بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى!(1)

 

بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى!

 

دائىم دېگۈدەك مۇنبەر ياكى مەتبۇئاتلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ كۆرىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىمەن.نۇرغۇن يازمىلار يوللانغان ھامان ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزتىشكە باشلايمىز. بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسى ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى بولۇپمۇ يېڭى ئىملا قائىدىسى ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ كەمچىل بولىشى تۈپەيلىدىن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىيىنغا توختاۋاتىدۇ. بەلكىم بەزى كىشىلەر“ بىر –ئىككى خەتنىڭ خاتا يېزىلىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس،نىمانچىۋىلا ئەزۋەيلەپ كېتىدىغاندۇ“دېيىشى مومكىن.مېنىڭچە بىر خەتنىڭ ھەتتا بىر ھەرپ ۋە بىر تىنىش بەلگىنىڭ خاتا يېزىلىشىمۇ ئانا تىلىمىزغا نىسبەتەن كىچىك ئىش ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلۇغ شائىرىمىز تىيىپجان ئېلىيۇفمۇ بۇ ھەقتە بىزگە ساۋاق بولغىدەك مۇنداق بىر پارچە شېئىرنى قالدۇرۇپ،بىزنى ئانا تىلنى ھۆرمەتلەشكە چاقىرغان ئىكەن:

«ئۇرغۇي» ئەمەس «ئۇيغۇر»

 

تىيىپجان ئېلىيۇپ

 

مەيلى دەيتىم، گەپمۇ قىلمايتىم،

قارچۇغىنى قۇرغۇي دېسىڭىز .

كۈلۈپ كەتتىم غىدىقىم كېلىپ،

«ئۇيغۇر» تۇرۇپ «ئۇرغۇي»دېسىڭىز.

 

سىزگە شۇنداق ئۆگەتكەنمىدى،

ئۇستازىڭىز،ئاتا-ئانىڭىز.

ناچارمىدى سىزنىڭ باشتىلا،

تىل دەرسىڭىز ئىمتىھانىڭىز.

 

ناچار بولسا ئۆزىڭىزدە گەپ،

ئارتماڭ ئۇنى مىللىتىڭىزگە .

ئۇيغۇر تىلى سۈكۈت قىلالماس ،

ئۇرغۇي دىگەن ئىللىتىڭىزگە.

 

ئىسمىڭىزنى خاتا ئاتىسام ،

ئاچچىقىڭىز كېلىدۇ راسا.

خاتا ئاتاپ مىللەت نامىنى ،

ئوخشاشقۇ دەپ ئويناتماڭ ھاسا.

 

ئۇيغۇر دېگەن ئۇلۇغ نام بىلەن،

ماختىنىشقا سىزمۇ تەلەپكار.

«ئۇرغۇي» ئەمەس «ئۇيغۇر» دېيىشكە،

بۇ شېئىرىم بولسۇن مەدەتكار.

بىر ھەپتىدىن بۇيان مەنمۇ ئىملا ھەققىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم.ھەمدە مەسىلىنىڭ يالغۇز ئىملا خاتالىقىغا يول قويىۋاتقان كىشىلىرىمىزدە ئەمەس،بەلكى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈپ قويۇپلا،ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرەلمىگەن ئورۇن ۋە شەخىسلەردە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.شۇڭىلاشقا،قانچىلىك ۋاقتىم كېتىشىدىن قەتئىينەزەر تەشۋىقات ئىشىنى بىر قىلىپ باقاي دېگەن مەقسەتتە،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان(2009-يىلى 9-ئايدا) ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى“گە كىرگۈزۈلگەن ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي  تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى“نى باسقۇچلارغا بۆلۈپ يوللاشنى لايىق تاپتىم(ھازىر بىر قىسىم تور بېكەتلەردە 1997-يىلى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىلىرى بار،تورداشلارنىڭ بۇ ئىككى قائىدىنى ئارلاشتۇرۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ قېتىم يوللىغىنىم ئەڭ يېڭىسى). بۇ ئىككى قائىدە ئامال بار ھەممە قىسمى تولۇق يوللىنىدۇ،بىر قىسىم مەزمۇنلارنىڭ كەينىگە قېرىنداشلارنىڭ قائىدىلەرنى چۈشىنىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۋىلىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۇچۇن،يەنە بىر قىسىم مەشىق سۇئاللىرىنىمۇ قېتىپ قويدۇم. قېنى،ھەمىمىز بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائدىلىرىنى ئۆگىنىشنى باشلايلى.

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسى قائىدىسى

 

ئىملا قائىدىسى ـ توغرا يېزىش قائىدىسى دېگەنلىك بولۇپ، مەلۇم بىر ئەدەبىي تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ توغرا يېزىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە  ئۇلارنىڭ ئىملادا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستېمىسىدۇر.

ئىملا قائىدىسى ـ مەلۇم بىر يېزىقنى قوللىنىدىغان مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر قانداق بىر  مىللەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ئاخبارات، نەشرىيات،ئۇچۇر ئىشلىرىدا شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىي  تىلنىڭ توغرا قوللىنىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئۆز نۆۋىتىدە تىلنىڭ قېلىپلىشىپ ۋە تاكامۇللىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان موھىم قورالدۇر.

     ئىملا قائىدىسى تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزىلىدۇ. ئۇ يېزىق تىلى بىلەن جانلىق تىل ئوتتۇرىسىدا نازارەتچىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىدۇ. بىر مىللەت تىلىدا جامائەتچىلىك ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان ئىملا قائىدىسى بولمىغان ئەھۋالدا، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشتقان ئەدەبىي تىلنىڭ بولۇشىدىن ئېغىز ئېچىش مومكىن ئەمەس. بىر تىلدا ئىملا قائىدىسىنىڭ تۈزۈلۈشى شۇ تىلنىڭ دىيالېكت ۋە شېۋىلەرگە بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ۋە دىيالېكت شېۋىلەر بىلەن ئەدەبىي تىل ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى تەدىرىجىي ئازايتىشقا ئاساس بولىدۇ.

 

Ⅰھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار

 

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا 32 تاۋۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 30ى فونېما ھېسابلىنىدۇ. «ژ» بىلەن «ف» تاۋۇشلىرى فونېما ھېسابلانمايدۇ. تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبىگە كىرگەن سۆزلەر مۇشۇ 32 تاۋۇشنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇلاردىن:

     سوزۇق تاۋۇشلار سەككىز: ئا،  ئە،  ئې،  ئى،  ئو،  ئۇ،  ئۆ،  ئۈ

  سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى ۋە تىلىمىزدىكى رولىغا قاراپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ:

     تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار: ئە،  ئۆ،  ئۈ

     تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار: ئا،  ئو،  ئۇ

     ئارا سوزۇق تاۋۇشلار: ئې، ئى

     سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتىگە قاراپ، يەنە لەۋلەشكەن ۋە لەۋلەشمىگەن دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:

     لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار: ئو،  ئۇ،  ئۆ،  ئۈ

     لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار: ئا،  ئە،  ئې،  ئى

     ئۈزۈك تاۋۇشلار 24 بولۇپ، ئۇلار: ب،  پ،  ت،  ج،  چ،  خ،  د،  ر،  ز،  ژ،  س،  ش،  غ،  ف،  ق، ك، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ۋ، ي

     ئۈزۈك تاۋۇشلار تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش-تىترىمەسلىكىگە قاراپ، جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:

     جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار: ب،  ج،  د،  ر،  ز،  ژ،  غ،  گ،  ڭ،  ل،  م،  ن،  ھ ،  ي،  ۋ

     جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار: پ،  ت،  چ،  خ،  س،  ش،  ف،  ق،  ك

داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=513

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-09-24
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تىل-يېزىق
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: