈرىكىمىزنىڭ خېلى توملىشىپ قېلىشىغا ياردەم بەرگەن ئىدى.

ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كەتكەن ئىدى. ھەر قانداق گەپلىرىمىزنى ئەركىن –ئازادە دېيىشەلەيدىغان ھالەتكەن يەتكەن ئىدۇق. ئەلۋەتتە، بەزىدە ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن چۈجە-خورازلاردەك ھۈپىيىشىپمۇ قالاتتۇق-دە، بىر-ئىككى كۈنگىچە ماي تارتىشىپ يۈرەتتۇق. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. يا بولمىسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك گەپ قىلىۋېرەتتى، ياكى بولمىسا بىرەر ئىشقا باھانە قىلىپ بىر چاقچاق قىلاتتى- دە، ئارىمىزدىكى رەنجىشنىڭ تۇمانلىرى سۈزۈلۈپ، قايتىدىن دوسلۇقىمىزنىڭ خۇشپۇراق گۈللىرى ئىچىدە مۇڭدىشىپ كېتەتتۇق.

ئۇ سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلىرىمىز ئىچىدە ئائىلە ئىقتىسادى ئەڭ ياخشى بالىلاردىن بىرى ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئىسراپخورلۇق ۋە ھەشەمخورلۇق قىلمايتتى. كىيىنىشىمۇ ئانچە ئالاھىدە ئەمەس ئىدى. پاكىز ھەم رەتلىك كىيىنىپ يۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. كۈندە كەچتە دېگۈدەك پۇت-قوللىرىنى ۋە پايپاقلىرىنى يۇيۇشنى ئادەت قىلغان ئىدى. گاھىدە بەزىلىرىمىز ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ يۇيۇپ قويغان پاكىز كىيىملىرىنى كىيىپ سىرىتلارغا قېچىپمۇ كېتەتتۇق. ئۇ بۇنىڭغىمۇ ئۇنچىۋىلا تېرىكىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ سىنىپىمىزدا پەيدا بولىشى بىلەن پۇلىمىز تۈگەپ كەتكەندە ئۆسۈمسىز قەرز ئالىدىغان بانكىمىزمۇ ھەل بولغان ئىدى. پۇل ئۆتنە ئېلىشنىڭ گېپىنى چىقىرىپ بولغىچە ”قانچىلىك لازىم، ئەمما ۋاقتىدا قايتۇرىسەن جۇمۇ“ دېگىنىچە سورىغان پۇلىمىزنى بېرىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ ئەزەلدىن بېرىپ تۇرغان پۇلنى سۈيلەپ يۈرمەيتتى.

سىنىپلاردا ۋە ياتاقلاردا ئۆتكۈزىلىدىغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىمىز ئۇنىڭ لەتىپە-چاقچاقلىرىسىز قىزىمايتتى. ئۇ ھامان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ پائالىيەت كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن غۇلجىلىقلارغا خاس يۇمۇررىستىك تالانتىنى نامايەن قىلاتتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ ئېيتقان بىر قانچە لەتىپىسى ھېلھەم يادىمدا بار ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز تېلىقىپ كۈلۈشكەن، ئۇنىڭ سەھنىدە ئۇزۇنراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشقان ئىدۇق. ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر-بىرىمىزگە قىيالماي ، ئۇنىڭ يېڭى ئالغان ئۆيىدە ئۇدا بىر قانچە كۈن بىر نەچچىمىز بىرلىكتە مۇڭداشقان، بىر پارچە يۇڭ ئەدىيالنى تالىشىپ يېپىنىپ، ئۆيدىكىلىرىمىز قايتىپ كېلىشنى سۈيلىگەن ۋاقتىدىلا ئاندىن خوشلىشىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولغان ئىدۇق.

ئۇنىڭغا بولغان قايىلىلىقىمىز ئۇنىڭ گېپىدە تۇرىدىغان، دوستلىرى ۋە سۆيگۈنىگە ۋاپادار يىگىت ئىكەنلىكى بىلەن تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەنگەن ئىدى. ئالىي مەكتەپتە بەش يىل سىنىپىمىزدىكى بىرلا قىز بىلەن ئارىلىشىپ، ئاخىردا ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ۋە كۆڭۈللۈك ئائىلە قۇرىغانلىقى ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ توغرلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى. شۇ مەزگىللەردە توسۇن تايدەك چاپچىپ يۈرۈپ بىز چېغىمىزدا ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بىر نەچچە قىز بىلەن ئارلىشىپ بولغان ئىدۇق، لېكىن ئۇ ئۆزى تاللاپ ئۈزگەن ئاشۇ گۈلنى ئىزچىل قۇلىقىدىن چۈشۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ساۋاقداشلىرىمىز ئارىسىدا “ رەخىم (بىز شۇ ۋاقىتتا ئۇدۇللا شۇنداق ئاتايتتۇق) ئۇ قىزنى بىر كۈنى تاشلىۋېتىدۇ، بىرى شىمالىي شىنجاڭدىن يەنە بىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ھامان ئايرىلىپ كېتىدۇ“ دېگەندەك گەپلەرمۇ بولۇنغان ئىدى. لېكىن، بۇنداق پاراڭلارغا پىسەنت قىلماستىن ئۆز ئىشەنچىسى ۋە يىگىتلىك غورۇرى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئىدى. ئۇ مانا مۇشۇنداق ساپ ھەم تۈز نىيەتلىك ئوغلان بولغاچقا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن رىسقىنى كەڭرى قىلغان ئىدى. رىسقىنىلا ئەمەس، تەقدىر پىشانىسىنىمۇ ئوڭ قىلغان، بىز تېخى توي قىلماستا ئۇ ئۈچ پەرزەنتكە ئاتا بولغان ئىدى. ئاللاھ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بىر قىز پەرزەنت ئاتا قىلغاندا، ھەممىمىز شۇنداق خۇش بولغان، تېلېفۇن ئۇرۇپ تەبرىكلىگەن ئىدۇق. ئۇ ئۆز ساۋاقدېشىمىز بىلەن تۇرمۇش قۇرىغاندىن كېيىن، بىرەر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلسەكلا ئۇنى بىرىنچى بولۇپ ئېسىمىزگە ئالاتتۇق. ھەر قېتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ “ مەن ئۈرۈمچىگە كەلدىم“ دېگەن ۋاقتىمىزدا “ ھوي، يەنە كەلدىڭمۇ، تولا كېلىپ بىزار قىلىۋەتتىڭغۇ“ دەپ چاقچاق قىلاتتى. ئۇ چاغدا مەنمۇ ”ئۆزۈڭ بىزنى ياخشى كۈتۈپ يامان ئۆگىتىپ قويغان، قىلغان ۋەدەڭنى ئۇنتۇپ قالما“ دەپ ئەسلەش خاتىرەمگە يازغان سۆزلىرىنى ئېسىسىگە سالاتتىم. ئۇنىڭ ئەسلەش خاتىرەمگە قالدۇرغان سۆزلىرىمۇ چاقچاق ئارىلاشقان سەمىمىي تىلەكلەر بىلەن بېزەلگەن ئىدى. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئەسلەش خاتىرەمگە قالدۇرغان مۇنۇ قۇرلىرىنى قىستۇرۇشنى لايىق تاپتىم: گۈزەل كروران ئانىمىزنىڭ 92-ئەۋلادى، تەكلىماكاننىڭ ئەركە ئوغلى خېلىل راخمانوپ سەن بىلەن بەش يىللىق ساۋاقداش، ياتاقداش، سىنىپداش بولدۇم. ياخشى ئۆتتۈق. تالاي ئاچچىق-چۈچۈك كەچمىشلەرنى بىرگە ئۆتكۈزدۇق. ئۆيۈڭگىمۇ باردىم. گۈزەل لوپنۇرنىڭ قەدىمكى سەھرالىرىنى قانغۇچە ئايلانغانلىقىمىز قەتئىي ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ياتاقتىكى قىلىقلىرىمىزچۇ تېخى. دوستۇم ھازىر ئاشۇ كۈنلەرنى ماڭا ئوخشاش سېغىنىۋاتامسەن؟ خىزمىتىڭنى ياخشى ئىشلە، ئۈرۈمچىدە سېنى كۈتىمەن( ئەلۋەتتە يېنىڭدا چىرايلىق ھەمرايىڭمۇ بولىدۇ) . خەير، دوستۇم! مەن مەيلى نەدە بولاي سىېنى ۋە سېنى ئۆستۈرگەن لوپنۇر دىيارىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن!“ ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرغان ئىدى .شۇڭا ھەر قېتىم چاقچىقىنى تۈگىتىپلا، ھايال بولماستىن كۈتىۋالغىلى ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ يىتىپ كېلەتتى.

”دۇنيادا دوسلۇقتىن ئەۋزەلرەك ھېچ نەرسە يوق؛ ئۆمۈر دەپتىرىدىن دوستلۇقنى ئۆچۈرۋېتىش، دۇنيانى قۇياش نۇرىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن باراۋەر“ دېگەن ئىكەن بىر مۇتەپەككۇر. ئۇ بەلكىم بۇ ھېكمەتنى ئاڭلىمىغان ۋە كۆرمىگەن بولىشى مۇمكىن .لېكىن ئۇ كۆڭۈل دەپتىرىگە ئاللىقاچان بۇ خەتنى ئۇيۇپ بولغان ئىدى. ئۇ “ دۇنيادىكى ھەممە ئىززەت-ئېكراملار بىر ياخشى دوستنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ“ دېگەن ھەقىقەتكە چوڭقۇر ئىشەنگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىسپاتلىغان ئىدى.

ئۇ خىزمەت ئورنىدا ئەستايىدىل ۋە تەلەپچان ئۇستاز؛ ئائىلىسىدا مەسئۇلىيەتچان ۋە كۆيۈمچان دادا؛ ئاتا- ئانىسىغا ۋاپادار ۋە مېھرىبان ئوغۇل؛ دوست- بۇرادەرلىرىگە سەمىمىي ۋە سېخى يىگىت بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتاتتى. تولىمۇ ئەپسۇس، رەھىمسىز پەلەكنىڭ ساۋاقداشلىرىمىز ئارىسىدا بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭغا كۆز تىكىشىنى ھېچ قايسىمىز خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدۇق. ”مەنىسىز ئۆتكەن ھايات ئەسلەشكە ئەرزىمەيدۇ“ دېگەن ئىدى داڭلىق پەيلاسوپ ئارستوتىل. لېكىن ئۇنىڭ ھاياتى ھەمىمىز ئەسلەشكە تېگىشلىك مەنىلىك ھايات ئىدى. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئىستىداتى بىلەن ھايات بېغىنى مەنە گۈللىرى بىلەن بىزىگەن ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇنىڭ ياشلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، قىرانلىق بېغىدىكى كۆچەتلىرى ئەمدىلا مىۋىگە كىرگەن ۋاقىتتا بىز بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى يۈرىكىمىزنى لەختە-لەختە قانغا تولدۇردى. بۇ خەۋەرنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا ھېچقايسىمىز ئىشەنمىدۇق. يەنە قايتىدىن تېلېفۇن قىلىپ راست ياكى چاخچاق ئىكەنلىكىنى دەلىللەشكە ئالدىرىدۇق. ئۇنىڭ بىر چاقچاق بولۇپ قېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتۇق. لېكىن، بۇ بىر رەھىمسىز رىئاللىق بولۇپ ئىسپاتلىنىپ چىقتى. قايغۇردۇق، ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ھەمراھى ۋە ئوماق پەرزەنتلرىگە قانداق تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمەي قالدۇق. تىڭىرقىدۇق. تىڭىرقىدۇقلا ئەمەس، بىر مەزگىل خۇدىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق. رەھمەتلىكنىڭ ئاخىرەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندا، ئۇنى ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كېتىپ يەرلىكىدە قويىدىكەن، دېگەن خەۋەر تارقىلىشى بىلەن توختاپ قالدۇق. ئۇنىڭغا دۇئالىرىمىزدا جەننەتنى تىلەشتىن باشقا ئامالىمىز قالمىدى. ئىنساننىڭ ئۆلۈم ئالدىدا تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. ئامال يوق ،سادىرنىڭ ئىزلىرى قالغان، غېنى باتۇرنىڭ ئاتلىرى چاپچىغان تۇپراقلاردا مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلىدۇق.

ئەلۋىدا! قەدىرلىك ساۋاقدېشىم، ساڭا ئاتاپ يېزىلغان بۇ ئاددىيغىنە ئەسلىمەمنى سەن بىر كېلىپلا ياقتۇرغان يۇرت لوپنۇر دىيارىنىڭ مۇنۇ ماتەم قوشىقى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم:

ئەلى قۇلىلار، بەلى قۇلىلار،

سەن بىلەن بىز ۋەلى قۇلىلار.

ئۆزۈڭ ئالدىراپ كەتمەك بولدۇڭ،

ئۇچماققا① يالغۇز يەتمەك بولدۇڭ.

قۇلاقىڭغا بەردۇق سالاتى قامەت،

ئاغزىڭغا بەردۇق كەلىمە شاھادەت.

بىزمۇ كەينىڭدىن بارۇرمىز،

بىز بارغۇچە خۇداغا ئامانەت!

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر.

① ئۇچماق- جەننەت دېگەن مەنىدە

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3803

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-05-20
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: