ئەتىراپىڭىزدىكى چايانلاردىن پەخەس بولۇڭ

 

ئەتىراپىڭىزدىكى چايانلاردىن پەخەس بولۇڭ

 

 ھېكايە:

   بىر كۈنى بىر پاقا دەريا بويىدا ئولتۇرسا،يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر چايان ئۇنىڭغا: ”پاقا ئەپەندىم،مەن دەريادىن ئۆتەي دېگەن، ئەمما، مەن سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيمەن.ماڭا بىر شەپقەت قىلىپ،مېنى دۈمبىڭىزگە مىندۈرۈپ، دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويسىڭىز بولارمۇ؟“ دەپتۇ.

پاقا: ”لېكىن ،سەن بىر چايان تۇرساڭ،چايانلار پاقىنى چېقىۋىلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ ئەمەسمۇ؟“دەپتۇ.

چايان: ”مېنىڭ مەقسىتىم دەريانىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈۋېلىش تۇرسا،سېنى چېقىۋىلىپ نېمە قىلىمەن؟“ دەپتۇ.

”- بولىدۇ،ئەگەر چاقمايدىغانلا ئىشىڭ بولسا،دۈمبەمگە چىق،مەن سېنى ئۆتكۈزۈپ قوياي“ دەپتۇ پاقا.

بىراق،ئۇلار ئەمدىلا دەريانىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە،چايان ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، پاقىنى چېقىپ ساپتۇ. پاقا ئاغرىققا چىدىيالماي،جان تالاشقان ھالدا: ”سەن نېمىشقا مېنى چاقىسەن؟ ئەمدى ھەر ئىككىمىز تۈگەشتۇق“ دەپتۇ.

چايان: “ ئامال يوق، مەن دېگەن چايان،بىز پاقىلارنى چېقىشنى ياخشى كۆرىمىز،مەن ئۆزۈمنى باشقۇرۇلمىدىم“ دەپتۇ.

ھېكمەت:

ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،سىزدىكى قەبىھ خىيال ۋە بولمىغۇر ھەرىكەتلەر سىزنىڭ چايانىڭىزدۇر.شۇ چاياننىڭ چېقىۋىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز تولىمۇ زۆرۈر. باشقىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىز ئەتىراپىڭىزدىكى ”چايانلار“دىن ئېھتىيات قىلىڭ،ئۇنىڭ سىزگە قانداق ۋەدە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ يەنىلا كۆنگەن يامان ئادىتى بويىچە،سىزنى سۇغا غەرق قىلىشى مۇققەرەر.

 

مەنبە:“ قىسقا ھېكايە،ئۇلۇغ ھېكمەت“ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلغۇچى لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=905

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-28
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تەرجىمىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: