ئانا تىل مەۋجۇدلىقىنىڭ كەلگۈسى يولى

ۋاقتى: 2012-02-06 / تۈرى: تەرجىمىلىرىم / كۆرۈلۈشى: 319 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئانا تىل مەۋجۇدلىقىنىڭ كەلگۈسى يولى

 

ئاپتۇرى:جاۋ دەنچى

تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى

دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى،بەزى تىللارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى،بەزى تىللارنىڭ ئەركىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى خەلقئارادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە“خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى“بارلىققا كەلدى.مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى.جۈملىدىن مەملىكىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىمۇ ئىنگىلىز تىلىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچىراشقا باشلىدى،بۇنى كۆرگەن خەنزۇ زىيالىلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن چىقىپ ئانا تىلنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشكە كىرىشىپ كەتتى،تۆۋەندە كۆرىدىغان ماقالەڭلار بىر خەنزۇ زىيالىنىڭ خەنزۇ تىلىنى قانداق قوغداش ھەققىدىكى تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.بۇنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا پايدىلىق جايلىرى بولۇپ قالسا دوستلار پايدىلىنار دېگەن مەقسەتتە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. قېنى ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى كۆرۈپ تەكلىپ-پىكرىڭلارنى بەرگيسىلەر:
ئانا تىل بولسا بىر مىللەتنىڭ ئەڭ موھىم ئالاقە قورالى بولۇش بىلەن بىرگە مىللى مەدەنىيەتنىڭ توشۇغۇچىسى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانا تىل مەۋجۇتلىقىنىڭ خەۋپكە ئۇچىراش مەسىلىسى دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.ئانا تىل كىرزىسىنى ھەل قىلىشتا،مېنىڭچە تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ:
1.ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ ئانا تىل مائارىپ تەجىربىلىرى،ئىسلاھات قاراشلىرىدىن پايدىلىنىپ،يېڭىچە ئانا تىل مائارىپ لاھىيىسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش.ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مائارىپىدا ئانا تىل (ئىنگىلىز تىلى)ئوقۇتۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.يەسلىدىن تارتىپ تاكى تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە،ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندا چوقۇم بىر سائەت ئانا تىل ئۆگىنىش ۋاقىتى بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.ئالى مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن،بىرىنچى،ئىككىنچى يىللىقتا ئانا تىل دەرسى يەنىلا زۆرۈر دەرسلىكلەر قاتارىدا تەسىس قىلىنىدۇ.ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولمىسا،قايتا ئىمتىھان بېرىدۇ،ياكى ئانا تىل ھەققىدىكى تولۇقلىما دەرسلەرنى ئوقۇيدۇ.نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەر ئانا تىل يېزىقچىلىقىنى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا كىرىش ئىمتىھانىنىڭ بىرى تۈرى قىلىپ بېكىتكەن.ئانا تىل ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلەر ئاسپىرانتلىققا قۇبۇل قىلىنمايدۇ.ئامېرىكا ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:ئوقۇپ چۈشىنىش،يېزىقچىلىق،ئەدەبىي زوق،قەدىمكى ئىنگىلىز تىلى ۋە ئاغزاكى ئىپادىلەش قاتارلىقلاردۇر.ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ ئانا تىل ئوقۇتىشى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلار مەركەز قىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش،مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىش قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بىۋاستە قاتنىشىش،دەرستىن سىرتقى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى بولۇپمۇ،لىكسىيە سۆزلەش ۋە دوكىلات بېرىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش؛زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش.
ئامېرىكىدىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئانا تىل ئوقۇتىشى“ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمۇ ياكى تىل ئوقۇتىشىمۇ؟“دېگەندەك مەسىللەردە تالاش تارتىش قىلىپ يۈرمەيدۇ.ئامېرىكىنىڭ ئانا تىل دەرسى“ئىنگىلىز تىلى“دەپ ئاتالمايدۇ،بەلكى“ئىنگىلىز تىلى سەنئىتى“دەپ ئاتىلىدۇ.شۇڭىلاشقا مەملىكىتىمىز ھەم ئامېرىكىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇش تەجىرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىشى،ھەم خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۆزىدىكى قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن،مەملىكىتىمىزدە ئالىي،ئوتتۇرا،باشلانغۇچتىن ئىبارەت ئوخشىمىغان باسقۇچلار بويىچە ئانا تىل ئوقۇتۇش دەرس ئۆلچىمى،دەرسلىك ماتىرىيالى،ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى لاھىيىلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلارنى تۈزۈپ،ئەدەبىيات تارىخى،تىل،مەدەنىيەت قاتارلىق بىلىملەرنى ئانا تىل ئوقۇتىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.بۇ جەرياندا تەكرارلىقتىن ساقلىنىش لازىم.ئانا تىل ئوقۇتىشىنىڭ ئادىمىيلىكى ۋە قوراللىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ،خەنزۇ تىلى ئالاقە ئىقتىدارى ۋە قۇيۇق ئادىمىيات روھىغا ئىگە يېڭىچە پۇقرالارنى تەربىيلەش ھەمدە يېڭى مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ بۇلارنىڭ ئەمىلىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
2.قانۇن بويىچە ئۆلچەملىك يېزىق ۋە ئۆلچەملىك تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش،تىل تەرقىياتىنىڭ يۈزلىنىشلىرىنى تەتقىق قىلىش،زۆرۈېيىتى بار بولغان يېڭى سۆزلەرنى قۇبۇل قىلىش لازىم.بېيجىڭ شەھرى2003-يىلىلا ئوتتۇرغا چىقىپ،ئۆلچەملىك تەلەپپۇزغا ئائىت قانۇن-تۈزۈملەرنى ئىجىرا قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.ھەمدە بېيجىڭ شەھرىدە چىقىدىغان ھەر قانداق گېزىت-ژورنال،كىتاپ،ئىلىكتىرۇنلۇق نەشىر بويۇمى،ئىنتىر تورى نەشىر بويۇملىرى،ئۈن-سىن بويۇملىرى قاتارلىق بويۇملارنىڭ نامى،مۇقاۋىسى،تېكىستى،ئېلانى قاتارلىقلاردا ئۆلچەملىك تەلەپپۇز(پۇتۇڭخۇا) ۋە ئۆلچەملىك خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىشنى بەلگىلىدى.شاڭخەي شەھرى ۋە گۇيجۇ ئۆلكىسى ئىنتىر تورى تىلىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەققىدىكى يەرلىك قانۇن-نىزاملارنى تۈزىۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،يېڭى سۆزلەرنى قۇبۇل قىلىش لازىم.يېقىندا نەشىر قىلىنغان“ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى“نىڭ 5-نەشىرىدە 6000يېڭى سۆز كۆپەيتىلگەن،2000دىن ئارتۇق كونا سۆز ياكى ئىشلىتىلىشى ئاز بولغان سۆزلەر قىسقارتىلغان.بۇنداق يېڭىلىنىش داۋاملىشىشى كېرەك.
3.ھازىرقى ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ،بىرلىككە كەلگەن خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى تۈزۈلمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش.جۇڭگۇ تىل مائارىپىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئومۇمىي تەدبىرىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش لازىم.ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كەسپىي خادىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى دۆلەت ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى ۋە مەملىكەتلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ئورۇنلىرىدىكى كەسپىي ئىقتىدار تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركەزلىرى يولغا قويغان“دۆلەتلىك كەسپىي خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى“قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.بۇ ئىمتىھان2006-يىلى3-ئاينىڭ20-كۈنىدىن باشلاپ ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كەسپىي پائالىيەت جەريانىدىكى خەنزۇ تىلىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان دۆلەتلىك ئىمتىھان.ئۇنىڭ نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئىقتىدارىنىڭ ئىسپاتى بولۇپلا قالماي،يەنە تىل ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاشتىكى موھىم ئاساس.ئىمتىھاننى دۆلەت ئىچىدىكى تىل ئوقۇتۇش،پىسخلوگىيە ۋە مائارىپنى باھالاش-ئۆلچەش ئىلمىدىكى مۇتەخەسىسلەر تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىققان.سىناقتا لاياقەتلىك بولغۇچىلار“دۆلەتلىك كەسپىي خەنزۇ تىلى دەرىجە گۇۋانامىسى“غا ئېرىشەلەيدۇ.
ئانا تىلنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش بىلەن بىرگە ئىمكانىيىتى يار بەرگەن بارلىق جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى كۆپ خىل تىل ئۆگىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،بالىلارنى كىچىگىدىن باشلاپلا ئانا تىلنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە كۆپ تىل ئۆگىنىش،دۇنيانىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم.
4.يەرشارىلاشقان يېڭىچە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش تۈزۈلمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش،دۇنياغا خەنزۇ تىلىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىنى تەشۋىق قىلىش لازىم.بۇ تۈزۈلمە ئاساسىدا نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايۇنلاردا تىل ئىنىستىتوتلىرىنى قۇرۇپ،ئۇ جايلاغا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئەۋەتىش“جۇڭگۇغا سەپەر“دېگەندەك خەنزۇ تىلى دەرسلىك ماتىرىياللىرىنى تۈزۈپ نەشىر قىلىش،قىيىنلىق ۋە ئاسانلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولغان خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئۆلچىمىنى بېكىتىش،ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئوخشاش دۆلەتلىك تەرجىمە مەركەزلىرىنى قۇرۇش،دۇنياغا خەنزۇ تىلى مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش لازىم.خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى ئۈنۈملۈك ئالغا سۈرۈپ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ خەنزۇ تىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىگە شارائىت ھازىرلاش لازىم.
5.ئانا تىل ئۆگەتكۈچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ،ئانا تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش لازىم.ئانا تىل دەرس سائەتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كۆپەيتىش،ئانا تىل ئوقۇتىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ئانا تىل تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام بېرىش،مۇكاپاتلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش.ئانا تىل ئوقۇتۇش بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش،ئىنتىر تورى ۋە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى تەربىيلەش سىنىپلىرىنى ئېچىش؛كۆپ خىل ۋاستە شەكلى،ئىنتىر تورى شەكلى،مۇلاھىزە شەكلى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئانا تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش لازىم.ئۆگەنگۈچىلەرگە زۆرۈر بولغان تىل-ئەدەبىيات بىلىملىرى شۇنداقلا ئىپادىلەش قابىلىيەتلىرىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە،ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ دەرسخانا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تىل ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىش،ئوقۇپ چۈشىنىش،يېزىقچىلىق،نۇتۇق سۆزلەش،تەتقىقات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم.ئانا تىلنىڭ ئادەمىيات تەربىيسى،ئىستىتىك تەربىيسى،ھېسىيات تەربىيسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھمىيىتىنى تونۇش،يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئانا تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ مەكتەپ ئىچى ۋە ئىجتىمائى مەدەنىيەت روھى يارىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ تىرىشىپ يېڭى مەدەنىيەت يارىتىش،ئانا تىل تەرققىياتىنىڭ كەلگۈسى قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

شىنخۇا گېزىتى تور نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ماقالىنىڭ توردىكى ئەسلى مەنبەسى: http://www.douban.com/group/topic/1383781

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. تورباجىن
    2012/02/11 11:22:59

    بۇ ماقالە مەزمۇنى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىكەن. دەرۋەقە دەۋر ئاۋانگارتلىرى بولغان زىيالىلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ مۇشۇ ساھەدە بەلگىلىك تۆھپە قوشۇش زۆرۈر دەپ قارىدىم.

  2. باھادىر
    2012/02/10 19:53:22

    مەن مۇ خەلىق ئۇقۇتقۇچىسى مەنمۇ ئانا تىلىمنى سۈيىمەن.
    ئەمما كەلگۇسى قانداق بۇلىدىغانلىقىنى زادىلا بىلەلمىدىم.
    ئانا تىلىمىز بارغانسىرى ئاجىزلاپ كىتىۋاتىدۇ…….
    قوشتىل سىنىپلىرىمۇ ئانا تىلىمىزنى تاشلاپ قۇيىۋاتىدۇ.
    شىنجاڭ سىنىپلىرى بىلەن ئىچكىرى تۇلۇق سىنىپلىرى بۇرۇنقى ئۇقۇتۇش ئۇسلۇبىمىزنى بۇزۇپ ،ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپلەر شىنجاڭ سىنىپلىرى ئۈچۈن ،تۇلۇقسىز مەكتەپلەر پەقەت ئىچكىرى تۇلۇق مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئۇقۇغۇچى تەربىيىلەۋاتىدۇ.
    ئانا تىل ئۇقۇتۇشى يۇقاپ ،ئانا تىلىمىز ئۈچۈن سۆز ئاچىدىغانلار ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ……ئۇلۇغ ئاللا بۇكۈنلەرمۇ ئۇتۇپ كىتەر………….

    • lopnuri
      2012/02/11 11:23:37

      يەنىلا ئۈمىدۋار بولغىنىمىز ياخشى. بىز تەربىيلىگۈچىلەر بوشاشماي ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ۋە ئاتا-ئانىلارغا خىزمەت ئىشلىسەك،نۇرغۇنلىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ،دەپ قارايمەن. ھەمممىمىز ئورتاق كۈچ چىقارساق،ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۆز ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل پوزىتسىيىسىنى توغرلىۋېلىشىغا تەسىر كۆرسەتسەك بۇنىڭ ئۈنىمى چوقۇم كۆرىلىدۇ،دەپ قارايمەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif