بالىلارنىڭ ئۈچ قېتىملىق قارشىلىشىش مەزگىلى(سۈرەتلىك)

ۋاقتى: 2011-09-04 / تۈرى: مائارىپ-پىسخىلوگىيە / كۆرۈلۈشى: 185 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

بالىلارنىڭ ئۈچ قېتىملىق قارشىلىشىش مەزگىلىگە ئوخشىمىغان مۇئامىلە قىلىش

 

بالىلارنىڭ ئۈچ قېتىملىق قارشىلىشىش مەزگىلى بولىدۇ.بىرىنچى قېتىملىق قارشىلىشىش مەزگىلى 2-3ياشقىچە بولغان مەزگىل بولۇپ،بۇ ۋاقىتتا بالا مېڭىشنى ۋە سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.سىز ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ماڭماقچى بولسىڭىز“ئۆزۈم ماڭالايمەن“دەپ قولىڭىزنى سىلكىۋىتىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭ قارشلىقىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۋىتىتپ،ئۇنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش،ئىجادچانلىقىنى ئۇجۇقتۇرۋەتمەسلىك كېرەك.

 

 

 

 

ئىككىنچى قېتىملىق قارشىلىشىش7-8ياشقىچە بولغان مەزگىل.بۇ ۋاقىتتىكى قارىشلىق ئىمتىيازغا جەڭ ئېلان قىلىش بولۇپ،ياكى مۇئەللىمنى دەستەك قىلىپ ئاتا-ئانىسىنى ئالدايدۇ،ياكى ئاتا-ئانىسىنى دەستەك قىلىپ مۇئەللىمگە بېسىم ئىشلىتىدۇ.بەزى بالىلار ئاتا-ئانىلارغا كۆز ئالايتىشقا باشلايدۇ.بۇۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئۆز ئىمتىيازىغا قىلغان ھۇجۇمىنى قەتئىي توسۇپ،ئۇنى غەلبە قىلدۇرماسلىق كېرەك.چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بالا ئائىلە ۋە مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىگە جەڭ ئېلان قىلغان بولىدۇ.ئەگەر ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە،كەلەۈسىدە دۆلەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە جەڭ ئېلان قىلىشى مومكىن.بۇ چاغدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى باشقۇرالىشى مومكىن بولماي قالىدۇ-دە،ساقچى ئارقىلىق باشقۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.ئۇ ۋاقىتتا ئاۋارىچىلىقنىڭ چوڭى چىقىدۇ.

ئۈچىنچى قېتىملىق قارشىلىشىش ياشلىق مەزگىلى بولۇپ،بۇ ۋاقىتتا بالا ئاچچىقلىسا،سىز خۇشال بولۇڭ،چۈنكى ئۇ سىزنى ئەڭ يېقىن ئادىمى كۆرۈپ ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن كۆپ پىكىرلىشىش،مۇڭدىشىش،ئۆز مەيلىگە قويۋەتمەسلىك ھەم زىيادە بېسىم قىلماسلىق كېرەك.

 

 

 ماقالىنىڭ مەنبەسى:بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىر پىرفىسورىنىڭ لېكسىيىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى لوپنۇرى

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى:بەيدۇ تورى

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif