ئاتالمىش ساختا شائىر كەكمەنىر(سۈرەتلىك)

 

 

 

 

گومۇرونىڭ ”تېپىلغان مەدەنىيەت ياىكارلىقلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلەر“ ناملىق ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن كەكمەنىرنىڭ شېئىرى

 

شائىر كەكمەنىر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى سولچىل ئىدىيىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ،ساختا شائىر ھەم ساختا تارىخى شەخستۇر. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىينىڭ بىر خادىمى سولچىل ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ قەشقەر ئوپالدىن چىققان بىر پارچە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بار يادىكارلىققا ئۈچ پارچە خەنزۇچە شېئىرنى كۆچەرتىپ چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مىرەن كونا شەھرىدىن چىققان دەپ جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغان. شېئىردا شائىر كەكمەنىرنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ ئون يىلغىچە خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ماددىي پاكىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىپ ناھايىتى زور داغدۇغا قوزغالغان. ئاتاقلىق شاھىر گومورو ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور داغدۇغا قوزغالغان. بەزى ئەدىبلەر گۇمان قىلسىمۇ ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمىغان،1990-يىللارغا كەلگەندە ئاتاقلىق يازغۇچى ياڭ نىيەن ئەپەندى 10 يىلدەك ئىزدىنىش، ئىز قوغلاپ پاكىت ئىزدەش نەتىجىسىدا بۇ ساختا شائىر شەرىمسار بولغان. بۇ يالغان شائىرنىڭ چاندۇرۇپ قويغان يەرلىرى ئېنىق بولۇپ، ئىشلەتكەن بەزى سۆزلىرى (مەسىلەن ”نان“دېگەندەك) ئۇ ياشىغان 8-ئەسىرگە ئەمەس،20-ئەسىرگە تەۋە بولۇپ قالغان، كاربۇن 14 تەجىرىبىسى بىلەن تەكشۈرگەندە بۇ قەغەز 8-ئەسىرنىڭ بولماستىن،ئۇنىڭدىن خېلىلا كېيىنكى دەۋىرنىڭ ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. كەكمەنىر كىتاپلاردا كەكمەنىر،كۇمار،قەمەر دېگەندەك ناملاردىمۇ ئاتالغان. ئۇ دەسلەپتە ئۇيغۇر دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە مىللىتى تۇيغۇن بولۇشى كېرەك، دەپ كۆپ مۇنازىرلەر بولغان.بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلار بولسا ”شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى“، ”تەڭرىتاغ“ ژورناللىرىنىڭ ئۇيغۇرچە سانىدىكى ۋە ”جۇڭگۇ چېگرا رايۇن تارىخ-جئۇغراپىيىسى“ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان يازغۇچى ياڭ نيەن ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىگە مۇراجەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

مەنبە:غالىپ بارات ئەركنىڭ ”كروراننىڭ سىرى“ناملىق كىتابىنىڭ 499-،500-بەتلىرىدىن ئېلىندى.

 

 

 

قوشۇمچە:

مەن مەزكۇر ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن بىر قىسىم تور بېكەتلەرنى ئاختۇرۇپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقتىم. كەكمەنىرنىڭ ساختىلىقىنى بىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا تاڭ دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇر شائىر ”قەمەر“دەپ ئالغان ئىكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ”تاڭ دەۋرىدىكى شائىرلارنىڭ شېئىر توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. ھەتتا بىر قىسىم بالىلارغا بېغىشلانغان قەدىمكى شېئىرلار توپلاملىرىغىمۇ بۇ ئاتالمىش ساختا شائىرنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. گومورودەك بىر داڭلىق شائىرنىڭ كەكمەنىر ھەققىدە ماقالە يېزىپ ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۋېتىشى بىلەن بۇ ئاتالمىش شائىر خېلى ئۇزۇن دەۋىر سۈرگەن. ياڭ نيەن ئەپەندى ئۇنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن تۇشمۇ-تۇشتىن سۆكۈشلەر باشلىنىپ كەتكەن. ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىقىلىرى ئالدامچىلىقى بولسىلا بۇ ۋەقە بىرىنچى بولۇپ تىلغا ئېلىندىغان ئىشقا ئايلانغان. ئىلىم ساھەسىدىكى شەخىسنىڭ نوپۇزىغا چوقۇنۇش ۋە نوپۇزلۇق شەخىسلەرنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ساختىلىقلارنىڭ بىز بىلەن بىللە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۋاتقانلىقىنى ئاساسلىق سەۋەبى بولسا كېرەك.ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا تۆۋەندىكى ئادىرىسلارغا كىرىپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. 

1)كەكمەنىرنىڭ ھاياتى ۋە شېئىرلىرى تونۇشتۇرۇلغان ماقالە ئادىرىسى:

http://baike.baidu.com/history/id=5576408

2)ياڭ نيەن ئەپەندىنىڭ بۇ شائىرنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلاپ يازغان ماقالىسىنىڭ ئادىرىسى:

http://www.tianya.cn/publicforum/Content/poem/1/53484.shtml

 ئەمدى مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ:

خەنزۇچە نەشر قىلىنغان ”كەكمەنىر شېئىرلىرى“ناملىق كىتاپ

كەكمەنىرنىڭ شېئىرلىرى بايقالغان چاقىلىقنىڭ كونا مىرەنگە جايلاشقان تاڭ دەۋرىدىكى ھەربى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ خاربە ئىزى

كەكمەنىرنىڭ چاقىلىقنىڭ مىرەن كونا شەھرىدىن تېپىلغان شېئىرى

بالىلارغا بېغىشلانغان قەدىمكى ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىش كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈلگەن كەمەنىر شېئىرلىرىدىن

كەكمەنىر شېئىرلىرىنىڭ ساختىلىقى ئاشكارلانغاندىن كېيىنكى بەس-مۇنازىرلەر جەرياندا بارلققا كەلگەن ھەجىۋى رەسىم

كەكمەنىر شېئىرلىرىنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان كىشى ياڭ نيەن ئەپەندى(ئوڭ تەرەپتىكىسى)

 

بۇ يازما لوپنۇرى تور خاتىرسىگە خاس، كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

2012-يىلى8-ئاينىڭ 16-كۈنى

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2313

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-08-16
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت
ئىنكاس: 10دانە
  1. ئاشكارلانمايدىغان سىر بارمىدۇ ھە ؟
    بلوگىڭىزنىڭ كىچىك ئۇلىنىش لوگوسىنى تاپالماي ئۆزۈم كېچىكلىتىپ رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىۋالدىم رەنجىمەڭ ھە

    • مەن ئاشۇ چوڭ لوگونى كىچىكلىتەلمەي يۈرىمەن. مۇشۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى بىر ئۆگىنەي دەيمەن، ھېچ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن.

  2. ئابدۇرېشىت ئېلى

    توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا!…

  3. سەھرالىق

    ئايەم مۇبارەك ! سەھرالىق پەتىگە كەلدى!

    • ئايەم مۇبارەك!كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە.

  4. ئۇيغۇربەگ

    بۇ ساختا شائىرنىڭ ياسىلىپ چىقىشىدا باشقىچە ئالاھىدە سەۋەب-بايانلار بار بولغىيمىتى.
    ئىشقىلىپ بۇ خەقنىڭ ساختا نەرسىسى كۆپ…

  5. ئۇيغۇربەگ

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەمىنە ئۇيغۇربەگ پرېستاننىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى ئالغاچ كەلگەچ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى، پرېستان بلوگى، ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى، بلوگىمىز فىلىم قانىلى، WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى( بلوگداش ئۇيغۇر بلوگ مۇنبىرى)، سازبلوگلار جەمگاھى قاتارلىق بلوگ-بېكەتلەرنىڭ تۇغلىرىنى لەپىلدىتىپ ھېيتلىق پەتىگە كەلدىم، بلوگىڭىز كۈنسىرى روناق تاپسۇن، ئالتۇن بۇيىڭىز ئامان بولسۇن، ئىشلىرىڭىز ئالغا باسسۇن.

    • سىزلەرگىمۇ پېقىردىن ئايەملىك سالاملار بولسۇن!باسقان قەدىمىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر!ئاللاھ ھەمىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق، تېنىنى سالامەت قىلسۇن.

  6. ئالىپ ئوغوز

    توۋا —توۋا …بۇ ئىلىم دۇنياسىدىكى كەچۈرگسىز ئالدامچىلىق ئىكەن

  7. بۇ ھېلىقى :
    خەڭسولار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم
    دەپ شېئىر يازدى دىيىلگەن مازلاش شائىر شۇما ؟

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: