«ئانا تىل »ھەققىدىكى شېئىرلار توپلىمى

ۋاقتى: 2012-02-19 / تۈرى: ئەدەبىيات / كۆرۈلۈشى: 607 قېتىم / 6 دانە باھا يوللانغان باھا

2-ئاينىڭ 21-كۈنى كېلىدىغان ”خەلقئارا ئانا تىل كۈنى“،شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ بايرىمى قىزغىن قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى ھەر قايسى تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغان ئانا تىل ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى توپلاپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە بىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش ئىڭىمىزنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن. ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىشتىن بۇرۇن“ خەلقئارا ئانا تىل كۈنى“نىڭ قىسقىچە تارىخىغا نەزەر سېلىپ ئۆتەيلى!

ب د ت خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى – 2.21
قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: 1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلىقئارلىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پاراڭلىشىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.  
خاتىرىلەش كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى: 21.فېۋرالنى خەلىقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش ئەينى يىلى بېنگال مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952.يىلى، بېنگال يەنىلا پاكىستانغا تەۋە چاغدا، بېنگال خەلقى بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تەرىپدىن قوللىنىش ئېتراپ قىلىنغان تىللارنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن. شۇ يىلى 21. يانۋار كۈنى ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپ، بەش نەپەر نامايىشچى قازا قىلغان. بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ «تىل شەھىدلىرى(Language Martyrs)» گە خاتىرە مۇنارىرى تىكلىگەن.
ب د ت يېزىق مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999.يىلى قارار ماقۇللاش ئارقىلىق ھەر يىلى 21. يانۋار كۈنىنى خەلىقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، ئانا تىلنى قوللىنىش ئارقىلىق تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 8 يىلدىن بېرى مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىق خىتابنامىسى»، «مەدەنىيەتنى ئىپادىلەشنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھدىنامىسى» شۇنداقلا «تور بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەۋسىيەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چارە– تەدبىرلەتنى قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ب د ت نىڭ خەلىقئارلىق ئانا تىل خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ ئىشلىگەن تور بېتى:http://webworld.unesco.org/imld/   
مەنبە:ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىمەنزىل:http://uyghuracademy.com/?p=11066

ئانا تىل

             قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي  

      

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كىلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

 

شۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامرىكىيۇ ئافرىقىدا،

سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.

 

ئەي ئانا تىل بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھى زىمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.

 

 

 

ئانا تىلىم – دانا تىلىم

خىزمەت ئابدۇللىن

ئۇلۇغ ئانىنىڭ يۈرەك سۆزىنى،
ئاڭلىدىم دەسلەپ ئانا تىلىمدىن.
كۆردۈم ئەس كىرىپ ھايات كۆزىنى،
مېنى چوڭ قىلغان دانا تىلىمدىن.

ئوقۇدۇم مەنمۇ «ئا»، «ب»دىن باشلاپ،
ئىلىم تەمىنى تېتىپ بىلىمدىن.
ئۆمۈر يۈكىنى ئالدىم ھاپاشلاپ.
رەھمەت ئانا تىل، رەھمەت دىلىمدىن !

ئانا تىلىمنىڭ مۇڭلۇق ئەللىيى،
تەۋرىتىپ مېنى بۆشۈكتە ياتتىم.
ئات ياتسا ئېلىپ غولنىڭ تېلىنى،
كېپىنەك قوغلاپ سەيلىتىپ كەتتىم.

جاھاندا تەڭكەش كېلەر ئۇنىڭغا،
ئارتۇق تىل بارمۇ قەدىردە شۇنچە.
چۈنكى شۇ تىلدا ئانا ۋەتەنگە،
مۇھەببىتىمدىن تىزىمەن ئۈنچە.

 

ئانا تىلىم 

 

  رەسول ھەمزەتوف (داغىستان ئاۋار شائىرى)

 

مەيلى ھەركىم زوق ئالسۇن قايسى تىلدا،

مېنىڭ ئۆز تىلىمغا جېنىم مىڭ پىدا.

ئەگەر يوقالسا ئەتە شۇ ئانا تىلىم،

بۈگۈنلا بولايمەن جېنىمدىن جۇدا.

 

     مەيلى قاششاق بولسۇن،مەيلى بى ھەشەم،

     ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن ئەزىز– سۆيۈملۈك.

     جاھان مۇنبىرىدىن ياڭرىمىسا ھەم،

     ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن مۇقەددەس– بۈيۈك! 

 

جان تىلىم _ ئانامنىڭ تىلى

( مۇخەممەس )

 

ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق

 

ئانام دەپ تىل چىققان ئانامنىڭ تىلى ،
دىلىمغا ئورنىغان ئۇيغۇرنىڭ تىلى ،
ئانام دەپ، دادام دەپ ئۆتىمەن ھىلى ،
ئۆتمۈشتىن ھازىرغا مىللەتنىڭ تىلى ،
ھازىرمۇ جان تىلىم _ ئانامنىڭ تىلى .

 

كۇرمىڭلاپ مەنا بار تىلنىڭ ئىچىدە ،
ئانا تىل مۇقەددەس ئەلنىڭ ئىچىدە ،
جويلىسەم ئاھ، شۇ تىل يەنە كىچىدە ،
يۈرەكنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر باغرى ئىچىدە ،
ئۇيغۇرنىڭ تىلى ھەم دادامنىڭ تىلى .

 

تىل بىلىش ئۇلۇغ ئىش، ئۆگەن ئۇيغۇرۇم،
ئانا تىل بىلمىسەم غۇۋا ئويلۇرۇم ،
ئىسىڭدە بولسۇنكى ساڭا دەپ قويدۇم ،
لىكىنزە ناداندىن ئەسلا مەن تويدۇم ،
ئانا تىل كەلگۈسى بالامنىڭ تىلى .

 

تىل ئاساس ، تىل مەنا ، ئۇنۇتما بالا ،
ئاناڭنىڭ تىلى ئۇ ئۆگەنمە چالا ،
سەن ئەلگە ئەۋلادقا كەلگۇسى دادا ،
گەر بولساڭ ساۋاتسىز بولىسەن چالا ،
تىل بىلىش شەرەپلىك، ئانامنىڭ تىلى .

 

ئۆز تىلنى بىلمىگەن ناداننىڭ ئىشى ،
ئۆگەنسۇن زەن قويۇپ ئەركەك ھەم چىشى ،
ساقلىسۇن گۆھەر ئۇ- قىرى ھەم يېشى ،
بۇ تىلسىز ئوڭ بولماس ھەم كۆرگەن چۇشى ،
چۇنكى ئۇ سىڭلىمنىڭ ، ئاكامنىڭ تىلى .

 

ئانا تىل ھالالدۇر يىگەن نېنىمدىن ،
كەمسىتسەڭ جان چىقار ئەزىز تېنىمدىن ،
سۆزلەيدۇ بىر ئۆمۈر ھايات تىلىمدىن ،
ئانا دەپ ئۆتىدۇ ھىلىھەم تىلىمدىن ،
چۇنكى ئۇ ئانامنىڭ ، ئاۋامنىڭ تىلى .

 

ئانا تىلىم -جان تىلىم

 

ياسىنجان توخنىياز توغراق

 

ئانا تىلم-جان تىلىم،

تىللار شاھى خان تىلىم.

چاڭقاپ كەتكەن دىل ئۈچۈن،

تىل ئوزۇقى نان تىلىم.

 

ئانا تىلىم-جان تىلىم،

سەن بولغاچقا بار بىلىم.

ھىممىتىڭدىن گۈللەنگەن،

ئانا يۇرتۇم بۇ ئېلىم.

                                       

ئانا تىل

 

پەرھات تۇرسۇن

 

بىر دوستۇمنىڭ ياۋرۇپاغا ماكانلاشقىنىغا خېلى يىللار بولدى
ئۇزاقى يىل جىگەر راكىدا يات شەھەردە كۆزىنى يۇمدى
ئايالى ياۋرۇپالىق
باللىرىمۇ شۇ يەردە ئۆسكەن
كۆز يۇمۇش ئالدىدىكى بىردىنبىر ئارزۇسى
ئانا تىل – ئۇيغۇر تىلىدا ۋېدالىشىش ئىكەن
ئەپسۇس، ھېچكىم چىقمىغان ئىكەن.
شۇڭا ئۇ ئايالىغا دەپتۇ :
مەن تۇغۇلۇپ ئاڭلىغان تۇنجى تىل ئۇيغۇر چە ئىدى
يىغلىسام ئاتا – ئانام ئۇيغۇر تىلىدا بەزلەيتى
سۆيەتتى، سىلايتى
ئاپام ئۇيغۇر تىلىدا ئەللەي ئېيتاتتى
ئەللەي تاتلىق ئۇخلىتاتتى، ئاڭلىماي ئۇخلىمايتىم
كېچىچە كۆز يۇممايتىم، قارا بېسىشتىن قورقاتتىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆيگۈنى تۇيدۇم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا گۈزەللىكنى سەزدىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەركىنلىك ئىشىتتىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەقىلگە ئېرىشتىم
گەپ قىلىشنى ئۈگەندىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا بىلدۈردۈم ماڭا لازىمنى
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئايان قىلدىم ئاغرىق – زارىمنى
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا كۆز – كۆز قىلدىم شاتلىقلىرىمنى
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلدىم مۇھەببىتىمنى
ئۇيغۇر تىلىدا قۇرۇپ چىقتىم پۈتۈن روھىي دۇنيارىمنى
بۇ تىلسىز بۇ دۇنيانىڭ كۆرىسىز گۇمرانىنى
گۆش تىنىم باشقىلارچۈن تەجرىبىخانىغا ئايلىنار
كاللام زېرىكىشلىك گىرامماتىكا كىتابى ۋە لۇغەتكە ئايلىنار
خۇددى بىرسى مېنىڭ ئېغىزىمدا گەپ قىلىۋاتقاندەك
چۈنكى مەن ئۇزۇن يىللار كېيىن
ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ بۇ دۇنيانى ئاندىن بىلدىم
يەنە نۇرغۇنلىغان ئۆزگە مىللەت ۋە تىللار بار
تىل ئۈگىنىش جەريانى ھەمىشە ئايرىلىش ئازابىغا چىرمىشىۋالىدۇ
ئىككىنچى تىلنىڭ ئۆگەيلىكىدىن قۇتۇلغىلى زادى بولمايدۇ
مەن پەقەت مەۋجۇتمەن ئانا تىلىمدا
بىردىنبىر زىمىنىمدۇر، يول يوق ئىشغالغا
ئەركىنمەن مەن پەقەت ئانا تىلىمدا
بىردىنبىر چۈشۈمدۇر، يول يوق بۇزۇشقا.

 

2005 – يىلى 11- ئاينىڭ 29 – كۈنى ( سەيشەنبە) بېيجىڭ

 

ئانا تىلغا سەجدە قىلىمەن

 

ماكانىم مۇنبىرىدىن ئابدۇل ئەھەت

 

كېپىنەكتەك پىلدىرلاپ يۈرۈپ،
بىر دۇنيانى پۇراپ يۈرىمەن .

ئۆزۈمدىكى ئەنئەنە قېنى؟

باشقىلارنى دوراپ يۈرىمەن.

شاتۇتىنى دورىغۇم كەلمەس،

سەت قاغىدەك قاقىلدىغىم بار.

كۆك تېرەكنى باغاشلاپ تۇرۇپ،

ئانا تىل دەپ ۋاقىرىغۇم  بار!

بۇ ھەسرىتىم ئۆزۈمگە ئايان،

جىمجىتلىقىم تېنىمگە مەھكۇم ،

غازان چۈشكەن پەسلىمگە قاراپ ،

تەقدىرىمگە قىلىمەن ھۆكۈم.

لوغىتىمنى ئاق رەڭدە يازدىم،

ھەرپلىرىم قىسقىكەن ئەسلى.

مىڭ يىل بۇرۇن يۇتكەن روھلىرىم،

نادانلىقنىڭ ئىشقىكەن ئەسلى.

ئەسلى شۇنداق ياشاپ كەپتىمەن،

قاراڭغۇنى قىپتىمەن  چىراق.

سايەمگىلا  سۆزلەپ كەپتىمەن،

تونىماستىن قوشنامنى بىراق.

بۇۋام كىيگەن قوراق جۇۋىنىڭ،

يانچۇقىدا ھەرىپىم قالدى،

ئېخ، پەرۋىشكە ئاجىز كېپ قالدىم،

ئەمدى قانداق شەرىپىم قالدى؟

كالا بولوپ مۆرىگۇم بارتتى،

ئارغامچىنى سۆرىگۇم بارتتى.

قىيسىيىپ قالغان ‹ ئا › ھەرپىمنى،

جېنىم بىلەن يۆلىگۇم بارتتى.

تىلسىز بولساڭ دىلىڭدا سۆزلە،

زىكرى قىلساڭ جېنىڭ چىقمايدۇ.

بىر چىرايلىق ئەخلاقىڭ تۇرسا ،

ھېچكىم تىلىڭغا تىكەن تىقمايدۇ.

ئۇلۇق ئاناڭ  ئۇزاتسا سېنى،

جەڭگاھلاردا ئالدىنقى سەپكە.

غورۇر بىلەن پەخرىلەنمەمسەن؟

ئانا تىلدا  قىلىنساڭ دەپنە.

ئاپتاپ بولسا ياشىماق ئاسان،

تۆت كوچىنى ياقىلاپ قالىمىز.

ئەۋلاتلارغا مەسئۇل بولمىساق،

يۈزنى قانداق ساقلاپ  قالىمىز؟

پەرۋانىدەك مەسئۇل بولايلى،

شەپەرەڭدەك قاراڭغۇنى سۆي.

غەم باسقاندا قۇچاقلايدىغان ،

تىلىڭ ئەسلى مېھرى ئىللىق ئۆي.

تۆكىلىدۇ بەرىكەت دىگەن،

ئانا تىلدا يەرنى تىلغىساڭ !

ھەر كىم مۇڭلۇق ناخشا دىمەمدۇ؟

ئانا تىلدا ئۆكسۈپ يىغلىساڭ !؟

ئانا تىلغا سەجدە قىلىمەن،

ئۇ مەڭگۈلۈك ئۇلۇق ئىبادەت.

بىر ئادەمنىڭ كىملىكى نىمە؟

ۋەتەن، مىللەت، تىلدىن ئىبارەت!

 

مەنبە :  ئۆز قەلىمىم        2012. 01. 27. كەچ  سائەت 12 دە يېزىلدى.

 

سەھرايى كۆلبەم :  غۇلجا _______ توققۇزتارا

 

 

ئانا تىلىم

 

مەرھۇم ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ ھاجىمنىڭ

”ۋەتەن مىنىڭ قەلبىمدە“ تېمىسىدىكى شېئىر دىكلاماتسىيە يىغىنىدا ياشلارغا ئاتاپ ئوقۇلغان نەزمە

 

ئەي تىلىم-ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،
سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل، بارچە تىللار سەرخىلى.
سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھۇزۇرۇم، تاتلىقىم،
سەن يۇۋاش تىل ھەم ئاسان تىل سەندە نۇسرەت، شادلىقىم.

ئەۋۋىلى ”ئىڭڭە“دە سىڭدىڭ جانغا، دىلنى لال قىلىپ،
كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋاننى بال قىلىپ.
سەندە چىقتى پۇشتى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىلاپ،
سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇر لەۋزىدىن خۇشبۇي گۇلاب.

سەندە ھازىرلاندى، ”مىللەت“ شەرتنىڭ بىر ماددىسى،
سەن بىلەن بىخ سۈردى ”مىللەت“ شاخلىرىنىڭ قالدىسى.
مىللىيەت مەۋجۇت ”ياران“ مىللىتىڭ يوق بولمىسا،
نەدە ئۇ مىللى شەرەپ، ئىززەت تىلىڭ ”توق“ بولمىسا.

تىل دىگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلار، رىشتە بىل،
رىشتە چىڭلىقتا توقۇلغاي نە ئىسىل ئۇز (چىرايلىق)كەشتە بىل.
ئانا تىل-مىللى تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سېنىڭ،
ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچرە يۈزۈڭ نۇرلۇق سېنىڭ.

ئانا تىل-تىل غەلىبىسىدە قىلىپتۇ باي بىلسەم مېنى،
ئەرەبى، پارسى ھەم ئۆگەندىم، ئوردۇچە، خەنزۇچىنى.
ئەي ياران! مەن ”ھاجى“ لىقتا قايسى يۇرتنى كەزمىدىم،
ئانا تىل- ئۇيغۇر تىلىدەك تەمدە بالنى سەزمىدىم.

جان ياشاردى ئوز زۇۋانىم بىرلە بىر سوز ئاڭلىسام،
قالدى ھەيران ھەق شۇ تىلدا ئوز ئىلىمنى داڭلىسام.
چۈنكى بۇ تىل قانغا سىڭگەن ئەتىۋا تىل-يۇرت تىلى،
ئۇشبۇ تىلدا پۇتتى داستان شائىرلىرىم-يۇرت بۇلبۇلى.

ئۇشبۇ تىلدا يازدى ئەللامە-ئەدىبلەر كۆپ زامان،
ئۇشبۇ تىلدا قالدى مەۋجۇت خاس يۈسۈپ، مەھمۇت ھامان…
ئۇشبۇ تىلنى سەپكە تىزساق نەچچە پەرسەڭلەر قاتار،
بىرسى ئۇيغۇر، بىرسى ئوزبەك ھەم قازاق، قىرغىز، تاتار.

تىلغا ئەل ھەغدا، ئۇنىڭ ۋايى قەلەمكەش تىلكىدىن،
ئۆچمىسۇن بۇ تىل ئىلى، تۇرپانۇ، قەشقەر، ئىلچىدىن.
دەۋرىمىز بەردى ھوقۇقنى، تىل ساپلىقنى ساقلا دەپ،
تىل-يەزىق ئەركى سېنىڭ ئىلكىڭدە بۇرچنى ئاقلا دەپ.

ئەي زامانىم ياشلىرى ئەجرىڭدە پەرۋىش تاپسا تىل،
شىر ناۋائىدەك چۈشۈپ بەيگىگە يەڭسە، چاپسا تىل.
كىم خۇشال بولمايدۇ، رۇھلار شاد بۈگۈن ھەم ئەتە شاد،
ئانا تىل-بايلىق! ئۇنى قوغدا، بۇ يولدا توھپە قات.

 

ئۇيغۇر تىلى

 

ئابدۇرېھىم زۇنۇن

 

 بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،

مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،

بىپايان تىل كۆكىدە، چولپان، ئۇكەر ئۇيغۇر تىلى،

مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇقەدەر ئۇيغۇر تىلى،

بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.

 

ئانا تىل ھەر دەم قوۋم-مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى،

ئانا تىل پەن-مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى،

ئانا تىل چوڭۇ كىچىكنىڭ يۈرىكى، تاغ-يۆلىكى،

ئانا تىل ۋاسىتە-قورال ئالاقىدە، قەلب ئەينىكى،

بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى.

 

پەنگە ئاشىق-بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم،

تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەمبەر تىلىم،

ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال-شېكەر، كەۋسەر تىلىم،

بولدى ئەل دۈشمەنلىرىگە تىغ-تەبەر، نەشتەر تىلىم،

ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى.

 

«ئا» بىلەن كىردى ئېغىزغا، تىل-زۇۋانغا مەڭگۈ تەم،

قىلدى تىل ئاقىل، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم،

تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم،

تىل بىمار، ئاجىز-ئورۇققا ئەم- داۋا، ئاچلارغا يەم،

خاسىيەتلىك تىلتۇمار، قالقان ـــ سىپەر ئۇيغۇر تىلى.

 

يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام،

مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا، قىلىپ پەرۋاز داۋام،

مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام،

مۇشۇ تىل بەردى چىدام، مەردلىك، ۋاپادارلىق مۇدام،

قان قېرىنداشلارغا رىشتە، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى.

 

سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل ـــ ئالتۇن بۇلاق،

ئۇ ـــ چىراغ، پەرۋانە بىز، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق،

ئانا تىل ـــ يىلتىز، ئوزۇق ئالغۇچى بىز ـــ نوتا-ئۇلاق،

ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ، تاپتۇق ئەقىل، سەمرىپ قۇلاق،

بىزگە پۈتمەس كان، خەزىنە شام-سەھەر ئۇيغۇر تىلى.

 

قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا،

تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي-غەزەل يۈكسەك باھا،

ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش، «مىڭ ياشا!»دېگەن سادا،

مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما،

ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى.

 

شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان،

مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان،

مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ، ھەزرەت نەۋايى تاپتى شان،

مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان،

مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى.

 

مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق، بىباھا،

مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا، خاتا،

مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان، مېھرى ئاتەش جان ئانا،

مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات، جاننى ئاتا،

پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ – ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى.

 

ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار،

ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئىپتىخار،

ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار،

ئانا تىل بار ـــ ئەلمۇ بار، ھېكمەت، مۇھەببەت… ھەممە بار،

بىزگە ئاش-ناندەك زۆرۈردۇر، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى.

 

بولغۇسى قەدرىم پاخال-خەس، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم،

ئۆز تىلىم بار، ئاي، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم،

بارمۇ مەندەك باي جاھاندا، ئۆتتى شاد ھەر ئاي، يىلىم،

ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم،

ماڭا ئۇستاز، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى.

 

خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس، تىل ھايات، بىزمۇ ھايات،

مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق، ئەل-يۇرت ئاۋات،

كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات،

مەن ئاڭا دىل بەرگىنىمچۈن، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد،

ئۇتتى مەيلىمنى، بېرىپ دىل، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى.

 

تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ، باش قاشلىما،

بولسا بىل كۆپ تىل، ئەقىل، كۈچ تاپ ھامان، يانپاشلىما،

بۇ قورالدىن پايدىلان ياخشى، كېيىن كۆز ياشلىما،

شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما،

قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى.

 

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا،

مەن ئانا تىل ـــ  ئۆز تىلىمغا قىلىمەن مىڭ جان پىدا؛

ئۆز تىلىم يوق بولسا شۇئان  بولىمەن جاندىن جۇدا،

چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا:

سۇلىرىدا ئاق، ئوتىدا كۆي! گۆھەر ئۇيغۇر تىلى!…

 

مەنبە: («جۇڭگو مىللەتلىرى» 2006-يىللىق 4-سان مۇقاۋىدا ئېلان قىلىنغان)

 

ئانا تىلىم

               تېيىپچان ئېلىيوف

 

ئانا تىلىم،

مۇھەببەت بابىدا چەكسىز يېقىملىق،

جىلۋىدار تىلىم.

نەپرەت بابىدا شۇنچە شىددەتلىك،

زۇلپىقار تىلىم.

مىللىتىمىزنى،

خىسلىتىمىزنى،

ئىززىتىمىزنى

ساقلاپ كەلگەن تۆھپىكار تىلىم.


ئانا تىلىم،

سەن ئاچقان ئەقىل كۆزىمىزنىمۇ.

سەن بىلەن چۈشەندۇق مۇشۇ دۇنيانى

ھەم چۈشەندۇق،

چۈشەندۈردۇق ئۆزىمىزنىمۇ.

 

سەن بولغانچقا،

ئۇزاق تارىخمۇ شۇنچىلىك يېقىن.

سەن بولغاچقا،

نەچچە مىڭ يىللىق ئابىدىلەردىن

ياڭرايدۇ سادا

چاقنىغاندەك گويا چېقىن.

سەن بولغاچقا،

ئالدىمدا ھازىر ھايات ئادەمدەك

شېئىر ئوقۇيدۇ ئاپىرىنچۇ تېگىن

سېنىڭ بىلەن

ئالەمشۇمۇل سۆز قىلالىدى

ئۇيغۇر بالىسى.

سەندە جەملەنگەن جەۋھەرلەر بىلەن

ئىلىم دۇنياسىنى ھەسرەتكە سالدى

«كاشغەرى» نىڭ ئۇلۇغ قامۇسى.

سېنىڭ جىلۋىدار نەقىشىڭ بىلەن

يارالدى نەزمىلىك ئىنسانىي دەستۇر

بوۋام يۈسۈپنىڭ بەخىت نامىسى

 

سېنىڭ «فۇسەھا»،«بۇلەغا» لىرىڭ

سېنى مىسرالارغا تىزىپ ياراتتى

ئۇيغۇرچە غەزەلنىڭ نەمۇنىسىنى.

سېنىڭ بىلەنمۇ  

نەۋائىي قېزىپ بەخىش ئەتتى ئەلگە

ئېسىل مەنىلەرنىڭ خەزىنىسىنى،

نامايىش قىلدى يۈكسەك چوققىدا

داستانچىلىق تەنتەنىسىنى.

 

سەن بولغاچقا

تۇغدى زەلىلىينى يەكەن دىيارى.

(ئۇنىڭ غەزىلگە تالاي شائىرنىڭ

مۇخەممەس باغلاشقا تۇتتى خۇمارى.)

سەن بولغاچقا،

نەۋبەتى شۇنداق گۈلدەستە تۈزدى،

خۇش بۇيى خوتەن ئىپارى.

 

سەن بولغاچقا،

ھىرقەتىينىڭ سولمىدى گۈلى،

قالمىدى سايراشتىن توختاپ بۇلبۇلى،

گۇم بولمىدى گۇمنام مۇنارى.

سەن بولغاچقا،

ماڭدى ئۇلاپ داستان يولىنى

نازىم بىلال ھەمدە نىزارى.

 

سەن بولغاچقا،

مىللەت نامىنى ياڭراتقان «ئۇيغۇر».

سايرامىينىڭ پۇشتى ئارمىيە

مەرىپەتكە ئۈندەش يۇرتىنى،

يېقىپ جاھالەتكە ئىسيان ئوتىنى،

ئاچتى شېئريەتنىڭ يېڭى بېتىنى.

سەن بولغاچقا،

خانتەڭرىنىڭ بۇلبۇلى لۇتۇن

كۈيلىدى باھار ئەلچىسى بولۇپ

ماركىسىزم ھەقىقىتىنى…

 

ئەي بىباھا ئانا تىلىمىز،

سەندىن ئاڭلىدۇق

دانالارنىڭ نەسىھىتىنى،

ئەجدادلارنىڭ ۋەسىيىتىنى.

 

سەن ئارقىلىق چۈشەندۇق ئېنىق

تارىخنىڭ قانۇنىي بېشارىتىنى

ۋە ئىنقىلابقا دالالىتىنى.

شۇڭا قوغلىدۇق زۇلمەتنى سۆكۈپ

ۋە سەن بىلەن ئالقىشلار تۆكۈپ

قۇچتۇق ئازاتلىق پاراغىتىنى.

ئانا تىلىم،

ئۆمۈر كۆردۈڭ شۇنچە كۆپ يىل سەن،

بەردىڭ بىزگە نۇرغۇن ئەقىل سەن.

ئەزەلدىن بېرى

قەلبىمىزنىڭ ئەزىزى چەكىلىي ئىدىڭ،

بىز مەۋجۇت ئىكەنمىز

يەنىلا شۇنداق ئەزىز ۋەكىل سەن،

مەۋجۇتلىقىمىزغا ئەڭ چوڭ دەلىل سەن.

بىز بۈگۈن يېڭى مەنزىلگە ماڭدۇق،

سەنمۇ جەۋھەر ئېلىپ جىمى زۇۋاندىن،

بېيىپ، تېخىمۇ بولغىن سەن ئېسىل!

 

ئانا تىلىم،

سۆيىمەن سېنى،

سەن ئۆمرۈمنىڭ جېنى- زىننىتى.

يايرايدۇ جېنىم،

ئاڭلىسام سېنى باي، ئۇز، پاك پېتى.

قاقشايدۇ جېنىم

يېپىشسا ساڭا مايمۇن ئىللىتى.

تېخىمۇ ھار كېلىدۇ ماڭا،

تاپسا ئىناۋەت ئورىلىپ ساڭا

كاززاپلارنىڭ ئېغۋا- تۆھمىتى،

بىششەملەرنىڭ ھازازۇللىقى،

ئالدامچىلارنىڭ ساختا ھىممىتى،

ئوغىرلارنىڭ ھارام ئوقىتى.

 

لېكىن بىز يەنە ئېمىن شۇنىڭغا:

ئىنسانىيەت تاپار كامالەت.

دەيدىغىنىمنى ھامان دەپ بولدۇم

ئۇجۇقىدۇ ئاخىر لەت بولۇپ،

ئەقىل ئالدىدا خۇنۇك جاھالەت،

پاكلىق ئالدىدا مەشئۇم قاباھەت.

ئەنە شۇ چاغدا

قىلار تەنتەنە

ئىنسان تىلىدا راۋان لاتاپەت.

ئانا تىلىم،

چىللايدۇ سېنى

تىل دۇنياسىنىڭ بەس-بەس مۇنبىرى.

يىلتىزىڭ چىڭ سېنىڭ،

زېمىننىڭ مۇنبەت،

مېۋەڭگە تېخىمۇ تولىدۇ شەربەت

قانچە پەرۋىش ئەيلىگەنسىرى،

ئۆسكەنسرى ئەقىل-زوقىمىز،

ئۆچۈپ نادانلىقنىڭ غەلدە- غەشلىرى،

جىلۋىلىنىدۇ سەندە  مۇكەممەل

سەمىمىيەتنىڭ سۈزۈك ساداسى،

پەن ئىپادىسى،

سەنئەت تەسۋىرى…

ئاھ ئۇنداق بولمىسا،

نېمە دېگۈلۈك،

ياراتمىسا تارىخ مۇھەررىرى؟

بۇ بىز ئۈچۈن ئۆلۈم ئەمەسمۇ

ۋە «نە باستى سېنى » دېمەسمۇ

قەبرىدە تولغىنىپ مەھمۇد كاشغەرىي…

             1985-يىل  ئاپرېل

 


       ئانا تىلىم

             بۇغدا ئابدۇللا

   

شۇ خەزىنە تىلسىمغا كىرگەنسىرى،

ئۇقۇم-مەنىلەرنى بىلگەنسىرى،

كىشى ئۇقمىسا كىملىكىمنى

ھېس قىلىمەن ئىنسانلىقىمنى،

قايغۇنى چۈشەنگەنسىرى

غۇرۇرۇمنى، مىللەتلىكىمنى،

«قالاقلىق» قالپىقىنى چۆرۈگەنسىرى.

ئانا تىلىم

ئۇيقۇلار بىزنىڭ بۇزۇلغانسىرى،

يەنە بىر ئەسىر بوسۇغىسىدا

يىراق سادالارنى ئاڭلىغانسىرى،

سۆيۈنىمەن سەن ھاياتتىن

كۆزلىرىم قاماشقانسىرى،

ئىنتىزارمەن

بىز ئارقىدا قالغانسىرى.

                   1999-يىل 9-ئاي،ئۈرۈمچى.

         

 

           ئانا تىل

           ئوسمانجان ساۋۇت


تاغلارنىڭ ئاستىدا، دۇرلار ئاستىدا،

بار دېسە مۆچەڭنى باغرىم ئانا تىل.

شۇ زامان قازىمەن كىرپىكىم بىلەن،

پىل بولۇپ ئۇ تاغلار، بولساممۇ مەن قىل.

 

دېڭىزلار ئاستىدا لەھەڭ قارنىدا،

بار دېسە زەررەڭنى ياتقان كۆمۈلۈپ.

شۇ زامان غەرقمەن قايناملار ئىچرە،

ئۇ مېنىڭ بايلىقىم تۇرغان تۆكۈلۈپ.

 

ئاسماننىڭ قەھرىدە يۇلتۇز كۆكىدە،

بار دېسە قەترەڭنى جىمىرلاپ تۇرغان.

چوققىلار ئۇزىتار ئۇ يەرگە مېنى،

(مەنزىلگە يېتىدۇ قىمىرلاپ تۇرغان).

 

تارىشا پۈتۈكلەر، چىغناق-تارغاقتا،

پۈتۈلگەن بولساڭمۇ بەش مىڭ يىل بۇرۇن.

ئەرنىمدە ئېرتىمەن چاڭلىرىڭنى مەن،

تاشلاندۇق دىگەنگە ئەگمەيمەن بويۇن.

 

ئۆلىمىز بىز لېكىن ئانا تىل ئۆلمەس،

ئۆتسىمۇ ئون مىڭ يىل بار تېنىدە جان.

ئۇ سېنى تونۇسا، تونۇمىساڭ سەن،

قىيامەت تاشلارمۇ چەكمەمدۇ پىغان؟

 

يەمەنۇ ياسرىپكە چېكىمەن سەپەر،

يېنىڭدىن ئۇيەردە بولسا بىر قېيىق.

قۇدرىتىڭ ئالدىدا چەپلەرمۇ چەپەر،

تۇيغۇلار پەرۋازدا، بىباش، بىتىيىق.

 

پەخرىمسەن، ئەقلىمسەن باغرىم ئانا تىل،

جىلۋەڭدىن جىلۋە ئېپ يورۇپ تۇرار دىل.

سازىڭسىز پانىيدىن باقىيغا كەتسەم،

شەپەڭدىن دەس تۇرۇپ تىرىلىمەن بىل.

   

     1998-يىل 11-يانۋار، ئۈرۈمچى.

 

          ئانا تىل

           ئادىل تۇنياز


بىز ئالتۇندەك تۇغۇلدۇق

پارقىرىغان قوڭۇر تۇپراققا.

 

چۈشتى جىرىڭلاپ

ئۇيغۇر پەرىشتىنىڭ ئاغزىدىن

مۇزىكىسى سىڭدى قۇلاققا.

 

ئەي، ئانا تىل

سەرسان بولۇپ بىز

ئۇپۇقۇڭدىن كەتتۇق ئۇزاققا.

 

كۆكنار گۈلى

دېڭىزنىڭ ھىدىنى ئەكىلىدۇ،

خىيال ئۇزاق نەملىنىدۇ.

 

رادىئونى ئېچىپ قويدۇم.

ھاۋادا

گەپ قلىدۇ.

 

سالقىن باغلار

نېفىت قۇم تاغلار

رەڭگى ئۆزگەرگەن كىشلەر توپى،

شەھەر-قىشلاقلار قاقشال جىم.

 

قەھۋە ئىچكەچ

يىغلىۋەتتىم.


دېڭىز دولقۇنى ئۆيگە كىردى.

               

(بۇ شېئىر دۇبەيدىكى ۋاقتىدا يېزىلغانىكەن، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ئۇيغۇر يوق مۇھىتقا قويۇپ تۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلىپ ئوقۇپ بېقىڭ.)

 

         بۇ شېئىرلارنىڭ ھەممىسى تور بېكېتلەردىن توپلانغان.

6نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. سۇمبۇل
    2012/02/22 14:13:55

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم !ياخشى يازمىلار باركەن.قوللاش بىلەن بىرگە ھەمكارلاشساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن .بىز ھەم بىر يۇرتلۇق ھەم بلوگداش ئىكەنمىز!كەسپداش بولۇشىمىزمۇ مۈمكىن.

    • lopnuri
      2012/02/24 20:22:08

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!ئالدى بىلەن كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ تەڭ ئىلگىرلەشنى ئەلۋەتتە خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن.

  2. رىسالەت
    2012/02/20 16:44:47

    ئەتە نىمە ئىش قىلسام بۇ خاتىرە كۈنگە يۈز كىلەلەيمەن؟

    • lopnuri
      2012/02/20 17:29:06

      مېنىڭچە،ئەتە دەرسىڭىز بولسا ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بۇ كۈننىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى سۆزلەپ بېرىڭ.ئەتىراپىڭىزدىكى خىزمەتداشلىرىڭىغىمۇ مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ.ئەتىراپىڭىزدىكى قانچە كۆپ ئادەمگە بىلدۈرەلىسىڭىز بۇ كۈنىڭىز شۇنچە ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن بولىدۇ.مەن ئەتە خۇدايىم بۇيرۇسا،كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەشكىللىگەن تۇنجى قېتىملىق ئانا تىلنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن باھالىغۇچى بولۇپ قاتنىشىمەن. بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھۋالىنى بلوگىمدا ئېلان قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.

  3. تورباجىن
    2012/02/20 11:40:22

    بۇ كۈننى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە بىلدۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ياخشى ئىش دەپ ئويلايمەن.

    • lopnuri
      2012/02/20 16:22:24

      توغرا دەيسىز. ئارىمىزدا بۇ كۇننى بىلمەيدىغان دوستلىرىمىزمۇ خېلى كۆپ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif