سەددىچىن سېپىلى لوپنۇر كۆلىگىچە ياسالغانمۇ؟

سەددىچىن سېپىلى لوپنۇر كۆلىگىچە ياسالغانمۇ؟

 

   2001-يىلى2-ئاينىڭ 21-كۈنى،شىنخۇا ئاگىنتلىقى پۈتۈن مەملىكەتكە بىر خەۋەر تارقاتتى.خەۋەردە“يېقىنقى ئارخىلوگىيىلىك بايقاشلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى،دۇنياغا داڭلىق سەددىچىن سېپىلى شىنجاڭدىكى لوپنۇر كۆلىگىچە سوزۇلغان بولۇپ،غەربىي ئۇچى كىشىلەر دائىم ئېيتقاندەك گەنسۇنىڭ جىيايۈگۇەندە ئەمەس“دېيىلگەن.ناۋادا مۇنداق بولغاندا سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئەسلىدىكىدىن 500كلومىتىر ئۇزارغان بولىدۇ.

   بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغاپلا قالماي،نۇرغۇن ئالىملارنىڭ گۇمانىنىمۇ قوزغىدى.جۇڭگۇ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى،چىگرا رايۇن ئارخىلوگىيە تەتقىقات مەركىزىدىكى مىڭ خەنرېن“خەۋەردە دېيىلگەن سېپىل كىشىلەر دېگەن سەددىچىن سېپىلى ئەمەس“دەپ كۆرسەتكەن.كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان سەددىچىن سېپىلى ئەمىلىيەتتە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سېپىلنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ شەرقتە شەنخەيگۇەن(يەنە يۈ دەن دۇڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىن باشلىنىپ،غەرپتە جىيايۈگۇەندە ئاخىرلىشىدۇ.ئەمما خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان سېپىل بولسا،خەن دەۋرىدىكى سېپىلنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ جىيايۈگۇەن بىلەن ئوخشىمايدىغان باشقا ئۇقۇم.خەن دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلى ساقلانغان ئەڭ ئۇزۇن بەلۋاغنىڭ ئىزنالىرىنى لەنجۇنىڭ غەربىدىن ئۆتۈپ،خېشى كارىدۇرىنى بويلاپ ماڭغان تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىن تاپقىلى بولىدۇ.ھازىرقى ئورتاق كۆزقاراش بولسا،خەن دەۋرىدىكى سېپىلنىڭ غەربىي ئۇچى ياڭگۇەن ۋە يۈمىنگۇەن دېگەن قاراشتۇر.

   مىڭ خەنرېن يەنە،سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەرپكە سوزۇلغان سوزۇلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،ئالدى بىلەن نېمىنىڭ سېپىل ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش ناھايىتى موھىم دەپ كۆرسەتتى.ئۇنىڭ قارىشچە،سېپىل دېگەن تام قۇرۇلما بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇداپىيە ئەسلىھەلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن،سۈنئى ياساپ چىقىلغان بولىشى كېرەك.ئەمما يېڭى بايقالغان“تام قۇرۇلما“ بىلەن خەن دەۋرىدىكى سېپىلنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسۇلى بىر-بىرىگە ماس كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ؟بۇ ئېنىق ئەمەس.ئۇ يەنە يۈمىنگۇەندىن غەرپكە ماڭغان بۇ لېنىيەدە ئارخىلوگىيە خادىملىرى نۇرغۇن تۇرلارنى بايقىغان.تۇرلارنىڭ شەكلى گۈندە(جۇۋازنىڭ ياغ چىقىرىلدىغان قازان شەكىللىك كۆتەك ياغىچى،گېلەم دۇكىنىنىڭ ئاستى ئۈستىگە ئورنىتىلغان توغرا ياغاچ-تەرجىمە قىلغۇچىدىن)گە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ،گۈلخان ئارقىلىق خەۋەر بېرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش سېستىمىسى،لىكىن بۇ تۇرلارنى سەددىچىن سېپىلى دېيىشكە بولمايدۇ.مېڭ خەنرېن ئەپەندى يەنە تۆۋەندىكىدەك گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويدى.خەن سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنۇر رايۇنى ئاللىقاچان قۇملىشىپ ياردان يەر شەكلىنى ھاسىل قىلغان،بۇنداق جۇغراپىيەلىك شارائىت ئاستىدا سەددىچىن سېپىلىنى سېلىش ناھايىتى تەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە خەن دەۋرىدىكى غەربىي سېپىل ئاساسلىقى ھونلاردىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن سېلىنغان.ئەمما خەن دەۋرىدىكى ھونلار بارىكۆل ۋە قۇمۇل ئەتىراپىدا توپلانغان بولغاچقا،لوپنۇرغا سەددىچىن سېپىلى سېلىشنىڭ ھېچقانداق  زۆرۈريىتى يوق،دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما جۇڭگۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار جەمىيىتىنىڭ باشلىقى لوجىۋېن بولسا:“تۇر لېنىيىلىرى بولسا سەددىچىن سېپىلىنىڭ مۇداپىيە سېستىمىسى،ئۇنىڭ سەددىچىن سېپىلىغا ئوخشاش رولى بار.بېيجىڭدىكى بىر قىسىم سېپىللاردىمۇ پەقەت تۇرلا بار“ دەپ قارىدى.ئۇ لوپنۇردا يېڭىدىن بايقالغان“تام“لارنى سەددىچىن سېپىلى دەپ پەرەز قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى سەۋەبى بار:بىرى،ئەينى ۋاقىتتا سېپىل ياساشتىكى مەقسەت غەربىي رايۇندىكى يېپەك يولىنى قوغداش بولۇپ،بۇ ”سەددىچىن“يېپەك يولى بىلەن تەڭ بارلىققا كەلگەن.يەنە بىرى،ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەردىكى كۆلدە سۇ ھەمدە كروران دۆلىتى بار شۇڭا سېپىل سېلىش شارائىتى بار دەپ كۆرسەتتى.

  يەنە بەزى ئالىملار تۇر لېنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى لوپنۇر كۆلىگىچە بېرىپ،ئۇنىڭ غەربىگىچە ئىچكىرلەپ كىرگەن.ئەمما يېڭى بايقالغان تام قۇرۇلما زادى مۇشۇ تۇرلارنىڭ ئارلىقىنى تۇتاشتۇردىغان قۇرۇلمىمۇ ياكى شامالنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن ياردان يەر شەكلىنىڭ مەھسۇلىمۇ ۋە ياكى ئەينى ۋاقىتتا ۋاقىتلىق ياسالغانمۇ؟بۇ يەنە بىر گۇمانلىق نوقتا دەپ قارىدى.

  شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى،تەتقىقاتچى مۇ شۈنيىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا،“سەددىچىن سېپىلى شەرقتە لوپنۇرغىچە سوزۇلغان دېگەن بۇ خەۋەر ھېساپلانمايدۇ.“ دېدى.ئۇ1980-يىلى4-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى ۋە ياپۇنيە مەلۇم تېلېۋىزىيە ئىستانسى بىلەن بىللە لوپنۇر رايۇنىدا فىلىم ئىشلىگەندە،ئۇ يەرنى تەكشۈرۋېتىپ قۇم-شېغىللار بىلەن كۆمۈلۈپ قالغان بىر سېپىلنى بايقىغان.بۇ سېپىل قۇم توپا ۋە دەرەخ شاخلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ياسالغان،شاماللارنىڭ ئۇپىرتىشى جەريانىدا يېرىم قىسمى دېگۈدەك ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.ئېشىپ قالغان قىسمىنىڭ ئىگىزلىكى ئىككى مىتىر،كەڭلىكى50-60سانتېمىتىر ئىكەنلىكىنى بايقىغان.سېپىلنى بويلاپ غەرپكە ماڭغاندا،تەخمىنەن بەش چاقىرىم يىراقتا بىر تۇر بايقالغان بۇ تۇرنىڭ ھۇلى تۆت تەرەپلىك بولۇپ،كېسەك بىلەن يۇمىلاق تۆۋرۈك شەكىلدە ئىگىز سۇپا قىلىپ ياسالغان.ئىگىزلىكى ئون مېتىر ئىكەن.بۇلار مەيلى ياسىلىش شەكلى جەھەتتىن بولسۇن،دائىرسى جەھەتتىن بولسۇن ئېنىقكى كىشىلەر تەرپىدىن مۇداپىيەدە ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسالغان.

  پرافىسور مۇ شۈنيىڭ“بۇ تىپىك خەن دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلى،بەزى تۇرلارنىڭ يېنىدا،ئاللىقاچان تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇ قىلىش ئۈچۈن دۆۋىلەپ قويۇلغان ئوتۇن دۆۋىلىرى بار“دەپ كۆرسەتتى.توپا تامغا يېقىن جايدا ئۇ داتلىشىپ كۆكىرىپ كەتكەن ئوق باشلىرىنى بايقىغان.ئۇ يەنە“بۇ سەددىچىن سېپىلى قەدىمكى يېپەك يولىنىڭ ھەمراھى بولۇپ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن غەربىي رايۇنغا بارىدىغان ئالاقە يولىنى قوغداش رولىنى ئوينىغان،بۇ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكىمۇ ماس كېلىدۇ“دەپ قارىدى.

شىنجاڭ مەدەنيەت يادىكارلىقلىرى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ بىڭخۇا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كىيىن“بۇ بۆلەك سەددىچىن سېپىلى ھەقىقەتەن قەدىمى يېپەك يولى بىلەن يانداش بولغان“دېدى.بەزى مۇتەخەسىسلەر يەنە لوپنۇر كۆلى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئاخىرقى نوقتىسى ئىكەنلىكى ئېھتىمالدىن يىراق دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرغا قويدى.لوجىۋېن:“لوپنۇردىن غەرپكە سوزۇلغان تۇرلار كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ،خەن سۇلالىسنىڭ غەربىي رايۇننى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ھازىرقى بۈگۈرنىڭ چىگىرسى ئىچىدىكى ئۇرلى<چېدىر>گىچە بولۇپ،غەربىي جەنۇپتا تاكى قەشقەرگىچە سوزۇلغان.ھازىرمۇ كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ ماڭغاندا نۇرغۇن تۇرلارنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ“دېدى.

سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەرپكە سوزۇلۇپ شىنجاڭغا كىرگەنلىكى ھەققىدە ئىلگىرى نۇرغۇن خاتىرلەر قالدۇرۇلغان.خەننامە:غەربىي رايۇن تەزكىرىسىدە خاتىرلىنىشىچە،خەنۋۇدى ئالتە يۈز مىڭ ئادەمنى ئىشلىتىپ،دۈنخۇاڭدىن تېتىما كۆلىگىچە سېپىل ياساتقۇزغان.تېتىما كۆلى ھازىرقى لوپنۇر كۆلى.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈنخۇاڭدىن تېتىما كۆلىگىچە نۇرغۇن جايلاردا تۇر ياسالغان.

 جاڭ ۋېنخۇا يازغان“جۇڭگۇ سەددىچىن سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ھەققىدە تەكشۈرۈش“دېگەن كىتاپتا خاتىرلىنىشىچە:“بۇ بۆلەك سەددىچىن سېپىلى دۈنخۇاڭدىن شىمالنى بويلاپ قەشقەر كوناشەھەر دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى داخان كۆلىگىچە،ئاندىن غەرپكە سوزۇلۇپ لوپنۇرنىڭ ئەتىراپىغىچە يېتىپ بارغان“دېيىلگەن.

گەنسۇ كۈندىلىك گېزىتىدىمۇ ئىلگىرى“گەنسۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار خىزمەت ئەتىرىتى يەتتە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق،قەدىمكى گەنسۇ چىگرىسى ئىچىدە ئون نەچچە تارماق سېپىلنىڭ ياسالغانلىقى شەرقتە شەنشى،شىمالدا ئىچكى مۇڭغۇل،غەرپتە شىنجاڭغىچە سوزۇلغانلىقى،ئومۇمىي ئۇزۇنلىقىنىڭ تۆت مىڭ كلومىتىرغا يەتكەنلىكى“ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان.

ئەمەلىيەتتە شىنخۇا ئاگېنتلىقى1986-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنىلا لوپنۇر كۆلىگىچە بارغان سەددىچىن سېپىلى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاتقان.خەۋەردە“جۇڭگۇنىڭ ئارخىلوگىيە خادىملىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەن سۇلالىسىنىڭ غەرپتە شىنجاڭنىڭ لوپنۇر كۆلىگىچە،شەرقتە لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىگىچە بولغان،ئۇزۇنلىقى ئون مىڭ كىلومىتىرغا كېلىدىغان“تاشقى سەددىچىن“نىڭ ياسىغانلىقىنى بايقىدى.يېڭىدىن بايقالغان خەن سۇلالىسى“تاشقى سەددىچىن“نى كۆپىنچە خەندەك ياكى تەبىئىي يەر شەكلىنى توساق قىلىپ،تۇر،قەدىمكى قورغان،شىپاڭلار شەكىللىرىدە دۆلەت مۇداپىيە ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەن“.ئۇ خەننامىدە قىسقارتىلىپ“قورغان“دەپ ئاتالغان.چىن شىخۇاڭ دەۋرىدىكى سېپىل غەربىي شىمال رايۇنلاردىكى بىر قىسىم جايلاردا سېپىل بولغاندىن تاشقىرى كۆپىنچە سېپىل،تۇر،خۇاڭخې،تاۋخې(گەنسۇدا)دەريالىرى،شۇنداقلا ئىگىز تاغ،چوڭقۇر جىلغا قاتارلىق تەبىئى توساقلاردىن سېپىل ئورنىدا پايدىلانغان.بۇ تارىخشۇناسلار دەپ ئۆتكەن<يۇشۇرۇن شەددىچىن >دۇردېيىلگەن.

تارىختا شىنجاڭدا سەددىچىن سېپىلىنىڭ رولىنى ئوينايدىغان ئەسلىھەلەر بەرپا قىلىنغان.قارىماققا بۇنىڭ تالا-تارتىش قىلىدىغان يېرى يوقتەك تۇرسىمۇ،ئۇ زادى سەددىچىن سېپىلىمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ياكى خەننامىدە دېيىلگەندەك“قورغان“مۇ ۋە ياكى مۇتەخەسىسلەر ئېيتقاندەك“يۇشۇرۇن سەددىچىن“مۇ؛ئۇ سەددىچىن سېپىلى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىمۇ ياكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ بىر قىسمىمۇ؟خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن بىلەن مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىننىڭ نېمە پەرقى بار؟پەقەت مىڭ دەۋرىدىكى سېپىللارلا ھەقىقىي سەددىچىن ھېساپلىنامدۇ؟دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش ناھايتى موھىم.

 

ياڭ شىنسەي تۈزگەن،شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشرىياتى تەرپىدىن 2006-يىلى نەشر قىلىنغان“شىنجاڭنىڭ سىرى“ناملىق كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى

 

2009-يىلى3-ئاينىڭ29-كۈنى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=100

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-20
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تەرجىمىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: