ئۆلتۈرۋەتكەندىن ئۆزگەرتىۋەتكەن ياخشى

ئۆلتۈرۋەتكەندىن ئۆزگەرتىۋەتكەن ياخشى

 

ھېكايە:

 

بىر خوراز ھەر كۈنى سەھەر چىللاپ،تاڭ ئاتقانلىقىدىن خەۋەر بېرىدىكەن. لېكىن بىر كۈنى ئۇنى خوجايىنى تاڭ يورىشى بىلەنلا ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈرۋېتىپتۇ. يەنە بىر خورازمۇ تاڭ سەھەردە چىللاپتىكەن،ئۇمۇ ئالدىنقىسىغا ئوخشاشلا تەقدىرگە دۇچ كەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ھېلىقى خوجايىن تاڭ سەھەردە چىللىغان خورازلارنىڭ ھەممىنى ئۆلتۈرۈپ مېڭىپتۇ.

بۇنى چۈشىنەلمىگەن قوشنىسى بىر كۈنى ئۇنىڭدىن:

- بۇ خورازلارنىڭ ھەر كۈنى تاڭنىڭ ئاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ سايرىشى شۇنداق توغرا تۇرسا،يەنە ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۋېتىسەن؟ دەپ سوراپتۇ.

ئۇ ئادەم:

- مېنىڭ ئەتىگەنلىكى ۋاقچە تۇرىدىغان ئادىتىم بار، ئەكسىچە،ئۇلار بەك بالدۇر چىللايدۇ، دەپتۇ.

قوشنىسى:

_ بۇ خورازلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، ئەتىگەن تۇرۇپ چىللاش ئۇلارنىڭ تۇغما ئىقتىدارى، دەپتۇ.

ئۇ ئادەم:

_ ئۇنىڭ بىلەن كارىم يوق، مەن مېكىيان بىلەن جۈپلىشىدىغان خورازغىلا ئېھتىياجلىق،سەھەر چىللايدىغان خورازغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، دەپتۇ.

قوشنىسى:

_ خورازلارنىڭ چىللىماسلىقى مومكىن ئەمەس، ئەجىبا سەن باشقا ئۇسۇل بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلساڭ بولمامدۇ؟ دەپتۇ.

ئۇ ئادەم:

_ بۇ ناھايىتى تەس، مەن ئىلگىرى ئاۋال ئۇلارنىڭ كارنىيىنى كېسىپ،كېيىن يەنە تىكىپ قويۇشنى ئويلىغان،لېكىن بۇ بەك ئاۋارىچىلىقكەن،ئۇنىڭدىن ئۆلتۈرۋەتسەملا ياخشىكەن، دەپتۇ.

- ئۇنداقتا سەن نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭ ئۇخلاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ باقمايسەن؟ دەپتۇ قوشنىسى ھەيران بولۇپ.

- مېنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمنى ئۆزگەرتىش؟! بۇ مومكىنمۇ؟ مېنىڭ بۇ ئادىتىمگە ئون نەچچە يىل بولدى، نېمىشقا بىر نەچچە توخو ئۈچۈن ئادىتىمنى ئۆزگەرتكۈدەكمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇلارنىڭ خوجايىنى، ئۇلار مېنىڭ تەلىپىمگە ماس كېلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى مەن بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلسا، زىيان تارتىدىغىنى ئۇلار، نېمىشقا مەن بولغۇدەكمەن؟ دەپتۇ ئۇ ئادەممۇ بوش كەلمەي.

شۇنداق قىلىپ ئۇ ئادەم تاڭ سەھەردە چىللايدىغان خورازنى ئۆلتۈردىغان ئادىتىنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

 

ھېكمەت:

 

نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ئۆزى ئازراق كۈچ چىقارسىلا، سەل يول قويسىلا ھەل بولىدىغان زىدىيەتلەرنى، كەلگۈسىدە ناھايىتى زور قۇربانلىق، ھەتتا ھاياتى بەدىلىگە ھەل قىلىدۇ. ھاياتلىق يولىدا ھەمىشە ئۇنداق ياكى مۇنداق زىدىيەتلەرگە يولىقىمىز.سىز باشقىلارغا يول قويۇشىڭىز كېرەكمۇ؟ ياكى باشقىلار سىزگە ماسلىششى كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

 

مەنبە: ”قىسقا ھېكايە،ئۇلۇغ ھېكمەت“ ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلغۇچى لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=924

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-31
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تەرجىمىلىرىم
ئىنكاس: 1دانە
  1. توغرا ،بىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا ،ئۆزىمىزنى نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىو كېلىۋاتىمىز ، بۇنىڭىدىن كىيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق ، ئەگەر بۇنداق بولمايدىكەن بىز جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاللىقاچان شاللىنىپ كىتىمىز…

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: