پىسخىكىڭىزنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋىلىڭ(سۈرەتلىك ھەم يۇمۇرلۇق)

ۋاقتى: 2011-10-05 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال, مائارىپ-پىسخىلوگىيە / كۆرۈلۈشى: 450 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

 

پىسخىك ساغلاملىق دېگەن نېمە؟
    1948–يىلى ئېچىلغان خةلقئارالىق سةھىية تةشكىلاتى يىغىنىدا پسىخىك ساغلاملىققا مۇنداق تةبىر بېرلىگةن ‹‹ پسىخىك ساغلاملىق دىگىنىمىز تةن ، ئةقلى قابىلىيةت ھةم ھېسىيات جةھةتتة باشقلارنىڭ پسىخىك ساغلاملىقى بىلةن توقۇنۇش پةيدا بولمىغان دائىرة ئىچىدة شةخسنىڭ كةيىپ ھالىتى ئةڭ ياخشى قابىلىيەت ھالىتگة يېتىش دېگةنلىكتۇر . ››
        دېمةك، پسىخىك ساغلاملىق دىگىنىمىز ھةر خىل پسىخولوگىيىلىك پائالىيةت نورمال ،مۇناسىۋةت ئۆز ئارا ماسلاشقان ، مةزمۇن ئةمةلىيةت بىلةن بىرلىككة ئىگة ھةم ئىندىۋىدۇئاللىقى نىسپىي تۇراقلققا ئىگة بولغان ھالةتكة قارتىلغان .
 
پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئەھمىيىتى
  

  1.خىزمەت،ئۆگىنىش ۋە ئەمگەكتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.
(1)پىسخىك ساغلاملىق ئادەمنىڭ ئۆگىنىش،خىزمەتكە بولغان تونۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.( خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى،ئەھمىيىتى ،رولى)
(2)پىسخىك ساغلاملىق كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆگىنىش ۋە خىزمەت نىشانى تۇرغۇزۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.(نىشان زىيادە يۇقىرى ياكى زىيادە تۆۋەن بولۇش)
(3)پىسخىك ساغلاملىق ئادەم پائالىيىتىنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
(4)پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە بىر قەدەر كۈچلۈك ئىرادە بولىدۇ.
 
2.تۇرمۇش سۈپىتى بىلەن پىسخىك ساغلاملىقنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ.
  

     تۇرمۇش سۈپىتى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.تۇرمۇش سۈپىتى يالغۇز ئىقتىسادىي تەرەپتىكى ياخشى-يامانلىقنىلا كۆرسەتمەيدۇ.تۇرمۇش سۈپىتىنى پىسخىك ساغلاملىق ئارقىلىق ئۆلچەش بولسا،ئادەمنىڭ ئۆزى ۋە موھىتقا بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى قاتارلىق پىسخىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۇرمۇش سۈپىتىنى باھالاش دېگەنلىكتۇر.پىسخىك جەھەتتە قانچە ساغلام بولغانسىرى،تۇرمۇش سۈپىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ پىسخىك سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ناھايىتى موھىم.
 
 
3.جەمىيەت تەرەققىياتى پىسخىك ساغلاملىقتىن ئايرىلالمايدۇ.
  

      جەمىيەت كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بىر ھۈجەيرە.شەخىس ساغلام بولغاندىلا،توختىماي ئىلگىرلىگەندىلا،جەمىيەت موقىم بولىدۇ،تەرەققىي قىلىدۇ.پىسخىك ساغلاملىق كۆپلىگەن ئىجتىمائى مەسىلىلەرنىڭ بىر سەۋەبى.دۆلىتىمىزدە ئىپپەت-نۇمۇسىنى سېتىش،زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش،قىمار ئويناش قاتارلىق ئىجتىمائي مەسىلىلەر توختىماي يۈز بېرىۋاتىدۇ.يۇقىرقى مەسىلىلەردە بىر قىسىم ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بولغاندىن تاشقىرى يەنە يۇقارقىدەك ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش،ئىلگىرلەش روھى كەم بولۇش،ئۆز كونتىروللىقىنى يوقىتىش،پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش قاتارلىق ساغلام بولمىغان پىسخىك سەۋەبلەرمۇ بار.
دېمەك،پىسخىك ساغلاملىق بىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان ساپا.ناۋادا بىز مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىمىزنى تەڭشەشنى بىلەلىسەك،ياخشى پىسخىكىلىق ساپانى ھازىرلىيالىشىمىز مومكىن.ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشتە قوللىنىپ كۆرۈڭ،چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.
 
 
 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرگۈچى:لوپنۇرى

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. خاكان
    2012/01/18 03:22:16

    بەك قاملىشىپتۇ !!!

  2. ياۋايى
    2011/10/20 13:32:55

    ھا ھا ھا …. ياخشى سۆز ، ياخشى رەسىملەركەن …

    • lopnuri
      2011/10/20 15:58:23

      سىزگە يارىغانلا بولسا مەن شۇنىڭدىن خۇش.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif