«ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيە تارىخى»دىكى سۈرەتلەر

 

 كۆنچى دەرياسى بويىدىكى ئوۋچى(1934-يىل،ئاپرىل)

 

سىز كۆرمەكچى بولغان بۇ سۈرەتلەر شىۋىتسىيىلىك سىۋىن ھىدىننىڭ ”ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيە تارىخى

( History of the expedition in Asia, 1927-1935  vol.3 )“نامىلىق ئەسىرىنىڭ 3-تومىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ئاساسلىقى، كورلا،لوپنۇر،قاراشەھەر، قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.بۇ بىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى يۇقىرقى جايلارنىڭ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ ئويلايمەن. قېنى بۇ سۈرەتلەر ھۇزۇرۇڭلاردا بولسۇن!

شىنجاڭ يولىدا كىتىۋاتقان ئات ھارۋىسى

 

يوغان بىر لوخا بېلىقنى تۇتۇۋالغان لوپنۇرلۇق بېلىقچى

 

 

كورلىلىق يىگىت(سىۋىن ھىدىن بۇ يىگىتنى ”كورلىلىق تۈرك“دەپ ئالغان)

1900-يىلىدىن بۇيان سىۋىن ھىدىنغا يول باشلىغان شىڭدىلىق ئابدۇرېھىم

كورلىدىكى بىر كوچا

 

كورلىدىكى بىر كوچا

 

قاراشەھەردىكى قايدۇ دەرياسىدىن ئۆتۈش

لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى تېيىز سۇدا قېيىق ھەيدەش

كورلا بوستانلىقىدىكى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن يول

 

 قۇمۇل شەھرىنىڭ باشلىقى لىيۇ يىڭلىڭ بىلەن يولۋاسخان

كۆنچى دەرياسى بويىدا يۈك-تاقلارنى قولۋاققا سېلىش

كورلىدىكى چوڭ جامە(ئەينى ۋاقىتتا ماجۇڭيىڭ باش شىتاپ قىلغان ئورۇن)

 

 لوپنۇردا تەكشۈرۈش قىلىۋاتقان سىۋىن ھىدىن

كورلىدىكى كۆنچى دەرياسى كۆۋرۈكى

كۆنچى دەرياسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش

چۆللۈككە كىرىپ چىققاندىن كېيىن تۈركىي ساتىراشقا چاچ ياسىتىۋاتقان جورجى

قايدۇ دەرياسىدا مۇز چېقىۋاتقان كىشىلەر

ماجۇڭيىڭنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن قۇمۇلدىن تۇرپانغا كېتىۋاتقان تۈرك ياشلىرى

 

ئەسكەرتىش:يۇقارقى سۈرەتلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا باشقا تور بەتلەرگە يوتكىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، سۈرەتلەرگە بېكەت تامغىلىرىنى بېسىپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.

 

2012-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2332

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-08-27
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت
ئىنكاس: 11دانە
  1. تۇران تېكىن

    ھەقىقەتەن قىممەتلىك سۈرەتلەر ئىكەن. ئاۋۇ يوغان بېلىق مىنىڭ لوپنۇرلۇق ساۋاقدېشىمنى ئەسلەتتى. بىز بىر پارچە بېلىق گوشىنى يەپ بولغۇچە، ئۇ بىر بېلىقنى يەپ بولاتتى. ئالدىغا بېلىقنىڭ قىلتىرىقلىرى دۆۋلىنىپ كىتەتتى.

    • مەنمۇ بۇ رەسىمنى كۆرسەملا چوڭقۇر خىياللارغا پاتىمەن. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دادام كۆلدىن تۇتتۇق، دەپ بىزدىن چوڭ بېلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ھازىر بۇنداق بېلىقلارنىڭ بالىلىرىمۇ يوق.

  2. ئاۋۇ رەسىملەر رەڭلىك بولغان بولسا، نەقەدەر گۈزەل بولغىيدى ھە!

    • شۇنى دەڭە،ئەمما ئۇ ۋاقىتتا رەڭلىك سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى يوقتە.

  3. ئىسمائىل

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر،
    لوخا بېلىق دېگەن قانداق بېلىق؟
    فىن تىلىدا سالمۇن بېلىقىنى لوخى دەپ ئاتايدۇ. سالمۇن بېلىقىمۇ رەسىمدىكىگە ئوخشاش چوڭ بېلىق تۈرىگە كىرىدىكەن. قىلتىرىقلىرىمۇ چوڭ چىقىدىكەن.

    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،قانداق ئەھۋالىڭلار؟ئۇزۇن بولدى، كۆرىشەلمىدۇق. لوخا بېلىقنى مۇھەببەت مۇئەللىملەر يازغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتلىرى تەتقىقاتى»ناملىق كىتاپتا «لاقۇ-لوخو-سىرتىدا قاسىرىقى بولمىغان بىر خىل بېلىق، بۇنداق بېلىق تارىم دەرياسىدا كۆپ بولىدۇ(مەزكۇر كىتاپ259-بەت)»دەپ ئىزاھلىغان ئىكەن.باشقا كىتاپلاردا بۇ سۆز ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات يوقكەن. بەزىلىرىدە «بىر خىل بېلىق»دەپلا ئىزاھلانغان. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى ئەلى ئەمەت «لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش»دېگەن ماقالىسىدا، «لوپنۇرلۇقلار كىچىك بېلىقلارنى تىرنا،چوڭ ۋە سېمىز بېلىقلارنى لوخۇ ياكى لاقۇ دەيدۇ»دېگەن بايانلارنى بېرىپتىكەن. بۇ ھەقتە ھازىرغا كەلگۈچە مەنمۇ چوڭلاردىن سوراپ باقماپتىكەنمەن. بۇ ئىككى ئىزھنىڭ قايسىسىنىڭ توغرلىقىنى دەلىلەپ بېقىشقا توغرا كېلىدىكەن.

  4. ئاقسۇدا 1945-يىل دىگەن كىتاب بولسا، ئېلكىتاب قىلغان بولسىڭىز بەك خاسىيەتلىك ئىش بولاتتى!!

    • بۇ كىتاب مەندە بار،ئەمما كىتاب سەل تومراق،مېنىڭ ياساش تېخنىكام سەل ناچارراق.ياخشى ياسىيالماسلىقىم مۇمكىن. بەلكىم كىيىنچىرەك بۇ كىتابنىڭ ئېلىكىتابى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

  5. گۈزەل كورلا

    تارىخى ئەسەرلەرگە بەكمۇ قىزىقاتتىم بولۇپمۇ رەسىملەرگە ، سىزنىڭ بۇ تور بېتىڭىزدە ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم .
    ــــــــــــ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەرسۇن ! رەخمەت سىزگە

  6. تەڭرىقۇت

    تۈرۈك ياشلىرى ئەمەس ئۇيغۇر ياشلىرى. بىز جەڭ قىلغاندا تۇركلەر ئۆزنىڭ يۇرتىدا ئىدى. قىرىنداشلىق ئايرىم مەسىلە. جاپا تارتىش يەنە ئايرىم مەسىلە!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: