ئانا تىلنى قوغداش ۋە سۆيۈش ھەققىدىكى تەشۋىقات رەسىملىرى

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئانا تىلنى قوغداش ۋە سۆيۈش ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرلەر ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.تور مۇنبەرلىردىكى بۇ بەس-مۇنازىرلەر بىزگە بۇ مەسىلىنىڭ بىز ئىزچىل ھەم بوشاشماستىن دېققەت قىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھەم ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدا يەنىلا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكۈچى ھەر بىر شەخىسنىڭ ئۆز تىلىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ توغرىلىنىشى ۋە ئاڭلىلىقلىق دەرىجىگە كۆتۈرلىشى ئىنتايىن مۇھىم ھالقا.مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلقۇت كارخانىچىلار تورى ”مۇكاپاتلىق ئىملا نازارەتچىلىك پائالىيىتى“نى يولغا قويغان ئىدى،ئەمما تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەقىقەتەن كۆڭلۈمنى غەش قىلدى.ھەربىرىمىز ئورتاق تىرىشقاندىلا ئانا تىلنى قوغداش،قەدىرلەش،تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.تور مۇنبەرلىرىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىغا يول قويۇش،يازمىلىرىدىكى سۆز-جۈملىلەرنىڭ قولاشماسلىقىنى ئادەتتىكىچە ئىش دەپ قاراش،خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە قۇبۇل قىلماسلىققا ئوخشاش پوزىتسىيەلەر ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات رەسىملىرىنى ئىزچىل توپلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم.ئازراق بولسىمۇ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ،پوزىتسىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۇرتكە بولامدىكىن دېگەن مەقسەتتە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم. مۇشۇ لايىھەلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن دوستلارنىڭ قولىغا ئاللاھ دەرت بەرمىسۇن.مەن پەقەت بۇلارنى توپلىغۇچى خالاس. ئالقىشلار ياغدۇرماقچى بولساڭلار لايىھە ئىگىلىرىگە ياغدۇرغايسىلەر!

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

يازمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ھەر قانداق تور بېكەتكە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2834

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-01-25
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تىل-يېزىق
ئىنكاس: 1دانە
  1. تورباجىن

    بو توپلىغان رەسىملەرنىڭ خېلى كۆپ قېسىمىنى كۆرگەن بولساممۇ ، لىكىن بىر قېسىملىرنى كۆرمەپتىكەنمەن. دوستۇم توپلىغان ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: