ئىلمىي ”يۇرتۋازلىق“نى تەشۋىق قىلىمەن

ۋاقتى: 2011-08-27 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 249 قېتىم / 6 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئىلمىي ”يۇرتۋازلىق“نى تەشۋىق قىلىمەن

 

ئۆز يۇرتىغا بولغان مۇھاببەت،مۇھاببەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئىچكى ھېسىيات.مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزى تۇغۇلۇپ   ئۆسكەن جاينى سېغىنىدۇ.ياخشى كۆرىدۇ.بۇ خىل ياخشى كۆرۈش چېكىدىن ئېشىپ كەتكەندە،يۇرتۋازلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا،ھەر قانداق ئىشتا ئۆز يۇرتىنىڭ مەنپەتى ۋە ئابرويى نوقتىسىدا تۇرۇپلا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.باشقا يۇرتلارغا نىسبەتەن چەكلەش،تۆۋەن كۆرۈش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ.مەلۇم نوقتىدىن ئېيتقاندا،بىز بەزىدە“يۇرتۋاز“دەپ ئاتايدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئىچكى ھېسىياتىنى كەڭ قوساقلىق بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ،ئۇلارنىڭ خۇددى ئۆگەي ئانا ئۆگەي بالىنى ئۆز بالىسىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ كېتەلمىگەندەك باشقا يۇرتلارنى ئۆز نەزەرىدىن سەل يىراقتا قويغانلىقىنى بايقايمىز.

بىز مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلغاندا پۈتۈنلەي بىر تەرەپكە ئېغىپ كىتىشتىن ساقلىنايلى،مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان موھىت ۋە شارائىت،ئوخشىمىغان ئىدىيە ۋە نەزىرىيە نوقتىسىدا تۇرۇپ كۈزىتەيلى.بىزدىكى سەلبىي تۈس ئالغان يۇرتۋازلىق خاھىشى دەل مانا مۇشۇنداق بىر تەرەپكە ئېغىپ كىتىشتىن شەكىللەنگەن دەپ قارايمەن.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،بۇ خىل ئىغىپ كېتىش،مەسىللەرگە ئىلمىي نوقتىدىن ئەمەس،بەلكى ھېسسىي نوقتىدىن باھا بېرىدىغان خاھىشنىڭ يامرىشىغا تۈرتكە بولغان.بىر مەزگىللەردە ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە مىللەتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان،يالغۇز ناچار تەرەپلەر بىلەنلا چەكلىنىپ كىشىلەرنىڭ ياشاش ئىرادىسىگە سوغۇق سۇ سېپىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقتى.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدە ھازىرقىلار بۇرۇنقىلارنى ياراتمايدىغان،ياشلار چوڭلار ياشىغان دەۋىرنى،سىياسى كەيپىياتنى نەزەرگە ئالمايلا بۇرۇنقىلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقتى.مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپكە بەك ئېغىپ كەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر.

مېنىڭچە مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئويلىغان،ئوخشىمىغان يۇرتلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستىكى ئىجابىي ھالدىكى“يۇرتۋازلىق“نىڭ شۇ يۇرت تەرەققىياتىدىكى رولى ناھايىتى چوڭ.يەنە بىر نوقتىدىن قارىغاندا بۇنى يۇرتۋازلىق دېگەندىن كۆرە ئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاينى باشقا جايلاردىن ئەزىز كۆرۈش دېگەن سەل مۇۋاپىقراق. 

ئەجداتلىرىمىز بۇرۇندىن تارتىپلا يۇرت مۇھاببىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن.“تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئېزىز“،“ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار“،“ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغىچە،ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول“دېگەندەك ھېكمەتلىك سۆزلەردىن بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشىنىشكە بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا خەلقىمىز ئارىسىدا يەنە“ياخشى ئادەم ئوڭايلىقچە ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ قاچمايدۇ“دېگەن ئەقىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ساقلانغان.يۇرت بېشىغا ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندە ياققا يۇتلارغا چىقىپ كەتكۈچىلەرنى خەلق تەرپىدىن يەكلىنىپ كەلگەن.

ئەمدى ”يۇرت“دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنە دائىرسىگە كەلسەك،بۇنىڭغا بولغان چۈشەنچە ئوخشاش ئەمەس.بۇنى ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ كۆلىمى بىلەن ئۆلچىسەك ھەر خىل يۇرت چۈشەنچىلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.مەسىلەن،داڭلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ“ئانا يۇرت“رومانىدىكى“يۇرت“ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان پۈتۈن شىنجاڭنى كۆرسىتىدۇ.ئايرىم كىشىلەردىن“يۇرتۇڭلار قەيەر؟دېگەن سۇئال سورالسا“بىز قەشقەرلىك،خوتەنلىك،غۇلجىلىق“دېگەندەك جاۋاپلارنى بېرىدۇ.يەنە بەزى كىشىلەر بولسا“مەن بۈگۈرلۈك،يەكەنلىك،قارقاشلىق“دېگەندەك جاۋاپلارنى بېرىشى مومكىن.دېمەك بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ”يۇرت“ئۇقۇمى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ جوغراپىيىلىك چۈشەنچىسىنىڭ ئۆخشىماسلىقى بىلەن ئۆز دائىرسىنى توختىماي ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.

مەنمۇ ئاشۇ نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگە ئوخشاش ئۆز يۇرتىنى قىزغىن سۆيگۈچى،ئۆز يۇرتىدىن پەخرلەنگۈچى،ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخى،تەرەققىياتى،ئۆزگىرىشلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگۈچى.مەن ئۆز يۇرتۇمغا چوڭقۇر مۇھاببەت باغلىغۇچى،خېلىدىن بېرى تار دائىردىكى يۇرت كۆز قارىشىنى ساقلاپ كەلگۈچى.مەن ئۆز يۇرتۇمدىكى مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان ئەزىز خەلقنى قەدىرلىگۈچى.

ئەمدىلىكتە ئويلاپ باقسام،ئۆز يۇرتىغا بولغان مۇھاببەت ھەرگىز بىر يۇرتىنى چۆكۈرۈپ،ئۆز يۇرتىنى كۆككە كۆتۈرۈش ياكى ھەر قانداق ئىشتا ئۆز يۇرتىنىڭ مەۋقەسىدىلا چىڭ تۇرۋىلىپ ئۆكتەملىك قىلىش ئەمەس ئىكەن.ئۆز يۇرتىغا مۇھاببەت ئۆزى يۇرت دەپ قارىغان جاي،شۇ جايدىكى خەلق،مەدەنىيەت،تىل،ئەنئەنە،تارىخ قاتارلىقلارغا چوڭقۇر مۇھاببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش.ئۇلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغداش.ئۇلارنىڭ دەۋىر ئىقىمىدىن چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىش كېرەك ئىكەن.نۆۋەتتە دەۋىرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ سۇسلىشىشى ياكى يوقىلىشى تېزلەشمەكتە.مەسىلەن:50يىل بۇرۇنقى قول ھۇنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىمىز ھازىرقى كۈندە جېنى تەستە باقالايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىۋاتماقتا.نۇرغۇن ئېسىل ئەخلاقى ئەنئەنىلىرىمىز ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ ھازىرقى ئەۋلاتلار تەرپىدىن كونىلىق دەپ قارالماقتا.ئوخشىمىغان جايلاردىكى مەدەنىيەتنىڭ توشۇغۇچىلىرى بولغان دىئالىكىت-شىۋىلىرىمىز يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىزدىن ”ئىلمىي ھالدىكى يۇرتۋازلىق“نى تەلەپ قىلماقتا.بىزنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە قوغدىشىمىزنى كۈتۈپ بىر تەرەپتە بويۇن قىسىپ تۇرماقتا.ئەگەر بىز يۇرتىمىزنى ھەققىي ياخشى كۆرىمىز دەيدىكەنمىز ئۇنى ئاغزاكى ھالدىكى ياخشى كۆرۈشتىن ئەمەلى ھەرىكەت جەريانىدىكى ياخشى كۆرۈشكە ئايلاندۇرشىمىز كېرەك.

مانا مۇشۇنداق كۆز قاراشلارنىڭ تۈرتكىسىدىنمىكىن،مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن.ئۆز يۇرتۇمغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمەن.ئۆز يۇرتۇمغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار بولسا ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىمەن.سېتىۋالغۇدەكلىرى بولسا بىر ئامال قىلىپ سېتىۋالىمەن.

مېنىڭچە ”ۋەتەن“ناھايىتى چوڭ بىر ئوقۇم.ئۇ نۇرغۇن ئامىللارنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى.بىز پەقەت ئاۋال ئۆزىمىز، ئائىلىمىز، مەھەللىمىز، كەنتىمىز، يىزىمىز، ناھىيىمىز، ۋىلايەت،ئۆلكىمىزنى تەرتىپلىرى بويىچە قەدىرلىگەن،سۆيگەن ۋاقتىمىزدىلا ئاندىن بىر ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرگە ئايلىنالىشىمىز مومكىن.

بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سەل قارايدىغان نوقتىمىز ئايرىمىلىقنىڭ ئومۇملۇق ئىچىدىكى رولىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كېتەلمەيمىز.بىزنىڭ مەھەللىلىرىمىز يېزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى ھاسىل قىلغۇچىدۇر.يېزىلىرىمىز ناھىيەلىرىمىزنىڭ، ناھىيىلىرىمىز ۋىلايەت،ئوبلاستلىرىمىزنىڭ؛ۋىلايەت ئوبلاستلىرىمىز بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنى تەشكىل قىلغۇچىدۇر.بىر مەھەللىدىن تونۇلغان مەلۇم بىر مەدەنىيەت ھادىسسى كەلگۈسىدە بەلكىم بىر پۈتۈن ئۇيغۇر پەخىرلىنىدىغان ھادىسىگە ئايلىنىشى مومكىن.مەسىلەن ئالايلى،مەكىت ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان دولان ناخشا-مۇزىكىلىرى.خوتەننى مەركەز قىلغان گېلەمچىلىك ،يېڭىسارنى مەركەز قىلغان پىچاقچىلىق قاتارلىقلار ھازىر دۆلەت ۋە خەلقئارادا داڭ چىقىرىپ ھەممە ئۇيغۇرلار ئورتاق پەخىرلىنىدىغان ھادىسىگە ئايلاندى.

ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم بۇنىڭدىن ئوتتۇز ئىككى يىل بۇرۇن تارىم مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى،قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىزلىرى چۈشكەن،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دېققىتىنى خېلى بۇرۇنلا تارتقان،ھەم تارتىپ كېلىۋاتقان قۇياش يۇرتى لوپنۇر ناھىيىسىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم.دادام گەرچە دېھقان بولسىمۇ،ئەينى ۋاقىتتا مەلۇم بىر ئوتتۇرا تېخنىكۇمنى پۈتتۈرگەن،كىيىن مەدەنىيەت ئىنقىلابى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان بولغاچقا،كىچىكىمىزدىن تارتىپلا بەشىمىزگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى.كىچىكىمىزدىن تارتىپلا لوپنۇرغا مۇناسىۋەتلىك بەزى تارىخى ھېكايىلەرنى،رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى.ھەمدە ئىزچىل ھالدا ھەر بىر قېتىم قىلغان تەربىيىسىدە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ لوپلۇقلارنىڭ ئاساسى قىسمىنى تەشكىل قىلغان“قارا قوشۇن“قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى.دادام كىچىك ۋاقتىمدا ”دادا بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزنى قارا قوشۇنلۇق دېدىڭىز،ئۇنداقتا ئۇلار بەك قارا ئادەملەرمىدى“دېگەن سۇئالىمغا“بالام بۇ يەردىكى<قارا>سۆزى كۈچلۈك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ،ئۇ<كۈچلۈك قوشۇن>دېگەن مەنىدە“دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى.(دادامنىڭ بۇ خىل ئىزاھلىشى بەلكىم خاتا بولىشى مومكىن).ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز تۇرىۋاتقان جايلاردىكى كەڭ كەتكەن جاڭگاللىقلار،ياز پەسلىدە چېگە،يۇلغۇن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچەكلىرى بىلەن ئاجايىپ چىرايلىق تۈسكە كىرىپ كېتىدىغان مەنزىرىلەر. يېزىمىزدا دائىم ئۆتكۈزلۈپ تۇرىدىغان،ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى سىنايدىغان ئوغلاق تارتىشقا ئوخشاش جۇشقۇن پائالىيەتلەر،توي-تۈكۈنلەردىكى ھازىر جاۋاپ قوشاق ئېيىتىشىلار ھېلىمۇ كۈز ئالدىمدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ.مانا مۇشۇنداق تەبىئى ۋە ئىجتىمائى موھىت مەندە كىچىگىمدىن تارتىپلا بۇ جايغا نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھاببەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان ئىدى.

 

مەن باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە گەرچە لوپنۇر ھەققىدە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ،نۇرغۇنلىرىغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ تاپالمايتتىم.ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كىيىن مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەشنالىقىم مەلۇم جەھەتلەردىن قانغاندەك بولدى.بۇ مەزگىلدە ئاساسلىقى مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۆز يۇرتۇمدىن پەخىرلىنىش ھېسىياتىمنىڭ كۈچەيگەن مەزگىلى ئىدى.بىزگە دەرس كىرىدىغان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزۈمنى لوپنۇرلۇق دەپ تونۇشتۇرغان چاغدا ئالاھىدە بىرخىل مۇئامىلە قىلىپ،بۇ جاي ھەققىدىكى ماختاش ۋە مەدىيە سۆزلىرىنى ياغدۇرۋىتەتتى.مەن دەسلەپتە بۇلارنىڭ نىمانچە ئۇنداق قىلىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يىتەلمەي بىر ئاز تىڭىزقاپ قالغان ئىدىم.كىيىن نۇرغۇن ماتىرىياللارنى كۆرۈش ئارقىلىق لوپنۇردا ئۆزگىچە بولغان تىل،باشقا جايلاردىن پەرقلىنىدىغان قوشاقچىلىق ئەنئەنىسى،ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى،قەدىمكى مەدەنىيەت جۇغلانمىلىرىنىڭ ساقلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

شۇنىڭدىن باشلاپ لوپنۇر ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىم(بۇ ئاسالىقى لوپنۇرغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى توپلاش، قېتىرقىنىپ كۆرۈش، بۇ جاينى تېخىمۇ ئەتىراپلىق چۈشىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خۇدايىم بۇيرۇسا كىيىكى مەزگىللىرىمدە باشقىلار ئوتتۇرغا قويمىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئىلمىي ماقالە شەكىللىرىدە يېزىپ چىكىشىم مومكىن.) ئاساسىي جەھەتتىن توختاپ قالمىدى.“لوپنۇر“دېگەن بۇ خەت بىرەر جايدا كۆزگە چېلىقسىلا دېققەت قىلىدىغان بولدۇم.راستىنى ئېيتقاندا،مەن لوپنۇرغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدىم.مەندىكى بۇ ئىشىق كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتاتتى.مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئويلاپ باقسام،لوپنۇردىكى مەدەنىيەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممىمىز ئورتاق پەخىرلىنىدىغان ۋە بەھىرلىنىدىغان مەدەنىيەت ئىكەن.ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق بىر بېتى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن.مەن مۇشۇ بەتلەردىن قەدىمكى كىروران،پىشامشانغا ئوخشاش مەدەنىيەت مەركەزلىرى،مۇشۇ جايلارنى مەدەنىيەت مەرگىزىگە ئايلاندۇرغان،ئۆز زىمىنى ”قۇياش يۇرتى“دەپ تەسەۋۇر قىلىپ،ئۆز ئادەتلىرىدە بۇنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.مۇشۇ ئادەتلىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى ھالەتلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشقا قادىر بولغان كىشىلەرنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.بۇ ھەقتىكى كۆرگەنلىرىم  كۆپەيگەنسىرى مەندىكى تار دائىردىكى قىزىقىش لوپنۇر دائىرسىدىن ھالقىپ بۇ جايغا مۇناسىۋەتلىك جايلارغا قاراپ يۆتكەلدى.

لوپنۇردىن باشلانغان يۇرتقا بولغان ئىشتىياق،بارا-بارا كېڭىيىشكە باشلىدى.بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى،ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر،ئۇيغۇر يۇرتى،ئۇيغۇر مىللىتىنى سۆيۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئۆز جايىنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك ئىكەن.ھەر بىر يۇرتنىڭ مىھرى باشقا،خاسىيىتى باشقا،ساقلاپ ياتقان مەدەنىيىتى باشقا بىز پەقەت ئىشنى كىچىك جايلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخىنى قېزىشتىن،ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىن باشلىساق،بۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا باغلىنىشنى ئىلمىي يۇسۇندا ئىسپاتلاپ چىقساق،ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە مۇۋەپپەق بولالايمىز.ئۇيغۇر جەمىيىتى بىر پۈتۈن جەمىيەت.ئۇيغۇر جەمىيىتى نۇرغۇن كىچىك ئۇيغۇر توپلىرىدىن تەركىپ تاپقان.بىر توپنىڭ ئۆز پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە ئۇنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشى شۇ توپنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.ئىشىنىمەنكى،كىچىك دائىردىكى يۇرتنى سۈيۈشتىن باشلانغان بۇ ئىشتىياق كەلگۈسىدىكى بىر پۈتۈن كوللىكتىپنىڭ سۆيۈلۈشىنىڭ ئاساسى.

 

 دېمەك،يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش،يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش،ھەقىقى مەنىدىكى يۇرت مۇھاببىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىزدىن“ئىلمى ھالدىكى يۇرتۋازلىق“نىڭ بولىشىنى تەققازا قىلماقتا.شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى، دۇنيانى زىل-زىلگە سالغان نۇرغۇن قەدىمكى مەدەنىيەتلەر تارىختىن بىر كۈندىلا يوقاپ كەتكەن ئەمەس.ئۇلارنىڭ يوقىلىشى كىچىك دائىردىن چوڭ دائىرىگە قاراپ تەرەققي قىلغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى،مۇستەھكەملىنىشى،دەۋىرنىڭ خىرىسلىرىدىن ئۈزۈپ چىقالىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۈتلىقى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.

ئەڭ ئاخىردا تور دۇنياسىدىكى دوستلارغا دەيدىغىنىم،ھازىرغا كەلگۈچە بىزدە نۇرغۇنلىغان مۇنبەرلەر قۇرۇلۇپ،ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىر بىلىم ئېلىش پۈرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى سەھىپىلەر كۈندىن-كۈنگە موللىشىپ كىشىلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا باشلىدى.بۇ يەردە ھەر قايسى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىمىزغا بېرىدىغان تەكلىۋىم.مۇشۇ يەرلىك مەدەنىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىش،توپلاش قوغداش توغىرسىدا بىردىن سەھىپە تەسىس قىلسا،ھەر قايسى جايلاردىكى مۇنبەرداشلارمۇ ئۆز يۇرتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى كۈچەيتىپ،مۇنبەرلەرگە مۇشۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنى يوللىسا.ئىمكانىيەت بولسا ئۆز جايىدىكى يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ھەر قانداق خاراكتىردىكى مەدەنىيەت شەكىللىرىنى ئەمىلىي تەكشۈرۈپ ۋە تەتقىق قىلىشنى كۆچەيتسە.بىزدىمۇ ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان مۇنبەرلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلسە.بۇ يازمىنى كۆرگەندىن كىيىن ھەر قايسى دوستلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن-ئازادە ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىن قىزغىن قارىشى ئالىمەن.

قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئۆزش ئانا يۇرتىمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ تۆپە قوشۇشقا ئاتلىنايلى!بىز بۈگۈن ئەخلەت دەپ كۆزگە ئىلمىغان نەرسىلىرىمىز ئەتىكى گۆھەرگە ئايلىنىشى مومكىن!

 

6نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. كروران
    2012/01/21 21:09:30

    لوپنۇركا، ھېلىقى ۋەقەلەردىن بۇرۇن بلوگباستا «ئانا تىل بلوگى» دەپ بىر بلوگ بار ئىدى، بلوگگىرنىڭ فىنلاندىيەدىكى تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشى ھەققىدە يېزىلىدىغان. خاتالاشمىسام ئۇ بلوگگىر سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىزدەك قىلغانتىغۇ دەيمەن، شۇ بلوگگىر ھازىر بلوگ يازمايۋاتامدۇ؟

    • lopnuri
      2012/01/22 10:52:57

      شۇنداق،ئۇ مېنىڭ ساۋاقدېشىم ئىدى. ئۇنىڭ يازغان بلوگىدا بەك ئېسل مەزمۇنلار بار ئىدى. ئەپسۇس، ھېلىقى ئىشتىن كېيىن پۈتۈنلەي ئېچىلماس بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمىغىلى بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. شۇڭا،ئۇنىڭ بلوگ يازغان-يازمىغانلىقى ھازىرچە ماڭا نامەلۇم. ناۋادا ئۇنىڭ ئالاقىلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يازغان بلوگى بولۇپ قالسا،سىزنى چوقۇم خەۋەرلەندۈرىمەن.

  2. كروران
    2012/01/21 21:07:21

    ئىلگىرى لوپنۇر ھەققىدە جىق بىلمەيتىم، پەقەت بىزنىڭ بۈگۈرنىڭ ئايىقىدىكى كونا سوخو دەپ بىر جاي بارلىقىنى غۇۋا بىلىمەن، كىچىك چاغلىرىمدا مەھەللىدىكى بىرەرىنىڭ ئۆيىگە شۇ سوخودىن ئادەم كەپ قالسا، لوپلۇق، لوپتىن كەپتۇ دېگەندەك گەپنى ئاڭلاپ قالاتتىم، ئانچە-مۇنچە بىر ئىشلارنى چۈشەنگۈدەك بولغاندا ھۆكۈمەت تارىم دەريا ۋادىسىنى قالايمىقان بوز يەر ئېچىشتىن ساقلاپ، توغراقنى ئەسلىگە قايتۇرۇشنى چاقىرىق قىلىپ ئۇ سوخولۇق، لوپلۇق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ناھىيە بازىرىغا يېقىن ھازىرقى يېڭى سوخو كەنتىگە پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ ئەكەلدى. بۇنىڭغىمۇ 10 يىلچە بولۇپ قالدىمىكىن. لېكىن يېقىندا بىر ئاچامدىن ئاڭلىسام تارىم دەريا بويىدىكى بىر مەھەللىدىكى تويغا بارغىنىدا ئالاھىزەل 2-3 سائەت قوشاق ئېيتىپ شۇنداق قىززىقپ كېتىپتىمىش، ناھىيە بازىرىغا قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگۈچە كەچ سائەت 7 بوپ كېتىپتۇ. مەن بىللە بارمىغىنىمدىن شۇنداق ئەپسۇسلاندىم. چۈنكى يېقىندىلا ئوقۇغان «كروراندىكى ئىزچىلار» رومانىنىڭ بىرىنچى قىسىمىدىنلا مەن لوپنۇرغا، لوپنۇر مەدەنىيىتگە بەكلا قىزىقىپ قالدىم، بىر بېرىپ كۆرۈپ باققۇم بار. خۇدايىم بۇيرۇسا يېقىنقى بىر ئىككى يىل ئىچىدە مەن چوقۇم لوپنۇرغا بىر بېرىپ باققۇم بار، شۇ چاندا سىزنى ئىزدىسەك بولامدۇ لوپنۇركا؟ :cool:

    • lopnuri
      2012/01/22 10:49:43

      ئەلۋەتتە بولىدۇ. قولۇم كۆكسۈمدە!

  3. تۇران تېكىن
    2011/08/28 12:22:59

    بەك ئەتراپلىق، تەپسىلى بايان قىلىپسىز. يۇرتىڭىز ھەققىدىكى بايانلىرىڭىز، مىنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقىمنى قوزغىدى. ئاللاھ نىسىپ قىلسا بىر كۈنلەردە بارارمىز.

    • lopnuri
      2011/08/28 15:50:18

      كېلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، مەنمۇ ساياھەت قىلىشقا ئۆزگە يۇرتلارنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرىنى كۆرۈشكە،ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىشقا ھېرىسمەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif