قىمارۋازلارنىڭ پۇشايمان خاتىرسى
قىمارۋازلارنىڭ پۇشايمان خاتىرسى
خەلقىمىز ”قىمار“دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى“ر“تاۋىشىنى چۈشۈرۈپ تەلەپپۇز قىلىشقا ئادەتلەنگەن. مېنىڭچە بۇ بىر جەھەتتىن تىلشۇناسلىقتىكى تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسسىگە كىرىدىغان نورمال ئەھۋال.يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىز بۇ سۆزنى ئويغۇر تىلىدىكى ئىنكارنى بىلدۈردىغان پېئېل“قىلما(تەلەپپۇزدا يەنە قىمما شەكلىدىمۇ كېلىدۇ)“پېئىلىغا يېقىنلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بالا-چاقا،ئۇرۇق-تۇققان،دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ خاتا يولدىن توسۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن.شۇڭىلاشقا دائىم بۇ ھەقتە گەپ بولغاندا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن“قىما قىممادېگەن گەپ“دېگەن ئىبارىنى ئاڭلايمىز. ئۇيغۇرلاردامەيلى دىنى جەھەتتە بولسۇن مەيلى ئەخلاقى جەھەتتىن بولسۇن قىمار ئويناش ھارام قىلىق-ھەرىكەتلەرجۈملىسىدىن بولۇپ،ئەخلاقى جەھەتتە چىرىكلىشىش دەپ قارىلىدۇ.
نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئاتا-بوۋىلار سۆزىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ،دىنى ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان مەزگىلدە خېلى كۆپ ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ بىر ئۆمۈر ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان دەرت،بىر ئۆمۈر قەددىنى رۇسلىغىلى بولمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويماقتا.نۇرغۇن تەقۋادار ئاتا-ئانىلار،كۆزى ياشلانغان خانىملار،ئوماق سەبىي بالىلارقىماردىن ئىبارەت بۇ ”مېھرى ھەممە نىمىدىن ئىسسىق“ نەرسىنىڭ كاساپىتىدىن قان-يامغۇر يىغلاشقا مەجبۇر بولماقتا. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەمدى قىمار ئوينىماسلىققا قەسەم ئىچكەن،تۆۋە قىلغان؛ قىماردىن ئۆزىنى تارتىشقا،توغرا يولغا مېڭىشقا باشلىغان قىمارۋازلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ پۇشايمان خاتىرسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى:
زامان ياخشىلاندى،قولىمىز پۇل كۆردى،شۇنىڭ بىلەن تاپقان پۇل بېقىنىمىزغا ئۈسۈپ نۇرغۇنلىرىمىزنى قىمار كوچىسىغا قاراپ چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلاشقا ئۈندىدى.مەيلى يېزا مەيلى شەھەر،مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن،گاھىدا ئاشكارە گاھىدا يۇشۇرۇن ھالەتتە قىمارۋازلار بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.بولمىسا ھېچقايسىمىز بۇرۇن قىمار ئويناپ بىرەرىنىڭ باي بولغىنى كۆرمىگەن ئىدۇق؟ ئاتا-ئانىمىزنىڭ،بوۋا-مومىلىرىمىزنىڭ،ئۇستازلىرىمىزنىڭ گىپى قۇلاققىمىزغا كىرمىدى.قىمار بىزگە ئاتا-ئانىمىزدىن،ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزدىن ئەتىۋا بىر نەرسىگە ئايلىنىشقا باشلىدى.ئەسلىدىكى ئۇشۇق ئېتىپ ئوينايدىغان،قەرت بىلەن ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنى پۇلى ئاينىمايدىكەن دەپ ئويۇنچۇقخانىلاردا ئوغىرلىقچە قويۇلغان ماشىنلارغا قاراپ يۈرۈش قىلدۇق.بىر ئۇرىشىمىز تۆۋىنى ئون كويدىن يۇقىرسى 1000يۇەنگىچە بولۇپ ھەش-پەش دېگۈچە بەزىلىرىمىز بىر يىل،بەزىلىرىمىز ئون يىل ھەتتا بەزەنلىرىمىز بىر ئۆمۈر يىققان پۇلىمىزنى ئالدىن تەڭشەپ قويۇلغان ماشىنىلارنىڭ ئاغزىغا ئۆز قولىمىز بىلەن يەم قىلىپ بەردۇق.شۇنچە ئۇتتۇرۋىتىپ تۆۋە قىلماقتا يوق،قەرز ئېلىپ،يەر زىمىننى ھەتتا خوتۇن-باللىرىمىزنى دوغا تىكىپ ئويناشقا باشلىدۇق.قىمار ئاخىر نۇرغۇنلىرىمىزنى كوچىدا تېنەپ يۈرۈيدىغان لالما ئىتقا ئوخشىتىپ قويدى. قورسىقىمىزغا يەيدىغان نەرسە يوق،ئاشخانىلارنىڭ ئالدىغان كېلىپ تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدۇق. لىكىن قالغانلىرىمىز بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشتا يوق،قىمارۋازلار سېپىمىز بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى.گەپنىڭ بېشىدىلا تەبىقىمىزنى بولىشىغا سۆكۈپ،چاۋىسىنى چىتقا يېيىۋەتىم.توختاپ تۇرۇڭ،مەن ھەرگىز ئىسپاتسىز جۆيلۈيدىغانلاردىن ئەمەس. تۆۋەندە ھەر قايسى قاتلاملاردىكى قىمارۋازلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى بىر بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1.ئوقۇغۇچى قىمارۋازلار.بۇ قىمارۋازلارنىڭ نامراتراق قاتلىمىدۇر.بۇ قاتلامدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق قىمار ئويناش شەكلى ئۆيىدىن ئەۋەتكەن پۇلنى دەسمايە قىلىش،ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرماي تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپىمەن دىگەن سەپسەتىگە ئەگىشىش، ئاخىردا قولىدا بىر تىيىنمۇ پۇلى قالماي، پۇلى“تۇيۇقسىز يۈتۈپ كېتىش“ياكى“ئېغىر كېسەل بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىش“ئاتا-ئانىسىغا يىغلاپ-قاقشاپ خەۋەر يەتكۈزۈش شۇ ئارقىلىق تارتقان ”زىياننى تولۇقلاش“. ئۆزىنى ۋاقتىدا بايقاپ قول ئۈزگەنلىرى بىر ئامال قىلىپ مەكتەپ پۈتتۈرۈش.تارتالمىغانلىرى مەكتەپ تەرپىدىن بايقاپ قېلىنىپ مەكتەپتىن ھەيدىلىش.بىردەم ئويناپ،بىر دەم توختايدىغانلىرى مەكتەپ ئەتىراپىدىكى ھەممە ئاشخانا،دۇكانلارغا قەرز بولۇش،مەكتەپ ئىچىدە يۈرەكلىك ئايلىنىپ يۇرەلمەسلىك.نېمە دېگەن بىچارىلىك ھە!سىز مەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە بولسۇن ياكى مەكتەپتە ئىشلەش جەريانىدا بولسۇن بۇنداق ئىشلارنى تالاي قېتىم كۆرەلەيسىز. مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىشخانىسىدا بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ تۇرىۋاتقان،يىغلاۋاتقان ھەتتا تىزلىنىپ باش قويىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنى كۆرگەندە ئىچىڭىز سېرىلىپ ”بالا بولماي بالا ”بولىۋاتقان شۇ ناكەسلەردىن قاتتىق يىرگىنىسىز،ئەپسۇسلىنىسىز.
2.ئوقۇتقۇچى قىمارۋازلار. بۇ يېڭىدىن شەكىللىنىشكە باشلىغان بىخ ھالىتىدىكى قىمارۋازلار كوللىكتىپى. ئۇلارنىڭ دەسمايە مەنبەسى ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ياخشىراق.ئوينىغاندىمۇ كىچىك ئوينايدۇ.بەزىدە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىپ قويۇپ،بەزىدە ئىشخانىنى مەھكەم تاقاپ ئويناشنى ئاساسى ئالاھىدىلىك قىلغان.قىمار ۋاقتىدا ئىشلىتىدىغان قۇرالى قەرت،بېلىيارت قاتارلىقلار.بۇلار ئىچىدىنمۇ ھازىر خېلى تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى پۇل ئۇتۇپ باي بولۇش ئەمەس،بەلكى ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش.ئىچ-پۇشىقىنى نورمال چىقىرالايدىغانلىرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك كېتىۋىرىدۇ.بەك چىقىرۋەتكەنلىرى يانچۇقنى قۇرۇقداپ،بەزىدە ئوقۇغۇچىلىرىدىن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قەرز سوراش،كىتاپ پۇلى ۋە باشقا كوللىكتىپ خىراجەتلەرگە خىيانەت قىلىشقىچە بارىدۇ. ئۇلار دائىم ئوقۇغۇچىلىرىغا قىمار ئوينىماسلىق ھەم قىمارنىڭ زىيىنى توغىرسىدا ناھايىتى چۈشىنىشلىك لېكسىيە سۆزلەيدۇ،چۈنكى ئۇلار پۈتۈن جەرياننى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان،نەزىرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتەگەنلەر تۇرسا.
3.مەمۇرى قىمارۋازلار. بۇلارنىڭ بىكار يۈرىيدىغان ۋاقتى ئەڭ كۆپ.قىلىدىغان ئىشى بىر قەدەر يەڭگىل،مۇناسىۋەت دائىرسى كەڭ.يالغاننى راست قىلىپ سۆزلەشكە،باشقىلارنى گېپىگە ئىشەندۈرۈشكە بەك ئۇستا.ئۇلارنىڭ قىمار ئوينىغاندا ئىشلىتىدىغان قورالى قەرت،بېليارت،ماجاڭ،ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقخانىلاردىكى ماشىنا. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مودا بولغىنى ئويۇىچۇقخانىلاردا ئويناش. چۈنكى،بۇ يەردە ئوينىغاندا ئوڭايلىقچە بايقىلىپ قالمايدۇ.ھەممە ئىش قانۇنلۇقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
4.دېھقان قىمارۋزلار.بۇلارنىڭ ئاساسلىق ئوينايدىغان ۋاقتى قىش پەسىلگە يىغىنچاقلانغان.كۆز پەسلىدە ھوسۇلنى يىغىپ بولغاندىن كىيىن،بىر ياز ئىشلەپ تاپقىنىنى قىشىچە قىمارغا تۇتۇپ بېرىدۇ.ئۇلاردا ئوشۇق ئېتىشقا ئوخشاش ئەنئەنىۋى شەكىللەر كۆپرەك.لىكىن ھازىر بۇلاردىمۇ زور تەرەققىياتلار بار.ئۇلار ئەسلىدىكى ئۇشۇق،قەرت قاتارلىقلارنى چۆرۈپ تاشلاپ زامانىۋى ئويۇنچۇقخانىلارغا يۈزلەندى.
5.سودىگەر قىمارۋازلار.بۇ قىمارۋازلار كوللىكىتىپى ئىچىدىكى بىر قەدەر باي بولغان بىر توپ.ئۇلار مەيلى قايسى خىلدىكى قىمار ئويناش ئۇسۇلىنى قوللانسۇن.تاۋكاغا تاشلانغان تۇڭگۇز قۇلاقنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ.بەزەنلىرى بىر كېچىدىلا مىلىيونىرغا ئايلانسا،بەزەنلىرى بىر كېچىدىلا قەلەندەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.قىمار ئوينايدىغان جايغا ماشىنا بىلەن بېرىپ،ياياق قايتىپ كېلىدىغانلىرىمۇ،ئالىي دەرىجىلىك كاستۇيۇملارنى كىيىپ بېرىپ،تامبال بىلەن قايتىپ كېلىدىغانلىرىمۇ پات-پات چېلىقىپ تۇرىدۇ.
6.ئەمەلدار قىمارۋازلار.بۇلار بىر قەدەر مەخپىي ھەرىكەت قىلىدىغان قىمارۋازلار بولۇپ،ئۇلار قاتلاممۇ قاتلام ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش تۈرۈمىنى يولغا قويغانلار.يەنى يېزا باشلىقىغا قول ئاستىدىكىلىرى جەزمەن ئۇتتۇرۇپ بېرىشى،يېزا باشلىقى ناھىيە ھاكىمىغا جەزمەن ئۇتتۇرۇپ بېرىشى،ناھىيە ھاكىملىرى….غا ئۇتتۇرۇپ بېرىشى شەرت.لىكىن بۇلار ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى باشلىقلارغا ئۇتتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە باشقا قىمارۋازلارغا ئوخشاش خاپا بولۇپ پۇشايمان قىلىپ كەتمەستىن،ئەكسىچە بەك خوش بولۇپ كېتىدۇ.چۈنكى،باشقا ۋاقىتتا سۈڭگىتەلمىگەن پۇلنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۆز يولىدا سىڭدۈرۋېتىدۇ.باشلىقمۇ پارا يېدىم دەپ“ۋىجدان ئازابى“تارتىپ يۈرمەيدۇ.
بىزنىڭ تەبىقىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى مۇشۇنداق كۆپ خىل،تۇرمۇشىمىز ”رەڭگارەڭ“. بەزىدە پات-پات تەبىقەلەر ئارا ”قۇچاقلاشما جەڭ“مۇ بولۇپ تۇرىدۇ.ئىشقىلىپ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزمەسلىك،ئامال بار نارمەتلىك قىلىش،ئالدامچىلىق ھۈنەرلىرىنى دادىل ئىشلىتىش،چېڭىغا چىقسا پالتا-پىچاق،تاياق-توقماق كۆتۈرۈش.چاپىغىنى ئېيتىپ ئۈلگىرەلمىگەنلەرنىڭ قاپىقىنى يېرىش،بەك شاشىپ كەتكەنلىرىنىڭ قورسىقىنى يېرىش بىزنىڭ ئاساسلىق خىزمەت ئۇسۇلىمىز.
ئەمدى قىمارۋازلىقنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.
1.ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،نۇرغۇن قان تەر بەدىلىگە كەلگەن مال-مۈلۈك،پۇل-پېچەك بىردەمدىلا كۆپۈككە ئايلاندى.يانچۇقىمىزنى تومپايتقان،يۈرىكىمىزنى يوغىناتقان،خۇدانىمۇ ناتۇنۇش قىلىۋەتكەن“بىر ئۇچى بىلەككە،بىر ئۇچى يۈرەككە“تۇتاشقان پۇل قولىمىزنىلا ئەمەس يۈرىكىمىزنى شىددەتلىك تىتىرتىپ كۆز ئالدىمىزدىلا باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتتى.تاپقان چاغدا بېلىكىمىز سىقىراپ ئاغىرغان بولسا،ئۇتتۇرغان چاغدا يۈرىكىمىز چىڭقىلىپ ئاغىردى،ئۆپكىمىز ئاغزىمىزغا تىقىلدى.قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىشقا تىرىشساقمۇ پۇشايمان ياشلىرىمىز ۋاقىتسىز كۆزى ئېچىلغان بۇلاقتەك تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى.ئۆيىمىزگە دەلدەڭشىگەن پېتى يېنىپ كېلىپ،مەيدىمىزنى داق يەرگە يېقىپ ھەپتە-ھەپتىلەپ، ھەتتا ئايلاپ يېتىپ كەتتۇق.بەزىلىرىمىز شۇ يىقىلغانچە قوپالمىدۇق.بەزىلىرىمىز قايتىدىن ئىش باشلاپ قايتا بېيىغان بولساقمۇ،بۇرۇنقى خاتالىقنى يەنە سادىر قىلدۇق.
2.كۆڭلىمىزدىن ئىنساپ،سەمىمىيلىك،ۋىجدان،مەسئۇلىيەت،ۋاپادارلىق دېگەنلەر پۇتۈنلەي كۆتۈرلۈپ كەتتى.كۆڭىلىمىزنىڭ بەتلىرى بارغانسىرى قارداشقا باشلىدى.ئاچچىق تولغاق يەپ بىزنى تۇغقان،بىر ئۆمۇر بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىمىز كېسەل بولۇپ داۋالىندىغانغا پۇلى يوق ئىڭراپ ياتسا،خىيالىمىزغا كىرىپ چىقماي تاۋكاغا دۈم چۈشتۇق.ناتىۋان ئاياللىرىمىزنى قاراڭغۇ كېچە قوينىدا ھۇقۇشتەك يالغۇز تاشلاپ قويۇپ،ئۇلارنىڭ بىر كېچە كۆز يۇمماي ئۇھ تارتىشلىرىغا قۇلاق سالمىدۇق.بالىمىز دەپتەر قەلەم ئۈچۈن پۇل سورىسا ھۆمىيىپ،تاۋكادىن يانغاندا بىر مۇنچە پۇلنى مەرتلەرچە چوتاغا ئايرىۋىتىپ،غادايغان پېتى چىقىپ كەتتۇق..مەلۇم بىر ئائىلىدىكى ئەتىۋارلىق يالغۇز بىر ئوغۇل بۇرادىرىمىز بۇ كەسىپكە ”ئىشتىياق باغلىغىلى خېلى بولغان.بىر كۈنى ئۇنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاپىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ،دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. دادىسى باشقىلارغا يېلىنىپ يۈرۈپ بىر مۇنچە پۇلنى تەييار قىپتۇ.ھەمدە ئوغلىغا پۇلنى دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇشنى تاپىلاپ ئۆيگە بىر نەرسە ئالغىلى كىتىپتۇ.بۇ ئوغۇل پۇل ئالغان ھامان ساكىراتتا ياتقان ئانىسىنى ئۇنتۇپ،ئۇدۇل ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقخانىدىكى قورسىقى تويماس ئەجدىرھانىڭ يېنىغا چېپىپتۇ.ھەمدە بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 30-40مىڭ يۇەننى پاك پاكىز ئۇتتۇرۇپ بوپتۇ.پۇلنى ئۇتتۇرۇپ بولغاندىن كىيىنلا ئاپىسى ئېسىگە كېلىپ دوختۇرغانىغا چېپىپتۇ.دوختۇرغانىغا بارسا ئاپىسى ئاللىقاچان ئۇ دۇنياغا كەتكەن ئىكەن.دېمەك بۇنىڭدەك پاجىئەلەر بىزنىڭ ئەتىراپىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ.ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئالدىرىمىغان ۋاقىتتا دەپ بېرىمىز.
ئۈچىنچى،قىمار جەريانىدا“دوست“لار ئارا سوقۇشۇپ،گاھىدا كالا-قاپاق يارساق،كاھىدا ئۈچەي-قورسىقىمىزنى يېرىشىپ،گاھىدا قېنىمىزنى ئىچىشىپ بىرىمىز تۈرمىگە،بىرىمىز ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى بار.ئاتقان مۇشتلىرىمىدىن ئوت،تىققان پىچاقلىرىمىزدىن قان،بوتۇلكا تۇتقان قوللىرىمىزدىن جان چاچىراپ چىقىدۇ.بىرلىرىمىز تارتۇق،بىرلىرىمىز توكۇر،بىرلىرىمىز ئەلەس بولۇپ كوچىغا چىققۇدەك يۈزىمىز قالمىدى.
بۇنىڭ زىيانلىرىنى سۆزلەپ كەلسەم گەپ جىق.بىز بۇندىن كىيىن سىلەرگە شۇنى تەشەببۇس قىلىمىزكى.ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىمما دېگەننى قىممىساق بولىدىكەن.ئۆزىمىزنى ساۋابلىق ئىشلارغا ئاتاپ،تاپقان پۇلىمىزنى چىڭ يەردە ساقلاپ،بىلىكىمىز پىچاقتەك،زېھنىمىز چاقماقتەك ۋاقتىدا ئۆز ئەجىرىمىزنىڭ قەدىرىگە يەتسەك بولىدىكەن.ئاتا-ئانىمىزغا كۆيۈمچان،خوتۇن باللىرىمىزغا ۋاپادار،دوست-بۇرادەرلىرىمىزگە سادىق بولۇپ،كىيىنكى پۇشايمان،ئاچچىق ئازاپلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلانساق بولغىدەك.
كىيىنكى يازما: ”سەھرا چىراي“دىن ”ئۇيغۇر چىراي“غا …